ئانا تىلدىكى تولوقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىنى تۈزىگۈچىلەرگە ئوچۇق خەت مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا
تىل-ئەدەبىيات دەرسى كىشىلەرگە ئوقۇش، يېزىش، سۆزلەشنى، كۆزىتىش، پىكىر قىلىش ھەم ئىپادىلەشنىڭ يولى ۋە ئۇسۇللىرىنى، ئادىمىيلىكنى ئۆگۈتىدىغان، تۈرلۈك پەننىي بىلىملەر ھەم ھۈنەر-كەسپلەرنى ئىگىلىشى ۋە ئۇنى كىم ئۈچۈن، نېمە ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىش پوزىتسىيەسىگە ئىگە بولىشىغا ئاساس سالىدىغان قورال خارەكتېرلىك تىل سەنئىتى. ئەدەبىياتنىڭ قورال خارەكتېرلىكى ھەم گۇمانىتارلىقى (ئادىمىيەتلىكى) ئۇنىڭ مۇھىم ئىككى خارەكتېرىدۇر.شۇڭا، تۈرلۈك شەكىلدىكى تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىنى قانداق مەقسەد، شەكىل ۋە ئۇسۇلدا تۈزۈش ھەم ئوقۇتۇش ئەمىلىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ، توغىرا بىر نۇقتىنەزەر ھەم كىشىلىك ئەمىلىيەت ھاسىل قىلىش ئىنتايىن نازۇك مەسىلە. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىنى تۈزىگۈچىلەر ھەم ئۇنىڭ دەرسخانىدىكى ئىجىراچىلىرىغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر ئىنتايىن يۇقىرى، مەسۇليىتى ئىنتايىن زور.
بىراق، بۈگۈنكى ئۇيغۇر مائارىپىغا قارىساق، تۈرلۈك شەكىلدىكى تىل-ئەدەبىيات دەرسلىك ماتېرىياللىرىنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالى قانداق بولىۋاتىدۇ؟ تۈزۈلگەن دەرسلىكلەر تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ رېئالنى تەلەپلىرىدىن چىقىۋاتامدۇ-يوق؟ ۋاقىت-ئۈنۈم مۇناسىۋىتى ھەم ئوقۇغۇچى-جەمىئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى تەلەپ-ئېھتىياج مۇناسىۋىتى نەزەرگە ئېلىندىمۇ-يوق؟
مېنىڭ، ئۇزۇن يىللىق تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ئەمىليىتىم ۋە رېئاللىق بىلەن تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھالقىلىرىدىن ھېس قىلغان چۈشەنچىلىرىم ئاساسىدىكى خۇلاسەمگە قارىغاندا، ھازىر تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى، ھېچ بولمىغاندا ئانا تىلدىكى تولوقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى يۇقارقى تەلەپتىن خېلى بەك يىراق، مەسىلىلەر بىرقەدەر ئېغىر.
مەن تۆۋەندە، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ كومىتېتى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىكى يېتىلگەن مائارىپچى ۋە تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىنى تۈزۈش ۋە تەتقىق قىلىش گۇرۇپپسىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن تەلئەت قادىرى ئەپەندى بىلەن يېتىلگەن ئەدەبىي ئوبزورچى ۋە ۋە تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىنى تۈزۈش ۋە تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن يالقۇن رۇزى ئەپەندىلەرنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ، بارلىق دەرسلىك تۈزىگۈچىلەرگە قارىتا، نۆۋەتتىكى ئانا تىلدىكى تولوقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرى ئۈچۈن تۈزۈلگەن تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىدە ساقلانغان مەسىلىلەر ھەم ئۇنى ھەل قىلىش توغىرىسىدىكى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن:
1› دەرسلىكنىڭ ئەمىلىي دەرس سائىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى:
تېما كۆپ، ۋاقىت ئاز.
يەنى، ئىلگىركى ئەدەبىيات دەرسلىكى يىللىق كىتاب بولۇپ، ھەر بىر دەرسلىكتە 25-26 گىچە تېكىست بار ئىدى. ھازىر دەرسلىك مەۋسۈملۈك بولۇپ، 25-30 غىچە تېكست بار. دېمەك، ھازىرقى مەۋسۈملۈك ئۆتۈلىدىغان تېكىست ئىلگىركى يىللىق ئۆتۈلىدىغان تېكستتىن كۆپ. شۇڭا ھەر بىر تېمىغا تەقسىملەنگەن ۋاقىت يېتەرسىز ("مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى"، "يۇرتۇم"، "ئوغىلى بىلەن كۆرۈشۈش" قا ئوخشاش ھەجىمى 15-20 بەتتىن ئاشىدىغان، مەزمۇن قاتلىمى مۇرەككەپ، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، روھ يېتىلدۈرۈشچانلىقى بىرقەدەر يۇقىرى تېكىستلەرگە بېرىلىدىغان ئەمىلىي درەس ۋاقتىمۇ تېكىست ئوقۇش ۋاقتى بىلەن قوشۇلۇپ ئىككى-ئۈچ سائەتتىن ئاشمايدۇ). شۇ سەۋەبتىن ھازىرقى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ئەمىلىيىتى تېز سۈرئەتلىك پويىزغا ئوخشاپ قالغان بولۇپ، دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلار رېلىستا كېتىۋاتقان پويىزنى كۆرەلىسىمۇ، ئۇنىڭ ئىچىگە قاچىلانغاننىڭ نېمىلىكىنى بىلەلمەيدۇ. يەنى، ۋاقىت قىسلىقىدىن تېكىستلەرنى چوڭقۇرلاپ ئوپېراتسىيە قىلىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ماھىيەتلىك مەزمۇنلارنى ئېچىپ كۆرسىتىش ئاساسەن مۈمكىن بولمايۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ۋاقىتنى تېكىست ئوقۇتۇشى ئىگىلەپ كېتىپ، ئەدەبىيات نەزىريىسى، ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى، ئىستىلىستىكىلىق بىلىملەر ھەم خەت-چەك يېزىقچىلىقىغا ۋاقىت يېتىشمەسلىك ئېغىر. ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ كومىتېتى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىكى مۇتەخەسىسلەر تۈزىگەن پايدىلىنىش قوللانمىسىنىدىمۇ ئەدەبىيات نەزىريىسى، ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى، ئىستىلىستىكىلىق بىلىملەر ھەم خەت-چەك يېزىقچىلىقىغا ھېچقانداق ۋاقىت بېرىلمىگەن.
نۆۋەتتىكى دەرسلىك ئىسلاھاتىدا تېكىستلەرنىڭ سەرخىل بولىشىغا ئەھمىيەت بېرىلىپ، سانى ئازايتىلسا. بۇ ئارقىلىق ھەر بىر تېكىستكە بېرىلدىغان ۋاقىت تەقسماتىنى كۆپەيتىشكە كاپالەتلىك قىلسا. ھەر بىر مەۋسۈملۈك دەرسلىكتىكى تېكىست سانى كۆپ بولغاندا 10-15 تىن ئېشىپ كەتمىسە. تېكىستلەر ھازىرقىدەك 1-2 سائەت ئۆتۈلمەستىن، 2-5 سائەتكىچە ۋاقىت ئاجىرتىلىپ، تېخىمۇ تەپسىلىي ئۆتۈلۈپ، ئوقۇغۇچىلاردا ھەقىقىي روھ يېتىلدۈرۈلسە. ئەدەبىيات ئەدەبىياتتەك بولسا. ئوقۇتۇش جەريانىدا ۋاقىتتىن كەڭرىراق پايدىلىنىپ، ھادىسىدە توختاپ قالماي ماھىيەتكە ئىچكىرلەپ كىرىپ، ئۇنىڭدىكى ئىچكى روھىيەت قاتلىمىنى ۋە پىكىر قاتلىمىنى تېپىپ چىقساق. ئەدەبىيات نەزىريىسى، ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى، ئىستىلىستىكىلىق بىلىملەر ھەم خەت-چەك يېزىقچىلىقىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىلسە.
2› سېستىمىچانلىقى، ئىلمىيلىكى، قاراتمىلىقى، يۆلىنىشچانلىقى:
ھازىرقى دەرسلىكنىڭ سېستىمىچانلىقى ۋە ئىلمىيلىكى بىرقەدەر تۆۋەن، قاراتمىلىقى ھەم يۆلىنىشچانلىقىدا مەسىلە بار.
يەنى، سېستىمىچانلىقى ۋە ئىلمىيلىكى نۇقتىسىدن قارىغاندا، دەرسلىكنىڭ بۆلەك ۋە تېكىست تەلىپى بىلەن نەزىريە ۋە ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ماسلىشالمىغان بولۇپ، بۆلەك ۋە تېكىستلەردە نەزىريە ۋە ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى ئاساسىدا ھەل قىلىنىدىغان مەسىلىلەر كۆپ بولسىمۇ، دەرسلىككە كونكېرتنى نەزىريىۋى بىلىملەر ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان، ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى دەرسلىكنىڭ ئاخىرىغا قىسقا ھەم دوگما ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۆلەك ھەم تېكىستتىكى مۇناسىپ تەلەپلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. قاراتمىلىق ھەم يۆلىنىشچانلىق نۇۇقتىسىدىن قارىغاندا، يەرلىك ئەدەبىي ژانېرلار ۋە مەدەنىيەت ھادىسىلىرىگە، مىللىي ئەخلاق-پەزىلەت تېمىسىدىكى ئەسەرلەرگە، ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى ۋە مىللىي ئەدەبىياتنىڭ نەزىريىۋى ئەندىزىسى ھەم تەپەككۈر يولىغا دېگەندەك ئەھمىيەت بېرىلمىگەن.
نۆۋەتتىكى دەرسلىك ئىسلاھاتىدا ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى ۋە خەلقئارالىق ئەدەبىيات نەزىريىلىرى ۋە مىللىي ئەدەبىياتنىڭ نەزىريىۋى ئەندىزىسى ھەم تەپەككۈر يولى توغرىسىدىكى بىلىم-مەلۇماتلار مەخسۇس تېما قىلىپ كىرگۈزۈلسە. يەرلىك ئەدەبىي ژانېرلار، مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئەخلاق-پەزىلەت تېمىسىدىكى تېكىستلەر كۆپەيتىلسە. تېكىست ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن نەزىريە ھەم ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى ماس قەدەمدە ئېلىپ مېڭىلسا.
3 › يەرلىكلەشتۈرىلىشى ھەم مىللىيلاشتۇرۇلىشى:
دەرسلىكتە يەرلىك ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىگە، سىرتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسەرلىرىگە ھەم ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللىي مەدەنىيەت جەھەتتىن بىر تىپتىكى مىللەتلەرنىڭ ئەسەرلىرىگە، مىللىي ئەخلاق-پەزىلەت ۋە ئۆرۈپ-ئادەت تېمىسىدىكى ئەسەرلەرگە، يەرلىك ئەدەبىي ژانېرلار ۋە مەدەنىيەت ھادىسىلىرىگە دېگەندەك ئەھمىيەت بېرىلمىگەن.
نۆۋەتتىكى دەرسلىك ئىسلاھاتىدا يەرلىك ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سىرىتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسەرلىرى ھەم ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللىي مەدەنىيەت جەھەتتىن بىر تىپتىكى مىللەتلەرنىڭ ئەسەرلىرى، مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئەخلاق-پەزىلەت، ئۆرۈپ-ئادەت تېمىسىدىكى ئەسەرلەر كۆپەيتىلسە. يەرلىك ئەدەبىي ژانېرلار قېزىلىپ تۇنۇشتۇرۇلسا.
4› تېكىست مەزمۇنىنىڭ رازى قىلىش ئەھۋالى:
بىر قىسىم مەزمۇنلار كونا، قاتمال بولۇپ، بىر قېلىپقا چۈشۈپ قالغان. ھازىرقى رېئاللىق ۋە تۇرمۇش ئەمىلىيىتىگە، رىقابەت مۇھىتىغا ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۈر ئۇسۇلىغا ماس كەلمەيدۇ. رازى قىلىش دەرىجىسى تۆۋەن.
نۆۋەتتىكى دەرسلىك ئىسلاھاتىدا ئەسەرلەرنىڭ جانلىقلىقىغا، جۇشقۇنلىقىغا، مەزمۇن چوڭقۇرلىقىغا، ھازىرقى رېئاللىق ۋە تۇرمۇش ئەمىلىيىتىگە، رىقابەت مۇھىتىغا ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۈر ئۇسۇلىغا ماس كېلىشچانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىلسە. بىرقىسىم توختام سۇدەك تۇيغۇ بېرىدىغان، مۇرەككەپ، كونا قېلىپتىكى ئەسەرلەر چىقىرىۋېتىلسە. مەسىلەن، 8-يىللىق 2-قىسىمدىكى «سۇۋادان تېرەككە مەدھىيە»، « بورانقۇش قوشىقى»، «ئاسىموۋ ئەسەرلىرىدىن ئىككى پارچە»، «خامېلېئون»، «فېدىراتىپ گېرمانىيە ھايمۇت شەھىرى شەھەر باشلىقىنىڭ قوبۇل قىلىش مۇراسىمىدىكى جاۋاب نۇتۇق»، «بېيجىڭنىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغانلىقى بايان قىلىنغان ئىككى پارچە سۆز» قاتارلىقلار. باشقا يىللىق دەرسلىكلەردىمۇ يۇقارقىدەك ئەسەرلەر شاللىۋېتىلسە.
5› قىيىن-ئاسانلىقى، ئوقۇتۇش ئەمىلىيىتىگە يېقىنلىقى:
دەرسلىكنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يىللىقنى ئاساس قىلىپ تەدرىجى يۇقىرى كۆتۈرۈلمەستىن، قىيىن-ئاسان مەزمۇنلار ھەر بىر قىسىم دەرسلىككە كىرىشتۈرۈلۈپ ئىزچىل ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 7-يىللىقتا 9-يىللىقنىڭكىدىن قىيىن ئەسەرلەر، 9-يىللىقتا 7-يىللىقنىڭكىدىن ئاسان ئەسەرلەر بار. دەرسلىك قىسمەن ھالدا شەھەرلەرتۈرۈلگەن، تورلاشتۇرۇلغان. يەنى شەھەر مۇھىتىغا ماس بولغان، توردىن ئىزدەپ ھەل قىلىدىغان مەسىلىلەرمۇ خېلى كۆپ بولۇپ، يېزا مائارىپىنىڭ ئومومىي ئەھۋالىغا ۋە يېزا مۇھىتىغا سەل قارالغان.
نۆۋەتتىكى دەرسلىك ئىسلاھاتىدا يىللىق يۇقىرىلىغانسېرى بىلىم قاتلىمى يۇقىرلاپ ماڭسا. يەنى، بىلىمنىڭ ھالقىسىمان تەرەققىياتى بىلەن زەنجىرسىمان تەرەققىياتىغا ۋە ئۇلارنىڭ ماسلىقىغا ئەھمىيەت بېرىلسە. يېزا مۇھىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەسەرلەر، ئەتىراپىمىزدىكى مۇھىتتىن ھېس قىلىدىغان مۇھاكىمە مەسىلىلىرى كۆپەيتىلىپ، شەھەر مۇھىتى ئاساس قىلىنغان تېكستلەر ھەم توردىن تاپىدىغان مۇھاكىمە مەسىلىلىرى ئازايتىلسا.
6› مەشقنىڭ لاھىلىنىش ئەھۋالى:
مەشق قوللانمىلىرىنىڭ تۈرى ۋە ھەر بىر قوللانمىدىكى مەشقنىڭ سانى كۆپ، ئۆلچەمسىز، ئۆزى مۇرەككەپ، مەزمۇنى ئاددىي، تەكرار مەزمۇنلار ۋە تەييار مەزمۇنلارنىڭ نىسبىتى يۇقىرى، تەپەككۈر يولى كونا، مەزمۇن قاتلىمى ئۇزۇن، خاتالىقلار مەۋجۇت. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەش ۋاقتىغا سەل قارالغان. شۇ سەۋەبتىن ئوقۇغۇچىلاردا تاپشۇرۇقتىن بىزار بولىدىغان، مۇستەقىل تاپشۇرۇق ئىشلەشكە رايى بارماي، بىرى ئىشلىسە قالغىنى كۆچۈرىدىغان ياكى قول ئۇچىدا خاتا ئىشلەيدىغان، ئاق قالدۇرىدىغان ئەھۋاللار ئېغىر. ھازىر يۇقىرىدىن گەرچە تولوقسىز ئەدەبىياتىدا ھەر ھەپتىدە ئۈچ تاپشۇرۇق ئىشلىنىدۇ دەپ ئۆلچەم بېكىتكەن بولسىمۇ، بىراق، ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىلىدىغان تاپشۇرۇق خارەكتېرىلىك قوللانمىلارنىڭ سانى كۆپ بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىشلەيدىغان تاپشۇرىقى تەببىئىي ھالدا كۆپىيىپ كەتكەن. ھازىر بىر قىسىم مەكتەپلەردە، يالغۇز تىل-ئەدەبىيات پېنىدىنلا دەرسلىككە يانداشتۇرۇلغان "مەشق" كىتابى ھەم ئۇنىڭ سىرىتىدا "ئۆگەن" ۋە ئۇنىڭ كىچىك دەپتىرى، يېزىقچىلىققا دائىر يازما دەپتەر بولۇپ جەمىئىي تۆت تاپشۇرۇق دەپتەر بار. ھەر ھەپتىسى تىل-ئەدەبىياتتىن ئەڭ ئاز بولغاندا ئىككى دەرس ئۆتۈلسە، دەرسلىككە يانداشتۇرۇلغان "مەشق" تىن سەككىز تاپشۇرۇق (ھەر بىر دەرستە تۆت تاپشۇرۇق نۇقتىسى بار)، "ئۆگەن" دىن بىر تاپشۇرۇق، ئۇنىڭ كىچىك دەپتىرىدىن ئىككى تاپشۇرۇق بولۇپ، جەمىئىي 11 تاپشۇرۇق چىقىدۇ. يېزىقچىلىق بۇنىڭ سىرىتىدا. 8-يىللىىق (تولوقسىز 2-يىللىق) نىڭ دەرسى ئەڭ كۆپ بولۇپ، مۇشۇنداق قاتلاممۇ قاتلام تاپشۇرۇق بېرىلىدىغان دەرسلەردىن يەنە ماتېماتىكا (ئاز ھېسابلىغاندا 10 تاپشۇرۇق)، خەنزۇ تىلى (10 تاپشۇرۇق)، فىزىكا (6 تاپشۇرۇق)، تارىخ (ئىككى تاپشۇرۇق)، جۇغراپىيە (تۆت تاپشۇرۇق)، سىياسەت (ئىككى تاپشۇرۇق)، بىئولوگىيە (تۆت تاپشۇرۇق) قاتارلىقلار بولۇپ، ھەممىسىنى ھېسابلىغاندا جەمىئىي 49 تاپشۇرۇق بولىدۇ. كۈنىگە (بەش ئوقۇش كۈنىگە) تەخمىنەن 10 دىن تاپشۇرۇق توغىرا كېلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاقتى دەرسلەرنى تەكرار قىلىش ۋە مۇستەقىل تاپشۇرۇق ئىشلەشكە يەتمەيدۇ-دە، ئۇلار دەرسلەرنى تەكرار قىلىپ، ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرمەستىن قارىسىغا تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغان، قول ئۇچىدىلا ئىشلەيدىغان، بىر-بىرىدىغان كۆچۈرىدىغان، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە مەسۇل بولمايدىغان ناچار خارەكتېرىنى يېتىلدۈرىۋالىدۇ. بۇ نۆۋەتتىكى مائارىپىمىز سۈپىتىنىڭ كۈنسېرى تۆۋەنلەپ كېتىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر.
نۆۋەتتىكى دەرسلىك ئىسلاھاتىدا تاپشۇرۇق قوللانمىلىرىنىڭ سانى ئىككى (يۇقىرىدىن بىر تۇتاش تارقىتىدىغان ھەم يازمىچە يېزىقچىلىق ئىشلەيدىغان) خىل بىلەن چەكلەنسە، مەشقنىڭ ئۆزى ئاددىي، مەزمۇنى چوڭقۇر ھەم قىسقا، سانى مۇۋاپىق، تەپەككۈرگە يېتەكلەشچانلىقى كۈچلۈك، جانلىق، تۇرمۇشقا يېقىن قىلىپ ئورۇنلاشتۇرسا. مەشق قوللانمىلىرىنى تۈزۈشكە كەسپ ئەھلى بولغانلار قاتناشسا. ئۆگەننىڭ كىچىك دەپتىرىدىكى "ئاخىرقى دەرس" تېكىستىگە بېرىلگەن مەشقتىكىدەك فىرانسىيەدىكى ئالساس ئامېركىدىكى ئالياسكىغا ئۆزگۈرۈپ قالمىسا.
7› ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگۈنىشچانلىقىغا مۇۋاپىق كېلىشچانلىقى:
دەرسلىكتە شۇنچىۋالا كۆپ تېكىست بولىشىغا قارىماي، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن زۆرۈر بولغان يېتەكلىمە مەزمۇن ۋە ھەل قىلىش نۇقتىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان. زۆرۈر نەزىريىۋى مەلۇمات ۋە ئۇيغۇر تىلى قائىدە ھەم مىساللىرى يوقنىڭ ئورنىدا. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىكتىكى مەسىلىلەرنى ئۆزلىكىىدىن ھەل قىلىشىغا ئېغىر توسالغۇ كەلتۈرىۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.
نۆۋەتتىكى دەرسلىك ئىسلاھاتىدا ھەر بىر بۆلەك ۋە ھەر بىر دەرسكە ماس بولغان يېتەكلىمە مەزمۇن ۋە ھەل قىلىش نۇقتىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىكىىدىن ئۆەۈنىش ھەم ئادلىن ئىزدىنىشىگە يول ئاچسا. دەرسلىكنىڭ رەڭدارلىقى ئاشۇرۇلسا.
8› ئوقۇتۇش بايلىقىنى تولوقلاش جەھەتتە:
ھازىر بىزگە يۇقىردىن يەتكۈزۈلگەن دەرس بايلىقىنىڭ نامى ئۇلۇغ، سۇپۇرىسى قۇرۇق. يەنى، يۇقىردىن مەكتەپلەرگە 350-400 يۈەنگىچە پۇل خەجلىتىپ مەجبۇرىي ھالدا ئوقۇتۇش دەرسلىك يۇمشاق دېتالى ساتسىمۇ، ئۇنىڭدا كارغا كەلگۈدەك مەزمۇنلارنىڭ تايىنى يوق. ھەتتا بەزى دەرسلىككە ئىشلەنگەن ppt ھۆججىتىدە دەرسنىڭ ماۋزوسىدىن باشقا ھېچنىمە يوق. ئۇنىڭدا يەنە يەرلىكتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقات ۋەزىپىسى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈزۈپ يوللىغان دەرسلىرىنى كىرگۈزۈپ پۇلغا سېتىش، تۈزىگۈچىسىنىڭ نامىنى ئەسكەرتىمەسلىك، ھەق بەرمەسلىك ئەھۋالى بار. ئوقۇتۇش نەتىجىسىگە ھەق بەرمەسلىك، كىم ئوقۇتۇش خىزمىتىدە يېڭىلىق ياراتسا، ئىسلاھاتچانلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرلىسە شۇ يېنىدىن پۇل خەجلەپ باھالاشقا قاتناشتۇرۇپ ئىقتىسادىي بەدەل تۆلەش، ئىگە بولىدىغان ئورۇن چىقماسلىق ئېغىر.
بۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كومپىيۇتېردا مۇستەقىل دەرس تۈزۈپ، پىرىنتېردا بېسىپ ئۆتۈشىگە ھەم تۈزىگەن ئېلېكتىرونلۇق دەرسلەرنى رايونلار ئارا ئالماشتۇرۇپ پايدىلىنىشىغا يول قويۇپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى چىڭ تۇتسا. ئاپتونوم رايون بويىچە سەرخىل دەرسلىك تۈزۈش دولقۇنىنى قوزغاپ، بىرلىككە كەلگەن دەرسلىك سېستىمىسىنى بارلىققا كەلتۈرسە ھەم مەخسۇس تۈر تۇرغۇزۇپ، مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، تۆۋەندىن ئادەم چاقىرسا. ئوقۇتۇش سۈپىتىگە بولغان مالىيە سېلىنمىسىنى كۆپەيتسە ھەم ئىشلىتىش يولىنى ئەمىللەشتۈرسە.
9› ئوقۇتقۇچىلارنى ئۈزلۈكسىز مائارىپ بويىچە تەربىيلەش جەھەتتە:
ھازىر ھەر دەرىجىلىك ئۈزلۈكسىز مائارىپ كۇرۇسلىرىدا سۆزلىنىۋاتقان مەزمۇنلار بىر قېلىپتا، كونا، قاتمال، ئوقۇتۇش ئەمىلىيىتىگە ماس كەلمەيدۇ. 10 يىل ئىلگىركى مەزمۇنلار شۇ پېتى سۆزلىنىدۇ. سۆزلىگۈچى يېڭىلانسىمۇ مەزمۇن يېڭىلانمايدۇ.
بۇنىڭدىن كېيىن كونا قېلىپتىكى تەربىيلەش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇر تىلى، ئىستىلىستىكا، ئەدەبىيات نەزىريىسى ھەم مىللىي ئەدەبىي ژانېرلار، ئەدەبىي تەپەكۈر ئەندىزىلىرى، ئەدەبىي زوق، ئۇچۇر توپلاش، يېڭىچە ئەدەبىي تەھلىل ئۇسۇللىرى قاتارلىق جەھەتتىن تەربىيلەشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك تەربىيلەش پائالىيەتلىرىنىڭ رەڭدارلىقى ھەم جەلىپكارلىقىنى ئاشۇرسا. ئوقۇتقۇچىلارنى تتەربىيلەش كۇرۇسلىرىغا ھازىرقىدەك تۈرلۈك چارىلەر ئارقىلىىق ماڭدۇرماستىن، ئۇلار ئۆزلىكىدىن تالىشىپ بارىدىغان ۋەزىيەتنى قولغا كەلتۈرسە. بۇرۇنقىدەك ھەممە ئەسەرلەرنى، مەيلى ئۇ بەددىي ئەسەر بولسۇن-بولمىسۇن بەددىيلىكىنى تەھلىل قىلىدىغان، تارىخىي ئەسەر بولمىسىمۇ مەجبۇرىي تارىخىي شارائىتىنى ئېنىقلايدىغان، چۈشەندۈرۈش ئەسەرلىرىگىمۇ ئىدىيۋى مەزمۇن چىقىرىدىغان؛ بارلىق ئىنسان پىسخىكىسى ۋە قىممەت قارىشىغا ئورتاق بولغان شەخسىيەتچىلىك، مال-دۇنياغا ھەۋەس قىلىشتەك مەسىلىلەرنى ئاتالمىش «كونا جەمىئىيەت» كە ۋە «بۇرژۇازىيە» گە، «كاپىتالىزم تۈزۈمى» گە دۆڭگەپ قويىدىغان ئادەتنى ئۆزگەرتىپ، ئوبېكتىپ مەسىلىنى ئوبېكتىپ مەۋقەدە تەھلىل قىلىدىغان ۋەزىيەتنى يارىتىشقا كۈچ ئىجتىمائىي مۇھىت ياراتسا.
مەنبە: قەلىمىم
|