قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2512|ئىنكاس: 39

مېنىڭ ئىنىم دوكتۇر ئابدۇرېھىم تۇرسۇن (2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

3

دوست

1715

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   71.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6940
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 313
تۆھپە : 314
توردىكى ۋاقتى: 94
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-9 22:01:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ ئىنىم دوكتۇر ئابدۇرېھىم تۇرسۇن


دۇنيادا ئېلان قىلىنغان تۇنجى چەتئەل تىلىدىكى ئۇيغۇر شېئىرلار توپلىمى

             ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ قوشقان تۆھپىسىنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ تۇنجى رۇس تىلىدىكى شېئىرلار توپلىمىدۇر. ئۇ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەردىن باشقا مىللەت كىشىلىرى، ئومۇمەن، خەلقارا ئەدەبىيات ساھەسىدىن بىخەۋەر قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى كلاسسىك ۋە ھازىرقى زامان شائىرلىرىدىن 28 كىشىنىڭ نادىر شېئىرلىرىدىن تاللانمىلارنى رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلىش ئىشىغا كىرىشىپ، ئاخىرى 2001-يىلى، ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا تۇنجى قېتىم « ئۇيغۇر پوئېزىيىسى » نامىدا ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ رۇس تىلىدىكى شېئىرلار توپلىمىنى نەشىر قىلدۇرۇپ تارقاتتى .
         « ئۇيغۇر پوئېزىيىسى» ماۋزۇلۇق مەزكۇر توپلامغا زەلىلى، نۆۋبىتى، بىلال نازىم، قۇتلۇق شەۋقى، مەمتىلى تەۋپىق، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، تۇرغۇن ئالماس، ئىبراھىم تۇردى، ئىبراھىم نۇرۇز، ئەنۋەر ناسىرى، ئىمىن تۇرسۇن، نىمشېھىت، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تېيىپجان ئېلىيوف، ئەلقەم ئەختەم، ئابلىز نازىرى، غەنىزات غەيرانى، قاسىمجان قەمبىرى، بۇغدا ئابدۇللا، رەھىم قاسىم، ئابدۇقەييۇم ئىمىن ۋە باشقىلارنىڭ بىر قىسىم نادىر ئەسەرلىرىنىڭ رۇس تىلىدىكى تەرجىمىسى كىرگۈزۈلگەن ئىدى.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، نىمشېھىت،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ، قۇتلۇق شەۋقى، مەمتىلى تەۋپىق ۋە باشقا ئونلىغان شائىرلارنىڭ بىر قىسىم داڭلىق شېئىرلىرى تۇنجى قېتىم رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، رۇس تىللىق ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دائىرىسىدىن رۇس-ياۋروپا ئەدەبىيات مۇخلىسلىرى جۇغراپىيىسىگە يول ئالدى.
        ئۇيغۇر  ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ تۇنجى چەت تىللىرىدىكى شېئىرلار توپلىمى ئەنە شۇ ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ جاپالىق ئەمگىكى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن 2001-يىلى، « قىرغىزىستان» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى.ئەنە شۇنىڭغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر دىيارىدا ياشاپ ئىجاد قىلغان ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ ئەسەرلىرى مۇنداق دۇنيادىكى چوڭ تىللاردا تېخى توپلام سۈپىتىدە يورۇققا چىقمىغان، ئۇيغۇر پوئېزىيىسى خەلقئاراغا تېخى مۇنداق بىر توپلام سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلمىغان ئىدى. ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىكى مەزكۇر زور نەتىجىدە ئەنە شۇ ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ تىرىشچانلىقى ، پىداكارلىقى بىلەن دۇنياغا كەلدى.
مەزكۇر توپلام ھەققىدە يەنە شۇنى قوشۇمچە قىلىش مۈمكىنكى، مەن 1990-1996-يىللىرى ئارىسىدا موسكۋادىكى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى، يەنى 1992-يىلىدىن كېيىنكى رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، تارىخى، مەدەنىيىتى، ئەدەبىيات ، سەنئىتى ۋە باشقا ساھەلەر بويىچە ئۇيغۇر ئالىملىرى ھەم مۇتەخخەسىسلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى ، جۈملىدىن 20-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە شەكىللىنىپ، يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتلىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ دۇنيانىڭ خەۋەرسىز قېلىش قىسمىتىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ئىدىم. رۇسىيە ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي قېرىنداش زىيالىيلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى تەتقىق قىلىش ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى، زامانىۋى ئەدەبىيات-سەنئىتىگە ئىگە بولۇپ، پروزا ۋە شېئىرىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى بويىچە زور ساندىكى ئەسەرلەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىدىن بىخەۋەر ياكى ئاساسىي جەھەتتىن مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس ئىدى. ئۇلار، 20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تېماتىك قاتلاملىرى، ژانىرلىرى ، ئۇنىڭدىكى ئىدىيە ۋە مىللىي روھ ۋە باشقىلار ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس ئىدى.
             بولۇپمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 70 يىللىق « بۈيۈك سوۋېت خەلقى» ، « ئۇلۇق سوۋېت ئىتتىپاقى» نۇقتىئىينەزەرىنىڭ تەسىرى بىلەن بىر قىسىم رۇس ۋە باشقا مىللەت زىيالىيلىرىدا ئۆزلىرىنى دۇنيادا ئەڭ ئۈستۈن ھېسابلاش، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەڭ مۇكەممەل دەپ قاراش خاھىشى ئېغىر ئىدى. بۇنداق ئەھۋال ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېك، قازاق ، قىرغىز، ئۇيغۇر ۋە باشقىلاردىمۇ مەلۇم دەرىجىدە كۈچلۈك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىشىكنى ئېتىش سىياسىتى نەتىجىسىدە چەتئەللەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن تونۇشۇش ۋە ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئىدىيولوگىيىلىك مەسىلە بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنداق تاشقى ئامىللارنى چەكلەش مۇئامىلىسى قوللىنىلغان، ئىلىم ساھەسىدىمۇ بۇ ئەھۋال داۋاملاشقان ئىدى . ئۇزۇن مەزگىللىك ئىشىك تاقاش، «ئۇلۇغ سوۋېت » تەشۋىقاتى ۋە كاللا يۇيۇش ھەرىكىتى جەمئىيەتنىڭ ھەممە قاتلاملىرىغا ، جۈملىدىن ئىلىم ساھەسىگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. ھەتتا بەزى ئۇيغۇرشۇناسلىق ماتېرىياللىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ ئاپتورلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار تارىخى، تىلى-ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى ھەققىدىكى قىسمەن ئەسەرلىرىگە باھا بېرىلگەندە ، مەزكۇر ئەسەرلەرنىڭ ئىلمىيلىك دەرىجىسى تۆۋەنرەك، ئاكادېمىيىلىك ساھەگە تەۋە ئەمەس، بەلكى ئادەتتىكى ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن يېزىلغان « ئىلمىي ئاممىباب» لىق خاراكتېرى بارلىقى ئەسكەرتىلگەن.
              بىراق، 1990-1992-يىللاردىن كېيىن ئالدى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر ئالىملىرى بۇ خىل چۈشەنچىنى ئۆزگەرتىشكە كىرىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئۇيغۇر ئاپتورلىرىنىڭ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ھەر خىل يوللار بىلەن ئىپادە قىلىشقا باشلىدى. لېكىن، مۇتلەق كۆپ قىسىم رۇس تىللىق زىيالىيلار ئۇيغۇرچە بىلمىگەنلىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى ئوقىيالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەسەرلەردىن تولۇق خەۋەردار بولۇشى قىيىن ئىدى.
            مەن ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش ، ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى ئىلىم ساھەسىگە تونۇشتۇرۇش قارارىغا كەلگەن ئىدىم.
         مەن ئالدى بىلەن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ رۇس تىلىدىكى چوڭ ھەجىملىك بىر ئانتولوگىيىسىنى تۈزۈپ، موسكۋادا نەشىر قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرمەكچى بولدۇم. 1996-يىلى، ئۈرۈمچىدىكى بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى جەريانىدا بۇ لايىھىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. بۇ ھەقتە مەخسۇس پىكىر ئېلىش پائالىيىتىمۇ ئۇيۇشتۇرۇلدى. كۆپىنچە كىشىلەر قوللاپ قۇۋۋەتلىدى. قۇۋۋەتلىگەنلەر، قوللىغانلار مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلىدى. ئەشۇ 1996-يىلى، مەن ئۈچۈن ئۇنتۇلماس خاتىرىلەرنى قالدۇردى. مەن ھازىرمۇ دائىم ئەشۇ كۈنلەرنى ، ئۈرۈمچىنىڭ 1980-90-يىللىرىدىكى ئەشۇ گۈزەل كۈنلىرىنى ئەسلەيمەن. 1995-1996-يىللىرى، مېنىڭ تەتىل جەريانىمدا مەن ئۈچۈن بىر قانچە قېتىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە زىيالىيلارغا نۇتۇق سۆزلەش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلدى. « موسكۋا خىياللىرى» ناملىق ئەسىرىم جەمئىيەتنىڭ ھەر خىل قاتلىمىدا ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىپ، كىشىلەرنى ئۆزلىرى ھەققىدە ئويلىنىشقا ئېلىپ كەلدى. بەلكى ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۈچلۈك ئەنئەنىۋى تەسىر ئىسكەنجىسى ئاستىدا ئۇزۇن ۋاقىت ياشىغان ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ئۇيغۇر زىيالىيلار قاتلىمى سوۋېت ئىتتىپاقىدەك قۇدرەتلىك مەملىكەتنىڭ بىر پاي ئوقسىز غولاپ چۈشكەنلىكىنىڭ سىرلىرىنى مېنىڭ « موسكۋا خىياللىرىم» دىن ئىزدىمەكچى بولغان بولسا كېرەك. مەن ئۇچراشقان 20-ئەسىرىنىڭ ئەڭ داڭلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئەدىبلىرى، سىياسىيونلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە موسكۋا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەقدىرى ئاساسلىق تېما ئىدى. سەيدۇللا سەيفۇللايېف، ھاكىم جاپپار، سوپاخۇن سوۋۇروف قاتارلىق تارىخىي شەخسلەر، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ھاجى ياقۇپ، ئىبراھىم مۇتىئى، ئىمىن تۇرسۇن ، شەرىپىدىن ئۆمەر، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن، زارىپ دولات،ئابلىمىت روزى ۋە باشىقا تەبىئىي پەن ھەم ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇر پروفېسسور-دوتسېنتلىرى، مۇتەخەسسىسلىرى، ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئابدۇللا تالىپ، قەييۇم تۇردى قاتارلىق كۆپلىگەن، بۇ يەردە مەن ئىسمىنى ئاتىمىغان پېشقەدەم، ئوتتۇرا ياش ۋە ياش ئەدىبلەر، ئەدەبىي تەنقىدچىلەر ھازىرغىچە مېنىڭ خاتىرلىرىمدە ساقلانماقتا.
         ئەنە شۇ 1996-يىلى مېنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى بىر توپلام قىلىپ، رۇس تىلىدا نەشىر قىلىش ، ئارقىدىن ئۇيغۇر پروزا ئەسەرلىرىنى توپلام قىلىپ نەشىر قىلىش، ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى ۋە سەنئىتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش ئويۇم خېلى كۆپ كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرگەن، ھەتتا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ئارىسىدىمۇ قوللاش ۋە ئىلھام بېرىش پوزىتسىيىسى بولغان ئىدى.
          ئەمما، ئاخىرقى ھېسابتا ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى رۇس تىلىدا نەشىر قىلىش پىلانىم ئىقتىسادىي ۋە تۈرلۈك سەۋەبلەردىن كۈن تەرتىپتىن قالدى. بىراق ، مەن كۆڭلۈمدىكى بۇ ئارزۇيۇمنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىمەن دېگەن ئويدىن ھېچقاچان قالمىدىم. مېنىڭ بۇ ئارزۇيۇم بەرىبىر يەنىلا خېلى كۆپساندىكى ئەدىبلەر تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىلدى. مەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى ۋاپات بولغان ئەدىبلەرنىڭ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان تاللانما شېئىرلىرىدىن كىچىكرەك بولسىمۇ بىر توپلاپ چىقىرىش، ئىككىنچى قەدەمدە ھاياتلار ۋە ياشلارنىڭ ئەسەرلىرىنى توپلاپ قىلىش ئويىغا كېلىپ، جىددىي تاللاشقا كىرشتىم ۋە ئاخىرىدا 20-ئەسىردىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدىبلەر ۋە بىر قىسىم ھايات ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى رۇسچىغا تەرجىمە قىلىشقا كىرىشتىم. بۇ ئىش ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت كەتتى. مەن ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تولۇق تەرجىمە قىلىش ۋە ئۇنىڭ شېئىرىي تەرجىمىسىنى تەييارلاش ھەمدە ھەر بىر ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالىنى تەييارلاش ، ئاخىرىدا كىتاب قىلىپ نەشىر قىلىش ئىشى قەدىرلىك ئىنىم ئابدۇرېھىم تۇرسۇنغا يۈكلەندى. بۇ جەرياندا قازاقىستاندا تونۇلغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى ، مەرھۇم ساۋۇتجان مەمەتقۇلوف شېئىرلارنىڭ رۇسچە تەرجىمىسىنى گۈزەل شېئىرىي ھالغا كەلتۈرۈشتە تەجرىبىلىك بولغان رۇس شائىرەسىنى تېپىشقا ياردەملەشتى. ئەلۋەتتە، شېئىرنى شېئىرىي ھالدا تەرجىمە قىلىش ئەڭ يۈكسەك تىل سەنئىتى ۋە شائىرلىق قابىلىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.
         ئاخىرىدا مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى، پروفېسسور مۇرات ھەمرايېف ھايات ۋاقتىدا تەرجىمە قىلغان ئاز ساندىكى ئۇيغۇر كىلاسسىكلىرى ۋە لۇتفۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى ھەم باشقىلارنىڭ بىر قانچە پارچە شېئىرىمۇ توپلىنىپ، 28 شائىرنىڭ تاللانما شېئىرلىرىدىن تۈزۈلگەن « ئۇيغۇر پوئېزىيىسى» دۇنياغا كەلدى.
         ئىنىم ئابدۇرېھىم بۇ جەرياندا بىر قىسىم ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمىسىنى قىلدى، بارلىق شائىرلارنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالىنى مېغىزلىق قىلىپ رۇسچە يېزىپ چىقتى ھەمدە مېنىڭ كىتابنىڭ ئاخىرىغا بېرىلگەن « 20‏-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەتقىقات پروگراممىسى» ماۋزۇلۇق ماقالەمنى ئۇيغۇرچىدىن رۇسچىغا تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى. ئەلۋەتتە، كىتابنىڭ تەرجىمىسىدىن تارتىپ، تەھرىرلىكىنى قىلىش، كومپيۇتېرغا ئېلىش، نەشىر قىلىنىشىدىن ئىبارەت ئۇزۇن خىزمەت جەريانىدا خېلى كۆپ مەبلەغ تەلەپ قىلىناتتى. ئىنىمنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈنمۇ خىراجەت كېتتەتى. بۇ، مېنىڭ ئامېرىكىغا يېڭى كەلگەن، تېخى تۇرمۇش ۋە ئوقۇش ئىشلىرىم ياخشى ئورۇنلاشمىغان يىللار بولۇپ، تۇرمۇش، ئۆي كىراسى، ئېلېكتىر، تېلېفون ۋە باشقا ھەممە چىقىملار ئۈچۈن زور ئىقتىساد تەلەپ قىلىدىغان بۇ دۆلەتنىڭ ھاياتى ۋە تۇرمۇش ئىستىلىگە كۆنۈش ئۈچۈن ۋاقىت كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئىنگلىزچە ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشۈم كېرەك بولۇپ، ئىنگلىزچە ئۆگىنىش ۋە باشقا ئوقۇش چىقىمىمۇ يۇقىرى ئىدى. بۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئۈچۈن ھەر كۈنى 8-10 سائەتلەپ ئىشلەشكە توغرا كېلەتتى. مەن، دەسلەپتە بىر ياقتىن ئوقۇپ، بىر ياقتىن تاماق توشۇپ، ئاشخانىلاردا ئىشلەپ ،زاۋۇتلاردا ئىشلەپ تاپقان پۇللارنىڭ بىر قىسىمىنى ئىنىمنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن ئەۋەتىپ بېرەتتىم ھەمدە ئاخىرىدا « ئۇيغۇر پوئېزىيىسى» نى نەشىر قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتتىم. ئىنىممۇ دادام ئەۋەتىپ بەرگەن تۇرمۇش پۇللىرىدىن ئىقتىساد قىلغانلىرىنى مەزكۇر كىتاب ئۈچۈن ئىشلەتتى.
          ئاخىرىدا ئىنىم بۇ كىتابنى ئۆزى نەشىرگە تەييارلاپ، ئىككىمىزنىڭ نامى ئاستىدا ئېلان قىلدى. قىسقىسى، ئەگەر ئىنىم ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ جاپالىق ئەمگىكى، ساداقىتى، ئەقىل-ئىدرىكى، قابىلىيىتى ۋە مەبلىغى بولمىغان بولسا، مەزكۇر كىتاب دۇنياغا كەلمەيتتى. ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىغا يېزىلمايتتى. شۇڭا مەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ تۇنجى چەتئەل تىلىدىكى ، يەنى رۇس تىلىدىكى ئانتولوگىيىسىنى ئىنىم ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ تۆھپىسى دەپ قارايمەن.
         ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ رۇس تىلىدىكى تۇنجى شېئىرلار توپلىمى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەتبۇئاتلارلار ھەم ئىنتېرنېت تورلىرىدا ئۇچۇرلار تارقىتىلىپ، خەلق ئىچىدە ياخشى ئىنكاسلار بولدى. بۇ توپلامغا شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن شائىرلاردىن ئىمىن تۇرسۇن، بۇغدا ئابدۇللا ، غەنىزات غەيرانى ۋە باشقىلار كىتابنى تاپشۇرىۋېلىپ، ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ رۇس تىلىدا نەشىر قىلىنغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ئابدۇرېھىم تۇرسۇنغا چەكسىز رەھمىتى ۋە ھۆرمىتىنى بىلدۈردى.
ۋاپات بولغان شائىرلارنىڭ ئائىلە-تاۋىباتلىرىمۇ بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ ئىنىمغا رەھمىتىنى بىلدۈردى. ئەلۋەتتە، ۋاپات بولغان شائىرلار بىلەن بىزنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانچىلىقىمىز ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋىئاباتلىرى بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىمىز يوق، ئەمما ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمگەكلىرى ۋە ئارزۇ -ئارمانلىرىنى بىز ياخشى چۈشەنگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىنى مەنىۋى جەھەتتىن تەقدىرلەش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ، تونۇشتۇرغان ئىدۇق، ئۆزلىرىنىڭ ئاللىبۇرۇن ۋاپات بولغان دادىلىرىنىڭ شېئىرلىرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن چوڭ بىر تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ، كىتابقا كىرگۈزۈلۈپ نەشىر قىلىنىشىدىن ئۇلارنىڭ خۇشال بولۇشى تەبىئىي ئىدى. دېمەك، ئىنىم بۇ ئىشلارنى ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆز خەلقى ئۈچۈن قىلغان ئىدى. بۇنىڭ قىممىتىنى خەلق بىلىدىكەن !
        مەزكۇر توپلام، رۇسىيە،ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرىدىكى كۈتۈبخانىلارنىڭ تىزىملىكلىرىگە كىرگۈزۈلدى ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە تارقىتىلدى. ھەر مىللەت رۇس تىللىق ئوقۇرمەنلەر مەزكۇر توپلامنى ئوقۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىيات دۇردانىلىرىدىن، ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ دۇنيا قاراشلىرى ۋە شېئىرىي تەپەككۈرلىرىدىن خەۋەردار بولدى . ھەتتا، بۇ ئەسەر قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە باشقا جايلاردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتلىرىنىڭ دەرسلىك قوللانمىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسلىرىدە بۇ ئەسەرلەر ئاساس قىلىندى ھەمدە كىتاب ئاخىرىدىكى « 20‏- ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەتقىقات پروگراممىسى» ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە تۈركىي خەلقلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىلىرى ھەم ئوقۇتۇش پروگراممىلىرى ئۈچۈن مۇھىم مەنبەلىك رولىنى ئوينىدى.
        كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئەگەردە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ دۇنياغا تونۇشتۇرۇلۇش ۋە دۇنياغا يۈزلەندۈرۈلۈش تارىخىنى يېزىش توغرا كەلسە، ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ بۇ ئەمگىكى ئەڭ ئالدىنقى بەتلەردىن ئورۇن ئېلىشى كېرەك . چۈنكى، ھەر قانداق بىر ئەدەبىيات باشقا تىللارغا، بولۇپمۇ دۇنيادىكى چوڭ تىللارغا كۆپلەپ تەرجىمە قىلىنىپ تونۇشتۇرۇلمىسا، ئۇ كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن خىلۋەت قېلىشى،نەزەردىن ساقىت قىلىنىشى تەبىئىي. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش ھېچقاچان ئۆز جىددىيلىكىدىن قالغىنى يوق، ھەتتا بۈگۈنكى كۈنلەردە بۇ خىزمەت تېخىمۇ مۇھىمدۇر. بۇنداق ئەسەرلەر دۇنيادىكى چوڭ تىللاردىن ئىنگىلىزچە، رۇسچە، فرانسۇزچە، ئەرەبچە، خەنزۇچە،تۈركچە، ياپونچە ۋە باشقا تىللاردا كۆپلەپ چىقىرىلىش لازىم، پەقەت ئۇيغۇر شېئىرىيىتىلا ئامەس، بەلكى ئۇيغۇر پروزىچىلىقىنىڭ نادىر ئەسەرلىرى، مەسىلەن : ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ، زوردۇن سابىر، مەمتىمىن ھوشۇر ، پەرھات جىلان، ئەخمەت ئىمىن، جالالىدىن بەھرام، ياسىنجان چوغلانى ، ئەخەت تۇردى، باتۇر روزى، پەرھات تۇرسۇن، ئەختەم ئۆمەر ، ئابدۇۋەلى ئەلى ، مۇھەممەد پولات ۋە باشقا يۈزلىگەن ئەدىبلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، زامانىۋى ھايات مۇئەممەئالىرى ۋە كارتىنىلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان نادىر رومانلىرى، ھېكايىلىرى ، نەسىرلىرى ۋە باشقا زھانىردىكى ئەسەرلىرىنى دۇنيادىكى چوڭ تىللارغا كۆپلەپ تەرجىمە قىلىش كېرەك، ئەنە شۇ چاغدىلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەكلىماكان-جۇڭغارىيە ئويمانلىقىدىن چىقىپ دۇنياغا يۈزلىنەلەيدۇ. ئومۇمەن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ،ئۆزگىچىلىكى، رەڭدارلىقى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرى پۈتۈن جۇڭگوغا، بولۇپمۇ دۇنياغا تونۇشتۇرۇلۇشى كېرەك، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەر غەزىنىسىگىلا ئۆچمەس ھەسسە قوشقانلىقى ئەمەس، بەلكى بۇ تىلنىڭ دۇنيادىكى چوڭ تىللارغا ئوخشاش سەۋىيىدە مەمۇرىي باشقۇرۇش تىلى، ئىلىم-پەن تىلى، ئۇنىۋېرسىتەت مائارىپ تىلى، مەمۇرىيەت تىلى، دىپلوئاتىيە تىلى، ئاممىۋى ئاخبارات تىلى ھەمدە دۇنيادىكى فرانسۇز، رۇس، ئىنگىلىز قاتارلىق ياۋروپا تىللىرىدا يېزىلغان ئەڭ نادىر كىلاسسىك ئەدەبىي ئەسەرلەر، نوبېل مۇكاپاتى ئەسەرلىرى، 19-20-ئەسىر ئىدېئولوگىيە كۈرىشىنىڭ نەزەرىيە ئاساسلىرى بولغان ماركىس، ئېنگلىس، لېنىن، ستالىن، گېگېل، فېييېرباخ، ماۋزېدوڭ، نىتزې، فرويىد ۋە باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرى، خەنسۇ تىلىنىڭ جەۋھەرلىرى بولغان كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدە تەرجىمە قىلىشقا مۇۋەپپەق بولۇنغان مۇكەممەل تىل ئىكەنلىكىنى، قانداقتۇر ھەرگىزمۇ « قۇشلار» نىڭ تىلى ئەمەسلىكىنى ئىپادە قىلىش ھاجەتتۇر، بۇ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ باش تارتىپ بولماس بۇرچى! بۇ مېنىڭ ئۇزۇن يىللىق جۇڭگو ۋە چەتئەللەردىكى ئوقۇتقۇچىلىق ، ئوقۇغۇچىلىق ۋە ئىلمىي تەتقىقات ھاياتىمدا داۋاملىق ھېس قىلغانلىرىمدۇر.
ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ئەنە ئۇيغۇر تىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم شېئىرلارنى رۇس تىلىدا تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شۇ يولدىكى پىداكارلاردىن ئىكەنكلىكىنى كۆرسەتتى. ئابدۇرېھىم ئۇيغۇر زىيالىسىدا بولۇشقا تېگىشلىك بۇرۇچنى ئادا قىلدىمۇ يوق؟ بۇنى خەلق بەلگىلەيدۇ ئەلۋەتتە !

ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ۋەتىنىگە قايتىش ۋە قىسمەت

           ئابدۇرېھىم تۇرسۇن 2003-يىلى، تۈركىيە، ئامېرىكا، رۇسىيە، قىرغىزىستان، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا خىزمەت قىلىش ۋە بىلىم ئاشۇرۇش تەكلىپلىرى ھەم ئىمكانىيەتلىرىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆز ۋەتىنىنىڭ ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىجتىمائىي پەلسەپىسى تەتقىقاتىغا ھەسسە قوشۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ، يۇقىرى قىزغىنلىق بىلەن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى.
         مەن ئۇنى ئامېرىكىغا چاقىرتىشنى ئېيتسام، «ئەڭ ياخشىسى ئاتا-ئانامنىڭ يېنىدا تۇراي، ئىككى ئوغۇل چەتئەلدە تۇرساق، ئاتا-ئانىغا كىم قارايدۇ ؟» دەپ رەت قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا تۈركىيىلىك پروفېسسورلار ئۇنىڭ تۈركىيىگە بېرىشى ۋە ئۇ يەردە ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئىشلەپ تېخىمۇ گۈللىنىش ئىمكانىيىتى بارلىقى ھەم بۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىراق ، ئۇ ئۇدۇل ئانا ۋەتەنگە يول ئالدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ مېڭىش ئالدىدا ئۆزىنىڭ دىپلومىنى ۋەتەندە ئىشلەش پۇرسىتى ئۈچۈن پايدىلىق بولسۇن دەپ قانۇنىي گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزگەن .
         ئۇ ئالتە يىللىق ئوقۇشنى پۈتۈنلەي ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ خىراجىتى بىلەن تاماملىغان بولۇپ، جاپالىق ئوقۇش جەريانىدا ئىقتىسادچانلىق بىلەن ياشاش ئىستىلىنى تۇرغۇزغان ئىدى. بىر ياقتىن ئوقۇش خىراجىتىنى تۆلەش ، بىر ياقتىن تۇرمۇش چىقىمىنى ھەل قىلىش، كىتاب -ماتېرىيال سېتىۋېلىش ئاسانغا چۈشمەيتتى. جاپالىق ئوقۇش جەريانىدا كۆپ قېتىم ئاغرىپ قېلىش، ھەتتا خەجلەيدىغانغا پۇل قالمايدىغان ئەھۋاللارغىمۇ يولۇققان ، مەن ئۇنىڭغا ۋاقتىدا پۇل ئەۋەتىپ بېرەلمىگەندە ياكى ئۈرۈمچىدىكى ئاتا-ئانامدىن ئىقتىسادىي ياردەملەر ۋاقتىدا يېتىپ كەلمىگەندە قىيىن ئەھۋاللاردا قالغان پەيتلەرمۇ كوپ بولغان . ئۇ، باشقىلارنىڭ « ھەممە ئادەم سودا-تىجارەت قىلىپ جان بېقىۋاتسا، جېنىڭنى قىيناپ ئوقۇيمەن دەپ نېمە قىلىسەن؟» دېگەن تاپا-تەنىلىرىگە پىسەنت قىلماي، ئوقۇشنى يېرىم يولدا تاشلىۋەتمەستىن ئۇنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن يانمىدى. ئۇنىڭ بۇ روھى ئۇنى بىلگەن ئۇيغۇر، قىرغىز، رۇس ۋە باشقا ھەر مىللەت ساۋاقداشلىرى، دوستلىرى ھەم تونۇشلىرىنى تەسىرلەندۈرگەن ئىدى.
ھەقىقەتەن، 1992-2000-يىللارغىچە ئۇيغۇر دىيارى ۋە باشقا ئىچكىرى جۇڭگودىن رۇسىيە ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇشقا چىققان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى خېلى كۆپ بولدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بىرەر يىل رۇسچە ئۆگىنىپلا بولدى قىلدى، يەنە بەزىلىرى ئالىي مەكتەپلەرگە كىرسىمۇ ئوقۇشنى يېرىم يولدا تاشلىدى. شۇ سەۋەبتىن رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە جۇڭگودىن كەلگەن بۇ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئىشەنمەسلىك ۋە ئۇلارنىڭ ۋاقتىنى ئويۇن -تاماشا قىلىش ياكى تىجارەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزىدىغانلىقى ھەققىدە سەلبىي چۈشەنچىلەر پەيدا بولغان ئىدى.
        قىرغىزىستان، قازاقىستانلاردىمۇ ئەنە شۇنداق ئىنكاسلار مەۋجۇت بولۇپ، قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى مۇتەخەسسىس -ئۇستازلار ۋە ئابدۇرېھىمنىڭ ساۋاقداشلىرى دەسلەپتە ئابدۇرېھىمنى ئەنە شۇ جۇڭگودىن كەلگەن « ئوقۇغۇچىلار» غا قارىغاندەك ئىشەنمەسلىك كۆزى بىلەن قارىغان ئىدى. لېكىن، ئۇلار ئابدۇرېھىمنىڭ تىرىشچانلىقى، ئىرادىسىنىڭ مۇستەھكەملىكىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ پوزىتسىيىسى ئۆزگەردى ۋە ئۇنى قەدىرلەشكە ، ھۆرمەتلەشكە باشلىدى.
      ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە قىرغىزىستان، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان جەمئىيىتىدە ئۇيغۇرلارنى « سودىگەر مىللەت، ئوقۇشقا قىزىقمايدۇ» دەيدىغان خاتا چۈشەنچىلەرمۇ مەۋجۇت بولۇپ، ئابدۇرېھىم تۇرسۇن بۇ جۇمھۇرىيەتتىكى خەلقلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىم-مەرىپەتنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئىلىم ئەھلىنى قەدىرلەيدىغان ۋە ھۆرمەتلەيدىغان خەلق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ شەخسىي ئوبرازىنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ياخشى چۈشەنگەن ئىدى.
        ئابدۇرېھىم جاپاغا چىداپ، ئائىلىسىنىڭ نۇرغۇن ئىقتىسادىنى سەرپ قىلىپ، ئۆزىنى زور بىلىم بىلەن تەييارلاپ، ۋەتىنىگە، ئاتا-ئانىسى، قېرىنداشلىرى، دوستلىرى، جۈملىدىن ئۆز مىللەتداشلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىش يولىنى تۇتتى. ھەتتا، بېيجىڭ، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردىكى تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن بىشكەككە بىلىم ئاشۇرۇشقا كېلىپ، ئابدۇرېھىم بىلەن تونۇشقان ھەم ئۇنىڭ ئىلمىي ياردەملىرىگە ئېرىشكەن بەزى مۇتەخخەسىسلەرمۇ ئابدۇرېھىمنىڭ تالانتى ۋە قابىلىيىتىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پەلسەپە ساھەسى بويىچە مەخسۇس تەربىيە كۆرۈپ، يۇقىرى ئىلمىي ئۇنۋان ئالغانلارنىڭ يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكى، ئەگەردە ۋەتىنىگە قايتسا، چوقۇم ئۇنىڭ تەتقىقات ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىش ۋە ئۆز قابىلىيىتىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش ھەم راۋاجلاندۇرۇش ئىمكانىيىتى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭ تالانتىغا يۇقىرى باھا بېرىشكەن .
       ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ئەنە شۇ يۇقىرى قىزغىنلىق ۋە ئۈمىد-ئىشەنچ بىلەن ۋەتىنىگە قايتىپ كەلدى . بىراق، ئۇ ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى، بېيجىڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ، ئۆز قابىلىيىتىنى نامايان قىلىپ، تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ بىرىدە ئۆزىگە مۇۋاپىق خىزمەت ئورنى تېپىپ، ئۆز بىلىمىنى ۋەتەن ئۈچۈن ئىشلىتىش ھەم تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇشقا كۆپ ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما مۇۋاپىق خىزمەت تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىدى. ئۇنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى بەزى تەتقىقات ئورنى ئۇنىڭ ئەھۋالىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا ئۇنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىش مۇمكىنلىكى، بىراق ئۇزۇن يىللارغىچە قايتىدىن چەتئەلگە ۋە باشقا جايلارغا بىلىىم ئاشۇرۇشقا بېرىشقا رۇخسىەت قىلمايدىغان قاتتىق شەرتنى قويغان. بۇلارنىڭ ھەممىسىمۇ ئەمەلىيەتتە رەسمىي خىزمەتكە قوبۇل قىلىش تەكلىپى ئەمەس بولۇپ، پەقەت سۆھبەت جەريانىدىكى ئاغزاكى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى. ئابدۇرېھىمنىڭ پىلانىدا بىرەر-ئىككى يىل ئىشلەپ، قايتىدىن موسكۋاغا بېرىپ، رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ۋە ياكى ئىچكىرىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرىدە بىلىم ئاشۇرۇپ ، ياكى دوكتور ئاشتىلىق ئوقۇپ، ئۆزىنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇش نىشانى بار ئىدى. كىم بىلىدۇ؟ بۇ بەلكى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى بىر پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويۇش بولسا كېرەك؟!، ئەگەر ئۇ ئاغزاكى ئېيتىلغان بۇ شەرتكە كۆنگەن بولسا، ئۇ ئورۇندىن ئاخىرقى جاۋاب قانداق بولار ئىدى؟ ھەقىقەتەن ئالارمىدى؟ بۇنىسى نامەلۇم. بىراق، ئۇ شەرتلەرنى بىراقلا رەت قىلىۋەتتى. ئۇ كېيىن داۋاملىق خىزمەت ئىزلەپ، ئۆزىنى ئىختىساسلىق ئورۇنلىرىغا تىزىمغا ئالدۇرۇپ قويدى. ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئېيتىشىچە، ئىختىساسلىقلارغا ئىش تېپىپ بېرىش ئورنى ئۇنىڭ مۇۋاپىق خىزمەت ئورنىغا كىرىشى ئۈچۈن ياردەم بېرىدىغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ چەتلەردە ئوقۇپ، ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەنلەرنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما، بەرىبىر ئۇنىڭ ئارزۇلىرى لايغا چىلاشتى. دېمەك، ئۇنىڭ ئالدىدا ئىككى يول تۇراتتى، ئۇنىڭ بىرى يەنە قايتىدىن چەتئەلگە كېتىپ، ئۆز ئورنىنى تېپىش، يەنە بىرى داۋاملىق ۋەتىنىدە قېلىپ، باشقا كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، تۇرمۇش تىرىكچىلىكى قىلىپ، ئۆز كەسپى بىلەن ئىشتىن سىرت شۇغۇللىنىش. ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ئىككىنچى يولنى تاللىدى. ئۇ، ۋەتەندە قېلىپ، سودا -تىجارەت بىلەن تىرىكچىلىك يولىنى تۇتۇپ، پەلسەپە تەتقىقاتىنى ئىشتىن سىرىت قىلىشقا قارار قىلدى. ئابدۇرېھىمنىڭ بۇ چاغدىكى ئۆي -پىكىرى ھېچكىمگە تايانماسلىق، ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەپ، ئۆزىنى-ئۆزىنى بېقىش ، ئەركىن تەتقىقاتچى بولۇش، تاپقان پۇلىنى ئىلىم-مەرىپەت ۋە خەيرى-ساخاۋەتلىك ئىشلىرىغا سەرپ قىلىش ئىدى.
         ئەممائابدۇرېھىمنىڭ قوبۇل قىلماقچى بولغان ئورۇننىڭ ئاغزاكى شەرتىنى رەت قىلىپ، مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەپ، ئۆز ئوي-پىكرىگە ئۆزى ئىگە بولۇپ ياشاش قارارىغا كېلىشىگە نىسبەتەن ئانىمىز نارازى بولدى. ئانا دېگەن بەرىبىر ئانا! دۇنيادىكى ئەڭ مېھرىبان ئىنسان ! ئانا بالىسىنىڭ ئىستىقبالىنىڭ ھەر بىر ئېلېمېنتلىرىغىچە ئەڭ دىققەت قىلىدۇ ۋە ئەڭ كۆيۈنىدۇ. ئانىمىز ئاخىرغىچە ئابدۇرېھىمنىڭ بىرەر خىزمەت ئورنىغا داخىل بولمىغانلىقىدىن ئەڭ ئەپسۇسلىنىپ، كېچە-كۈندۈز ئۇنىڭ ئىستىقبالىغا باش قاتۇرغان ئىدى. مەنمۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئەنسىرەپ، مۇمكىن بار بىرەر خىزمەت ئورنىغا كىرىپ ئىشلەپ، خۇسۇسىي ئىگىلىك تىكلەشتىن يېنىشنى تەۋسىيە قىلغان ئىدىم، بىراق ئۇ « ھېچ يەردە ئىشلىمەيمەن، ھېچكىمنىڭ ئالدىغا بېرىپ، يالۋۇرمايمەن، ئۆزۈمنى ئۆزىم باقىمەن، ئۆزۈم ئويلىغان ئوي پىكرىمدە ياشايمەن » دەپ ئۆزىگە تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن ۋە ياكى كەسپىگە مۇۋاپىق بىرەر ئورۇندىن داۋاملىق خىزمەت ئىزلەشنى رەت قىلغان ئىدى . ئەلۋەتتە، ئۇ نېمە ئويلايدۇ؟ نېمە ئۇنىڭ كاللىسىغا ۋە ئىدىيىسىگە تەسىر قىلدى؟ نېمە ئۈچۈن شۇنچە يىل ئوقۇپ، يۇقىرى سەۋىيە ۋە ئىلمىي ئۇنۋانغا ئېرىشىپ تۇرۇپ، بىرەر جايدىن ئاخىرغىچە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ دىپلوملىرىنى كۆرسىتىپ، كىشىلەرگە يالۋۇرۇپ، ئىپادە بىلدۈرۈپ بولسىمۇ، خىزمەت تېپىش يولىنى تۇتماي، ئۆزى مۇستەقىل ياشاش قارارىغا كەلدى؟ بەلكى ئۇنىڭ ماڭا ئېيتىپ بېرىدىغان نۇرغۇن ئوي پىكىرلىرى بار بولسا كېرەك، ئەمما ئۇنىڭغا ئۈلگۈرمىدى. بىراق، مەن ئەقلىمنى ئىشلىتىپ، كۆپ نۇقتىلارنى قىسمەن بولسىمۇ پەرەز قىلالايمەن.
        ئۇ، ئاخىرى رۇس تىلىدىن پايدىلىنىپ، تىجارەت ئىشلىرىغا كىرىشىپ، بەزى شىركەتلەردە خىزمەت قىلدى ھەمدە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن تىرىشتى. ئۇ، دەسلەپتە خىزمەت قىلغان بىر شىركەتنىڭ خەنزۇ خوجايىنى ئابدۇرېھىمنىڭ دوكتورلىق ئۇنۋانى بار، رۇس، خەنزۇ، ئۇيغۇر ۋە قىرغىز تىللىرىنى بىلگەن ھەم قابىلىيەتلىك ۋە ئەخلاقلىق يىگىت ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى خىزمەتكە قوبۇل قىلدى شۇنىڭدەك ئۇنى گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلاردىكى سودا ئالاقىلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن ئەۋەتتى. ئابدۇرېھىم مەزكۇر شىركەت ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك مەنپەئەت ياراتتى ھەمدە شىركەت رەھبەرلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. خوجايىن ئۇنىڭ سەمىمىيىتى ۋە قابىلىيىتىگە قايىل بولۇپ، ئۇنى يۇقىرى دەرىجىدە ھۆرمەتلىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، مەزكۇر شىركەت پرېزىدېنتى ئانىمىزنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى بىلىپ، ئۆيىگە كېلىپ ئانىمىزنى يوقلىغان ھەمدە، ئابدۇرېھىمدەك سەمىمىي ۋە قابىلىيەتلىك ياشنى ئۆستۈرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتقان.
       بۇ جەرياندا ئابدۇرېھىم بىر ياقتىن ئىشلەپ ، يەنە بىر تەرەپتىن تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بىر قانچە قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، ئىلمىي دوكلات بەردى. ئىلمىي ژۇرناللاردا ئىلمىي ماقالىلار يېزىپ ئېلان قىلدى. بىراق ، بىرەر تەتقىقات ئورنى ۋە ياكى ئالىي مەكتەپتە خىزمەت قىلىپ، ئۆز كەسپى بىلەن بىۋاسىتە ۋە مەخسۇس شۇغۇللىنىش بىلەن تۇرمۇش تىرىكچىلىكى يولىدا باشقا كەسىپ بىلەن مەشغۇل بولۇپ، تەتقىقاتنى ئىشتىن سىرت قىلىشنىڭ زور پەرقى بار ئىدى. ئەلۋەتتە، كۆپ ۋاقىتلارنى ئۆز كەسپىگە ئەمەس، بەلكى تۇرمۇش يولىغا سەرپ قىلىشقا توغرا كېلەتتى.مۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئىلمىي نەتىجىلەرنىڭ ئازلىشى تەبىئىي ئىدى. چۈنكى، ئىنسان ھاياتىدا ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ قورسىقىنى باقىدىغان تىرىكچىلىك يولىنى يارىتىشى، تۇرمۇش چىقىمىنى ھەل قىلىدىغان كىرىم مەنبەسىنى ھەل قىلىشى، قىسقىسى ئالدى بىلەن كۈندۈلۇك تاماق يېيىشى ھەم كىيىشى كېرەك ئىدى. بۇ مەسىلە ھەل بولماي تۇرۇپ، ھەر قانداق خىزمەت ۋە ياكى تەتقىقاتتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
        ئەمما، ئابدۇرېھىم تۇرسۇن تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىنىڭ قايناملىرىدا يۈرسىمۇ، ئۆزى سۆيگەن پەلسەپە كەسپىنى تاشلىمىدى، پەلسەپىۋى تەپەككۈر قىلىش، ھايات ۋە تۇرمۇشىنى ئىجتىمائىي-پەلسەپىۋى پىكىرلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردى.ئۇ، دائىم « ئىلگىرى مەن پەلسەپىنى كىتابتىن ئۆگەنگەن بولسا، مانا ئەمدى تۇرمۇشتىن ئۆگىنىۋاتىمەن، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئۆزى ھەقىقىي پەلسەپە» دەيتتى. ئۇنىڭ دوستلىرىمۇ ئۇنىڭ چوڭقۇر پىكىرلىرى، ئاز ئەمما، چوڭقۇر ۋە كۈچلۈك، مەنتىقىيلىق سۆزلىرى ۋە خۇلاسىلىرىدىن قايىل ئىدى. ھەر بىر سۆزىنى ئويلىشىپ، مەنتىقىيلىق، ئىلمىي ئاساس ۋە پاكىت بىلەن ئېيتىشقا ئادەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ دوستلىرى ئۇنى « دوكتور ئابدۇرېھىم » دەپ چاقىراتتى.
        كىچىك پېئىل، سالماق،كەمتەر ۋە مەرتلىك، ، ۋىجدانىغا، ئۆز خەلقىگە ۋە ئۆز قوۋىمىگە، ئاتا-ئانىسى، ئاكا-ھەدە سىڭىللىرىغا ھەم تۇغقان قېرىنداشلىرى شۇنىڭدەك دوستلىرىغا سادىق بولۇش ، ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئالدىدا كۈچۈكلەنمەسلىك، كىشىلىك غورۇرىنى دەپسەندە قىلىش بەدىلىگە ئۆز نىشانىغا يەتكەنلەر ھەم ئۆز ئىمتىيازلىرىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى كۆرسەتكەنلەرگە نەپرەتلىنىش ئابدۇرېھىمنىڭ شەخسىي خاراكتېرلىرىدىن ھېسابلىناتتى. سېخىلىق، كەڭ قورساقلىق، ئاق كۆڭۈللۈك ، تاپقىنىنى دوستلىرىدىن ئايىماسلىق ئۇنىڭ كىشىلىك خۇسۇسىيەتلىرىدىن ئىدى.
       ئابدۇرېھىم تۇرسۇن كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئاساسلىق تەتقىقاتىنى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر پەلسەپىۋى پىكىرلەر تەرەققىيات تارىخى، پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنىڭ دەۋرلەرگە بۆلۈنىشى ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئىجتىمائىي-پەلسەپىۋى پىكىرلەر تارىخى تەتقىقاتىغا قارىتىپ، بىر قىسىم ئەسەرلەرنىڭ دەسلەپكى نۇسخىلىرىنى پۈتتۈردى. بۇ يىللاردا ئۇ ئىككى قېتىم ئامېرىكىدىكى مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ، ماقالە ئوقۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولدى، مەزكۇر ئىلمىي جەمئىيەت ئۇنىڭ ئۇيغۇر بۇددىزم پەلسەپىسىگە ئائىت ئىلمىي دوكلاتلىرىنىڭ ئىلمىي قىممىتىنى لايىق كۆرۈپ، تاللىنىش تەلىپى يۇقىرى بولغان مەزكۇر خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، دوكلات بېرىش سالاھىيىتىنى تەستىقلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يىغىنغا قاتنىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىدى.
       قىسقىسى، ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىنكى يىللار جەريانىدا بىر تەرەپتىن جاپالىق تۇرمۇش تىرىكچىلىكى يولىدا ئەمگەك قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلارنى چىڭ تۇتۇپ، بار ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، پەلسەپە تەتقىقاتى ۋە ئىجادىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى. بىراق ئۇ دائىم ئۆزىنىڭ ئەسلىدىن ئارزۇ قىلغان نەتىجىلەرگە ۋە ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەنلىكىدىن ، نۇرغۇن ۋاقتىنىڭ تۇرمۇش تىرىكچىلىكى يولىغا كېتىۋاتقانلىقىدىن، ئەسلىدىن بىرەر تەتقىقات ئورنىدا ئىشلەش پۇرسىتى بولغان بولسا، بۇنداق نۇرغۇن ۋاقتىنىڭ زايا كەتمەيدىغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئۇ، ھەقىقەتەن زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ۋە ئۇنى ئۆز خەلقىغە تەقدىم قىلىشقا ئۈلگىرەلمىدى. بەلكى ئۇلۇغ ئاللاھ ئۇنىڭغا يەنە ئۆمۈر بەرگەن بولسا، بەلكى ئۇنىڭ كۆزلىگەن مەقسەتلىرى ئەمەلگە ئاشقان، بەلكى يازغان ھەم يېزىۋاتقان ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بولار ئىدى. بىراق، ئىشىنىمەنكى، ئۇنىڭ ئەمگەكلىرى پات ئارىدا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنىلىدۇ. ئۇنى چۈشەنگەن ، ئۇنىڭ ئىززىتىنى ۋە قىممىتىنى بىلگەن خەلقى ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ ! ئۇيغۇر خەلقى ھېچقاچان ئۆزىنىڭ ياخشى پەرزەنتلىرىنى ئۇنتۇپ قالغان ئەمەس!

14

تېما

3

دوست

1715

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   71.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6940
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 313
تۆھپە : 314
توردىكى ۋاقتى: 94
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-9 22:09:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ  پەلسەپە تەتقىقات ئەسەرلىرى


       ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ كۆپىنچىسى رۇس تىلىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق  ئەسىرى « دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر پەلسەپىۋى پىكىرلىرى»    ماۋزۇلۇق ئىلمىي مونوگراپىيىسىدۇر. ئۇ، بۇ كىتابىنى ئۇيغۇر تىلىدا تەييارلاشقا كىرىشكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنى تېخى يورۇقلۇققا چىقىرىشقا ئۈلگىرەلمىگەن ئىدى.
        مەزكۇر مونوگرافىيە قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ  « ئىلىم» نەشرىياتى تەرىپىدىن  2002-يىلى، رۇس تىلىدا  نەشىر قىلىنغان  بولۇپ، مەيلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ياكى كېيىنكى مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى دەۋرى بولسۇن،  ئەشۇ ۋاقىتقىچە مەخسۇس دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر بۇددىزم پەلسەپىۋى پىكىرلىرى مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس ئىلمىي دىسسېرتاتسىيە ياقىلىنىپ باقمىغان ھەمدە مەخسۇس مونوگرافىيە نەشىر قىلىنمىغان ئىدى. شۇڭا بۇ ئەسەر مەزكۇر ساھەدىكى بوشلۇقنى تولدۇرغان ئىدى.   پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى ،  تېخى 2000-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا  جۇڭگودىمۇ مەخسۇس ئۇيغۇر بۇددىزم پەلسەپىۋى پىكىرلىرى مەسىلىلىرى بويىچە دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسى ياقىلىنىپ، مۇنداق تېمىدىكى  مەخسۇس مونوگرافىيە نەشىر قىلىنمىغان .
        شۇ سەۋەبتىن ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ تەتقىقات تېمىسى  رۇس، تۈرك، قىرغىز، قازاق ۋە باشقا مىللەت ئالىملىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپلا قالماستىن بەلكى خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭمۇ قىزىقىشىنى قوزغىغان ئىدى.  ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن ئەزىز نارىنبايېف،  كوممۇنار تالىپوف، ئابلەت كامالوف،  ئىسلامجان شىرىپ، غەيرەتجان ئوسمان ، پەرھات تۇرسۇن  ۋە باشقىلار ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ تېمىسى ۋە نەتىجىلىرىنىڭ  نەقەدەر مۇھىملىقىنى  ئىزچىل مۇئەييەنلەشتۈرۈپ كەلگەن ئىدى.  تۈركىيە -قىرغىزىستان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ  تۈركىيىدىن كەلگەن بىر قىسىم پروفېسسورلىرىمۇ ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ ئىلمىي تەتقىقاتىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇنىڭ ئىككى پارچە ئىلمىي ماقالىسىنى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىلمىي ژۇرنىلىدا بېسىپ تارقاتقان ھەتتا ئۇنى تۈركىيىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا خىزمەت قىلىشقا تەۋسىيە قىلغان ئىدى.
      ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ  « دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر پەلسەپىۋى پىكىرلىرى»   ماۋزۇلۇق مەزكۇر مونوگراپىيىسىنى قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ  پەلسەپە ۋە  قانۇن ئىنستىتۇتى نەشىر قىلىشقا تەۋسىيە قىلغان بولۇپ،  قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرىي ئاكادېمىكى، پروفېسسور، پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى ، ئۇيغۇر ئالىمى ئەزىز نارىنبايېف  ئەسەرنىڭ   جاۋابكار تەھرىرلىكىنى زىممىسىگە ئالغان ھەمدە ئەسەرگە كىرىش سۆز يازغان.
قىرغىز  ئالىملىرىدىن ، قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ  پەلسەپە ۋە قانۇن ئىستىتۇتىتىنىڭ دىرېكتورى ، پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى، پروفېسسور  ئوسمان  توگۇساكوف بىلەن قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ  ئىلمىي خادىمى، پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى  س. مۇقاسوف نەشىر قىلىشنى باھالىغۇچى بولغان.


كىتابقا باھا سۆزى يازغۇچى مەزكۇر ئىككى  قىرغىز ئالىمى  مۇنداق  باھا بەرگەن:

       « بۇ  مونوگرافىيىدە دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىدىكى  ئىجتىمائىي-مەدەنىي ھەل قىلغۇچ ئامىللار ھەم ئۇنىڭ پەيدا بولۇش ئىدىيىۋى مەنبەلىرى تەتقىق قىلىنىدۇ. كۇماراجىۋا، سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ، پرىتىيا ياشرى، ئاتسان، چۇسىيا تۇتۇڭ، كالىم كايشى ۋە باشقا  شائىر-مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئېتىكىلىق ۋە ئېستېتىك  قاراشلىرى ئانالىز قىلىنىدۇ.
      مەزكۇر كىتاب پەيلاسوپلار،تارىخچىلار، ئوقۇتقۇچىلار، ئىستۇدېنتلار، ئاسپىرانتلار ۋە بارلىق  شەرق خەلقلىرىنىڭ ئىجتىمائىي-پەلسەپىۋى پىكىرلىرىگە قىزىققۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىنى نىشان قىلغان.»


ئاكادېمىك  ئەزىز نارىنبايېف  كىتاب ھەققىدىكى  كىرىش سۆزىدە ئەسەرگە مۇنداق باھا بەرگەن:

         « مەزكۇر كىتابتا  بۇددىزم پەلسەپە ماتېرىياللىرى ۋە مەنبەلىرى ئاساسىدا تۇنجى قېتىم دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى بۇددىست ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي -پەلسەپىۋى پىكىرلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان ۋە   بۇ دەۋىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ  پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ھەم  راۋاجلىنىشىدىكى ھەل قىلغۇچ  ئىجتىمائىي-مەدەنىي ئامىللار،  ئۇنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ئىدىيىۋى مەنبەلەر  ئېنىقلاپ چىقىلغان  شۇنىڭدەك يەنە  مۇتەپەككۇرلارنىڭ بىر قاتار دۇنيا قاراش پرىنسىپلىرى ، ئەخلاقىي -ئېتىكىلىق ۋە بەدىئىي نۇقتىئىنەزەرلىرى ۋە گۇمانىزملىق ئىدىيىلىرى ھەم ئىدېياللىرى يورۇتۇپ بېرىلگەن،  دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى بۇددىزم ئۇيغۇرلىرىنىڭ  ئىجتىمائىي-پەلسەپىۋى  پىكىرلىرىنىڭ تولۇق كارتىنىسى تۇرغۇزۇپ چىقىلغان. بۇ  ئەسەر ياشلارنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ پەلسەپىۋى مىراسلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشى، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا ئومۇمىي مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىنى يۇقىرى باھالاپ، ئۇنىڭ پەخىرلىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ. »
       بەلكى،  قىرغىزىستان ئاكادېمىك ۋە  پروفېسسورلىرىنىڭ  يۇقىرىدىكى باھا سۆزلىرى ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ ئىلمىي ئەمگىكى ھەم ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئەڭ ئىشەنچىلىك پاكىت بولۇپ، مۇنداق باھالار ھەرگىزمۇ لايىق كەلمىگەن، ئۆلچەمگە توشمىغان ۋە يېڭىلىق قىممىتى بولمىغان ئەسەرلەرگە   بېرىلمەيدۇ.  پەقەت  ھەقىقىي ئىلمىي ئەسەرلەرگە بېرىلىدۇ.
        بۇنىڭدىن باشقا يەنە 2002-يىلى،قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادەمىيىسى ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ  ئىلمىي دىسسېرتاتسىيىسىنىڭ قىسقارتىلمىسىنى   «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنىڭ  كېلىپ چىقىش مەنبەسى ۋە ئېۋالىئۇتسىيىسى»  ماۋزۇسى ئاستىدا نەشىر قىلىپ تارقاتتى. دىسسېرتاتسىيە بىلەن تونۇشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغان كىشىلەر مەزكۇر قىسقارتىلما ئەسەر بىلەن تونۇشۇش مۇمكىن
.

ئۇنىڭ ئەسىرى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۈتۇپخانىلاردا  ساقلانماقتا


        ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ  « دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر پەلسەپىۋى پىكىرلىرى»   ماۋزۇلۇق مەزكۇر مونوگراپىيىسى  ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى دۆلەت مەجلىسى كۈتۈبخابىسى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ،   مەزكۇر كۈتۇپخانىنىڭ رۇس تىلىدىكى كىتابلار كاتولىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، مۇتەخخەسىسلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن قويۇلغان.  ئۇيغۇر مۇتەخخەسىسلىرىنىڭ چەت تىللىرىدا يېزىپ نەشىر قىلىنغان ئىلمىي كىتابلىرىدا ئىچىدە ئامېرىكا  دۆلەت مەجلىسى كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلەر ناھايىتى ئاز ساندىدۇر. ئادەتتە ئىلمىي ساپاسى ۋە ئىلمىي قىممىتى يۇقىرى بولمىغان ئەسەرلەر مەزكۇر كۈتۈپخانىغا قويۇلمايدۇ.
      مەزكۇر كىتاب يەنە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدىكى   دۇكې ئۇنىۋېرسىتېتى،   ئىللىنوي ئۇنىۋېرسىتېتى  ۋە  ۋىسكونسىن ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ كۈتۇپخانىلىرىغا قويۇلغان.
      نۆۋەتتە، ئۇنىڭ ئىلمىي دىسسېرتاتسىيىسى ۋە دىسسېرتاتسىيىسىنىڭ قىسقارتلمىسى شۇنىڭدەك  مەزكۇر مونوگرافىيىسىدىن ئىبارەت ئۈچ ئەسىرى قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئارخىپىدا،  قىرغىزىستان جۇمھۇرىيەتلىك مەركىزىي كۈتۈپخانە، قىرغىزىستان  دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى  كۇتۇبخانىسى، قىرغىزىستان ئالىي ئۇنۋان باھالاش ۋە بېرىش كومىتېتىدا ساقلانماقتا. ئۇنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرى بېسىلغان ژۇرناللارمۇ ھەر خىل كۈتۇپخانىلاردا ساقلانماقتا.
      ئۇنىڭ مونوگراپىسىيى  ۋە  « ئۇيغۇر پوئېزىيىسى»   رۇسىيە، جۇڭگو، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە  غەرب دۆلەتلىرىدىكى بىر قىسىم كۇتۇبخانىلاردا  شۇنىڭدەك مۇتەخەسىس ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ  قولىدا ساقلانماقتا. ئۇنىڭ دىسسېرتاتسىيىسى ۋە مونوگرافىيىسى رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم ئۇيغۇر ئوتتۇرا ئەسىرلەر پەلسەپىۋى پىكىرلەر  ۋە ئىدىيىلەرنى تەتقىق قىلىش ساھەسى ئۈچۈن مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىياللىق رولىنى ئويناۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر ساھە بويىچە دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسى ۋە ياكى ئىلمىي ماقالە يېزىش ئۈچۈن  ئابدۇرېھىمنىڭ مونوگرافىيىسى ۋە ماقالىلىرىنى  مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى  قاتارىغا كىرگۈزۇش تەلەپ قىلىنىدۇ


ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ  بىر قىسىم  رۇسچە ئېلان قىلغان ئاساسلىق ئەسەرلىرىنىڭ تىزىملىكى
كىتابلار :
1.     دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر پەلسەپىۋى پىكىرلىرى . بىشكەك. ئىلىم نەشىرىياتى.  2002-يىلى. (رۇسچە
2.       ئۇيغۇر پوئېزىيىسى . بىشكەك، قىرغىزىستان نەشرىياتى، 2001-يىلى، ( رۇسچە
3.      دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر  پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ۋە ئېۋالىئۇتسىيىسى  ( بۇددىزم پەلسەپىسى ماتېرىياللىرى ئاساسىدا) . دىسسېرتاتسىيە، 2002-يىلى، بىشكەك، ( رۇسچە
4.     دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر  پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ۋە ئېۋالىئۇتسىيىسى  ( بۇددىزم پەلسەپىسى ماتېرىياللىرى ئاساسىدا) . دىسسېرتاتسىيىنىڭ قىسقارتىلما نۇسخىسى، 2002-يىلى، بىشكەك، ( رۇسچە)


رۇس تىلىدا ئېلان قىلغان بىر قىسىم ئاساسلىق ئىلمىي ماقالىلىرى

1.    دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر بۇددىزم پەلسەپىۋى تەپەككۇرلىرى .  «زامانىۋىلىق ۋە پەلسەپە ۋە قانۇن مەسىلىلىرى . قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى بويىچە ئىككىنچى قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ماقالىلار توپلىمى»  .1998-يىلى، بىشكەك ، ( قىرغىزچە)
2.  بۇددىزم پەلسەپىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقىلىشى .   « ياش تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى» . بىشكەك. 1999-يىلى، ( رۇسچە
3.  ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى ھەققىدە ئىزدىنىشلەر .  « ياش تەتقىقاتچىلار ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى»  . بىشكەك، 2000-يىلى، ( رۇسچە
4.    ئۇيغۇر بۇددىزم مۇتەپپۇككۇرلىرى . « ياش تەتقىقاتچىلار ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى»  .بىشكەك، 2000-يىلى.
( رۇسچە).
5.    ئۇيغۇر مۇتەپككۇرلىرىنىڭ  ئىدېئولوگىيىلىك  پرىنسىپلىرى . « ياش تەتقىقاتچىلار ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى»  . بىشكەك، 2001-يىلى، ( رۇسچە)
6.     تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىدىكى ئېتىكىلىق    كۆز قاراشلار ھەققىدە ئىزدىنىش. « قىرغىزىستان-تۈركىيە  ماناس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلمىي ژۇرنىلى» ، بىشكەك ، 2003-يىلى  ( رۇسچە
7.    ئۇيغۇر مۇتەپپەكۇرلىرىنىڭ سىياسىي ئىدىيىۋى كوز قاراشلىرىغا ئائىت مەسىلىلەر .  «ياش تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى» ، 2001-يىلى، بىشكەك، ( رۇسچە)
8.    چۇيسا تۇتۇڭ  ۋە كالىما كايشىنىڭ ئېتىكىلىق كۆز قاراشلىرى .  « قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 5-قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ماتېرىياللىرى توپلىمى» . 2002-يىلى، بىشكەك.( رۇسچە).
9.  تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى دەۋرىدىكى  ئۇيغۇر مۇتەپپەككۇرلىرىنىڭ ئېتىكىلىق قاراشلىرى. «  قىرغىزىستان  -تۈركىيە ماناس ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» ، 2001-يىلى، 2-سان، بىشكەك ( رۇسچە).
10.     ئۇيغۇر بۇددىست مۇتەپپەككۇرى  پرىتىئا ياشرىنىڭ  ئەخلاق قاراشلىرى .  « مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ  مەنىۋى مىراسلىرىدىكى بۇددىزم ۋە خىرستىيانىزم»   ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ  ماقالىلار توپلىمى، بىشكەك  2002-يىلى.( رۇسچە).
11. ئۇيغۇر ئىجتىمائىي-پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنىڭ  راۋاجلىنىشىدىكى ئىدىيىۋى مەنبەلەر  ھەققىدە. مۇھاكىمە يىغىن دوكلاتى (رۇسچە)


نەشىر قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان  ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتاب ۋە ئەسەرلىرى
1.    قەدىمكى  يۇرت ئۇچتۇرپان.  ئىجتىمائىي -مەدەنىيەت تارىخى تەرەققىيات مۇساپىلىرى
2.     ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر پەلسەپىۋى پىكىرلەر تارىخى ) رۇسچە كىتابى ئاساسىدا (
3.     19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىجتىمائىي پىكىرلەر  توقۇنۇشى
4.     ئۇيغۇر پەلسەپىۋى پىكىرلىرى تارىخىنى دەۋرلەرگە بۆلۈش مەسىلىسى
ئابدۇرېھىم تۇرسۇن يەنە « تۇرپانشۇناسلىق» ، «  مۇنبەر» ، «  شىنجاڭ تارىخ-مەدەنىيىتى»  ۋە «  شىنجاڭ ياشلىرى»  قاتارلىق ژۇرناللاردا بىر قىسىم ماقالىلارنى يېزىپ نەشىر قىلدى.

    ئابدۇرېھىم  ئىسمىنىڭ كېلىپ چىقىش ھېكايىلىرى
      ھەر قانداق ئاتا-ئانا ئۆز پەرزەنتلىرىگە يۈكسەك بىر ئارزۇ-ئۈمىد ھەم تىلەك تۇيغۇلىرىنى مەنبە قىلغان  ئىسىملارنى قويىدۇ. ئىنىم ئابدۇرېھىمنىڭ  ئىسمىمۇ ئەنە شۇنداق ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمى  ئاتاقلىق قەھرىمانلارنىڭ، باتۇرلارنىڭ ، ئارتىستلارنىڭ  ۋە ياكى ئاتاقلىق دانىشمەنلەرنىڭ ئىسمى ئەمەس، بەلكى  ئۆزىمىزنىڭ  بوۋىمىزنىڭ ئىسمى ئىدى، يەنى ئۆز غورۇرى ۋە ئىمانىغا سادىق بولۇپ ئۆتكەن بىر ئاددىي  ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى ئىدى.  ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بوۋىمىز  71 ياش ياشىدى، ئەمما ئىنىم  ياش جەھەتتە ئۆز بوۋىسىنىڭ  يېنىغىمۇ كېلەلمىدى !
      بىز ئائىلىدە تۆت پەرزەنت ئىدۇق،  ئىككى ئوغۇل ،ئىككى قىز.  ئابدۇرېھىم بالىنىڭ ئۈچىنچىسى ئىدى.  بىزنى گۈزەل  ، ساپ ھاۋالىق يۇرت ئۇچتۇرپان ئۆستۈردى. ئاتا-ئانىمىز  كونا زىيالىيلاردىن بولۇپ  ، دادىمىز تۇرسۇن بارات  1957‏- يىلى  ئۇچتۇرپانغا كېلىپ ،  ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىنى باشلاپ ، ئۇچتۇرپان ‏1‏-  ئوتتۇرا   مەكتىپى ۋە   ئىماملىرىم يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنى    بەرپا قىلىشقا قاتناشقان . بىر مەزگىل   ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاندىن كېيىن،  ئۇزۇن مەزگىل  مەمۇرىي ئىشلار، يەنى تەزكىرە يېزىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە ئۈرۇمچىگە يۆتكىلىپ،   ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىن پېنسىيىگە چىققان.  مەرھۇم ئانىمىز  نۇرنىسا ئابدۇرېھىم ئۆمۈر بويى ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ،  پېنسىيىگە چىققان ئىدى. مانا ئەمدى ئائىلىمىزدە ئىنىمىز  ئابدۇرېھىم ۋە ئانىمىزدىن ئايرىلدۇق.
      دادام ۋە ئانام ھەر ئىككىلىسى  ئايرىم -ئايرىم  ھالدا 1950- ۋە 1960-يىللاردا قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن ۋە قەشقەر  پېداگوگىكا ئالىي تېخىنىكومىنى پۈتتۈرگەن ئىدى.
ئىنىم تۇغۇلغاندا،  ئۇنىڭغا  ئانام ،دادام  ۋە مومام چوڭ دادىمىز  ئابدۇرېھىمنىڭ ئىسمىنى قويۇشنى قارار قىلغان ئىكەن. چۈنكى،  چوڭ دادىمىز ( بوۋىمىز) ئابدۇرېھىمنىڭ ھايات مۇساپىسى ناھايىتى مۇرەككەپ ۋە قىزىقارلىق بولۇپ، سودا-تىجارەت ۋە دىنىي ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەن كىشى ئىدى.
      بوۋىمىز   قەشقەر  بەشكېرەمدىكى ئاۋات دېگەن جايدا تۇغۇلغان ھەمدە  ياشلىق ۋاقتىدا قەشقەردىكى خانلىق مەدرىسىدە ئوقۇپ، داموللا دەپ ئاتالغان. كىشىلەر ئۇنى ئادەتتە ئابدۇرېھىم داموللا دەپ ئاتايدىكەن. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، تەخمىنەن ئۆكتەبىر ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىدا  بوۋىمىز ئەنجانغا سەپەر قىلىپ،  مەرغىلان، تاشكەنت، شەمەي، ئورېنبۇرگ، موسكۋا، سانكىتپېتربۇرگ قاتارلىق شەھەرلەرگە بېرىپ  تىجارەت قىلغان،  ئاخىرىدا  قاراقول )پرژىۋالسكى(  شەھىرىدە ئۇزۇن يىللار ياشىغاندىن  كېيىن ،1930-يىللىرى ئەتراپىدا ستالىننىڭ   كوپېراتسىيىلەشتۈرۈش  ۋە   باي -كۇلاقلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى مەزگىلىدە ، ستالىن ھۆكۇمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ   ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ،  بارلىق ئائىلە ئەزالىرى ھەم  ئۇرۇغ-جەمەتى بىلەن   ئۇچتۇرپانغا ماكانلاشقان .
     شۇ قېتىمقى كۆچۈشتە   مومىمىزنىڭ كىچىك ئىنىسى، موسكۋادا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان  ئۆمەرجانمۇ   سوۋېت ئىتتىپاقىدىن  ھەدىسى ، ئاكىلىرى ۋە ئانىسى بىلەن بىرلىكتە  ئۇچتۇرپانغا كۆچۈپ  كەلگەن  . 1934-يىلى، شېڭ شىسەي ھاكىمىيەتنى ئىگىلەپ، خوجا نىياز ھاجىم قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ، ئۆلكىدە مەدەنىيەت-مائارىپ ئىشلىرىنى يولغا قويغان ھەمدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلاشتۇرغاندا يۇقىرى مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن ئۆمەرجان  ئۇچتۇرپان ، ئاقسۇ، كۇچار   ۋە   بىر مەزگىل كورلا ھەم ئۈرۇمچىدە خىزمەت قىلغان. كۇچاردا ، مائارىپ ۋە سەنايى نەپىس ئىشلىرىنى يۈرۈشتۇرگەن ، ئەمما 1941-يىلى ئارىسىدا  تازىلاش  باشلانغاندا، شېڭ شىسەي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ،  مىڭلىغان  ئۇيغۇر ۋە باشقا ھەر مىللەت زىيالىيلىرى قاتارىدا يوق قىلىنغان.
      ئۆمەرجاننىڭ ئىككى قىزى بولغانلىقى مەلۇم، بوۋىمىز، مومىمىز، ھاممىمىز  ۋە  ئانىمىز  بۇ قىزلارنى ئۆمۈر بويى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ ئىزدىگەن بولسىمۇ،  ھېچ يەردىن دېرىكىنى ئالالماي ئۇ دۇنياغا كەتتى. ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشقا ھەتتا ئىنىم ئابدۇرېھىممۇ قاتنىشىپ بەزى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئىشىنىمەنكى،  بۇ ئىككى قىز ھازىر  ھايات بولسا، تەخمىنەن 70 ياشلار چامىسىدىكى مومايلاردۇر، ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە نەۋرىلىرى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بۇ قۇرلارنى ئوقۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
     بىزنىڭ بوۋىمىز  ئابدۇرېھىم داموللا قاراقولدىكى ۋاقتىدىن تارتىپ،  1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلاب رەھبەرلىرىدىن  ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ دادىسى ھاشىم ئاقساقال ئائىلىسى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولغان.  ئۇلار كېيىن ئۇچتۇرپاندا بىرگە ياشىغان ھەمدە ئائىلىمىز بىلەن ئابباسوفلار ئارىسىدا قويۇق تارىخى مۇناسىۋەتلەر بار ئىدى. بۇ ئايرىم  تارىخ، شۇڭا بۇ يەردە  ھەممىنى يېزىپ بولالمايمەن.
     بوۋىمىز ئابدۇرېھىم داموللا ناھايىتى مەرىپەتپەۋەر ، كۆپنى كۆرگەن،  زامانىۋى ئىلىم -مەرىپەتنى قوللايدىغان ھەمدە دىنىي بىلىملەرگىمۇ كامىل كىشى بولغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ يۇقىرى ھۆرمىتىگە ئىگە بولغان ، ئۇ زات 1959-يىلى ، ئۇچتۇرپاندا ۋاپات بولغان.  ئىنىم ئابدۇرېھىمگە بوۋىمىزنىڭ ئىسمىنى قويۇش ، ئەنە شۇ زاتنى  ۋە ئائىلە شەجەرىسىنى ئەستە تۇتۇش  مەقسەت قىلنغان.
     دادىمىز تۇرسۇن باراتنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى قەشقەر پەيزىۋات بولۇپ، دادىسى، يەنى دادا جەھەتتىن بىزنىڭ بوۋىمىز باراتاخۇن پەيزىۋاتتا تونۇلغان دىنىي زات ئىدى. ئۇ كىشى قاغىلىقتىكى  ئاتاقلىق ئالىم تەجەللىنىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى ئىدى.  مەرىپەتپەرۋەر بۇ زات دادىمىنىزنى  پەيزىۋاتتىكى ۋە كېيىن قەشقەردىكى يېڭىچە مەكتەپكە ئۆزى ئاپىرىپ بەرگەن ھەمدە  دادىمىزنىڭ قەشقەر دارىلمۇئەلللىمىننى نەتىجىلىك پۈتتۈرىشىنى قوللىغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن  تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى بىردىن ئوتتۇرا دەرىجىلىك بىلىم دەرگاھى بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان ئاتاقلىق  زىيالىيلار  تۇرغۇن ئالماس,  مۇھەممەد ئابدۇللا، ئابدۇشۈككۈر مۇھەممەد ئىمىن، غازى ئەمەت، ئابباس بۇرھان،  ئۆمەر موللا، كېرىم سايىم  قاتارلىق  يۇزلىگەن زىيالىيلارنىڭ  ئىسمى بۇ مەكتەپ بىلەن باغلىنىشلىق، دادام ئەنە شۇ كىشىلەر بىلەن مەكتەپداش ۋە بەزىلىرى بىلەن ساۋاقداش  ئىدى.
      دادام ئۆز  كىندىك قېنى تۆكۈلگەن  يۇرتى  پەيزىۋاتنى، ياشلىق ۋە ئوتتۇرا ياشلىق ھاياتى ئۆتكەن ئۇچتۇرپاننى ئىنتايىن سۆيىدۇ. بولۇپمۇ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن پەيزىۋاتتىكى ئۆز يېزىسىدا دادىسى ۋە ئانىسى ھەم قېرىنداشلىرىنىڭ  قەبرىسى جايلاشقان بولغاچقا بۇ يۇرتقا ئالاھىدە مۇھەببەت باغلىغان. شۇڭا ئىنىمنى تاپقان پۇلىنى پەيزىۋاتقا سېلىش، ئۆز يېزىسىدا بوز يەرلەرنى ئېچىپ، باغ-بوستان قىلىشقا ئۈندىگەن. نەتىجىدە، ئىنىم ئاران تەستە ماقۇل بولۇپ، پەيزىۋاتقا تاپقان پۇلىنى مەبلەغ قىلىپ، شۇ يەرگە سالغان ئىدى. ئەپسۇس، ئىنىم ئاخىرقى ۋاقىتلاردا بۇ بىر ئازغىشىش  بولغانلىقىدىن  ئەپسۇسلانغانلىقىنى،  ئەمما پۈتۈن كۈچى بىلەن  كۆكەرتىش ئېلىپ بېرىپ، كۆپ مېۋە كۆچەتلىرىنى تىككەنلىكى، ھۆكۈمەتنىڭ  بۇ ئىشنى قوللايدىغانلىقى،  مانا ئەمدى  تىككەن كۆچەتلىرى  كۆكلەپ ، رەسمىي چوڭ باغقا ئايلىنىۋاتقانلىقنى  ئېيتىپ بەرگەن ئىدى.  ئەپسۇسكى ، ئۇ تۆككەن تەرلىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش  ئالدىدا، ھاياتلىقتىن خۇشلاشتى، ئۆستۈرگەن مېۋە دەرەخلىرى ، باغلىرى قالدى ! ئەلۋەتتە، بۇ باغلار، بۇ تۆكۈلگەن تەرلەر  كەلگۈسىدە  نېمە بولىدۇ ؟  بۇنىسى نامەلۇم،  تارىختا نۇرغۇن باغلار ۋەيران بولغان ئەمەسمۇ؟!   ئەمما يەنىلا ئىنىمنىڭ ئەقلىي قەلىمى بىلەن قالدۇرغان پەلسەپە ئەسەرلىرى ئارقىلىق تىكلەنگەن ئۇنىڭ كىچككىنە «بېغى»  ئەبەدىيلىك بولسا كېرەك؟!   مەنىۋى تەپەككۈر ۋە ئىلىم تۆھپە بېغى ئىنسانلارغا ئەبەدىي ئوزۇق بېرىدۇ. خۇددى بىز 1000 يىلنىڭ ئالدىدا قەشقەر دىيارىدا تىكلەنگەن  ماھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەنىۋى باغلىرىدىن ھازىرمۇ  ھوزۇرلىنىۋاتقان ھەم روھىمىزغا كۈچ مادار ئېلىۋاتقاندەك !
        قىممەتلىك ئوقۇرمەنلىرىم ،  تارىخى تەزكىرىچىلىك دادىمىزنىڭ ئەڭ سۆيگەن ئىشلىرىنىڭ بىرىدۇر.   ئۇچتۇرپاندىكى  « جىگدە يېغىلىقى» نىڭ  تارىخىنى تۇرغۇزۇش،  « يەتتە قىزلىرىم» نىڭ ئەسلى تارىخى كېلىپ چىقىشىنى بېكىتىش ۋە ئۇلار ئۈچۈن مەقبەرە ئورنىتىش ، كىللاسسىك شائىر موللا شاكىرنىڭ قەبىرىسىنى تېپىپ بېكىتىش  قاتارلىق ئۈچتۇرپان تەزكىرىسىگە  ئائىت نۇرغۇن خىزمەتلەردە  دادىمىزنىڭ جاپالىق ئەمگەكلىرى بارلىقىنى  چوڭ ياشتىكى كىشىلەر ياخشى بىلىدۇ. دادىمىز بۇ ھەقتە  ۋە  باشقا  تېمىلاردا  خېلى كوپ  ئىلمىي ماقالىلارنىمۇ ئېلان قىلغان ھەمدە ئىنىم بىلەن بىرلىشىپ، ئۇچتۇرپان ۋە ئاقسۇ رايونىنىڭ تارىخى، مەدەنىيەت  تەزكىرىسى ھەققىدە كىتابمۇ يازغان ئىدى.
       ئاتا-ئانىمىز   4 پەرزەنتىنىڭ ھەممىسىنى ئالى مەلۇماتلىق قىلىپ تەربىيىلىدى ھەمدە ئىككى ئوغلىنىڭ دوكتور  بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا ئاساس سالدى.  ئاتا-ئانىمىز  كىچىكىمىزدە ھەر كۈنى چىراقنىڭ تۈۋىدە  ئوقۇپ بەرگەن رومانلار ۋە ھېكايىلەر، سۆزلەپ بەرگەن تارىخى ۋەقەلەر   بىكارغا كەتمىگەن بولسا كېرەك؟
         بىز  كىچىكىمىزدە  ئائىلىمىزنىڭ   تارىخى مۇساپىلىرى ھەققىدە كۆپ ئاڭلىغان ئىدۇق.  بەلكى،  تارىخ پېنىگە قىزىقىش ئالدى بىلەن ئائىلىسىنىڭ تارىخىنى بىلىشتىن باشلانسا كېرەك، شۇ نۇقتىدىن مەشھۇر ئەدىب ۋە ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر  « ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى  بىلمەسلىك ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ كىملىكىنى بىلمىگەنگە ئوخشاش»   دېگەن  ئىدى.
         مەن بۇ يەردە ئائىلە تارىخىنى سۆزلەشنى مۇددىئا قىلمىغانلىقىم ئۈچۈن  بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە قىسمەنلا توختىلىمەن.
        ئىنىم ئابدۇرېھىم  ئائىلىمىزنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئائىلىمىزنىڭ شەجەرىسىنى ئىگىلەشكە  بەك ئەھمىيەت بېرەتتى، مەن كۆپ نەرسىلەرنى ئۇنىڭدىن سورايتتىم.   ئۇ ، يەنە  ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھايات مۇساپىلىرىنى چۈشىنىش، ئۇلار ھەققىدە كۆپ ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرەتتى، ئۇنىڭ قارىشىچە، ھەربىر شەخسنىڭ ھايات مۇساپىسى شۇ دەۋرنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي  ھاياتى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان بولىدۇ. مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھايات مۇساپىسى ئارقىلىق شۇ دەۋرنىڭ سىياسىي ئەخلاق، ئىجتىمائىي  تەپەككۈر قۇرۇلمىسىنى ھەم سىياسىي ئارقا كۆرۈنىشىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئەلىخان تۆرە بىلەن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ھاياتى ئارقىلىق 1940-يىللاردىكى ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئىككى خىل مىللىي ئىدېئولوگىيە قۇرۇلمىسىنى چۈشىنىۋېلىش مۇمكىن. سابىت داموللام بىلەن خوجا نىياز ھاجىم  ئارقىلىق 1930-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي قاتلىمىدىكى ئىچكى ۋە تاشقى ئىككى خىل كۆرۈنىشنىڭ تەسىرىنى بىلىش مۇمكىن.
         مەرھۇم ئىنىمغا  « ئابدۇرېھىم»   ئىسمىنىڭ قويۇلۇشى   20-ئەسىرنىڭ  بىرىنچى يېرىمىدا  ئۆتكەن ئاددىي بىر  ئۇيغۇر  ئائىلىسىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن  ھايات مۇساپىلىرى  بىلەن مۇناسىۋەتلىك  بولۇپ، ئۆز ئائىلە شەجەرىسىنى يېزىپ قالدۇرۇش، ئائىلە شەجەرە دەرىخىنى تۇرغۇزۇش ئەنئەنىسى  تەرەققى قىلمىغان   ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە  ھەر بىر ئىسىمنىڭ نۇرغۇن ھېكايىلىرى ۋە سىرلىرى  بارلىقى تەبىئىي. ئائىلە شەجەرىسىنى تۇرغۇزۇش ئەنئەنىسى كۈچلۈك بولمىغان مىللەتتە ئۆز مىللىي تارىخىنى چۈشىنىش، ئۇنىڭغا قىزىقىش ۋە ئۇنىڭدىن ئىپتىخارلىق  ھېس قىلىش  روھى ئاجىز بولسا كېرەك؟! ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەنە شۇ سەۋەبتىن يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان مەشۇر سۆزنى ئېيتقان ئىدى.  قىسقىسى، ئۆزلىرىنىڭ  يەتتە ئەجدادىنى بىلىش روھى مەسىلىسىدە   ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ قان-قېرىنداشلىرى ھېسابلانغان تۈركلەر، قازاقلار، قىرغىزلار ۋە باشقىلاردىن ئۆگىنىشى زۆرۈر !

خاتىمە

         مەرھۇم ئىنىم ئابدۇرېھىمنىڭ ھايات مۇساپىسىنى ئويلىغىنىمدا قاتتىق ئېچىنىمەن ھەم پەخرلىنىمەن. پەخىرلىنىدىغان نۇقتام  ئۇنى ئىلىم-پەن دۇنياسىغا باشلاشتا ئاتا-ئانام ۋە مەن مۇھىم رول ئوينىغان بولسام، ئۇنىڭ  ئىلمىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىشىدە  ئاكادېمىك ئەزىز نارىنبايېف ۋە  پروفېسسور ئوسمان توگۇساكوف  قاتارلىق ئالىملار زور  رول ئوينىغان ئىدى. ئېچىنىدىغان يېرىم ئۇنىڭ  دوكتورلۇق دىپلومىنى يانچۇقىغا سېلىپ قويۇپ،  ئىگىلىك تىكلەش يولىدا، كۈندىلىك  تۇرمۇشىنى قامداش يولىدا سەرپ قىلىنغان نۇرغۇنلىغان ۋاقىتلىرى ھەم ئاقىۋەتتە ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرماي تۇرۇپ  بىز بىلەن خوشلىشىشىدۇر.  40 ياش بىر ئەر ئۈچۈن ئەقىلگە تولغان ، قىران مەزگىل، ئۇنىڭ  چوڭقۇر ۋە كۈچلۈك پەلسەپە تەتقىقات ئەسەرلىرى بەلكى ئۇنىڭ  40  ياشتىن كېيىن، بەلكى 50 ياشلىرىدا بولار ئىدى. ئەگەر ،  ئۇنىڭدا مۇنداق تالانت ۋە قابىلىيەت بولمىغان بولسا، يۇقىرىدا  قەيت قىلىنغان  ئەسەرلەرنى يورۇقلۇققا چىقىرىپ، ئۆز قابىلىيىتىنى  30 ياشقا تولماي تۇرۇپ كۆرسەتمىگەن بولسا، مەن ھەرگىزمۇ ئارتۇقچە ئويلىمايتتىم. لېكىن، ئاللاھ ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئۆمۈر بەردى. ئۆز ئىنسانلىق قەدىرى ۋە غورۇرى بىلەن ياشىدى. ئامال قانچە؟
       مەن ئۇنى دائىم  كۆپ تىرىشىشنى، كۆپ ئىلمىي ئەسەرلەرنى يېزىپ ئۆزىنى نامايەن قىلىشنى  جىكىلەيتتىم ، بەزىدە تەنقىدمۇ قىلاتتىم. بىراق، ئۇ سۆزلىرىمگە خاپا بولمايتتى، پەقەت «  سەن  مېنىڭ ھېسسىياتىمنى چۈشەنمەيسەن » دەپلا قوياتتى.  ھەقىقەتەن ، مەن ئۇنىڭ ھېسسىياتى ۋە ۋەزىيىتىنى چۈشەنسەممۇ، يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس ئىدى.  لېكىن، ئۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا مېنىڭ تورلاردا ئېلان قىلىنغان تارىخىي ماقالىلىرىمى ئوقۇپ تۇردى ھەمدە ئۆزىنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلەرنى يازغانلىقى، بەزىلىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىرىش  ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى   شۇنىڭدەك ئەمدى رەسمىي ئىشقا كىرىشىپ،   ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن سىستېمىلىق پەلسەپە تارىخى  ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئومۇمىي پەلسەپە تارىخىنى يېزىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
       كېيىنكى ۋاقىتلاردا «شىنجاڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى  تەتقىقات يۇرتى»  ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ قابىلىيىتىنى سەزگەندىن كېيىن، ئۇنى رەسمىي رەۋىشتە «شىنجاڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات يۇرتى» نىڭ  تەكلىپلىق تەتقىقاتچىلىقىغا تەكلىپ قىلىپ، گۇۋاھنامە بەرگەن.   ئۇ, دادامنىڭ ۋە باشقا مۇتەخخەسىسلەرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن  «شىنجاڭ تارىخ  ۋە مەدەنىيىتى»  ژۇرنىلىدى  ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىشقا كىرىشكەن. دادام تۇرسۇن باراتمۇ مەزكۇر تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەكلىپلىق تەتقىقاتىچىسى بولۇپ، ئاتا-بالا بىرلىكتە تەتقىقات پائالىيەتلىرىگە كىرىشكەن ئىدى.  ئاتا -بالا ئۇچتۇرپاننى مەركەز قىلغان ھالدا ئاقسۇ دىيارىنىڭ قەدىمدىن تا  ھازىرغىچە  بولغان ئېتنىك، ئىجتمائىي-مەدەنىيەت ۋە مائارىپ تارىخىنى يېزىشقا كىرىشىپ ، بۇ كىتابنى تاماملىغان ،  ئابدۇرېھىم  سوۋېت-رۇس تارىخچىلىرىدىن بارتولد، كروپاتكىن، كۇزنېتسوۋ ۋە باشقىلارنىڭ ئۇچتۇرپان ۋە ئاقسۇ رايونى ھەققىدە يازغان ئەسەرلىرىدىكى ئۇچۇرلارنى توپلاپ  مەزكۇر  كىتابنى تېخىمۇ بېيتقان ھەمدە بۇ ئەسەرنى بۇ يىل ۋە ياكى كېلەر يىلىغىچە نەشىر قىلماقچى ئىدى.
      ئەپسۇس ! ئۇ رەھمەتلىك بولدى !   مەن يىراق ئوكيان قىرغىقىدا  تۇرۇپ  پەقەت ئاللاھتىن ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلدىم!   رەھمەتلىك ئانام  ۋە رەھمەتلىك ئىنىمنىڭ  دىدارىنى  كۆرەلمىدىم !  مەن پەقەت  ئۇلار بىلەن ئۆتكەن  ئەڭ ياخشى كۈنلەرنى ئەسلىدىم. مەن  ئىنىم  بىلەن كۆرۈشكەن كۈنلەردىكى ئۇنىڭ چىراي تۇرقىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم.  بۇ ئەلۋەتتە ھەر  قانداق بىر قېرىنداشتا بولىدىغان تەبىئىي تۇيغۇ! دائىم  دېگۈدەك تېلېپوندا بولسىمۇ  ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرىدىغان ئىنىمنىڭ ئاۋازى مەن ئۈچۈن ئەمدى ئەبەدى  ئاڭلانماستۇر !
     دائىم  دېگۈدەك تېلېپوندا بولسىمۇ  ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرىدىغان  ئانامنىڭ ئاۋازى مەن ئۈچۈن ئەمدى  ئەبەدى   ئاڭلانماستۇر !
     مەن  ئاتا-ئانامغا دائىم دېگۈدەك  ئانا يۇرتقا قايتىپ كېلىمەن دەيتتىم.  ھەتتا ، ئانام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مەن دادام  ۋە ئىنىمگە  ئەگەر  ۋىزا ئالالىسام، بۇ يىل   مۇمكىن بار  يۇرتقا  بېرىپ سىلەر ۋە دوستلار بىلەن كۆرۈشىمەن  دېگەن ئىدىم.  ئۇلارمۇ تېلېفوندا «  ۋەتەن  بەك تەرەققى  قىلىپ كەتتى،  سەن ئۈرۈمچىگە كەلسەڭ  ئۆيۈڭنى تاپالمايسەن،  ھەممە نەرسە ئۆزگىرىپ كەتتى»  دېگەن ئىدى.  ھازىر يېڭىدىن پۇقرا بولغان  ئامېرىكىلىق  ئۇيغۇرلار  تۇشمۇ-تۇشتىن ۋىزا ئېلىپ ئەسلى ۋەتىنىگە كېتىپ  بارماقتا،  ھەممە يەردە ئەسلى  ۋەتەن بىلەن يېڭى ۋەتەن  ئارىسىدىكى  مۇناسىۋەتلەر قويۇقلاشماقتا. ئانام بىلەن ئىنىمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن  مېنىڭ  ۋەتەن  سېغىنىشلىرىم   تېخىمۇ   كۈچەيمەكتە،  بۇنداق سېغىنىش  ئەلۋەتتە ئىنساندىكى تەبىئىي تۇيغۇلارنىڭ بىرىدۇر  خالاس !
    مەن ھەقىقەتەن ،ئۆز يۇرتۇمنى، ئۆزۈم ئىشلىگەن  ئەشۇ  گۈزەل شىنجاڭ  ئۇنىۋېرسىتېتىنى ،  ياشلىق ھاياتىمنىڭ ئەڭ  گۈزەل   شېئىرىي تەپەككۈرلۇق مىنۇتلىرى ئۆتكەن، ساماۋى  خىياللارغا پاتقان  ئۈرۈمچى كوچىلىرىنى ئەسلەيمەن،   ياشلىق ھاياتىمنىڭ ئەڭ  گۈزەل  رومانتىك دەۋرلىرىم  ئۆتكەن موسكۋا  باغچىلىرى، موسكۋا دەرياسى بويلىرى، كرېمىل تېمىغا  ، لېنىن  ھەيكىلىگە سوئال قويغان كۈنلىرىمنى  ئەسلەيمەن.   ھاياتىم خىياللار، ئارزۇ -ئۈمىدلەر بىلەن  كىتابلار دۆۋىس ئىچىدە ئۆتتى ۋە ئۆتىۋاتىدۇ.  كىتابلار دۆۋىسى ۋە رېئاللىقلاردىن ھەم ئۆتمۈشتىن ئۇيغۇر مىللىتىمنىڭ شانلىق ۋە پاجىئەلىك قىسمەتلىرىنىڭ سەۋەبىنى  ئىزدەپ، ئۇنىڭدىن توغرا  يەكۈن چىقىرىشقا  ئىنتىلىپ كەلدىم.  مەن ئەسلىدىكى شائىر ، تىلشۇناس ، يازغۇچى بولۇشتىن تارىخچى بولۇشنى تاللىۋالغان ئىدىم. ئەسەرلىرىم تور دۇنياسى ئارقىلىق ۋەتەندىكى ئوقۇرمەنلىرىمنى تاپالىدى. ھەقىقەتەن، بىر يازغۇچى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇيدىغان  ئوقۇرمەن بولمىسا، ئۇ كىم ئۈچۈن يازىدۇ؟ بىر تارىخچى ئۈچۈن بىلگەن ۋە يەكۈنلىگەنلەرنى  ئاڭلايدىغان ، تەھلىل قىلىدىغان ئادەم بولماي، ئۇنىڭغا ھېكايە-چۆچەكلەردەك  مۇئامىلە قىلسا، تارىخىي ھۆججەتلەرنىڭ ئارىسىدىن كېچە-كۈندۈز سىرلارنى قېزىشنىڭ نېمە ھاجىتى ؟  ھازىر جۇڭگودا خەنزۇلاردىن  خۇادوڭ  پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ  پروفېسسورى شېن جىخۇا، ئۆزى ئالدى بىلەن ئىگىلىك تىكلەپ، باي بولۇپ، تاپقان پۇلى بىلەن رۇسىيىدىكى سوۋېت-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرى تارىخىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشلىرى، جۈملىدىن قسىمەن ئۇيغۇرلارغا ئائىت  كۆپلىگەن ئارخىپ ھۆججەتلەرنى توپلاپ، نەچچە توملىغان كىتابلارنى نەشىر قىلدۇردى .  ھازىر جۇڭگو-سوۋېت مۇناسىۋەتلىرى تارىخىنى تەتقىق قىلىش، ستالىن دەۋرىنى تەتقىق قىلىش جۇڭگو، رۇسىيە ۋە غەربتىكى قىزىق تېمىلاردىن ھېسابلىنىدۇ.  مەن بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۆپرەك ئىزدەنگەن ئىدىم.  خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، رۇسچە چىققان بۇ ھەقتىكى ئەسەرلەرگە نىسبەتەن مېنىڭ   قىلغان ئىشىم تېخى  ھېچ نېمە ئەمەس، بىراق مەن ئۆزگىچىلىكىمنى ساقلىدىم. نەسىپ بولسا ، بۇ جەھەتتىكى كىتابلىرىمنى ئوقۇرمەنلىرىم بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىمەن.
        قەدىرلىك ئىنىممۇ يەنىلا شۇ ماڭا ئوخشاش ۋە  مېنىڭدىن تېخىمۇ چوڭقۇر  ۋە جەمىيەتنىڭ پەلسەپىۋى تەپەككۈر قاتلىمىنى تەتقىق قىلىدىغان قىسمى بولغان پەلسەپىۋى پىكىرلەر تارىخى قىسىمىنى تاللىۋالغان ئىدى. ئۇ، ھەقىقەتەن ئەشۇ  شېن جىخۇادەك  ئالدى بىلەن  ئىگىلىك تىكلەپ، پۇل تېپىپ ، ئۆزىنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن، رەسمىي ئولتۇرۇپ، ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىغا  پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشمەكچى ئىدى. ئەپسۇس، ئۇ ئۆزى تىكلىگەن ئىگىلىكىنىڭ ھېچنېمىسىنى كۆرەلمىدى !  ئۇنىڭ قەلبى  ئىچىدىن ئاللىبۇرۇن  زېدە بولغان، باتۇر روزى ۋە باشقالارنىڭ قىسمىتى ئۇنى كۇتۇپ تۇرغان ئىدى.    ئىنىم ئۆز  غايىسى  يولىدا  مەغلۇپ بولدىمۇ؟ ياكى غالىپمۇ؟  مەن  بۇ ھەقتە   بىر نېمە دېيەلمەيمەن!  
      قىسىقىسى، ئىنىم  ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ۋەتىنىگە قايتىپ ، تىرىكچىلىك، ئىگىلىك تىكلەش يولىغا كىرگىنىگە 10 يىل توشقاندا ئارزۇ -ئارمانلىرىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ كەتتى.   بەزىلەر ئېيتقاندەك ئۇنى بۇرۇنلا چەتئەلگە ئېلىپ چىقىۋېلىش كېرەك ئىدى.  بىراق،  ئىنىم  ۋە   ئانامنىڭ  پىكرى  شۇكى ئەسلىدە   ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۆز ۋەتىنىدە ياشاپ، ئۆز ۋەتىنىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك، مىللەتنىڭ بىلىملىك پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممىسى چەتئەلدە بولماسلىقى  كېرەك !
       ھەقىقەتەن، ئۇ  ۋە ئانام توغرا ئېيتقان ئىدى. ئۇيغۇرلارغا مىڭلىغان، ئونمڭلىغان ئابدۇرېھىم  تۇرسۇنلار كېرەك! ئىلىم-پەن، مەدەنىي-مائارىپ ۋە باشقا ھەممە ساھەلەردە نەچچە خىل تىلنى پىششىق بىلگەن زىيالىيلار قوشۇنى بولۇش كېرەك، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا،  ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرى دەرجىلىك دوكتورلۇق ئۇۋانى ئالغان زىيالىيلىرىنىڭ مۇتلەق زور كۆپچىلىكى  چەتئەللەردە تۇرماقتا !   
       مانا    ئوقۇش، ئۆگىنىش، خىزمەت بىلەن يىللار يىللارنى قوغلاپ چاماق تېزلىكىدە ئۆتۈپ كەتتى،  ھەش-پەش دېگۈچە  چوڭلار قاتارىغا قوشۇلدۇق، ياشلىق خىياللىرى ۋە ئارمانلىرى بىر-بىرلەپ ئەمەلگە ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما ياشنىڭ چوڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ھاياتلىق مەزمۇنلىرىغا يېڭى مەزمۇنلار قوشۇلدى،  غەمسىز ئۆتكەن كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى.  17 يېشىمدا  ئۆي ئىشىكىدىن ئۇچۇرتما قۇش كەبى چىقىپ كەتكەن ئىدىم.  مېھرىبان ئانىمىز  ئىككى ئوغلىنى ئىلىم-مەرىپەت بىلەن ئۆزلىرىنىڭ قەددىنى تىكلەشكە، نادانلىق، بىلىمسىزلىكتىن خالى بولۇشقا ئۈندەپ يىراق جايلارغا  ئەۋەتكەن ئىدى.  ئۇ بىر ئۆمۈر ئىككى ئوغلىدىن پەخرلەندى !  شۇنى ئېيتماقچىمەنكى، بىر پەرزەنت ئۈچۈن ئالىم بولۇش،  دوكتور  بولۇش، مىليونېر باي  بولۇش، ئەمەلدار بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇ ئالدى بىلەن ھەقىقىي ئىنسانپەرۋەر ئىنسان بولۇشى كېرەك!
      ئىنىم ئابدۇرېھىم   ئاتا-ئانىسىغا، تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرىغا مېھرىبان ۋە كۆيۇمچان ئىنسان ئىدى. ئۇ،  ئۆز ئاتا-ئانىسىغا ياخشى خىزمەت قىلىش بۇرچىنى ئادا قىلدى. ئۇ، مەرھۇم  ئانامنىڭ 4- 5 يىللاردىن بۇيان داۋاملاشقان كېسىلىگە خۇددى دوختۇرغا ئوخشاش  سەبرىچانلىق بىلەن قاراپ، ئۇنىڭ پۈتۈن دورىلىرىنى ئېلىپ كېلىش، ئانىمىزنى دوختۇرخانىلاردا كېچە -كېچىلەپ بېقىش ،  ھەر دائىم  ئانىمىزنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ، خالىغان نەرسىسىنى تەييار قىلىپ بېرىش ، ئومۇمەن ئانا سۈتىنى ئاقلاش  جەھەتتە   ھەقىقىي ئوغۇل پەرزەنتىلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدى. ئانىمىزنىڭ  ۋاپاتى ئۇنىڭ  ئۈچۈن ئىنتايىن ئېغىر زەربە بولغان بولسا ؟! ئۇنىڭسىزمۇ ئۇنىڭ قانچىلىغان يۈرەك ئازاپلىرى، ئۆكۈنىشلىرى ۋە باشقا ئىچكى دۇنياسى بارلىقى كۆزكە كۆرۈنىپلا تۇرىدۇ.
       قىممەتلىك ئوقۇرمەن دوستلىرىم ! مېنىڭ يازغانلىرىم  ئىنىم ھەققىدىكى ئەسلىمىلەردىن تۇغۇلغان ئوي-تەپەككۈرلىرىمدۇر، ئويلىغانلىرىمنى يازدىم، بىزنىڭ ئۇيغۇردا «  كۆزدىن يىراق ، كۆڭۈلدىن يىراق»  دەيدىغان بىر ماقال-تەمسىل بار. ئەمما، مەن بۇ ماقال-تەمسىلگە قىسمەن قوشۇلمايمەن،   باشقىلارنىڭ چۇشەنچىسى  قانداق؟ مەن بىلمەيمەن،  ئەمما مېنىڭ كۆڭلۈم ، مېنىڭ   ئوي -خىياللىرىم  ھېچقاچان  سىلەر قەدىرلىك ئوقۇرمەنلىرىمدىن،   سىلەر   قەدىرلىك ئوقۇرمەنلىرىم  سۇ ئىچىۋاتقان، تۇزىنى تېتىۋاتقان، ئەسىرلەردىن بۇيان ئەجدادلاردىن مىراس قالغان  ھاۋالىرىدىن نەپەس ئېلىۋاتقان مۇقەددەس تۇپراقتىن يىراقلىشىپ كەتكىنى يوق. چۈنكى،  ئۇ يەردە مېنىڭ ئەجدادلىرىم،  سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار، مېنىڭ ئانام ۋە مېنىڭ ئىنىم ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ياتماقتا ! چەتئەللەردە  ياشاش، ھەرگىزمۇ  ئۆز كىندىك قېنى تۆكۈلگەن زېمىننى ئۇنتۇش ئەمەستۇر! ھەر قانداق ۋەتىنىدىن ئايرىلغان مۇساپىر ئۈچۈن بۇ ئورتاق يەكۈن خالاس ! بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلار قەشقەردىن خوتەنگە بېرىپ  قالسا، خوتەندىن قەشقەرگە ياكى، ئاقسۇغا ۋە  ياكى ئاقسۇدىن كۇچاغا بېرىپ قالسا مۇساپىرلار ناخشسىنى ئېيتىپ يىغلاپ يۈرگەن ئەمەسمۇ؟  
       مەن  ئىشىنىمەنكى، ئابدۇرېھىمنى  قەدىرلىگەن، ئۇنىڭ قىممىتىنى بىلگەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېچىنغان ۋە ئۇنىڭدىن پەخرلەنگەن  ئۇنىڭ دوست-يارەنلىرى،   ھەتتا ئۇنى تونىمىسىمۇ، ئۇنى كۆرۈپ باقمىغان بولسىمۇ،   ئۇنىڭ  ھايات مۇساپىسىدىن خەۋەردار بولغان ئاق كۆڭۈل   كىشىلەر  ئۇنى  ئېسىدە  تۇتىدۇ!
















يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3830
توردىكى ۋاقتى: 853
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-9 23:28:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمىمىزنىڭ تۆھپىسى ھەقىقەتەن چوڭكەن.

2

تېما

0

دوست

2308

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19472
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 686
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-10 00:38:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    توھپە ئۇنتۇلمايدۇ ، قىسغىنە 40يىللق ھاياتىدا  شۇنچە كوپ ئىلمى ئەمگەكلەرنى  قالدۇرۇش ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ قولقدىن كىلىدىغان ئىش ئەمەس . بۇ خەلقىمىز ئۇچۇن بىر چوڭ يوقۇتۇش .  ياش ئالىم قەلبىمىزدە مەڭگۇ ھايات . .

6

تېما

2

دوست

2826

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   27.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4209
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 81
تۆھپە : 835
توردىكى ۋاقتى: 318
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-10 02:30:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تارىخىدا ئابدۇرىھىمدەك كۆپ تىللىق تالانت ئىگىسى كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ..ئۇ ئابدۇشكۈر مۇھەممەدئىمىندىن كىيىنكى داڭلىق پەلسەپە ئالىمى بولۇشقا مۇناسىپ..
بۇنداق يۇقرى سەۋىيلىك ئالىمنىڭ دىيارىمىزا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇردىغان مۇھىتقا ئىرشەلمەسلىكى ئاددەمنى ئەڭ ئىچىندىرىدۇ..

17

تېما

29

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.01%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1554
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4390
توردىكى ۋاقتى: 1730
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-10 09:36:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىز كىتىمىز، قالىدىغىنى تۇپا-تاش ۋە ياخشى ئىش ئىزلار...

0

تېما

0

دوست

263

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   87.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21821
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 68
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-10 10:24:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0

تېما

1

دوست

3074

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9837
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 396
تۆھپە : 690
توردىكى ۋاقتى: 446
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-10 10:25:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمما مېنىڭ كۆڭلۈم ، مېنىڭ   ئوي -خىياللىرىم  ھېچقاچان  سىلەر قەدىرلىك ئوقۇرمەنلىرىمدىن،   سىلەر   قەدىرلىك ئوقۇرمەنلىرىم  سۇ ئىچىۋاتقان، تۇزىنى تېتىۋاتقان، ئەسىرلەردىن بۇيان ئەجدادلاردىن مىراس قالغان  ھاۋالىرىدىن نەپەس ئېلىۋاتقان مۇقەددەس تۇپراقتىن يىراقلىشىپ كەتكىنى يوق. چۈنكى،  ئۇ يەردە مېنىڭ ئەجدادلىرىم،  سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار، مېنىڭ ئانام ۋە مېنىڭ ئىنىم ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ياتماقتا !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )