جۇدې ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ‹‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى››دا
( گۇباۋزى )
گۈلجەننەت ئىسمايىل تەرجىمىسى
جۇدې كاڭ كېچىڭنىڭ تېلىفۇنى ئېلىپ ،يۈيچۈەنشەندىن جۇڭنەنخەيگە قايتتى ، كىشىنىڭ كۆزىگە قادىلىپ تۇردىغان شوئارغا قاراپ ، جۇدې سوغۇققىنا كۈلۈپ قويدى
1967-يىل فىۋرال ،جۇدې بېيجىڭ يۈيچۈەنشەندە تۇراتتى .
<<مەدەنىيەت ئىنقىلابى >> باشلانغاندىن تارتىپ ،ئۇ شەھەر ئەتراپىدىكى داچىدا تۇرۇۋاتاتتى .ئۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاش جۇڭنەنخەيدىكى ئىشلارنى ئانچە سۈرۈشتە قىلىپ كەتمەيتتى ، يىغىن سىرتتىدىكى ئىشلارنى تېخىمۇ سۈرۈشتە قىلمايتتى.ئۇ ھەريىلى نۇرغۇن قېتىم ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ ، ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلايتتى .بىراق مەركەزنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يادرولۇق مەخپىيەتلىكلەردىن بىلدىغىنى ئىنتايىن ئاز بولۇپ ، ئۇبۇنى سۈرۈشتۈرۈپمۇ يۈرمەيتتى ،سۆزلەپمۇ يۈرمەيتتى .
ئەمما پىشقەدەم مارشالنىڭ كۆڭلى بىركۈنمۇ ئارام تاپمايتتى .قالايمىقان ۋەزىيەت ئالدىدا ئۇ گاڭگىراش ئىچىدە قالغانىدى ...
ئۇ چۈشەنمەيتتى ! پارتىيە ئىچىدىكى كۈرەشتە نىمە ئۈچۈن << يوقىتىش >>دىگەن سۆز ئىشلىتىلدىغانلىقىنى چۈشەنمەيتتى .كۆپ قېتىم بۇخىل بۇخىل چۈشەنمەسلىكنى ھەرخىل يىغىنلاردا ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە جاھىللىق بىلەن بۇ قاراشنى مەركەز چاقىرغان يىغىندىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى .
_بۇ قېتىمقى ھەركەتتە مېنىڭچە بىز ئىشلەپ چىقىرىشنى بوشاشتۇرۋەتسەك بولمايدۇ، سانائەت ،يىزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى كەڭ كۆلەمدە ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك ...ھازىر ئامما قوزغالدى ، چوڭ ئالاقە باغلاش ئېلىپ بېرىلۋاتىدۇ ، مەن قالايمىقانچلىق چىقىشىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن ، بولۇپمۇ ئىشلەپچىقىرىشتا قالايمىقانچىلىق چىقىشىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن .
_ھازىر بىر مەسىلە بار ، ئۇمۇ ،بۇمۇ ھەممىسى ئەكسىلئىنقىلاپچى قىلىپ قويۇلۋاتىدۇ ،ئۇلارنىڭ بېشىغا قالپاق كيدۈرۈپ قويۇلسا ، ئىمكانىيەت قالدۇرۇلمىسا خاتالىقنى قانداق تۈزىتەلىسۇن ؟ ئەكسىلئىنقىلاپچى قىلىپ قويۇلسا ، ئۇلارغا ماڭدىغانغا يول قالمايدۇ ...بۇ مەسىلىنى ئامال قىلىپ ھەل قىلىش كېرەك ...
بىراق، ئۇزۇن ئۆتمەي ، لىن بىياۋ ، چىن بودا قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئەقىل كۆرسىتىشى بىلەن مەركەز <<مەدەنىيەت ئىنقىلابى گۇرپىسى>>نىڭ ئەزاسى چى بېنيۈينىڭ قوماندانلىقىدا ، جۇدىنى يوقىتايلى ، دىگەن چوڭ خەتلىك گىززىت تۇنجى قېتىم چاپلاندى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا <<چوڭ مىللىتارىست ،چوڭ قارانىيەتچى ، قارا قوماندان جۇدېنى جۇڭنەنخەيدىن قوغلاپ چىقىرايلى ،تەنقىت قىلىپ ئاغدۇرۋېتەيلى ،تەنقىت قىلىپ سېستىۋېتەيلى ،>> دېگەن شوئار ، لوزۇنكىلار بىيجىڭنىڭ كوچىلىردا تولۇپ كەتتى .
داۋامى بار .......... ئەدەبىي تەرجىمىلەردىن ئېلىندى
ئەسكەرتىش : باغداشقا خاس . كۆچۈرمەڭ
|