- تىزىملاتقان
- 2013-9-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1504
- نادىر
- 0
- يازما
- 89
ئۆسۈش
50.4%
|
قىزىققانلىقىڭىز، تېرىككەكلىكىڭىزدىن قارىغاندا، 20-30ياش ئارىلىقىدىكى يىگىت ئىكەنسىز ئىنىم. تورداشلار سىزنىڭ يازمىڭىزدىن ئىملادىن باشقا قۇسۇر تاپماپتۇ، ئەمما سىز تورداشلارنى «ھەممە تېمىدىن قۇسۇر چىقىرىدىغان» تالاشقۇچىلارغا چىقىرىۋېتىپسىز.
سىز ئاز ساندىكى يېزا ئاھالىلىرى ئالىدىغان «تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى» دەپ ئاتىلىدىغان تارقاتمىنى تىلغا ئاپسىز. ئاندىن يەنە شەھەرلىك «ئاقنانچى»لارنىڭ دېھقانلارچىلىكمۇ جاپا تارتماستىن، يېزىلاردىكى دېھقانلاردىنمۇ كۆپرەك تارقاتمىغا ئېرىشىدىغانلىقىدىن قورسىقىڭىز كۆپكەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈرۈپسىز.
خوش، مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە شۇنچىلىك پىكىرلەرنى ئويلاپسىز- يۇ، نىمىشقا ۋاز كېچىشنى ئويلاپ باقمىدىڭىز؟ «يۆلىنىۋېلىش» دېگەن گەپكە بەك قايناپ كېتىپسىز. سىزچە بۇ گەپ شۇنچىلىك قورقۇنچلۇق ئىكەن، شۇنداقمۇ؟ نىمىشقا قورقىسىز؟ نۇرغۇن دېھقانلارنى كاردىن چىقىرىۋاتقان نەرسىنىڭ ئاشۇ تارقاتمىغا ئىشتەي ساقلاپ، شۇنىڭدىن كۆپرەك بەھرىمەن بولۇش ھەلەكچىلىكى ئىكەنلىكىنى نىمىشقا ئېتىراپ قىلمايسىز؟ سىزچە، دېھقانلار ئوقەت قىلىپ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا دەسمى تاپالمىغۇدەك دەرىجىدە نامراتمۇ؟ ياق! ئۇلارغا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولى يوقما؟ ياق!
سىز 85- يىللاردىن كىيىن تۇغۇلۇپ، 90- يىللاردا مائارىپ تەربىيىسى قوبۇل قىلغانسىز. سىزنى ئاتا- ئانىڭىز مەكتەپتە قانچىلىك ئوقۇتتى؟ (ئىقتىسادى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇتالمىغان دىگەن سەۋەبىڭىز ئاقمايدۇ، 90- يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۈدە %90دېھقاننىڭ بالىسىنى تولۇق ئوتتۇرىغىچە ئوقۇتقۇدەك ئىقتىسادى يوق دېگەن قۇرۇق گەپ) سىز مەكتەپتە قانداق ئوقۇدىڭىز؟ دەرسلەردە تىرىشچانلىق كۆرسىتەلىدىڭىزمۇ؟مەكتەپ ھاياتىڭىزدىن بىر توپ قۇلاق كەستى ئاغىينىلىرىڭىز بىلەن مۇئەللىم، مۇئەللىمەلەرنى قاقشىتىپ، ھىلى ئۇ باغدا، ھىلى بۇ تاغدا توڭگۈرەكلەپ يۈرگىنىڭىزدىن باشقا نىمىنى ئەسلىيەلەيسىز؟ سىز كىتاب ئوقۇشقا قىزىقامسىز؟ ھازىرغىچە مەكتەپتە ئوقۇغاندىكى دەرسلىك كىتابتىن باشقا، تولۇق ئوقۇپ چىققان تۆت پارچە كىتابنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟
سىزچە ھۆكۈمەت خىزمىتىنى قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئاقنانچى، پەقەت دېھقانلا ناننى ھالاللاپ يەمدا؟ بىر توپ «ئاقنانچى»لارغا بىكاردىن بىكار مائاش بېرىدىغان ساراڭ ھۆكۈمەت نەدىكەن؟ قارىغاندا، مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشىنىڭ «يوقۇرى» بوپ كەتكەنلىكىدىن كۆرىدىغان ئوخشىمامسىز؟ بىلسىڭىز، مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ مەنبەلىرىنىڭ بىرى دەل ئاشۇ «تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى» دەپ ئاتالغان تارقاتمىدا!
ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىپ تۇرۇپ ئاڭلاڭ: ئاشۇ «تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى»نى ئالىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەسلىدە ئازدۇر- كۆپتۇر مەدىكار ئىشلەپ ياكى ئۇششاق ئوقەت قىلىپ دېگەندەك جاھاندارچىلىق قىلىۋاتقانلار ئىدى. قاچاندۇر ئۇلارغا «تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى» دېگەن تارقاتما نىسىپ بولدى، شۇندىن باشلاپ ئۇلار ئىقتىسادتىن بەك ئەندىشە قىپ كەتمەيدىغان، ئاي، پەسىللەرنىڭ تېزراق توشۇشىنى تىلەيدىغان بوپ قالدى. ئەسلىدە 10-20 سومغا بىرەر كۈن ئىشلەپ بېرىدىغان ئىشلەمچىلەر ئۇنچىلىك پۇلنى كۆزگە ئىلماي 40-50 سوم بەرمىسە ئۇنىمايدىغان بولدى. بىر كۈن ئىشلەپ 40-50 سوم تاپقان ئادەم 4-5 سومنىڭ بەك كۆزىگە قاراپ كەتمەي خەجلەۋېرىدۇ-دە؟! مەھسۇلات ئىششلەپچىقىرىدىغان ئەمگەكچىنىڭ ئىش ھەققى ئاشقاندىكىن، مال باھاسىمۇ ئېنىقلا ئۆسىدۇ. قارىسىڭىز، ھازىر ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 150سوم بەرمىسىڭىز، بىر ئادەم سىزگە بىر كۈن ئىشلىشىپ بەرمەيدۇ. (بۇ دېگىنىم ئۇلارنى ھاكاۋۇر ياكى موتىھەم دېگىنىم ئەمەس. پەقەت شارائىت شۇنداق بولغاچقا دېمەكچى). چۈنكى، بىر ئاي ھىچ ئىش قىلماي، جاپا تارتماي تۈگۈلۈپ ئولتۇرسىمۇ، ئۇلارغا «يوقۇرى»دىن بېرىلىدىغان 200-300سوم بار. ئۇلار بۇ تارقاتمىغا شۇنچىلىك كۆنۈپ كەتكەنكى، كۈنلەردىن بىر كۈنى بۇ پۇلنىڭ مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قالسا قانداق ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى ئويلاشتىنمۇ قورقىدۇ. شۇڭا، ئۇلار «قانداق قىلسام، مۇشۇ پۇلنى ئالمايمۇ جېنىمنى جان ئېتەرمەن؟» دەپ ئويلاشنىڭ ئورنىغا، بىر ئاماللار قىلىپ شۇ پۇلنى كۆپەيتىشنىڭ، ھىچكىمگە چوقۇتماي ساق ئېلىۋېلىشنىڭ كويىدا يۈرۈپ نۇرغۇن ۋاقتى، زېھنىنى خوراتماقتا.....
بەك جىق گېپىم بار ئىدى، ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنچىلىك دەپ تۇراي. گېپىم قۇلىقىڭىزغا ياقمىغان بولسا، ئىنكاسىڭىزدا باشقىچە يېڭى پىكىر بولماي قالسا تور يۈزىدە ئىنكاس يېزىپ تورداشلارنىڭ ۋاقتىنى ئالماي دېسىڭىز، بىۋاستە ماڭىلا قىسقا ئۇچۇر يازسىڭىز بولىدۇ، ئازادە پاراڭلىشىمىز. |
|