قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1732|ئىنكاس: 17

چۇۋانقىر ۋە چۇۋانقىرلىقلارنىڭ بەزى ئادەتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

0

دوست

1741

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   74.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7212
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 104
تۆھپە : 472
توردىكى ۋاقتى: 101
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-8 15:08:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
چۇۋانقىر ۋە چۇۋانقىرلىقلارنىڭ بەزى ئادەتلىرى
ئەھمەد ئىمىن ئەلنەزەر


   قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە پىچان ناھىيىسى لەمجىن بازىرى تەۋەسىدىكى چۇۋانقىر مەھەللىسىنىڭ نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى، ھەمدە بۇ مەھەللىدە داۋاملىشىپ كەلگەن ئۆزگىچە  لەقەم،  نىكاھ-توي، ئۆلۈم ئۇزىتىش ئادەتلىرى تونۇشتۇرۇلۇپ قىسقىچە مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
.  
سەمىمىي ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە تور موللاملىرىنىڭ باھالىشىغا ئەمەس، قىزىققۇچىلارنىڭ پايدىلىنىش ئۈچۈن يوللاندى. شۇڭا تور موللاملىرىنىڭ ماقالە مەزمۇنىنى باھالاپ «دەھرى، بىدئەت» كە چىقىرىپ سۆزلەپ، ئاۋارە بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.
   
     چۇۋانقىر پىچان ناھىيىسى لەمجىن بازىرى تەۋەسىدىكى مەھەللە بۇلۇپ، چوڭ دائىرىدىن ئالغاندا، لەمجىن بازىرىدىن ئۆتكەن دۆلەت 312-نۇمۇرلۇق تاشيولىنىڭ جەنوبىدىكى يۇقىرى مەھەللە، قۇم مەھەللە، قوتان مەھەللە، جىگدە مەھەللە، ئارا مەھەللە، تۆت ئۆي، جاڭزا، ئاقبۇلاق، يۇتۇق، چىنجۇ قاتارلىق مەھەللىلەرنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. تار دائىرىدىن ئالغاندا ھازىرقى چۇۋانقىر كەنتىگە قاراشلىق ئارا مەھەللە، تۆت ئۆي، جاڭزى مەھەللە، ئاقبۇلاق، يۇتۇق، چىنجۇ قاتارلىق مەھەللىلەرنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.
      چۇۋانقىر تەۋەسىدىكى قىزىلقۇم يېڭى تاش قورال خارابىلىكى، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 7- 3-ئەسىرگىچە بولغان دەۋىرلەرگە تەۋە دۆڭمەھەللە خارابىسى، چەكمەن قەدىمىي قەبرىستانلىقى، مىلادى 3-5-ئەسىر ئارىلىقتا قۇرۇلغان ئېغىلتام بۇددا  ئىبادەتخانە خارابىسى، مىلادى 6-ئەسىرلەرگە تەۋە قاراتوپىلىق قەدىمىي قەبرىستانلىقى، مىلادى 4-9-ئەسىرگىچە بولغان مەزگىلدە ياسالغان ماڭدىغۇر مىڭئۆيى، تاڭ دەۋرىدىن قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگىچە بولغان يىلللارغا تەۋە يەتتە قىزلىرىم مازىرى قەبرىسىتانلىقى(1)قاتارلىق مەدەنىيەت ئىزنالىرى  چۇۋانقىرنىڭ ئۇزاق قەدىمدىن تارتىپ ئەجداتلىرىمىز پائالىيەتتە بولغان قەدىمكى مەھەللىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلىندۈرمەكتە.
     چۇۋانقىر نامى ھارىرغىچە بىز بىلگەن يازما خاتىرىلەر ئىچىدە تۇنجى بولۇپ خاكاس تۈركلىرىدىن بولغان روسىيەلىك ئالىم كاتۇنوفنىڭ 1892-يىلى
3-ئاينىڭ 28-كۈنى  ھازىرقى پىچان ناھىيىسىنىڭ لۈكچۈندە  شائىر نايىخان بەگنىڭ ئېغىزىدىن خاتىرلىگەن «لۈكچۈنگە تەۋە يۇرتلارنىڭ بايانى» دا « چۇبانقىر، چۇۋانقىر»(2) شەكىلىرىدە كۆرۈلىدۇ. پىچان مىرەنلىك ياغاچچى ئەيسا ئىمىن ئۇستا ساقلىغان 1929-يىلى كۆچۈرۈلگەن «ياغاچچىلق رىسالىسى»دىكى «چۇبانقىرلىق مۇللا مۇھەممەت بىلال قارى كۆچۈردى.»(3) دېگەن ئۇچۇردىمۇ<<چۇبانقىر>> شەكلىدە ئۇچرايدۇ. ھازىرغىچە چۇۋانقىر نامى تۇغرىسىدا ھازىر بىرقانچە ئوخشىمىغان قاراشلار بار: تەتقىقاتچى ئابدۇقەييۇم خۇجا << لەمجىندىكى تاش ئويمىلار>> ماقالىسىدە، <<چۇۋانقىر-  چوڭ قىرنىڭ ئاۋام تىلدىكى ئۆزگىرىشى>>(4) دەپ تەبىرلەيدۇ. پىچاندىكى پىشقەدەم ئۇقۇتقۇچى، يەرلىك تارىخچى ئابدۇللا ھەمدۇللا« تۇرپان كارىزلىرى» ناملىق كىتابىدا «چۇۋانقىر – مال چارۋا باقىدىغان يەر مەنىسىنى بىلدۈردىغان چوپانقىرنىڭ ئۆزگىرشى»(5) دەپ تەبىرلەيدۇ. يەرناملىرى تەتقىقاتچىسى نىياز كېرىم تۆپە ئاتا «دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم يەر ناملىرى ھەققىدە» ناملىق ئەسىرىدە «چۇۋانقىر – چۇۋالچاق قىر نىڭ  تىلدىكى ئۆ‍زگىرىشى»(6) دەپ تەبىرلەيدۇ. ئەمەلىي تەكشۈرۈش شۇنداقلا چۇۋانقىردىكى چوڭلارنى قىلغان زىيارىتىمىزدە  چۇۋانقىر نامىنىڭ يۇقىرقى تەبىرلەرگە ئۇخشىمايدىغان، تېخىمۇ ئېنىق تەبىرىگە ئېرىشتۇق. چۇۋانقىردىكى چوڭلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە،  تۇرپان شېۋىسىدە ياۋا چىلاننى <<چۇغان>> دەپ ئاتايدۇ. چۇۋانقىر تەۋەسىدىكى ئېتىز -قىرلاردا ياۋا چىلان دەرىخى كۆپ بولغاچقا ، مۇشۇ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن <<چۇغانقىر— چۇغان كۆپ ئۈسكەن جاي>>دەپ ئاتالغان. ئىنسكىلۇپىدىك ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي <<دىۋانۇ لوغەتىت تۈرك>> تە «چىپىقان-چىلان» دەپ ئۇچۇر قالدۇرغان(7) . «دىۋانۇ لوغەتىت تۈرك» تىكى مەنىسى ئاساسەن ھازىرقىغا ئوخشاش، فونېتىكىلىق شەكلىدە ئازدور- كۆپتۇر پەرق بولغان سۆزلەرنى مەخسوس تەكشۈرۈپ چىقىپ، شۇنداق خۇلاسىگە كەلدۇقكى، ھازىرقى زامانغىچە تەرەققىي قىلىش جەريانىدا،«دىۋانۇ لوغەتىت تۈرك»تىكى بەزى سۆزلەردە تاۋۇشلارنىڭ ئاسسىمىلاتسىيەسى، قۇشۇلۇپ قىلىشى، چۈشۈپ قىلىشى، نۆۋەتلىشىشىۋە ئورۇن ئالمىشىشى دېگەندەك تاۋۇش ئۆزگىرىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن. «دىۋانۇ لوغەتىت تۈرك» تىكى بەزى سۆزلەردىكى «پ» تاۋۇشى ھازىر ئاجىزلىشىپ،«ۋ» غا نۆۋەتلەشكەن، يەنە بەزى سۆزلەرنىڭ كەينى ۋە تەركىبىدىكى «ق» تاۋۇشى ھازىر «غ|ج» تاۋۇشىغا نۆۋەتلەشكەن(8).شۇڭا تۇرپان شېۋىسىدىكى ياۋا چىلاننى بىلدۈرىدىغان«چۇغان» دەل«دىۋانۇ لوغەتىت تۈرك» تە يېزىلغان  «چىپىقان»  نىڭ تىل تەرەققىياتىدىكى ئۆزگىرىشى ئىكەنلىكنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ.  «دىۋانۇ لوغەتىت تۈرك»تە بېرىلگەن «قىر-قىر، تۆپىلىك، دۆڭ»(9)  سۆزى ھازىرغىچە تىل ئېستىمالىمىزدا ئەينەن قوللىنىلماقتا. يەكۈنلىيەلەيمزكى، چۇۋانقىر نامى تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى«چىپىقان» ۋە «قىر» سۆزلىرنىڭ بىرىكمىسى بولغان<<چىپىقانقىر>> نىڭ تىل تەرەققىياتىدىكى ئۆزگىرىشى بولۇپ «چىلان كۆپ ئۈسكەن جاي»مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. پىچاندا چۇۋانقىر نامىنىڭ ياسىلىشىغا ئوخشايدىغان يۇغانقىر، سايقىر، ياڭىقىر، خاندۇقىر، جىغانقىر، سەۋزە قىر، ئاققىر، سەكسەنقىر دېگەندەك  يەر-جاي ناملىرىمۇ ئۇچرايدۇ.
      چۇۋانقىرلىقلارنىڭ لەقىمى: ئۇيغۇرلاردىكى <<لەقەم ئاسماندىن چۈشىدۇ>>، <<لەقەمسىز ئەر بولماس>> دېگەندەك ماقال تەمسىللەر لەقەمنىڭ ناھايىتى كەڭ تارقالغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ لەقەملەر ئىچىدە يەككە لەقەم ،جەمەت لەقىمى ۋە يۇرت لەقەملىرىمۇ بار. چۇۋانقىردا بۇغقۇچ، كۈلتۈك، بۆرە، بايتال، تايلاق، تۆگە، تاز، پۇم، شىخ، سەپتەگۈر، تۇقماق، گۆۋەن دېگەندەك جەمەت لەقەملىرى بولۇش بىلەن بىرگە پۈتۈن چۇۋانقىرلىقلارنىڭ <<تۇقىچەنلەر>>دېگەن يۇرت لەقىمى بار. بۇ لەقەمنىڭ پەيدا بولۇشى تۇغرىسىدا چوڭلار مۇنداق ھېكايە قىلىدۇ: تۇقىچەن كۈزلۈك تېزىلىدىغان  ياۋا قۇغۇنننىڭ بىر تۈرى ئىكەن. بۇرۇندا چۇۋانقىردا ياشىغان ئەجداتلار يازغى بۇغداينىڭ ئېڭىزىغا قۇناق  تېرىغاندا، قۇناققا  تۇقىچەننىڭ ئۇرۇقىنى ئارلاشتۇرۇپ، ئېتىزغا چېچىپ قۇيىدىكەن. ئاچچىقلىقىدىن سويمىسىنى يىگىلى بولمايدىغان تۇقىچەن كۈزدىكى قۇناق ئورۇمىغىچە، قۇناقلىقتا ئۆسۈپ، مۇشتەك-مۇشتەك چۇڭلۇقتا  خەمەكلەپ، تاتلىق  پىشىدىكەن. چۇۋانقىرلىقلار  قۇناق ئورغاندا تۇقىچەن يەپ ئۇسسۇزلۇقلىرىنى قاندۇرىدىكەن. باشقا يۇرتتكى كىشلەر ئېتىزلىرىدىن يۇلۇپ تاشلايدىغان تۇقىچەننى چۇۋانقىرلىقلارنىڭ يەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ مەسخىرە قىلىپ، ياۋا قۇغۇننىڭ نامىنى چۇۋانقىرلىقلارغا<<تۇقىچەنلەر>> دەپ لەقەم قۇيغانىكەن. بۇ ياۋا قوغۇن بۇجايدىكى قوغۇن ئۆستۈرۈش تارىخنىڭ شاھىدى بولغانىكەن. چۈنكى مۇشۇنداق ياۋا قۇغۇنلاردىن ئەجداتلار تەكرار تەجرىبىلەر ئارقىلىق شېرىن تەملىك يېڭى سورتلارنى يېتىشتۈرگەنىكەن. ئۈزۈمنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ ئىششىشى  بىلەن قوغۇن تېرىلماي ، قۇغۇن سۇرتلىرىنمۇ چۇۋانقىردىن كۆچۈپ كەتكەن.
      چۇۋانقىرلىقلارنىڭ توي-تۈكۈن، نەزىر -چىراق ئادەتلىرى تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئادەتلىرى بىلەن  ئوخشاش. لىكىن تۇرپاننىڭ باشقا جايلىرىدا ئۇنتۇلغان بىرقىسىم  ئادەتلەر بۇ يەردە داۋام قىلىپ كەلمەكتە (10) .
     نىكاھنى ۋەكىل قۇيۇپ ئۇقۇش: ئىلگىرى قاتناش قۇلايسىز ۋاقىتلاردا توي باشلىغان كۈنى ئاخشىمى نىكاھ ئوقۇلاتتى. ھازىرتوي كۈنى ئەتىگەنلىكى نىكاھ ئوقۇلىدۇ. بۇيەردىكى ئاخۇنلارنىڭ«نىكاھ ئوقۇش سۈننەت ئەمەل، ئايالنىڭ يات ئەردىن ئۆزىنى چەتكە ئالمىقى پەرز .شۇڭا سۈننەت ئۈچۈن پەرزنى بۇزۇش جايىز بولمايدۇ.  يىگىت – قىزنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۈتكۈزۈپ، نىكاھ ئۇقىلىدىغان بولغاچقا ۋەكىل قۇيۇپ نىكاھ ئوقۇش كۇپايە >> دېگەن تەشەببۇسى بىلەن بۇجايدا نىكاھنى ۋەكىل قۇيۇپ ئوقۇش ئوموملاشقان. نىكاھ ئوقۇشتىن ئىلگىرى، ئىككى مۇشاھىد (گۇۋاھچى) بېكىتىلىپ، يىگىت ۋە قىزدىن ئۆز ئورنىدا نىكاھ ئۇقۇشقا قاتنىشىشقا  ۋەكىلىي مۇتلەق (تۇلۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىل)لىككە كىمنى قۇيىدىغانلىقىنى ياكى ئىمام بەلگىلىگەن كىشىگە رازى بولۇپ قۇشۇلىدىغان-قۇشۇلمايدىغانلىقىنى سورايدۇ. يىگىت ۋە قىزنىڭ ماقۇللىقىدىن كىيىن تۆت گۇۋاھچى نىكاھ ئۇقۇلىدىغان سۇرۇنغا كىلىپ، جامائەت ئالدىدا قول قۇشتۇرۇپ تۇرۇپ، ئايرىم – ئايرىم ھالىدا يىگىت –قىزنىڭ بۇ نىكاھقا رازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۆز ئورنىدا كىمىنى ۋەكىل قىلغانلىقىنى جاكارلايدۇ. نىكاھ ئۇقۇيدىغان ئىمام شۇندىن كىيىن  نىكاھ خۇتبىسىنى ئۇقۇيدۇ. ئارلىقىدا قىزنىڭ ۋەكىلىدىن«سىزكى **ئاخۇن، قىز*** گۈل (ئاي)نىڭ ئورنىدا ۋەكىل مۇتلەقتۇرسىز. ئالغان تۇيلۇقلارغا رازى ۋە راغىپ بۇلۇپ،**گۈل (ئاي)نى  ئىلىپ يىگىتنىڭ ۋەكىلى ***ئاخۇنغا تاپشۇرۇپ بەردىڭىزمۇ؟>>دىگەن سۇئالىغا قىزنىڭ مۇتلەق ۋەكىلى« تاپشۇرۇپ بەردىم>>دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ئاندىن كىيىن ئىمام يەنە يىگىتنىڭ ۋەكىلىدىن « سىزكى *** ئاخۇن، يىگىت*** جان(ئاخۇن)نىڭ ئورنىدا ۋەكىل مۇتلەقتۇرسىز. بەرگەن تۇيلۇقلارغا رازى ۋە راغىپ بۇلۇپ،** گۈل (ئاي)نى تاپشۇرۇپ ئىلىپ، يىگىت *** جان(ئاخۇن)غا تاپشۇرۇپ بەردىڭىزىمۇ؟» سۇئالىغا يىگىتنىڭ مۇتلەق ۋەكىلى«ئىلىپ يىگىت*** جان(ئاخۇن) غا تاپشۇرۇپ بەردىم» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. نىكاھ خۇتبىسى داۋاملىق ئوقۇلۇپ، نىكاھ ئۇقۇش تاماملىنىدۇ.
      بۇخىل نىكاھ ئۇقۇش ئۇسۇلى بەلكىم ئۈتمۈش جەمىئىيەتتىكى قىز-يىگىتلەرنىڭ نىكاھ ئەركىنلىكىنى پۈتۈنلەي ئاتا –ئانا تەرىپىدىن بەلگىلىندىغان، يىگىت بىلەن قىز بىر-بىرىنى كۆرۈپمۇ باقماي تويلىشىدىغان كەلمەس دەۋرلەرنىڭ ساقىندىلىرىدىن بولسىمۇ، ھازىرقى يىگىت – قىز ئۆز ئارا سېنىشىپ، ئۆزئارا ماقۇللىشىپ توي پۈتۈشىدىغان، نىكاھ ئەركىنلىكى قۇغدىلىدىغان دەۋىردە بۇخىل ۋەكىل قۇيۇپ نىكاھ ئۇقۇش يەنىلا ئانچە چەتكە قېقىلمىسا كېرەك.
دەستار كىيگۈزۈش: بۇمۇ چۇۋانقىردا داۋاملىشىپ كەلگەن ئادەت. بۇنىڭ ئۈتمۈشتىكى ئەنئەنە بۇيىچە ئۈتكۈزۈلۈشى مۇنداق ئىكەن:  قىزنى كۈچۈرۈپ ئۆيدىن چىققاندا، ئالدىغا چىققان يىگىت ۋە دوستلىرى بىلەن يېرىم يولدا كۈتۈپ تۇرىدۇ. بۇ جەرياندا ھېپىزلار توققۇز داپ چېلىپ ناخشا ئېيتىپ تۇرىدۇ. بۇ ناخشا «تاغدا تېرىق» دېيىلىدۇ. قىز كۆچۈرگىچىلەر كەلگەندە ئۇلارغا سالام بېرىلىپ ئۇلار بىلەن قۇشۇلۇپ مەھەللىگە قاراپ ماڭىدۇ. ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە، تۇنجى نىكاھلىق (قىز توي قىلغان) ياشتا چوڭراق ئەر ياكى ئايال يىگىت ئۈچۈن يېڭى دۇپپا ياكى بىر نىكاھلىق بولغان چوڭلارنىڭ تۇمىقىنى تاللاپ ئۈستىنى قىز تەييارلىغان قىزىل رەڭلىك تاۋاردىن چىرايلىق قاپلاپ دەستار (10) ياسايدۇ. يىگىت توي تۈگىگىچە «سۇلتان» دېيىلىدىغان بولغاچقا، بۇ قىزىل رەڭلىك دەستار يىگىتنىڭ «سۇلتانلىق تاجىسى» دېيىلىدۇ. دەستارنى يىگىتكە كىيدۈرۈشتە دەستارنى ياسىغان ئەر دەستارنى غەلۋىرگە سېلىپ يىگىتنىىڭ بىشىدىن ئۈچ قېتىم ئايلاندۇرۇپ يىگىتكە كىيگۈزىدۇ. ئايال كىشى ياسىغان بولسا دەستارنى يىگىتكە كىيدۈرۈش ئۈچۈن، بىر نىكاھلىق بولغان ئەرگە بېرىدۇ. ئاندىن قىز تەرەپ تەييارلىغان قىزىل ياغلىق ۋە پۇتا بۇ كىشى تەرىپىدىن يىگىتنىڭ بوينىغا ۋە بېلىگە چىڭ چىگىلىدۇ. يىگىت ئىككى قولداشنىڭ ھەمراھلىقىدا ئوت ئاتلايدىغان جايغا باشلاپ كېلىنىپ كۈن ئولتۇرۇشقا قاراپ تۇرىدۇ. يىگىتنىڭ ئاتىسى «ئوغلىنىڭ ئامانلىقى، يېڭى قۇرغان ئائىلىسىنىڭ بەختى» ئۈچۈن يىگىت بېشىدىن ئۈچ قېتىم ئوڭ ئايلاندۇرۇپ كىشىلەر ئارىسىغا پۇل چاچىدۇ. يىگىتنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرى قىزىل، كۆك، سېرىق قاتارلىق ھەر خىل رەڭدار رەخىتلەرنى ئاۋۋال ئوڭ تەرەپتىن، ئاندىن سول تەرەپتىن يىگىتنىڭ بوينىغا سېلىپ، قولتۇق ئاستىغا چۈشۈرۈپ چىڭ چىگىدۇ. يىگىتنىڭ ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- يارەنلىرى يىگىتنىڭ بوينىغا سېلىنغان رەخىتلەر ئارىسىغا پۇل قىستۇرۇپ ئۆز كۆڭۈللىرىنى ئىزھار قىلىشىدۇ. بۇ چاغدا تۇققۇز ھېپىز داۋاملىق «تاغدا تېرىق» ناخشىسىنى ئېيتىپ سەل ئېگىزگە چىقىپ تۇرىدۇ. ئوت يېقىلىپ، ئوت راسا يالقۇنجىغان چاغدا يىگىت قولداشلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا داپ تەڭكەش قىلىنغان ناخشا ساداسى ئىچىدە ئوتتىن سەكرەپ ئۆتىدۇ. بىر قېتىم سەكرەپ بولۇپ ئوڭ ئايلىنىپ ئىككىنچى قېتىم، يەنە كەينىگە ئوڭ ئايلىنىپ ئۈچىنچى قېتىم سەكرەيدۇ. بۇ جەرياننى يىگىتنىڭ ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- يارەنلىرى، قىز ۋە ئۇنىڭ قولداشلىرى كۆرۈپ تۇرىدۇ. يىگىتنىڭ ئاتا- ئانىسى خۇشاللىق ياشلىرىنى تۆكۈشىدۇ. يىگىت ئۈچ قېتىم ئوتتىن سەكرەپ ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن قىز يىگىت ئۆيىگە قاراپ ماڭىدۇ. كەينىدىن يىگىتمۇ قولداشلىرى بىلەن ھوجرىغا قاراپ ماڭىدۇ. ناخشىچىلار (ھېپىزلار) «تاغدا تېرىق» ناخشىسىنى«يەل» ناخشىسىغا ئۆزگەرتىپ يىگىت كەينىدىن ماڭىدۇ. قىز بوسۇغىدىن ئوت ئاتلاپ ھوجرىغا كىرىدۇ ۋە ئۆينىڭ بولۇڭىغا كېلىپ يىگىتنى ساقلاپ تۇرىدۇ. يىگىت قىزنىڭ ئالدىغا كىلىپ قىزنىڭ بېشىغا بىر مۇش ئۇرىدۇ. ئەگەر قىز چاققان بولسا ئۆزىنى چەتكە ئالايدۇ ئاندىن قىز يىگىتنىڭ ئالدىغا كېلىپ «سۇلتانلىق تاجىسى»نى ئېلىپ بوينىدىكى قىزىل پۇتا ۋە باشقا رەڭدار رەختلەرنى يېشىدۇ. ياغلىق ۋە پۇتا چىڭ چىگىلگەن بولۇپ قىزنىڭ سەۋىرچانلىقى ۋە چىۋەرلىكى يەنە بىر رەت سېنىلىدۇ. ئاندىن كېيىن يىگىت- قىز بىر- بىرىگە تازىم قىلىشىدۇ. بۇ جەريانىدا ھېپىزلار تۇختىماي ناخشا ئېيتىپ تۇرغان بولىدۇ. بۇ «دەستار كىيگۈزۈش» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ چاغدا ئېيتقان «تاغدا تېرىق» ناخشىسى ناھايىتى مۇڭلۇق، چۇۋانقىرلىقلاردا «تاغدا تېرىق، ئاڭلىساڭ ئەرگە تەكگۈڭ كېلۇر،مەۋلۇت شېرىپ ئاڭلىساڭ ئۆلگۈڭ كېلۇر» دېگەن ماقالە شۇنىڭدىن كەلگەن.
       يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىزنى كۆچۈرۈپ كېلىپ، يۈز ئاچقۇدىن كىيىن دەستار كىيگۈزۈلىدىغان بولۇپ ئۆزگەرگەن. شۇنداقلا ئەل ئارسىدىكى «تاغدا تېرىق» ناخشىسىنى ئېيتالايدىغانلار ئازىيىپ كەتكەن بولغاچقا  بۇرۇنقى تۇققۇز داپ چالغۇچى ھېپىزلار قالمىغان. شۇڭا دەستار كىيگۈزگەندە بەزىدە ناغرا چىلىنىپلا بۇئادەت تاماملانغان. ياكى بىر-ئككى داپ، داپ ئازلىق قىلسا بىر-ئىككى لېگەننى چىلىپ، يەتتە ئۆزگىرىشلىك «تاغدا تېرىق»ناخشىسنىڭ بىر-ئىككى ئۆزگىرىشىنى ئېيتىپ ئاياغلاشتۇردىكەن. «تاغدا تېرىق>>تىن كىيىن ئېيتىلىدىغان «يەل »ئېيتىلمايدىكەن.  بۇرۇن ئابدۇقادىر زور، ھېتى يۈسۈپ، كازىم سېتلدى، تۇرسۇن ساجىت، تۆمۈر مېننەم، تۆمۈر تاھىر قاتارلىق «تاغدا تېرىق»ئېيتالايدىغان ھىپىزلار ئۆتكەن. ھازىر يۇقىرى مەھەللىدىكى 70نەچچە ياشقا كىرگەن ھازىم تۈمۈرچى ۋە ئۇنىڭ ئىككى داپ ياردەمچىسى چۇۋانقىردىكى تويلاردا «تاغدا تېرىق» ئېيتىشقا مەخسۇس تەكلىپ قىلىنىدىكەن. چۇۋانقىردىكى چوڭلار «دەستار كيىگۈزۈش ئۇلۇغلاردىن قالغان ئىش، ھەزىرىتى ئەلىمۇ ئۆز ۋاقتىدا دەستار كىيگەنىكەن»دەپ ئىسلامىي تۈس بېرىپ چۈشەندۈرىدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ ئۆرپ-ئادەتتىكى ئوتتىن ئۈچ قېتىم ئاتلاش، بېشىدىن ئۈچ قېتىم ئوڭ ئايلاندۇرۇپ  دەستار كىيگۈزۈش، چاچقۇ قىلىش، ئوتتەك قىزىل رەڭدىكى دەستار، توققۇز ھىپىز بىرلىكتە ناخشا تۇۋلاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئادەتنىڭ ئەجداتلىرىمىزنىڭ يىراق قەدىمقى ئېتىقات-ئىشەنچىلىرىدىن شەكىلەنگەن ئادەتلەرنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى  چۈشەندۈرمەكتە.  
      يىگىتلەرنىڭ سالامغا بېرىشى: توينىڭ ئەتىسى چۈشتىن كىيىن  يىگىت بىر نەچچە ئاغىنىلىرى ۋە قولداشلىرى بىلەن قىزنىڭ ئاتا- ئانىسىغا سالام بەرگىلى بارىدۇ. بۇ «سالامغا بېرىش» دېيىلىدۇ. ئۇلار قىزغىن كۆتۈۋېلىنىدۇ. يىگىتلەر قېيىنئاتا، قېيىنئانىسىنىڭ ئۆيىدىن ئۆي ئىگىلىرىگە كۆرسەتمەستىن مۇھىم جابدۇق ۋە كۈندە ئىشلىتىدىغان نەرسىلەرنى«ئوغۇرلاپ» ئىلىۋالىدۇ. بۇ ھال يىگىتنىڭ چاققانلىقى شۇنداقلا بۇ نەرسىلەر يىگىت ئۆيىگە ئېلىپ بېرىلغاندا قىزنىڭ بۇ نەرسىلەرنى تۇنۇشىغا قاراپ قىزنىڭ چىچەنلىككىگە بولغان قىزىقارلىق سىناق ھىساپلىنىدۇ.
     تاختىغا ئىلىش: چۇۋانقىرلىقلاردا «ئادەم جان ئۈزگەن ھامان يەردىن كۆتۈرۈلۈپ تۇرۇشى كېرەك» دەيدىغان قاراش بار. شۇڭا ئۇلار ئادەم جان ئۈزگەندىن كىيىن  مېيىتنى مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان تاختا (ياغاچ كارۋات) ئۈستىگە ئېلىپ، كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ، ئېڭىكىنى قوشتۇرۇپ، پۇت- قوللىرىنى تۈزلەپ، پۇتىنى غەرىبكە قىلىپ ياتقۇزىدۇ ۋە ئۈستىگە ئاق رەخت ياپىدۇ.
     قازان بېشى قىلىش: ئادەم جان ئۈزگەندىن كېيىن شۇ مەھەللىدىكى ياشتا چوڭراق ئاياللاردىن بىرى ئۆلگۈچىنىڭ روھىغا ئاتاپ پوشكال سېلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىنىدۇ. بۇ ئايال «قازان بېشى قىلغۇچى» دېيىلىدۇ. قازان بېشى قىلغۇچىغا يېڭى ئىشتان كىيگۈزۈلىدۇ. يېڭى ئىشتان بولمىسا يېڭى رەختنى پەرتۇق قىلىسىمۇ بولىدۇ. ئاندىن ئۇ خېمىر يوغۇرۇپ «جان ھەققى پۇشكىلى» سالىدۇ. دەسلەپتە 11 دانە پوشكال سالىدۇ ۋە پوشكال سېلىش جەريانىدا تۆۋەندىكىلەرنى تەكرار- تەكرار ئوقۇيدۇ:
زەر كەلدى، زەۋەر كەلدى،
يەر ئاستىدىن خەۋەر كەلدى.
خەۋەر كەلگۈچە مەن كەلدىم.

      مېيىت نامىزى چۈشۈرلۈپ دەپنە قىلىش ئۈچۈن ماڭغاندىن كېيىن قازان بېشى قىلغۇچى قايتىدىن 9 دانە پوشكال سالىدۇ. پوشكال سېلىش جەريانىدا تۆۋەندىكىلەرنى تەكرار- تەكرار ئوقۇيدۇ:
زەر كەتتى، زەۋەر كەتتى،
يەر ئاستىدىن خەۋەر كەتتى،
خەۋەر كەتكۈچە مەن كەتتىم.

       قازان بېشى قىلغۇچى ئايال ئىككىنچى كۈنى سەھەردە 7 دانە، ئۈچىنچى كۈنى سەھەردە 5 دانە، ئۈچىنچى كۈنى كەچتە ئەتىكى نەزىر(چۇۋانقىردا تۆتىنچى كۈنى چوڭ نەزىر بېرىلىدۇ) ئۈچۈن پوشكال سېلىشتىن بۇرۇن 3دانە پوشكال سالىدۇ. بۇ پوشكاللار پەتە قىلىپ كەلگەنلەرنىڭ ئالدىغا قۇيۇلىدۇ. لىكىن يېيىلمەيدۇ. كېيىن بۇ پوشكاللار نەزىر پوشكاللىرىغا قوشۇۋېتىلىدۇ. پوشكال خېمىرغا پىياز كۆپ قوشۇلىدۇ. «پىياز پۇرىقى كۈچلۈك بولغاچقا روھلارغا تېز تېگىدۇ» دەپ قارىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن «قازان بېشى قىلىش» ئاخىرلىشىدۇ. قازان بېشى قىلغۇچىمۇ رازى قىلىنىدۇ.
  ئازنا پەيشەنبە، نەزىر-چىراقلاردا «ياغ پۇرۇتۇش>> ئۇيغۇرلاردا ئومۇميۈزلۈك ئادەت ئىكەنلىكى ھەممىگە تۇنۇش. چۇۋانقىرلىقلارنىڭ«قازان بېشى قىلىش»ئادىتىدىكى ئۆزگىچىلىك بولۇپمۇ مەنىسىنى چۈشەنگىلى بولمايدىغان «ئۈچ مىسرا»كىشىگە يىراق قەدىم زامانلاردا ئەجداتلىرىمىز ئۈتكۈزگەن مۇراسىملاردا قاملارنىڭ ئۇقۇيدىغان ئەپسۇن-ئەرۋىشلىرىنى ئەسلىتىدۇ.  
     تۈڭلۈككە چىقىش: مىيىتنى يۇيۇشتىن بۇرۇن، يۇيغۇچىلار «مېيىتنى يۇيىمىز» دەپ خەۋەر بەرسە قارىيلاردىن بىرى مېيىتنى يۇيىدىغان ئۆينىڭ تۆڭلىكىدە تۇرۇپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىدۇ. بۇ «ئۆلگۈچىنى يۇيغان ۋاقىتتا، ئازاپ پەرىشتىلىرىنىڭ كېلىپ ئازاپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن» دەپ قارىلىدۇ. ئەگەر ئۆلگۈچى ئايال كىشى بولسا بىر تەخسە بۇغداي، بىر تەخسە قوناق، قايچا، ئەينەك، لېچەك قاتارلىق نەرسىلەر، ئەر كىشى بولسا بىر تەخسە بۇغداي، بىر تەخسە قوناق ، دۇپپا، ئۇستۇرا قاتارلىق نەرسىلەر تۈڭلۈكنىڭ ئاغزىغا ئەچىقىپ قويۇلىدۇ. قارىي قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن بۇ نەرسىلەر ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلىنىدۇ. بۇ «تۈڭلۈككە چىقىش» دېيىلىدۇ.
     مەۋلوت شېرىپ ئوقۇش:  ئۇيغۇرلاردا مەۋلۇت ئۇقۇش ئوموملاشقان ئادەت .چۇۋانقىردا مىيىت ئۇزۇتۇشقا كەلگەن جامائەت توپلىشىپ ناماز چۈشۈرۈشتىن بورۇنمۇ مەۋلوت شېرىپ (مۇھەممەت پەيغەمبەرگە ئېيتىلغان مەرسىيىلەر)نى ناھايىتى مۇڭلۇق قىلىپ ئوقۇيدۇ. چۇۋانقىرلىقلاردىكى «مەۋلوت شېرىپ ئاڭلىساڭ ئۆلگۈڭ كېلۇر، تاغدا تېرىق ئاڭلىساڭ ئەرگە تەگكۈڭ كېلۇر» دېگەن ماقال شۇنىڭدىن كەلگەن.
     مېيىتنى سۇغا ئېلىش: مېيىتنى يۇيۇش پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا ئورتاق ئادەت. ئەمما چۇۋانقىردىكى بۇ ئادەتتە سۇنىڭ تەييارلىنىشى ئۆزگىچىرەك. مىيىت دەپنە قىلىنىشتىن  بۇرۇن پاكىزە سۇدا ئۈچ قېتىم يۇيۇلىدۇ. بۇ «سۇغا ئېلىش» دېيىلىدۇ. سۇغا ئېلىشتا ئىشلىتىلىدىغان سۇ مۇنداق تەييارلىنىدۇ: ئېقىپ تۇرغان سۇدىن سۇنىڭ ئېقىش يۆنىلىشى بويىچە سۇ ئېلىنىدۇ ۋە سۇ ئالغۇچى ئېلىش جەريانىدا تۆۋەندىكىلەرنى تەكرار- تەكرار ئوقۇيدۇ:

تۇم ئاللا، تۇمۇم ئاللا،
يەتتە بۇلاقتىن سۇ ئالدىم،
يەتتە پەرىشتەم سەن ئاڭلا.

       سۇغا گۈلى رەيھان قاتارلىق پۇراقلىق گۈللەرنى قۇشۇپ قاينىتىلىدۇ ۋە يىلمان سۇ تەييارلىنىدۇ. مېيىت يۇيۇش جەريانىدا قولىغا رەخىتتىن ئۆزلىرى تەييارلىغان قولقاپ كىيىۋالىدۇ ۋە ئېغىزلىرىنى چىڭ ئېتىۋالىدۇ. <<ئەگەر مېيىتنىڭ پۇرىقى ئېغىزغا كىرىپ كەتسە چىشلارنى ئورنىدىن تەۋرىتىپ، ئاسانلا چىش چۈشۈپ كېتىدۇ>> دەپ قارايدۇ. ئاق رەخىتتىن كېپەنلىك تەييارلىغاندا، كېپەنلىك رەخىتتىن يىپ چىقىرىپ، تۆمۈر يىڭنە ئىشلەتمەي، ئوڭ تەرەپ بىلەن سول تەرەپنى باستۇرۇپ (چاپان تۈگمىلەشنىڭ ئەكسىچە) يۆمەپ چىگىلىدۇ. مېيىتنى سۇغا ئېلىش جەريانىدا ئىشلەتكەن چۆمۈچنى مېيىت ئىگىلىرىنىڭ رازىلىقى بىلەن ئۇزۇنغىچە تۇغمىغان ئاياللار ئىشلىتىشكە ئىلىۋالىدۇ. «بۇنى ئىشلەتسەك پەرزەنتلىك بولىمىز» دەپ قارايدۇ. مېيىت يۇيۇشقا قاتناشقان كىشىلەرمۇ رازى قىلىنىدۇ.
       مېيىت يۇيۇش جەريانىدا ئىشلەتكەن قول قاپ، لۆڭگە ئورنىدا ئىشلەتكەن رەختلەر كەچتە يۇلتۇز چىققاندا ئۆگزىگە ئەچىقىپ يېيىپ قويۇلىدۇ. بۇ «يۇلتۇزغا كۆرسىتىش» دېيىلىدۇ. بۇلار قۇرغاندىن كېيىن مېيىت ئىگىلىرى ئەتىۋارلاپ ساقلايدۇ. مېيىت يۇيۇشتىن چىققان سۇنى ئادەم سىيمەيدىغان، پاكىزە جايغا تۆكۈپ، تۇپا بىلەن كۆمۈۋېتىدۇ.
      تەلىم ئۆتكۈزۈش: بۇ مېيىت دەپنە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئاياللار توپلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان دىنىي پائالىيەت، بۇنىڭغا ئەرلەر قاتناشمايدۇ. ئاياللار مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ تۇققۇز تۈمەن قېتىم «ئىمان كەلىمىسى»ئوقۇيدۇ. بۇ تۈگىگەندىن كېيىن مەرھۇمنىڭ ئايال تۇغقانلىرىدىن بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ، كۆپچىلىككە سالام بېرىپ، مەرھۇمنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى ئۈچ قېتىم سورايدۇ. يەنە مەرھۇمغا ۋاكالىتەن ئاياللاردىن رازىلىق سورايدۇ. ئاياللار رازىلىق بىلدۈرۈپ، مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىدۇ. ئاندىن ياشتا چوڭراق، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئاياللاردىن بىرى ياش ئاياللارغا، قىزلارغا، ئەدەب- ئەخلاق، ئائىلىنى قوغداش، ئاتا- ئانىنى ھۆرمەتلەش، ھاياتلىقنى قەدىرلەش، ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىپ يامان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش ۋە توسۇش توغرىسىدا ۋەز- نەسىھەت سۆزلەيدۇ. بۇ پائالىيەت«تەلىم ئۆتكۈزۈش» بۇلۇپ رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.
جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ فولىكلور ئەنئەنىلىرىنىڭ ئۇنتۇلۇشى، ئۆزگىرىشى مۇقەررەرلىك بولسىمۇ، چۇۋانقىردىكى مەدەنىيەت ئىزنالىرىنىڭ كۆپلىكى، دەۋرىنىڭ ئۇزۇنلىقى، بۇيەردىكى ئۆ‍زگىچە جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىك، رەڭدار ئۆرپ-ئادەتلەركىشىنى جەلىپ قلىدۇ. ۋە يەنە بۇ تۇغرىسىدا ئىزدىنشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئىشىنىمىزكى، چۇۋانقىرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى شۇنداقلا ئۇيغۇر تارىخ- فولىكلور تەتققاتىدىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش.
ئىزاھلار:
(1). ئابلىم قېيۇم :<<تۇرپان ئاسارە ئەتىقىلىرى >>،شىنجاڭ  نەشىرىياتى    يىل    نەشىرگە قارالسۇن .
(2)ن.ف كاتۇنۇق: << كۈنچىقىش ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى>>، مىراس ژۇرنىلى 2008-يىل1-سان، ئابلىز ئۇرخۇن نەشىرگە تەييارلىغان.
(3)ھىمىت ھەمدۇل :<<تارىخىي ۋەسيقە- ياغاچچىلىق رىسالىسى>> پىچان تارىخ ماتىرىياللىرى10-قسىم 180-بەت. پىچان ناھىيلىك سىياسىي كېڭەش نەشىر قىلدۇرغان مەخسۇس توپلام.
(4)ئابدۇقەييۇم خۇجا :<<دىيارىمىزدىن تېپىلغان قىسمەن يادىكارلىقلار ھەققىدە>>،مىللەتلەر نەشىرىياتى 2009-يىل 5-ئاي نەشىرى203-بەت
(5) ئابدۇللا ھەمدۇللا:<<ئۇلۇغ كەشپىيات كارىز>> ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى نەشىرىياتى2006-يىل 5-ئاي نەشىرى61-بەت
(6)نىياز كېرىمى، زىۋىدە ساتتار:<<دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم يەر ناملىرى ھەققىدە>> مىللەتلەر نەشىرىياتى2006-يىل 6-ئاي1-نەشىرى،<<پىچان ناھىيىسى تەۋەسىدىكى يەرجاي ناملىرى>> قىسىمىغا قاراڭ.
  (7) (9) مەھمۇد كاشغەرىي: «دىۋانۇ لوغەتىت تۈرك»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى2012-يىل نەشىرى 341-،248- بەتلەر.
(8) مۇھەببەت قاسىم: « <دىۋانۇ لوغەتىت تۈرك> بىلەن ئۇيغۇر تىلى ۋە دېيالىكىت شېۋىلىرىدىكى فونىتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرگە سېلىشتۇرما  تەتقىقات»، «شىنجاڭ ئونىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» (پەلىسەپە ئىجتىمائىي پەن قىسىمى) 2012-يىل 3-سان 52-بەت
(10) بۇ ئادەتلەردە  تۇنۇشتۇرۇلغان جەريانلارنىڭ بەزىلىرىگە ئۆزەم  قاتناشتىم، يەنە بەزىلىرنى بۇ ئشلارغا كۆپ قېتىم قاتناشقانلارنى زىيارەت قىلىپ ئىگەللىدىم.
   (11) دەستار پارسچىدىن قۇبۇل قىلىنغان سۆز بۇلۇپ سەللىنى كۆرسىتىدۇ.لىكىن چۇۋانقىرلىقلارنىڭ بۇ دەستارىنىڭ ئورۇلۇش شەكلى پارسلارنىڭ دەستارى ۋە ئەرەبلەرنىڭ سەللىسىنىڭ ئورىلىشىغا ئوخشىمايدۇ.
بۇ ماقالە «شىنجاڭ ئجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» 2013-يىللىق 5-سانىدىن ئىلىندى.

aaot=oghuztigin和平之子

31

تېما

5

دوست

7176

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   43.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10330
يازما سانى: 334
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1474
تۆھپە : 1177
توردىكى ۋاقتى: 259
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-9 18:57:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرىسلو ئورنى ئالدىم، ئالدىروماي كۆرەيچۇ!
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

2359

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17487
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 698
توردىكى ۋاقتى: 73
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-9 19:18:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ohuztigin يوللىغان ۋاقتى  2013-10-9 18:57
كىرىسلو ئورنى ئالدىم، ئالدىروماي كۆرەيچۇ!

كۆتىڭىز خىلى ئەپلىشىپ قالدىمۇ ،   بۇ دىگەن باغداش مۇنبىرى  ساپا تالىشىدىغان كىچىڭ بالىنىڭ مىكرو بىلوگى ئەمەس ، ئاقماس گەپنى ئازقىلىپ كۆپرەك  نەرسە كۆرۈڭ....
توۋا  مۇشۇ  مىكرو بىلوگلارغا كىرسە  ساپا تالىشىپ ئۇرۇشۇپ كىتىدىكەن تىخى   ساپاسىزلىق

1

تېما

9

دوست

8855

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   77.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 2576
توردىكى ۋاقتى: 419
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-9 20:01:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nijat0220 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-9 20:08  

چۇۋانقېر -ھەقىقەتەن مىھرى ئىسسىق گۈزەل يۇرت.....

1

تېما

1

دوست

1052

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   5.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22135
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 312
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-10 12:20:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوشنا يۇرت

0

تېما

0

دوست

497

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   98.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9281
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 16
تۆھپە : 145
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-10 13:22:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۇۋانقىر ۋە چۇۋانقىرلىقلارنىڭ بەزى ئادەتلىرى
ئەھمەد ئىمىن ئەلنەزەر


   قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە پىچان ناھىيىسى لەمجىن بازىرى تەۋەسىدىكى چۇۋانقىر مەھەللىسىنىڭ نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى، ھەمدە بۇ مەھەللىدە داۋاملىشىپ كەلگەن ئۆزگىچە  لەقەم،  نىكاھ-توي، ئۆلۈم ئۇزىتىش ئادەتلىرى تونۇشتۇرۇلۇپ قىسقىچە مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
.  
سەمىمىي ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە تور موللاملىرىنىڭ باھالىشىغا ئەمەس، قىزىققۇچىلارنىڭ پايدىلىنىش ئۈچۈن يوللاندى. شۇڭا تور موللاملىرىنىڭ ماقالە مەزمۇنىنى باھالاپ «دەھرى، بىدئەت» كە چىقىرىپ سۆزلەپ، ئاۋارە بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.

_____________________________________________________

يۇقارقى گەپلىرىڭىزدىن بىرەر قىتىغۇرلۇق ئالامەتلىرىنى ھىس قىلمىدىڭىزمۇ ، تېما يوللىغۇچى قېرىندىشىم ؟! ھىچكىم بۇ گەپلەرنى دەھرىلىك ، بىدئەت دەپ ئىنكاس يازمىغان ئەھۋال ئاستىدا چۇۋانقىرلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بەزى ئۆرپ - ئادەتلىرىنىڭ دىنى تۈسى قۇيۇقراق ئىشلاردا ھەقىقەتەن شەرىئەتنىڭ سىرتىدا ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلمى يوسۇندا دىمەكچى بولغان بولسا سىز ئالدىن ئالا قىتىغۇرلۇق باياناتى ئېلان قىلغان بولمامسىز ؟! ... ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆرپ - ئادەتلەرنىڭ ھەممىسىلا ياخشى بولۇپ كىتىشى ناتايىن . بەزى ئادەتلەر ئىجتىمائى تۇرمۇشىمىزغا ۋە كۈرۈنۈشتە ياخشى بولغاندەك قىلغان بىلەن ماھىيەتتە مىللى خاراكتېر ۋە ئېتقادىمىزغا زىيانلىق بولۇشى مۇمكىن . شۇنداق ئەمەسمۇ ؟!

2

تېما

0

دوست

213

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22361
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 52
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-10 13:32:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاكاس تۈركلىرى توغرۇلۇق مەن بىلىدىغان ماتىرىياللار بويىچە بۇ نام ھەر قايسى تۈركى قەبىلىلەرگە بەس-بەستە نام قويۇش دولقۇنىدا بارلىققا كەلگەن .بارتولد نىڭ بايانى بويىچە ئىيىتقاندا بۇ نام خەنچە تارىخلاردىكى شىياجىياسى دىگەن نام بويىچە قويۇلغان .مەن بۇ  نامنىڭ ئورنىغا ئاناساي قىرغىزلىرى دەسسىتىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

4

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   4.95%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 561
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2586
تۆھپە : 1928
توردىكى ۋاقتى: 703
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-10 15:58:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئاۋۇ نىكاھلانغۇچىلارغا ۋەكىل قۇيۇپ نىكاھ ئۇقۇشنىڭ شەرئى ئاساسى بارمىدۇ ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )