- تىزىملاتقان
- 2012-7-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2834
- نادىر
- 0
- يازما
- 227
ئۆسۈش
27.8%
|
pasiban يوللىغان ۋاقتى 2013-10-11 20:45
نەزەر دائىرىڭىز بەك تاركەن بۇرادەر. ئارتۇق سۆزلىمەي، ...
بەلكىم مېنىڭ نەزەر دائىرەم سىزنىڭكىچىلىك كەڭ ئەمەستۇ . جۆيلۈپ قويغان بولسام كەچۈرۈڭ ! بىراق مەن ئۆزەم كۆرگەن مۇنداق بىر ئەھۋالغا نىسبەتەن ئويلىنىپ باققان . مەن ئىشقا ماڭىدىغان يولدا بىر دىۋانە كۈندە بىر خىل بىچارە ھەلەتتە ئولتۇرۇپ تىلەيدۇ . بەزىدە 1كوي ،بەزىدە 5مو بېرىپ كىتىپ قالىمەن ،لىكىن ھەر قىتىم بەرگىنىمدە ئاغزىدا ماڭا مەدھىيە ئوقۇۋاتقاندەك قىلغىنى بىلەن ، ئۇنىڭ كۆزىدىكى بەرگەنگە قانائەت قىلماسلىق ،نارازىلىقنى سېزىمەن .ئۇ ھەر كۈنى مېنى خۇددى يېڭىدىن ئۇچرىتىۋاتقاندەك ھالەتتە قولىنى سونىدۇ .مەن بۇ دىۋانىگە دەسلەپتە ئانچە ئىتىبار قىلىپ كەتمىگەن ئىدىم ،كىيىن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى تويماسلىق ،تەلمۇرۇش نۇرلىرىنى كۆرۇپ ،ئۇنىڭ ئىدىىسىگە سېڭىپ كەتكەن «مەن بىر دىۋانە ،سەن بېرىسەن، مەن ئالىمەن » دەيدىغان« يۆلۈنىۋىلىش» ئىدىيىسىنىڭ يىلتىزىنىڭ بەك چوڭقۇرلىغىنى ھېس قىلدىم .
بىزنىڭ نامرات دېققانلىرىمىزدىمۇ مانا مۇشۇ ئىدىيە ئىنتايىن چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ،ئۇلارنى مۇبادا گۈللەنگەن سۇلتان سەئىدخان دەۋرىگە ئاپىرىپ قويسىڭىزمۇ ئوخشاشلا ئۆزگەرمەيدۇ.
ئەمدى گەپنىڭ ئۆزىگە كېلەيلى : ئۇيغۇر دىھقانلىرى مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى ئاخىرلاشقان مەزگىلدە ھەممىسىلا ئوخشاش نامرات ئىدى ،مۇنداقچە ئىيتقاندا ئۇلار بىر تۈز سىزىق ئۇستىدە ئىدى .سەۋەبى ،ئۇ چاغلاردا باي بولۇشنى ئويلاش جىنايەت ھېساپلىناتتى .بۇنى ھەممىمىز بىلىمىز .ئەگەر يېشىڭىز كىچىك بولسا دادىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ . ئەمىسە بىر خىل تۈزۈم ۋە بىر جەمىيەتتە ياشاپ تۇرۇپ ،ئۇلارنىڭ بەزىلىرى نېمىشقا تېخىچىلا نامرات ،بەزىلىرى نېمىشقا ياخشى كۈن كۆرىۋاتىدۇ ؟ بۇنىڭدىكى سەۋەپ بۇ ئىككى تۈركۈمدىكى كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىدە پەرىق بولغانلىغىدا . تىرىشقىنى ياخشى كۈن كۆردى،تىرىشمىغىنى نامرات پېتى قالدى . يېغىپ ئىيتقاندا نامراتلىقنى باشقىلار ئۆلارغا تاڭمىدى بەلكى ئۆزلىرى كەلتۇرۇپ چىقاردى .بۇنۇڭ جەمىيەت ،تۈزۈم ،كادىر ،شەھەرلىك قاتارلىقلار بىلەن ئالاقىسى يوق .مۇبادا ھۆكۈمەت ئۇلارغا بېرىلىدىغان نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش پۇلىنى يوقۇرى كۆتۇرۇپ بەرگەن تەغدىردىمۇ ،ئۇلار يەنىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلمايدۇ ،ئەكسىنچە ،يەنە ئۆستۇرۇشىنى ،جەمىيەتنىڭ ئۇلارغا تېخىممۇ كۆپ سەدىقە بېرىشى ئۈمۈت قىلىدۇ .بۇ تەرىپى يوقۇرىدا مەن مىسال قىلغان دىۋانىنىڭ ئىدىيىسى بىلەن ئوخشاش .خوش ...........باشقىلارنىڭ ئۆز ھالال ئەمگىگى بەدىلىگە كەلگەن مىۋىسىدىن تەما قىلىدىغانغا ،سېنىڭ ئۇلارغا ۋە جەمىيەتكە ئۆتكۈزۈپ قويغان ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ ؟ ھۆرۇن ،ئەقىلسىز ،بىلى بوش ئادەمنى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار تۈزۈمدىكى دۆلەتكە ئاپىرىپ قويساڭمۇ يەنىلا ئوخشاش نەتىجە چىقىدۇ ، ئۆزگەرمەيدۇ . شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئەسلا مۈمكىن ئەمەس . |
|