زوردۇن سابىر ئەسەرلىرى مەملىكەتلىك ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە مۇنبىرىدە
ئابدۇرېشىت ئوسمان
(غۇلجا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ)
«دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات پىلانى پرۇگراممىسى»دا كۆرسىتىلگەن «پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇش»فاڭجىنىنى ئىزچىلاشتۇرۇپ، مائارىپ مېنېستىرلىكىنىڭ « ئالىي مەكتەپلەر پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات سۈپىتىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈش پىكرى›› نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 76 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات ئىنىستېتۇتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقىنى خاتىرىلەش، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات پېنى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەسئۇللىقىدا، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات ئىنىستېتۇتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن «مەملىكەتلىك ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» 28-سېنتەبىردىن 29-سېنتەبىرگىچە گەنسۇ ئۆلكىسى لەنجۇ شەھىرى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلدى. يىغىنغا ھەر مىللەت ئەدەبىياتشۇناس، تىل-ئەدەبىيات پرافىسسۇرى، دوسسىنىتى ۋە لىكتۇرى، تىل-ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتۇر-ماگىستىر ئاسپىرانتلىرى بولۇپ جەمئىي 200دىن ئارتۇق ۋەكىل ۋە ئوقۇغۇچى قاتناشتى.
يىغىنغا غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ شۇجىسى ماھىنۇر جامال رىياسەتچىلىك قىلدى. غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسېتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈسۈپچان ئەمەت سۆز قىلدى ۋە ش ئۇ ئا ر ئەدەبىيات، سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ش ئۇ ئا ر يازغۇچىلەر چەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، دوكتۇر ئاسپىرانت يېتەكچىسى ئازات رەھمىتىللا سۇلتان بىلەن بىللە غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات ئىنىستېتۇتىدا قۇرۇلغان «قۇتادغۇبىلىك، تەتقىقات بازىسى»نىڭ ئېچىلىش يوپۇقىنى ئاچتى. غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات ئىنىستېتۇتىنىڭ مۇدىرى، تىل-ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتۇرى،فرافسىسۇرى، ماگسىتېر ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى ئابدۇۋەلى كېرىم ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات ئىنىستېتۇتىنىڭ ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى يىغىن تەھلىگە دوكلات قىلدى. ئەدەبىياتشۇناس ئازاد رەھمىتۇللا سۇلتان « مەملىكەتلىك ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»نىڭ ئېچىلىش نۇتىقىنى سۆزلىدى. بۇ يىغىننىڭ تەشكىلىي ھەيئىتى بۇ يىغىنغا ئەۋەتىلگەن ئىلمىي ماقالىلەردىن جەمئىي 20 پارچە تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، يىغىن تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ قايتا-قايتا سېلىشتۇرۇش باھالاش نەتىجىسىدە جەمئىي 13 پارچە ئىلمىي ماقالە تاللىنىپ، مۇھاكىمە قىلىندى. بۇ يىغىندا ئاتاقلىق ئۇيغۇر يازغۇچىىسى زوردۇن سابىر ئەسەرلىرى مەخسۇس تەتقىقاتى، ئۇيغۇر ھازىرقى ۋە بۇگۈنكى زامان ئەدەبىيات تەتقىياتى، ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىيات نەزەرىيىسى تەتقىقاتى قاتارلىق تەتقىقات تېمىلىرى نۇقتىلىق مۇھاكىمە تېمىسى بولدى. بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنى ئىككى گۇرۇپپا بويىچە ئىلمىي ماقالىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى. بىرىنچى گۇرۇپپىغا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسېتېتى تىل- ئەدەبىيات ئىنىستېتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئابدۇشۈكۈر موللەك يۇرچى رىياسەتچىلىك قىلدى. بۇ گۇرۇپپىدا يازغۇچى زوردۇن سابىر ئەسەرلىرى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىندى. مۇھاكىمە جەريانىدا «يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئۆمۈر مەنزىلىدىن ‹ئىزدىنىش› رومانىغا بىر نەزەر (ئابدۇۋەلى كېرىم)»،«خەنزۇ مەدەبىيىتىنىڭ يازغۇچى زوردۇن سابىر ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى توغرىسدا ( باتۇر مەخسۇت) ».«يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى ۋە تەسىرى توغرىسىدا (مەريەم قۇربان)»، «زوردۇن سابىر ئەسەرلىرىنىڭ خەنزۇ تىل-يېزىقىغا تەرجىمە قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا ( چىڭ ۋۇ) »،« يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ بىر قېتىملىق ئىلمىي لېكسىيىسى ھەققىدە ( غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر)»،« تەخەللۇسشۇناشلىق ۋە زوردۇن سابىرنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسى (ئەكبەر قادىر)»، « زوردۇن سابىرنىڭ ‹ئانا يۇرت› ناملىق رومانىدىكى فولكلۇرلۇق ئىماگ توغرىسىدا ئىزدىنىش ( ئابىدە ئىبراھىم)»، « يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ‹ئانا يۇرت› ناملىق تارىخىي رومانىنىڭ تىلىدا ئىلى شېۋىسى (ئابدۇرېشىت ئوسمان)»،،،قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ ئاپتۇرلىرى ئۆز كۆز-قاراشلىرىنى قىسقىچە شەرھىلىدى. ئىككىنچى گۇرۇپپىغا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات ئىنىستېتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات پەنلىرى فرافسىسۇرى، ماگىستېر ئاسپىرانت يېتەكچىسى غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر رىياسەتچىلىك قىلدى. بۇ گۇرۇپپىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى مۇھاكىمە قىلىندى. مۇھاكىمە جەريانىدا « مۇھەممەتجان سادىقنىڭ شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن ئۇيغۇر كلاسسىك شېئىرىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە (ئابلىكىم ئابدۇراخمان)»، «يىڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى ھەققىدە ئويلىنىش (ئىقبال تۇرسۇن)»، «ئەدەبىي ئىجادىيەتىنىڭ تەرەققىياتىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىۋاتقان سۇبېيىكتىپ مەسىلىلەر (مۇھەممەت بارات تەشنائى)»،.... قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ ئاپتۇرلىرى ئۆز كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يىغىن ئەھلى بىلەن ئورتاقلاشتى. ئاخىرىدا ئەدەبىياتشۇناس ئازاد رەھمىتىللا سۇلتان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن خۇلاسە چىقىرىپ، ئاخىرلاشتۇرۇش نۇتىقىنى سۆزلىدى. يىغىن ئاخىرىدا يىغىن ئىشتىراكچىلىرى كوللكىتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. يېراق-يىقىندىن كەلگەن مېھمانلار غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى يۈسۈپچان ئەمەت بىلەن ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات ئىنىستېتۇتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇۋەلى كېرىم ۋە بۇ ئىنىستېتۇتىدىكى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنۋىرسىېتېتىنىڭ يېڭى مەكتەپ رايونىدىكى زامانىۋى كۈتۈپخانا، مەكتەپ تارىخ-تەزكىرە ئۆيى، تەنتەربىيە مەيدانى، پەن-تېخنىكا سارىيى، ئوقۇغۇچىلار ئەمەلىي مەشغۇلات بازىسى،.... قاتارلىق ئورۇنلارنى ئېكوسكۇرسىيە ۋە زىيارەت قىلدى. يىغىن جەريانىدا ھەر قايسى ئۇنۋېرسىتېت، ئىنىستېتۇتىلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تەجىرىبە ئالماشتۇردى. ھەممەيلەن بىردەك «زوردۇن سابىرشۇناسلىق ئىلىمى» نىڭ رەسمىي روياپقا چىقىپ، بەلگىلىك كۆلەم ۋە تەسىر پەيدا قىلغانلىقىدىن خوشال بولۇشتى.
|