قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1655|ئىنكاس: 15

مېنىڭ ئىنىم دوكتۇر ئابدۇرېھىم تۇرسۇن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

3

دوست

1715

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   71.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6940
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 313
تۆھپە : 314
توردىكى ۋاقتى: 94
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-9 21:48:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مېنىڭ ئىنىم دوكتۇر ئابدۇرېھىم تۇرسۇن
نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)


مۇقەددىمە

         ھازىرغىچە، مەن مىللىتىمنىڭ ئۆتمۈش مۇساپىلىرى، جاپالىق ۋە پاجىئەلىك  ،ئەمما شەرەپلىك تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ، مىللەتنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەرنىڭ  ماھىيىتىنى يورۇتۇش ئارقىلىق دەۋرداشلىرىمنىڭ ئاچچىق كەچمىشلەردىن ئىبرەت ، شانلىق  مۇساپىلەردىن غورۇرلىنىپ روھى ئوزۇق ئېلىشى يولىدا قەلەم تەۋرىتىپ كېلىۋاتاتتىم. بۇ  جەرياندا قانچىلىغان تارىخىي ئەربابلارنىڭ ھايات مۇساپىلىرى ھەققىدە ئىزدەندىم ۋە  ئۇلار ھەققىدە يازدىم.
       دائىم تارىخىي ۋە مەۋجۇت شەخسلەرگە ئىككى خىل نۇقتىدىن قاراشقا  ئەھمىيەت بەرگەن ئىدىم.شۇڭا دۇنيا ۋە ئۇيغۇر تارىخىدىكى كىملەرنىڭ كىملەرگە  خائىنلىق قىلغانلىقى،كىملەرنىڭ كىملەرنى بوزەك قىلغانلىقى، كىملەرنىڭ كىملەر ئۈچۈن  قەھرىمان، كىملەر ئۈچۈن رەقىب ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى توغرا ئايرىپ چىقىشقا  ئىنتىلگەن ئىدىم. تارىخ كەسپى ئوقۇغان كىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆتمۈشنى يېزىش ۋە  تەتقىق قىلىش مېنىڭ بۇرچۇم ھەم كۈندىلىك ھايات خوشاللىقلىرىمنىڭ  بىرىدۇر.
        ئىلگىرى مەن ئەنە شۇ ئۆتمۈش ۋە باشقىلار ھەققىدە يازغان بولسام، مانا  ئەمدى ئۆز قېرىندىشىم، قەدىرلىك ئىنىم ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىش قارارىغا كەلدىم. بەلكى ، ئىنىم قەلەم تەۋرىتىشكە لايىق ۋە مۇناسىپ بولمىغان بولسا، بەلكى  باشقىلارنىڭ سۆيگۈسىگە ئەمەس، نەپرىتىگە قالغان شەخس بولغان بولسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن  قەلىمىمنى زايا قىلمىغان بولار ئىدىم.
        مەن، بۈگۈن يازماقچى بولغان كىشى ، مېنىڭ ئىنىم، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ  ئاددىي بىر زىيالىسى، مەرھۇم دوكتور ئابدۇرېھىم تۇرسۇندۇر .ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىق  خەۋىرىنى ئاڭلاپ، قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ ماڭا ۋە ئائىلىمىزگە ئۆز تەزىيىسىنى  بىلدۈرگەنلىكىنى ساناپ بولالمايمەن، قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ بىز بىلەن تەڭ  ئېچىنغانلىقىنى ئېيتىپ بولالمايمەن، ئۇنىڭ بىلەن دوست بولغان، ئۇنىڭ بىلەن  سۆھبەتداش بولغان ئۇنىڭ كونا دوستلىرىنىڭ بىز بىلەن تەڭ قايغۇرغانلىقى ۋە ئۇنىڭ  ھەققىدە ئېيتقان ياخشى سۆزلىرى ھەم ياخشى تەسىراتلىرى مېنىڭ ئىنىمغا بولغان  ھۆرمىتىمنى تېخىمۇ ئاشۇردى شۇنىڭدەك ئەشۇ ئۈرۈمچى ۋە باشقا شەھەرلەردىكى ئىنىم  ئۈچۈن تەڭ قايغۇرۇپ، قوللىرىنى دۇئاغا كۆتۈرگەن كىشىلەرگە ، مېنىڭ ۋە ئىنىمنىڭ  قەلبداش زىيالىي دوستلرىمىزغا غايىۋانە رەھمىتىمنى بىلدۈرۈش ئىستىكىمنى ئاشۇردى. مەن دادامدىن ئۆزىنىڭ يېقىن دوستلىرىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر رەسسامى غازى ئەمەت  باشلىق بىر قىسىم پېشقەدەم ۋە ياش زىيالىيلارنىڭ باشتىن ئاخىرى دادامنىڭ يېنىدا  تۇرۇپ، بۇ مۇسىبەتتە بىرگە بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئەشۇ پېشقەدەم زاتلىرىمىزغا ۋە  دوستلىرىمىزغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتقۇم كەلدى !
        ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا تۇنجى قېتىم پەلسەپە  پەنلىرى دوكتورۇلۇق ( Ph.D) ئۇنۋانىغا سازاۋەر بولغان، مەخسۇس دەسلەپكى ئوتتۇرا  ئەسىرلەر بۇددىزم ئۇيغۇر پەلسەپىۋى پىكىرلىرى مەسىلىلىرىنى ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات  تېمىسى قىلغان تۇنجى ئۇيغۇر پەلسەپە دوكتورى ئابدۇرېھىم تۇرسۇن 2013-يىلى، 7-ئاينىڭ 7-كۈنى كېچىدە تۇيۇقسىز قوزغالغان كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئۆزىنىڭ ئاتا يۇرتى  پەيزىۋات دىيارىدىكى دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي،يۇرىكى توختاپ ، 40 ياشلىق  ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 8-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە يەرلىكىگە  قويۇلدى.
         مەن ئىنىمنىڭ ۋاپاتىدىن 45 كۈن ئىلگىرى ئىنىمدىن ئانامنىڭ ۋاپاتى  ھەققىدە خەۋەر تېپىپ، تەكلىماكاندىن تولىمۇ يىراق ئاتلانتىك ئوكيان قىرغىقىدىكى  ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ۋىرگىنىيە شتاتىدىكى ئۆيۈمدە ھەسرەتلىك ياش تۆككەن،  ئانامنىڭ يۈزىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغانلىقىم ئىنتايىن ئازابلانغان ئىدىم. مەرھۇم ئانامنىڭ روھىغا دۇئا قىلىپ يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ 45 -كۈنىدە ئىنىمنىڭ  تۇيۇقسىز ۋاپاتىدىن خەۋەر تېپىپ، ماڭا ئازاپ ئۈستىگە ئازاب قوشۇلدى. بەلكى بۇ  ھېسسىياتنى ھەر قانداق بىر كىشى، قانداق مىللەت، قانداق ئېتىقادتا بولۇشتىن قەتئىي  نەزەر چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ، بىراق سەبىردىن ئىبارەت قۇدرەتلىك روھ مېنى ئۆزۈمنى چىڭ  تۇتۇشقا كۈچ ئاتا قىلدى. ئاللاھدىن ئىنسانلارغا، بارلىق ئائىلىلەرگە خاتىرجەملىك،  مېھرىبانلىق، ئۆزئارا بىر-بىرىنى قەدىرلەش ۋە سۆيۈش تىلەيمەن !
          ئىنىم ياش كەتتى ! ئىنىمنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە نېمە ھېسسىياتتا  بولغانلىقى ۋە تۇيۇقسىز كېسەل قوزغىلىپ، دوختۇرخانىغا كىرىپ قېلىپ، مەلۇم  سائەتلەرگىچە قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈم بەرمەي، ئاخىرقى نەپسىگىچە جان تالىشىش جەريانىدا  ماڭا، قېرىنداشلىرىغا ۋە دوستلىرىغا نېمىلەرنى دېيىشنى ئويلىغانلىقى نامەلۇم. ئىشىنىمەنكى، ئۇنىڭدا ئاچچىق ھەسرەت ۋە كۆڭلىگە پۈككەن نىشانلىرىنى ئەمەلگە  ئاشۇرالمىغانلىقىدىن چوڭقۇر ئېچىنىش بولغانلىقى شۈبھىسىز ! ئەلۋەتتە، دوكتور  ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ ئۆزىگە لايىق ئىشتىن مەھرۇم ھالدا، ئىشسىزلار سېپىگە قوشۇلۇپ،  ئاخىرى ئۆزى مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەش يولىغا مېڭىشى،ئاخىرىدا تىكلىگەن كىچىككىنە  ئىگىلىكىنىڭ مېۋىسىنىمۇ كۆرەلمەي ھاياتتىن خوشلىشىشى مېنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ  پىكىرداش دوستلىرىنىمۇ قاتتىق ئېچىندۇرۇشى تەبىئىي. « مىسرانىم» تورىغا كۆز  يۈگۈرتكىنىمدە كۆرۈنەرلىك ئۇيغۇر مۇتەخەسىسى، ئابدۇرېھىم تۇرسۇن بىلەن كۆپ پىكىرداش  بولغان بوزقىر ئەپەندىنىڭ ئۇنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن يازغان تەزىيە يازمىسىدا  ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن چىققان تۇنجى ئۇيغۇر پەلسەپە دوكتورىنىڭ ئۆز كەسپىدىن  يىراق تۇرمۇش يولى بىلەن شۇغۇللىنىپ،ئاخىرىدا يەر تېرىيدىغان كىشىگە  ئايلانغانلىقىدىن، ئەڭ ئاخىرىدا بولسا، ھاياتتىن ۋاقىتسىز خۇشلاشقانلىقىدىن قاتتىق  ئېچىنغانلىقىنى ئىپادە قىلغان ئىدى. ئاقسۇ زىيالىيلىرىدىن، تونۇلغان تارىخچى خوجا  نىياز ئەپەندىمۇ ئۆز تەزىيىسىدە چوڭقۇر ئېچىنىش ۋە ئاقسۇ زىيالىيلىرىنىڭ تەزىيىسىنى  ئىپادە قىلدى. يازما ۋە پائالىيەتلىرىدىن يىراقنى كۆرەر، قابىل ياش زىيالىي  ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرغان مارشال ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ قاتتىق ئېچىنىشىنى  يوشۇرالمىغانلىقى ھەم ئابدۇرېھىم تۇرسۇنغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىنى ئۆز تەزىيە  يازمىسىدا ئىپادە قىلغان ئىدى.
         ئابدۇرېھىم تۇرسۇن پەلسەپە بويىچە « Ph.D» ، يەنى دوكتورلۇق  ئۇنۋانىنى قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئىلمىي دىسسېرتاتسىيە ياقىلاپ، 2002-يىلى ئالغان بولۇپ، ئۇنى قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى،  پروفېسسور، پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى، « قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىلىم-پەن  ئەربابى» نامىغا سازاۋەر بولغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى ئەزىز نارىنبايېف مەخسۇس  تەربىيىلىگەن ئىدى. ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ، سابىق قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئەسقەر  ئاقايېف قاتارلىق قىرغىز خەلقىنىڭ كۆپلىگەن سىياسىي ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى،  ئاكادېمىكلىرى، پروفېسسورلىرىغا پەلسەپە دەرسى بەرگەن، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ  تۇنجى پەلسەپە پروفېسسورلىرىدىن بىرى ھېسابلانغان ئەزىز ئەيساجان ئوغلى  نارىنبايېفنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن تەربىيىلىگەن بىردىنبىر شاگىرتى  ئىدى.
        ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتى ، ئۇنىڭ ئائىلىسى ،  قېرىنداشلىرى ، دوستلىرى، جۈملىدىن ئىلىم-پەننى ۋە ئۆز مىللىتىنى سۆيگەن كىشىلەرنى  قەدىرلەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن زور قايغۇدۇر. ئۇنىڭ ئەكسىچىلەر ئۈچۈن بەرىبىر خالاس!  . بىراق، « مىسرانىم» تورىدىكى تەزىيە ئىنكاسلىرىدىن قارىغاندا شۇنداق چۈشەنچىگە  كەلدىمكى، ئىززەت -ھۆرمىتى ۋە غورۇرىنى ساقلاپ، باشقىلارنىڭ يىغىسى، نەپرىتى ۋە  ھەجۋىسىگە قالمىغان، ئىنسانلىق ئالىمى ۋە ئۆز قوۋىمى ئۈچۈن ئازاپلىنىشنى بىلگەن  كىشىلەر، جۈملىدىن ھەقىقىي زىيالىي ھامان خەلق تەرىپىدىن سۆيىلىدۇ، ھازىر  ئاق-قارىنى پەرق ئەتكەن، قەدىرلەشنى ۋە نەپرەتلىنىشنى بىلگەنلەرنىڭ سانى پەرىزىمدىن  زور دەرىجىدە كۆپەيگەندەك كۆرۈنىدۇ.
       ئابدۇرېھىم تۇرسۇن مول ئىجتىمائىي-پەلسەپىۋى قاراشلار ۋە جاپالىق  ئەمگەك مۇساپىلىرى بىلەن تولغان ھاياتىنىڭ يەكۈنلىرى سۈپىتىدە يېڭى تەتقىقات  پىلانلىرىنى تۈزۈپ، ئۇيغۇر-ئوتتۇرا ئاسىيا پەلسەپە تارىخى بويىچە يېڭى-يېڭى  نەتىجىلەرنى مەيدانغا چىقىرىش غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتقاندا  ۋاقىتسىز ئەجەل ئۇنى ئۆز قوينىغا ئالدى. بەلكى ، ئىنىمنىڭ 40 يېشىدىن كېيىنكى  ھاياتىدا ھەقىقىي پەلسەپە ئەسەرلىرى، جاپالىق ھايات مۇساپىلىرىدىن يەكۈنلىگەن  پەلسەپىۋى خۇلاسىلار يورۇقلۇققا چىقار ئىدى ! دېمەك، ئۇنىڭ يېزىپ ، ئېلان قىلىشقا  ئۈلگۈرمىگەن ھەم بۇرۇن رۇس تىلىدا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە،  جۈملىدىن ئۇنىڭ دوستلىرىغا سۇنۇش ۋەزىپىسى ئاللاھ ماڭا يۈكلىگەن بولسا كېرەك،  ئىنشائاللا ، پات ئارىدا ئۇنىڭ رۇس تىلىدىكى كىتابىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى قەدىرلىك  ئوقۇرمەن دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلغاي !

     ئىلمىي ھايات مۇساپىسى

   ئابدۇرېھىم تۇرسۇن، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىپپەت- نومۇسىنى ساقلاش  يولىدىكى باتۇرلۇقلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بولغان « يەتتە قىزلىرىم» نى ، رەھمەتۇللابەك  ۋە ئەسمەتۇللابەك ، سېيىت نوچىدەك مەرت ئوغلانلارنى ، موللا شاكىر، ئابدۇكېرىم  ئابباسوپ، سېيىت ئابباس ، ئارتۇق ئابباس ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇللا روزى  قاتارلىق مىللەتپەرۋەر زىيالىي -ئوغلانلارنى پاك ھاۋاسى ۋە زەمزەم كەبى سۇلىرى  بىلەن سۇغارغان قەدىمىي ھەم قەھرىمان يۇرت ئۇچتۇرپان شەھىرىدە زىيالىي ئائىلىسىدە  تۇغۇلۇپ، شۇ يەردە چوڭ بولغان ئىدى.
         ئۇ، ئىلگىرى -كېيىن ئۇچتۇرپان ، ئاقسۇ ۋە ئۈرۈمچىدە باشلانغۇچ،  ئوتتۇرا، تېخنىكوم ۋە ئالى مائارىپ تەربىيىسى ئالغان. ئابدۇرېھىمنىڭ دەسلەپكى  ئۆگىنىش ھاياتى ئاساسلىقى ئۆزلىكىدىن ئىزدىنىش ۋە ئۆگىنىش بىلەن ئۆتكەن. 1997-يىلى  قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەلسەپە ۋە قانۇنشۇناسلىق  ئىنستىتۇتىغا ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن رەسمىي يۇقىرى ئاكادېمىيىلىك  مائارىپ تەربىيىسى ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان.
       ئابدۇرېھىم تۇرسۇن بۇ يەردە ئاكادېمىك ئەزىز نارىنبايېفنىڭ  يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلىقلىرىنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرى ھەم  ئۇنىڭ تارىخى توغرىسىدا سىستېمىلىق ئۆگەندى ھەمدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ  باردى.
       ئابدۇرېھىم تۇرسۇن دەسلەپتە ئىككى يىللىق خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە  تەرجىمانلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن ۋە چەتئەل تىللىرىدىن ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىشكە  كىرىشىپ، ئىنگلىز تىلىدا بىر قانچە دەرسلىك كىتابلىرىنى تۈگىتىپ، ئوتتۇرا سەۋىيىگە  يەتكەن ھەم بۇ جەرياندا رۇس تىلى ئۆگىنىشنىمۇ باشلىغان ئىدى.
بۇ جەرياندا ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرىغىمۇ قىزىقىپ، بەزى ئەسەرلەرنى  تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان. ئۇ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىلىم-مەرىپەتكە بېرىلگەن  ئۈمىدۋار ياش ئىدى.
            ئۇ، قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنىش  بىلەن تەڭ ئالدى بىلەن پۈتۈن دىققىتىنى رۇس تىلى سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇشقا قارىتىپ،  قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن دەرسلەرنى رۇس تىلىدا ئاڭلاش ، رۇس تىلىدا ئىلمىي پىكىر  بايان قىلىش ھەم يېزىش سەۋىيىسىگە يەتتى.
          مەلۇمكى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى، مەدەنىيىتى،  تىلى، ئەدەبىياتى، فولكلورى ۋە پەلسەپىۋى پىكىرلىرى مەسىلىلىرى تەتقىقاتى ساھەسىدە  دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى مەملىكەت بولۇش سۈپىتى بىلەن موسكۋا،  سانكىتپېتېربۇرگ ( لېنىنگراد)، قازان، كىيېۋ، تاشكەنت، فرۇنزې ( بىشكەك)، ئالمۇتا  ۋە باشقا شەھەرلەردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ھەم پەنلەر ئاكادېمىيىلىرىدە زور مىقداردىكى  تۈرلۈك ماتېرىيال زاپاسلىرى بار ئىدى. قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىمۇ كۈچلۈك  ئالىملار قوشۇنى ۋە مول ماتېرىياللار مەنبەسىگە ئىگە بولۇپ، مۇنداق ئىمكانىيەتلەر  ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ مەزكۇر ئاكادېمىيىدە مول ۋە ئەتراپلىق بىلىم ئېلىشىغا ئاساس  ياراتتى. ئەلۋەتتە، رۇس تىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە كېيىنكى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ  ئىلىم-پەن تىلىغا ئايلانغانلىقى سەۋەبىدىن ھەر مىللەت ئالىملىرى ئۆز ئىلمىي  تەتقىقات ئەسەرلىرىنى رۇس تىلىدا يېزىپ نەشىر قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر تىلنى  ياخشى بىلمەي تۇرۇپ، ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ھەم ئالىملار قوشۇنىغا قوشۇلۇش مۇمكىن  ئەمەس ئىدى. ئۇستازى ئەزىز نارىنبايېف ئابدۇرېھىم تۇرسۇنغا رۇس تىلى جەھەتتىن  قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۇنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقىرى سەۋىيىگە يېتىشىنى تەلەپ  قىلدى. ئۇ، كېچە-كۈندۈز ھارماي -تالماي ئۆگىنىش ئارقىلىق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە رۇس  تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ، قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى، قىرغىزىستان دۆلەت  ئۇنىۋېرسىتېتى، دۆلەتلىك كۈتۈپخانا ۋە باشقا جايلاردىكى كۈتۈپخانىلاردىكى  مەنبەلەردىن ئەركىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى.
         ئەلۋەتتە، چار رۇسىيە ۋە كېيىنكى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ، جۈملىدىن  ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخى،  مەدەنىيىتى، ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ  ئىجتىمائىي-پەلسەپىۋى ئىدىيىلىرى ئۈستىدە ئۇزۇن مەزگىل تەتقىقاتلار ئېلىپ  بېرىلغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر ساھەگە ئائىت ئەسەرلەرمۇ ناھايىتى كۆپ ئىدى. رۇس  تىلىدىكى مەزكۇر مول ماتېرىياللار مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد  ئىمىننىڭ پەلسەپە تەتقىقاتلىرىدا ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ فارابى، برۇنى، خارەزمى ۋە باشقا  كىلاسسىكلارنىڭ پەلسەپىۋى قاراشلىرىنى تەتقىق قىلىشىدا ئالاھىدە مۇھىم رول ئوينىغان  بولۇپ، 1980-1990-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر ئاپتورلىرى تەرىپىدىن مەيدانغا  كەلتۈرۈلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا پەلسەپىۋى ئىدىيىلەر تارىخىغا  ئائىت ئىلمىي ئەمگەكلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئەنە شۇ رۇس تىلىدىكى ماتېرىياللار  ئاچقۇچلۇق مەنبەلىك رولىنى ئوينىغان ئىدى.
        گەرچە، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن، ئىمىن تۇرسۇن،  ئامانۇللا ، يۈسۈپجان ئىسلامى، زارىپ دولات، ئىسلامجان شىرىپ، ئابدۇكېرىم راخمان، ،  غەيرەتجان ئوسمان، ، ئابدۇقادىر جالالىدىن ، يار مۇھەممەد تايىر ، پەرھات تۇرسۇن،  يالقۇن روزى ۋە باشقا ئۇيغۇر ئىجتىمائىي- پەلسەپەۋى مەسىلىلىرى ، كلاسسىك  ئەدەبىياتتىكى پەلسەپىۋى، ئىجتىمائىي ھەم مەدەنىيەت قاراشلىرى بويىچە ئىلمىي ئەسەر  يازغان مۇتەخەسسىسلەر سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولمىسىمۇ، بىراق  ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ ئېرىشكە ئەنە شۇ رۇس ، ئۆزبېك، تۈرك ، خەنزۇ تىللىرىدىكى  ماتېرىياللار ئاساسىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇر پەلسەپىۋى ئىدىيىلىرى ھەم بىلىش  تەرەققىيات ھەققىدە ئىزدىنىپ بىر قىسىم ئەسەرلەرنى يورۇققا چىقىرىپ، كىشىلەرنى  مەزكۇر ساھە بويىچە دەسلەپكى چۈشەنچىلەرگە ئىگە قىلغان بولسا، ئابدۇرېھىم تۇرسۇن  ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ، بىۋاسىتە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ  چىققان جۇمھۇرىيەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىلىرىنىڭ بىرى بولغان قىرغىزىستان پەنلەر  ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاسپىرانتى سۈپىتىدە بىۋاسىتە مەزكۇر مول ماتېرىياللار دۆۋىسى  ئىچىدە 6 يىل ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈشكە ھەمدە سىستېمىلىق ۋە ئاكادېمىيىلىك تۈردە  پەلسەپەشۇناسلىق كەسپىنى ئىگىلەپ، بۇ ساھەدە ئالىي ئۇنۋان ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولغان  ئىدى.
       1924-يىلى، قىرغىزىستاننىڭ قاراقول شەھىرىدە تۇغۇلغان ، ئەسلى كېلىپ  چىقىشق ئاقسۇ دىييارىلىق ، ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىنىڭ 4 يىللىق قانلىق جەڭ  مەيدانلىرىدىن ساق چىققان ، ئۆزىگە ۋە ئوقۇغۇچىلىرىغا يۈز خاتىرەسىز قاتتىق  تەلەپچان پېشقەدەم ئاكادېمىك ئەزىز نارىنبايېف ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ ئۇيغۇر، رۇس ،  خەنزۇ، ئىنگلىز، ئۆزبېك، قىرغىز، تۈرك قاتارلىق تىللارنى ئۆز تەتقىقاتى ئۈچۈن  ئىشلىتەلەيدىغان ئالاھىدىلىكى ھەم تىرىشچانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئۇنى چىڭ تۇتۇپ  تەربىيىلەش قارارىغا كەلگەن شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا مەيلى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە كېيىنكى  مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەر ۋە ياكى جۇڭگو ھەم باشقا مەملىكەتلەردە تېخى سىستېمىلىق  تەتقىق قىلىنمىغان دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر پەلسەپىۋى پىكىرلىرى، بولۇپمۇ  ئۇيغۇر بۇددىزم پەلسەپىۋى پىكىرلىرى مەسىلىلىرىنى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر قاتارلىق ئوتتۇرا  ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ تارىخىي پەلسەپىۋى قاراشلىرىنىڭ ئۇزارا مۇناسىۋەتلىرى ،  باغلىنىشلىرى،تەسىرلىرى ھەم بىر-بىرىدىن پەرقلىق تەرەپلىرى ئۈستىدە تەتقىقات قىلىش  ۋەزىپىسى يۈكلىگەن ئىدى.
       ھەقىقەتەن، دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ،جۈملىدىن بىر پۈتۈن ئۇيغۇر  ئىجتىمائىي-پەلسەپىۋى پىكىرلەر تارىخى 1990-2000-يىللاردا دۇنيادا تېخى ئەتراپلىق  ۋە سىستېمىلىق تەتقىق قىلىنمىغان ساھە بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئومۇمىي ئوتتۇرا  ئاسىياشۇناسلىق ئىلمىنىڭ جۇڭگودا ئاجىز بولۇشى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا  پەلسەپىۋى ئىدىيىلەر تەتقىقاتى تېخىمۇ ئاجىز ھېسابلىناتتى. 1980-1990-يىللاردا  جۇڭگودا ئوتتۇرا ئاسىيا-ئۇيغۇر پەلسەپىۋى ئىدىيىلەر تارىخى مەسىلىلىرى ئاساسەن  ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىندى. خەنزۇ ئالىملار ئىچىدە پەقەت بىر  قانچە نەپەر « قۇتاتقۇ بىلىك» نى تەتقىق قىلغان كىشىلەردىن باشقا مەخسۇس ئۇيغۇر ۋە  ئوتتۇرا ئاسىيا پەلسەپە تارىخى ھەققىدە سىستېمىلىق ئىزدەنگەن مۇتەخەسسىسلەر قوشۇنى  بولغانلىقى ماڭا نامەلۇم.
     رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە بولسا، ئوتتۇرا ئاسىيا  پەلسەپىۋى ئىدىيىلىرى تارىخى ھەققىدە كۆپ ئەسەرلەر مەيدانغا كەلگەن، كۆپ ئالىملار  قوشۇنى بولسىمۇ، ئەمما مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى  بۇددىزم دەۋرىدىكى پەلسەپىۋى پىكىرلىرى تېخى ئەتراپلىق تەتقىق قىلىنمىغان  ئىدى.
     گەرچە، 1980-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا قەدىمكى ئۇيغۇر يازما  يادىكارلىقلىرى ، بۇددىزم تېكىستلىرى نەشىر قىلىنىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما  مەزكۇر ئەسەرلەر پەقەت تىلشۇناسلىق ۋە ئەدەبىياتشۇناسلىق نۇقتىسىدىنلا تەتقىق  قىلىنىپ، مەخسۇس پەلسەپىۋى نۇقتىدىن ئاكادېمىيىلىك رەۋىشتە تەتقىق قىلىنىش ئېلىپ  بېرىلمىغان ئىدى. بولۇپمۇ، تۇرپاندىن تېپىلغان قەدىمكى بۇددىزم يازما  يادىكارلىقلىرى، جۈملىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر شېئىرلىرىدىكى ئىجتىمائىي-پەلسەپىۋى،  ئېستېتىك ۋە ئېتىكىلىق مەسىلىلەر تېخى تەتقىق قىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولمىغان  ئىدى.
     ئابدۇرېھىم تۇرسۇن 6 يىل ۋاقىت پۈتۈن كۈچى بىلەن ، ھارماي -تالماي،  قېتىرقىنىپ ئۆگەندى. رۇسىيە ۋە كېيىنكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋ. رادلوۋ، گرۇم  گرژىمايلو، ۋ. گرىگورىيېۋ، ۋ. بارتولد، س. ئولدېنبۇرگ، ئو . روزېنبۇرگ، س. مالوۋ،  ل. تۇگۇشېۋا، ب.لىتۋىنسكىي، گ. بونگارد-لېۋىن، ئا. بېرشنىشتام. س.كلياشتورنىي، د. ۋاسىلىيېۋ، ل .گۇمىلىيېۋ. د .تىخونوۋ، م. خايرۇللايېۋ، ئا .مالياۋكىن، ل.كيزلاسوۋ ،  ئا. نارىنبايېف ۋە باشقا نەچچە ئونلىغان نوپۇزلۇق ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە  ئوتتۇرا ئاسىيا ھەققىدىكى ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى ھەم تۈركىيە تارىخچىلىرىدىن زەكى  ۋەلىدى توغان، باھائىدىن ئۆگەل، رەشىت رەھمەتى ئارات، گۇلچىن چاندورلىئوگلۇ،  سائادەتتىن گۈمەس، ئۆزگەن ئىزگى ۋە باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرى شۇنىڭدەك يەنە ئوتتۇرا  ئاسىيانىڭ ئۆزبېك، قىرغىز، قازاق، تاجىك، مۇتەخخەسىسلىرىنىڭ نوپۇزلۇق ئەمگەكلىرى  ھەمدە ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ ئاپتورلىنىڭ ئۇيغۇر پەلسەپىسى ھەم تارىخىغا ئائىت يازغان  ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ خاتىرە يازدى. مانا شۇ زور ساندىكى ھەر مىللەت ئالىملىرىنىڭ  ئىلمىي ئەمگەكلىرى ۋە ئىلمىي مېتودلىرى ئابدۇرېھىم تۇرسۇنىڭ ئىلمىي ھاياتى ۋە  ئىلمىي پەلسەپىلىك تەپەككۈرلىرىدىن ئورۇن ئالدى.

غەلىبىلىك ياقىلانغان دىسسېرتاتسىيە

        ئابدۇرېھىم تۇرسۇن پەقەت بىشكەكتىلا تۇرماستىن ، بەلكى كۆپ قېتىم  ئالمۇتا ۋە ئۈرۈمچىگە بېرىپ، ئۆز دىسسېرتاتسىيىسى ئۈچۈن ماتېرىيال توپلىدى. بۇ  جەرياندا كۆپلىگەن رۇس، ئۇيغۇر، قىرغىز، تۈرك، ئۆزبېك، قازاق، خەنزۇ ۋە غەرب  مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ، ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى ھەم ئۇلارنىڭ  تەجرىبىلىرىنى ئۆگەندى. بولۇپمۇ، قىرغىزىستان، قازاقىستان ، ئۆزبېكىستان ۋە رۇسىيە  پەنلەر ئاكادېمىيىلىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ئورناتتى. ئۇنىڭ  كۆپ تىللىق ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ ھەر مىللەت ئالىملىرى بىلەن بىمالال ئالاقە قىلىشى  ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن ئالاقە قورالى بولغان ئىدى. ھەقىقەتەن، ئالىملار  سېپىغا قوشۇلۇش ئۈچۈن كۆپ خىل تىللىق بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ بىر ئەقەللىي تەلەپ ! ئابدۇرېھىم تۇرسۇن بۇ تەلەپنى ئالدى بىلەن ئورۇندىدى.
        ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا پەلسەپىسىنى بىلىش ئۈچۈن  ئالدى بىلەن شۇ جايدىكى يەرلىك ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ تىلىنى ياخشى  بىلگەندىن سىرت يەنە رۇس تىلىنى ياخشى بىلىش، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىنگلىزچە ۋە  خەنزۇچە بىلىش ئۆلچىمىگە يەتكەن ئىدى. ئەلۋەتتە ئۇيغۇر تىلى، ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا  قېرىنداش تىللىرىنى بىلىشىنىڭ ئاچقۇچىلىق رولىنى ئوينىغان بولسا، رۇس تىلى ئۇنىڭ  بىلىم ساپاسى ۋە سەۋىيىسىنىڭ كۆتۈرىلىشىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىدى. ئۇ ئەنە شۇ رۇس  تىلى ئارقىلىق خەلقئرا ئىلىم ساھەسى بىلەن ئالاقە ئورناتتى. رۇسىيە پەنلەر  ئاكادېمىيىسىنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ شەرق تارىخى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ،  پروفېسسور، « ئاتاتۈرك تۈرك تىلى مۇكاپاتى» نىڭ ساھىبى، مېنىڭ ئۇستازىم دمىترىي  ۋاسىلىيېۋ ئابدۇرېھىم بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ئۇنىڭ تالانتى ۋە ئېلان  قىلغان ماقالىلىرىنىڭ سەۋىيىسىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنى رۇسىيە پەنلەر  ئاكادېمىيىسىنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئاسپىرانتلىقىغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇنى  موسكۋادا دىسسېرتاتسىيە ياقىلاشقا تەشەببۇس قىلغان، ھەتتا ئۇنى تۇرالغۇ جاي،  بىكارلىق ئوقۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلەر بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،  دەۋەتنامە ئەۋەتكەن ئىدى . بىراق، قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەلسەپە ۋە  قانۇنشۇناسلىق ئىنستىتۇتى بولسا ئۇنىڭ داۋاملىق مەزكۇر ئاكادېمىيىدە دىسسېرتاتسىيە  ياقىلىشىنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇستازلىرى ئەزىز نارىنبايېف ۋە ئىنستىتۇت مۇدىرى ئوسمان  توگۇساكوف قاتارلىقلار ئۇنى ئۆزلىرى تەربىيىلەيدىغانلىقى، ئىلمىي ئۇنۋاننى  موسكۋادىن ئەمەس، قىرغىزىستاندىن ئېلىشنى تەلەپ قىلدى. نەتىجىدە ئۇ، ئۇستازلىرىنىڭ  تەلىپى بويىچە موسكۋانى قالدۇرۇپ، ئاخىرى 2002-يىلى قىرغىزىستان پەنلەر  ئاكادېمىيىسىنىڭ مەخسۇس دىسسېرتاتسىيە ياقىلاش كېڭىشىدە « دەسلەپكى ئوتتۇرا  ئەسىرلەر ئۇيغۇر پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ۋە ئېۋالىئۇتسىيىسى ( بۇددىزم پەلسەپىسى ماتېرىياللىرى ئاساسىدا)‏» ماۋزۇلۇق ئىلمىي دىسسېرتاتسىيىسىنى  غەلىبىلىك ياقىلىدى. ھەر مىللەت ئاكادېمىكلىرى، پروفېسسورلىرى ۋە دوكتورلىرى  قاتناشقان مەزكۇر دىسسېرتاتسىيە ياقىلاش مۇھاكىمە سورۇنىدا تېخى 30 ياشقا تولمىغان  ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ئالىملارنىڭ تۈرلۈك سوئاللىرىغا ئەركىن جاۋاب بېرىپ، ئۇلارنى  قايىل قىلدى. ئاخىرىدا ئاكادېمىك ، دوكتورلاردىن تەركىپ تاپقان ئىلمىي كېڭەش  ئۇنىڭغا پەلسەپە دوكتورى ( Ph.D) ئۇنۋانىنى بېرىشكە تامامەن لايىق ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ  دىسسېرتاتسيىسىنىڭ قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسدا ياقىلانغان پەلەسەپەشۇناسلىق  دىسسېرتاسىيىلىرى ئىچىدە سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى دىسسېرتاسىيىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى،  بولۇپمۇ ئۇنىڭ كۆپ خىل تىلدىكى ماتېرىياللارنى ئىشلىتىش، نەزەرىيە ۋە مېتودىكا  شۇنىڭدەك تېمىسىنىڭ ئاكتىۋاللىقى قاتارلىق جەھەتلەردىن زور قايىل قىلىش ھەم يېڭىلىق  كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.
          شۇنداق قىلىپ، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەنلەر ئاكادېمىيىسى  ئۆزىنىڭ 60 يىللىق تارىخىدا تۇنجى قېتىم بىۋاسىتە ئۇيغۇر دىيارىدىن ئوقۇشقا كەلگەن  تۇنجى ئۇيغۇر پەلسەپە دوكتورىنى يېتىشتۈردى. دىسسېرتاتسىيە ياقىلاش سورۇنىدىكى ھەر  مىللەت ئالىملىرى ئابدۇرېھىم تۇرسۇننى قىزغىن تەبرىكلىدى. مۇراسىمغا قاتناشقان  ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى رەھبەرلىرىگە ، جۈملىدىن  ئۇنىڭغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەن، ئۇنىڭ يېتىشىپ چىقىشىنى ھەر جەھەتتىن قوللىغان،  ئۇنىڭغا شارائىت يارىتىپ بەرگەن قىرغىز ئالىملىرىغا چوڭقۇر رەھمىتىنى بىلدۈرۈش  بىلەن بىرگە ئۇيغۇر-قىرغىز ئىككى خەلقنىڭ ئەسلىدىن قان-قېرىنداش، تۇغقان خەلقلىقى ،  ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ نەتىجىلىرىنىڭ مانا شۇ تۇغقانچىلىقنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى  تەكىتلەشتى.
       ئابدۇرېھىم تۇرسۇن كىشىلەرنى قايىل قىلغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، ئۇ  ئىلمىي دىسسېرتاتسىيە ياقىلاش سورۇنىدا ئالىملار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ رۇس تىلىدا  سورىغان سوئاللىرىغا راۋان رۇس تىلىدا، قىرغىز تىلىدا سورىغان سوئاللىرىغا راۋان  قىرغىز تىلىدا، ئۇيغۇر تىلىدا سورىغان سوئاللىرىغا ئۇيغۇر تىلىدا جاۋاب بېرىپ،  ئۆزىنىڭ تىل قابىلىيىتىنى نامايان قىلدى.
       دىسسېرتاتسىيە ياقىلاشقا پائالىيىتىگە قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر  ئابدۇرېھىم تۇرسۇننى « ياش، تالانتلىق، كەلگۈسى زور ئالىم» دەپ تەرىپلەشتى ھەمدە  ئۇنىڭ پەلسەپەشۇناس بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىدا ئەڭ مۇھىم رول ئوينىغان قىرغىزىستان  پەنلەر ئاكادېمىيىسى پەلسەپە ۋە قانۇنشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ، پروفېسسور،  قىرغىزىستان ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈشكە قاتناشقان ئەربابلارنىڭ بىرى ئوسمان  توگۇساكوف بىلەن ئۇيغۇر ئالىمى ئاكادېمىك ئەزىز نارىبايېفقا ئالاھىدە تەشەككۈرلەر  بىلدۈردى.
       دوكتور ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ئوقۇش جەريانىدا يەنە قىرغىز ئىجتىمائىي- پەلسەپە تارىخى، ئوتتۇرا ئاسىيا پەلسەپە تارىخى، شەرىق پەلسەپىسى، قەدىمكى يۇنان  پەلسەپىسى، ئىسلام پەلسەپىسى، غەرب پەلسەپە تارىخى، رۇسىيە ئىجتىمائىي -پەلسەپىۋى  پىكىرلىرى تارىخى، پەلسەپە نەزەرىيىلىرى قاتارلىق ساھەلەر بويىچىمۇ سىستېمىلىق  تەربىيىلەندى. ئۇ، يەنە ئۆزلىكىدىن جۇڭگو پەلسەپە تارىخىنى قېتىرقىنىپ ئۆگەندى،  بولۇپمۇ، بۇددىزم دەۋرى ۋە پەلسەپىسى بويىچە كۆپرەك  ئىزدەندى.
ئۇ، دىسسېرتاتىيىسىنى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنى  ئۆگىنىپ، ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىنىڭ  كۆپىنچىسىنى ئوقۇپ، ئۇنىڭدىكى پەلسەپە ۋە دۇنيا قاراشلار ئۈستىدە ئانالىز يۈرگۈزدى. ماخمۇد كاشغەرىنىڭ « تۈركىي تىللار دىۋانى» ، يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ « قۇتاتقۇ بىلىگ» ، ئەخمەت يۈكنەكىنىڭ « ئەتەبەتۇل ھەقايىق» ناملىق ئەسەرلىرىدىكى ئىجتىمائىي -پەلسەپىۋى ئىدىيىلەر، ئەبۇ ناسىر فارابىنىڭ پەلسەپىۋى قاراشلىرى، ئىبىن سىنا، ئەبۇ  رەيھان برۇنى، ئەخمەت يەسەۋى ۋە باشقا مۇسۇلمان كىلاسسىكلىرىنىڭ پەلسەپىۋى  قاراشلىرى بىلەن سىستېمىلىق تونۇشتى.
       ئۇ، دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر دەۋرى بىلەنلا چەكلەنمەستىن، يەنە  كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ۋە يېقىنقى زامانغا تەۋە ئۇيغۇر -تۈركىي كىلاسسىكلىرىدىن  ناۋايى، لۇتفى، ئاتايى، سەككاكى، خىرقىتى، زەلىلى، نىزارى، بىلال نازىم ۋە  باشقىلارنىڭ شېئىرلىرىدىكى ئىجتىمائىي-پەلسەپىۋى پىكىرلەر ئۈستىدە تەھلىل ئېلىپ  بېرىپ، ئۇنى كاتىگورىيىلەرگە ئايرىدى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر كىلاسسىكلىرىنىڭ پەلسەپىۋى  قاراشلىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا كىلاسسىكلىرىنىڭ قاراشلىرىنى  سېلىشتۇردى.
لېكىن، دىسسېرتاتسىيە ئېھتىياجىنىڭ تەلىپى بويىچە تۇرپان ۋە باشقا  جايلاردىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن « ئىككى تېكىننىڭ  ھېكايىسى» ، « چاشتانى ئېلىگبەك» ، « ، مايترىي سىمىت» ، « ئىرىق بىتىگ» ، ۋە  قەدىمكى ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىكى ئىجتىمائىي-پەلسەپىۋى پىكىرلەر، دۇنيا  قاراش، ئېستىتىك قاراش، ئەخلاق قاراشلىرى ئۈستىدە كۆپرەك سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ  باردى. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددىزم دەۋرىگە ئائىت ئالىملاردىن كوماراجىۋا، ۋېيسا  كۇيچى، شىكشا ناندا، خۇيلان، سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ، پرىتىيا ياشرى، ئاتسان، كىكى،  چىسۇيا تۇتۇڭ، كامىلا كايشى ۋە باشقىلارنىڭ ئىجتىمائىي، پەلسەپىۋى، ئەخلاق، ۋە  ئېستېتىك قاراشلىرى ئۈستىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ باردى.
         بۇنىڭ ئۈچۈن تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى ۋە قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ تارىخى،  مەدەنىيىتى ۋە باشقا مەسىلىلىرى ھەققىدە كۆپ ئىزدىنىشكە توغرا كېلەتتى. بۇ ساھە  بويىچە رۇس تىلىدا ماتېرىياللار بىر قەدەر كۆپ ئىدى. ئەمما بۇددىزم دەۋرىدىكى  ئۇيغۇر پەلسەپىۋى پىكىرلەر مەسىلىسى ھەققىدە ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئۇ بۇ  جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا كۆپرەك تىرىشتى.
        ئۇ يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى  ئىجتىمائىي-مەدەنىي ھاياتىدىكى بۇددىزم قالدۇق تەسىرلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ  باردى. بۇ جەھەتتە بىر قىسىم رۇسىيە ۋە غەرب ئالىملىرىمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان  بولۇپ، بىراق ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مەخسۇس پەلسەپەشۇناسلار ئەمەس  ئىدى.
        ئابدۇرېھىم تۇرسۇن يەنە دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار ۋە  باشقا خەلقلەردىكى دۆلەتچىلىك، ئىجتىمائىي-سىياسىي ، ئەخلاق ۋە ئېستېتىك قاراشلىرى  ئۈستىدىمۇ مەخسۇس ئىزدەندى. ئۇنىڭ بۇ ھەقتە رۇس تىلىدا يازغان ئۇنىڭ « تۇرپان  ئىدىقۇتلۇقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مۇتەپپەككۈرلىرىنىڭ ئېستېتىكىلىق قاراشلىرى» ماۋزۇلۇق  چوڭ ھەجىملىك ئىلمىي ماقالىسى ئىلىم ساھەسىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. بولۇپمۇ،  تۈركىيە پروفېسسورلىرى بۇ ئەسەرگە ئالاھىدە باھا بېرىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن  قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى بىرلىشىپ ئاچقان تۈركىيە-قىرغىزىستان ماناس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ  ئىلمىي زھۇرنىلىدا ئېلان قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. نەتىجىدە، بۇ ژۇرنالنىڭ 2001-يىللىق 2-سانىدا مەزكۇر ماقالىغا ئورۇن بېرىلدى. تۈركىيە-قىرغىزىستان ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي  ژۇرنىلى يەنە ئۇنىڭ «تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مۇتەپەككۈرلىرىدىكى  ئېتىكىلىق كۆز قاراشلار ھەققىدە ئىزدىنىش» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى 2003-يىلى، ئېلان  قىلدى.
       ئابدۇرېھىم تۇرسۇن يەنە قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى،  قىرغىزىستان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتى، رۇسىيە سلاۋىيان ئۇنىۋېرسىتى، ماناس  تۈركىيە-قىرغىزىستان ئۇنۋېرسىتېتى قاتارلىق تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئالىي  مەكتەپلەردە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقارالىق ۋە پۈتۈن قىرغىزىستان ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا  بويىچە ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا ھەم يۇمۇلاق ئۈستەل يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ،  ئۇيغۇر پەلسەپىۋى پىكىرلىرى مەسىلىسى ھەققىدە ئىلمىي دوكلات بېرىپ، ئۇنىڭ  دوكلاتلىرى خەلقئارالىق ۋە دۆلەتلىك مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ ماقالىلار توپلىمىغا  كىرگۈزۈلدى. ئۇنىڭ بەزى ئىلمىي دوكلاتلىرى تەقدىرلەشلەرگە سازاۋەر  بولدى.
       ئۇ يەنە قىرغىزىستان دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتىئەتىنىڭ شەرقشۇناسلىق  فاكۇلتېتىدا قىرغىز، رۇس ۋە باشقا مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا بىر قانچە يىل خەنزۇ تىلى  ۋە جۇڭگۇ پەلسەپىسى بويىچە دەرىس بەردى.
      ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىم-پەن،  مائارىپ ، مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنىڭ  قىرغىزستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، جۇملىدىن پۈتۈن  سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقلىرى ئۈچۈن نامەلۇم قالغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن،  ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەردىلا شانلىق مەدەنىيەت ياراتقان خەلق  بولماستىن بەلكى، دەۋرىمىزدىمۇ ئوخشاشلا شانلىق مەدەنىيەت يارىتىۋاتقانلىقىنى  نامايان قىلىش ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى زىيالىيلار ئارىسىدا ھۆكۈم  سۈرگەن جۇڭگۇدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانداقتۇر پۈتۈنلەي ئارقىدا قالغان، ھەتتا  ئۆزلىرىنىڭ تارىخى، پەلسەپىسى، تىلى، سەنئىتى ۋە ئەدەبىياتى قاتارلىق تۈرلۈك  ساھەلەرى بويىچە تەتقىقات قىلالىغىدەك ئالىم -مۇتەخخەسىسلىرى يوق دەيدىغان خاتا  چۈشەنچىلەرنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئۆز ئىلمىي تەتقىقاتلىرىدىكى پايدىلانغان ئەسەرلەر  تىزىملىكىگە، ئابدۇشۈككۈر مۇھەممەد ئىمىن، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئىمىن تۇرسۇن،  ئىبراھىم مۇتىئى، ئىسمائىل تۆمۈر، ئابدۇقېيۇم خوجا ، ئىسراپىل يۈسۈپ، تۇرسۇن ئايۇپ،  غەيرەتچان ئوسمان، ئابدۇكېرىم راخمان، ئىسلامجان شىرىپ ۋە باشقا ئونلىغان ئۇيغۇر  ئالىملىرى ھەم مۇتەخخەسىسلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپلەپ كىرگۈزگەن شۇنىڭدەك ئىلمىي  مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ مول تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئىگە  ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى ۋە قاراشلىرىنى تونۇشتۇرغان  ئىدى.ھەتتا يەنە، قىرغىزىستان ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا تونۇشتۇرۇش  ئۈچۈن پروفېسسور ئوسمان توگۇساكوف ۋە ئاكادېمىك ئەزىز نارىنبايېف قاتارلىقلارنىڭ  بىر قانچە پارچە ئەسىرىنى رۇس تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان  ئىدى.

0

تېما

7

دوست

2799

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17596
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 834
توردىكى ۋاقتى: 203
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-10 00:32:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
اللاھ  ئانىڭىز بىلەن ئىنىڭىزنىڭ بارلىق گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىپ، جەننەتتىن ئورۇن بەرگەي!!!

كۆڭلۈم ھەجەپ يېرىم بولدى. ھەي......ياخشىغا كۈن يوق،يامانغا ئۆلۈم.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

0

دوست

2308

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19472
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 686
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-10 00:32:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ياش ئالىمنىڭ كىتاۋىنىڭ تىزراق  نەشىردىن چىقىشىنى  ساقلايمىز .
    بۇ ئاي-بۇ كۇنلەردە ياشلار بەك كوپ كىتىۋاتىدۇ . مانا 7كۇنلۇك دۋلەت بايرىمىدا كوز ئالدىمدا 42ياشلق ئىككى تونۇشۇم  تۇيۇقسىز كىتىپ قالدى  .  يىتىمنىڭ ئېغىزى ئاشقا تەگسە بۇرنى تاشقا تىگىپتۇ،دەپ  ئالىملىرىمىز  بىزلەرنى ھەسرەتتە قالدۇرۇپ  بىر-بىرلەپ كىتىۋاتىدۇ . بىز بولساق كوزياشلىرىمىزنى سۇرتۇپ  ئارمان بىلەن ئۇلارنى ئۇزۇتۇپ قويىۋاتىمىز  .

0

تېما

0

دوست

3577

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   52.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13513
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 159
تۆھپە : 1047
توردىكى ۋاقتى: 298
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-10 01:39:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي!

0

تېما

0

دوست

2243

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10398
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 155
تۆھپە : 574
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-10 10:38:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياش ئالىمىمىزنىڭ ۋاپاتىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم،مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي.

ئەلقانات

2

تېما

18

دوست

8843

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   76.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 720
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 145
تۆھپە : 2606
توردىكى ۋاقتى: 1185
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-10 11:53:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ ئاللاھ مەرھۇم ئالىمىمىزنىڭ ئۇ دۇنيالىق جايىنى جەننەتتە قىلغاي!

167

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   63.29%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1762
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6590
تۆھپە : 6599
توردىكى ۋاقتى: 1555
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-10 12:16:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئالىم ئۆلدى، بىر ئالەم ئۆلدى!
ئىسىت، نۇرغۇنلىغان ئەزىزلىرىمىزنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئەزىز بىر كىشىنىڭ ۋاپاتىنى بۈگۈن ئاڭلاپتىمەن...يۈرىكىم لەختە، لەختە بولۇپ كەتتى! بىزگىلا كېلەرمۇ بۇ كەلگۈلۈكلەر؟!
جىمى ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى ئاللا ئىگەم ئۇيغۇردوكتورىنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت گۈلشەنىدە قىلغايلا!
ياخشىلارنى، ئالىملارنى ئۆز پاناھلىرىدا ساقلىغايلا! مىللىتىمگە زىيالىيلىرىغا كۈچ قۇۋەت، غەيرەت-شىجائەت، نۈسرەت ئاتا قىلغايلا!

1

تېما

4

دوست

987

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   97.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17590
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 304
توردىكى ۋاقتى: 75
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-10 14:05:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەتلىك  ياش ئالممىزنىڭ  ۋاپاتىدىن تولىمۇ قايغۇردۇم ،  ياتقان يېرى جەننەتتە  بولسۇن ..........................ئامىن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )