قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3622|ئىنكاس: 17

جۇڭگۇ نىمە ئۈچۇن Su-35نى خالاپ قالدى؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

جەننەت قېلىچنىڭ سايىسى ئاستىدا

12

تېما

5

دوست

6692

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16309
يازما سانى: 713
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 1970
توردىكى ۋاقتى: 252
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-11 23:49:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arslan428 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-12 00:28  

جۇڭگۇ نىمە ئۈچۇن Su-35نى خالاپ قالدى؟


         رۇسىيە فىدىراتسىيە قورال-ياراغ ئىكىسپورت شىركىتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى رۇسسىيە جۇڭگۇغا 2014-يىلى تېخنىكىسى ئىلغار بولغان Su-35 نى سېتىپ بىرىدىغان توختامغا قول قۇيىدىغانلىقىنى ئاشكارلىدى. بۇ بايانات بۇ سودىغا بولغان ئاخىرقى ئۇچۇر بۇلىش ناتايىن، چۈنكى 2010-يىلىدىن بۇيان بۇ توغرىسىدىكى سۆھبەت توغرىلىق گەپ-سۆزلەر بۇلۇنۇپ كەلدى. شۇ نۇقتا ئېنىقكى رۇسىيە ئىزچىل بۇ سودىغا قىزىقىپ كەلدى. ئوخشاش ۋاقىتتا، جۇڭگۇنىڭ يېڭى ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلانغا بولغان قىزىقىشى بولسا ئۇنىڭ دۆلەت ئىچى كۈرەشچى ئايروپىلان ياساش تېخنىكىسنى ئۆستۇرۇشكە ھەمدە جەنۇبىي دېڭىزدىكى زىمىن تالاش-تارتىشىدا ئۈستۇنلۇككە ئىگە قىلىشقا ياردىمى بۇلامدۇ دىگەن مەسىلىلەر بولدى. ئەگەر ئۇتۇقلۇق بولسا، زىمىن تالاش-تارتىشىدا دەرھال ئۈنۇمىنى كۆرسىتىدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، تەسەۋۋۇردىكى تۇقۇنۇشتا Su-35 نىڭ ئۇچۇش مۇساپىسى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى يېقىلغۇ ئېلىپ يۇرۇش ئىقتىدارى ئازادلىق ئارمىيە دىڭىز ئاۋىئاتسىيە قىسمىنىڭ چارلاش دائىرىسىنى داتالاشتىكى زىمىنغىچە كېڭەيتىشىگە ياردەم بىرىدۇ، بۇ خىل پوزىتسىيە ياپۇنىيەگە بېسىم قىلىشنى جەنۇبىي دېڭىزغا قوللىنىشتىن ئىبارەت.
       سودا توغرىسىدا بىر يىلدىن بۇيان رۇسىيە ۋە جۇڭگۇ مەتبۇئاتلىرىدا زىددىيەتلىك ئۇچۇرلار بىرىلىپ كەلدى. رۇسىيە ئۇچۇرلىرىدا جۇڭگۇ مۇداپىئە مىنىستىرى بۇ سودىنى قىلىشنى خالىمىدى دىدى. جۇڭگۇ ئۇچۇرلىرىدىمۇ ھەرخىل گەپلەر بۇلۇندى. قانداقلا بولمىسۇن، ئىيۇلدا ئىككى تەرەپ بىر يەرگە كىلىپ بۇ سودىنى قىلىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى.
       يەردە بىر ئېنىقسىز نۇقتا بار دىيىلسە، ئۇ بولسىمۇ قانچە كۈرەشچى Su-35 نى جۇڭگۇ سېتىۋالىدۇ؟
      جۇڭگۇ يەر شارى گىزىتى خەۋىرىچە، بۇ يازدا بىر قىسىم جۇڭگۇ ئارمىيە ۋەكىللىرى موسكىۋادا Su-35 نىڭ ئىقتىدارىنى باھالاۋېتىپتۇ، لىكىن 48 نى سېتىۋالامدۇ ياكى جىقمۇ ئېنىق ئەمەس. پاكىتلار كۆرسىتىۋاتىدۇكى، جۇڭگۇ تەرەپ بۇ كۈرەشچى ئايروپىلانغا قاتتىق قىزىقىۋاتىدۇ.
     يېقىنقى يىللاردا دۆلەت ئىچىدىكى رادارغا چۈشمەس كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە يېڭى تىپتىكى بومباردىمانچى ئايروپىلان ئازادلىق ئارمىيە ھاۋا ئارمىيە قىسمىنىڭ مەنئەپەئەتلىنىدىغان ئاسالىق مەزمۇنى بۇلۇپ كەلدى. بىراق Su-35 نىڭ سودىسى شۇنى ئېنىق ئىپادىلىدى يەنى رۇسىيە تېخنىكىسى يەنىلا جۇڭگۇ ئۈچۇن ئىنتايىن ھالقىلىق بولماقتا.  بۇ سودا جۇڭگۇنىڭ بىر قىسىم گىنىراللىرىنىڭ جۇڭگۇ ھەربىي ئاۋىئاتسىيە تېخنىكىسى پۇتۇنلەي ئۆزىگە تايىنىشلىق دىگەن گەپلىرىنى جىمىقتۇرۇپ قويدى.
جۇڭگۇ ھەربىي ئاۋىئاتسىيە تېخنىكىسى نۇرغۇن جەھەتلەردە يەنىلا رۇسىيەگە تايىنىقلىق. گەرچە جۇڭگۇ  رادارغا چۈشمەس كۈرەشچى ئايروپىلان، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، تىك ئۇچار قاتارلىق جەھەتلەردە نەچچە ئايدا بىر مودىللارنى ئېلان قىلىپ ، ھەتتا ئۇچۇرۇپ سىناق قىلغان بولسىمۇ ، بۇلارنىڭ ھەممىسى رۇسىيەنىڭ ئايروپىلان ماتۇرىنى ئورنىتىپ ئۇچۇرۇشتەك قارماق ئاستىدا بۇلۇپ كەلدى. جۇڭگۇنىڭ رادارغا چۈشمەس ئايروپىلانغا بولغان تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا، بۇ سودا بۇرۇلۇش ئېلىپ كىلىش مۇمكىن ئەمەس.چۈنكى غەرب ئاللىقاچان رادارغا چۈشمەس تېخنىكىنى كىيىنكى ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ يۆنىلىشى قىلىپ ئارمىيەگە سەپلاۋاتىدۇ، ھەمدە Su-35 رادارغا چۈشمەس كۈرەشچى ئايروپىلان ئەمەس.  ئۇنداقتا بىر سوئال تۇغۇلىدۇ ، خەلقئارادا ۋە دۆلەت ئىچىدە مۇشۇنداق يۆنىلىش بۇلىۋاتقان ۋاقىتتا Su-35 گە قانداق بۇلۇپ ئېھتىياج چۈشۇپ قالدى؟  


  بۇنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە نوقتىدىن چۈشىنىشكە بۇلىدۇ.

        1. جۇڭگۇ 1991-يىلىدىن باشلاپSu-27 نى سېتىۋېلىپ كەلگەن. Su-35 نى سېتىۋالغاندىن كىيىن بۇ ئىككىسىنىڭ بىر خىل تىپتىكى بۇلۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن ئاللىقاچان بار بولغان Su-27 نى ئاسراش، رىمونت قىلىش قاتارلىق ئارقا سەپ سېستىمىسىدىن پايدىلىنىپ ئاسراش تەننەرخىنى تىجەيدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن رۇسىيە ئۇچۇرلىرىدا دىگەندەك جۇڭگۇ Su-27 نىڭ تېخنىكىسىنى كۆچۈرۇپ دۆلەت ئىچىدە j-11 نى ياساپ ئارمىيەگە سەپلىدى. بەلكىم Su-35 كىيىنكى تېخنىكا ئۆرنەك ئېلىشنىڭ نىشانى بۇلۇشىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ. رۇسىيە ئۇچۇرلىرىدا بۇ توغرىسىدا كۆپ مەزمۇنلار دىيىلگەن، مەسىلەن، Su-35 نىڭ تېخنىكىسىنى ئوغرىلاش جۇڭگۇنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلان تېخنىكىسىنى ئۆستۇرىدۇ، ئاقىۋەتتە يېقىن كەلگۈسىدە ئەرزان ئەمگەك كۈچى بىلەن رۇسىيەگە ئىقتىدارى يېقىنلىشىدىغان ، لىكىن ئەرزان كۈرەشچى ئايروپىلانلار بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇھىم سانائىتى بولغان ھەربىي ئىكسپورتىغا رىقابەت ئەكىلىپ ، زىيان سېلىشى مۇمكىن.
      2. Su-35 رادارغا چۈشمەسلىك تېخنىكىسى بولمىغان كۈرەشچى ئايروپىلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشى تىپ دەپ قارىلىدۇ.  ھەمدە F-15S  (ياپۇنىيە سەپلىگەن)بىلەن سېلىشتۇرغاندا كۆرۇنەرلىك ئۈستۇنلۇككە ئىگە ئەمەس. تەيۋەن بۇغۇزىدىكى ئەھۋالمۇ ئوخشاپ كىتىدۇ، Su-35 بۇلۇش بولماسلىقى كۆرىنەرلىك ئۈستۇنلۇك پەيدا قىلالمايدۇ.  شۇنىڭغا قارىغاندا ئەڭ مۇھىم نۇقتا تۆۋەندىكىسى.
    3. جەنۇبىي دېڭىز تالاش-تارتىشى بىر مەسىلە. كۆلىمى 2 مىليون 225 مىڭ كۇۋادرات كىلومىتىر رايۇننى جۇڭگۇ ئىگىلىك ھۇقۇقىمىز بار دەپ جاكارلىغان. نۆۋەتتە بار بولغان دېڭىز ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيە قىسمىنىڭ ئايروپىلانلىرى يېقىلغۇ ئېلىپ يۈرۇش چەكلىمىسى تۇپەيلى ئۇنۇملۇك چارلاش ئېلىپ بارالمايدۇ. Su-35 نىڭ يىراق مۇساپىگە ئۇچۇش، چارلاش ئىقتىدار بۇ رايۇنغا بولغان چارلاش ئىقتىدارنى كۈچەيتەلەيدۇ. Su-35 نىڭ سىرتقى يېقىلغۇ باكى ئېلىپ يۇرۇشتىكى سىغىمى Su-27دىن زور دەرىجىدە ئېشىپ چۈشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا Su-27 نىڭ ھاۋادا ماي لىقلاش ئىقتىدارى يوق. Su-35 نىڭ ھاۋادا ماي لىقلاش ئىقتىداردىن باشقا ئۆزنىڭ ماي ئېلىپ يۈرۇش ئىقتىدارى Su-27دىن 20% ئېشىپ چۈشىدۇ. دىمەك ھاۋادا ماي قاچىلاش، ئۆزىنىڭ ماي سىغىمى، تاشقى باكتا يېقىلغۇ ئېلىپ يۇرۇش قاتارلىقلار Su-35نى ئۇچۇش مۇساپىسىنى زۆر دەرىجىدە ئۇزارتىدۇ ھەمدە ھاۋادا ئۇرۇش قىلىش ۋاقتىنىمۇ ئۇزارتىدۇ. بۇلاردىن كۆرۈشكە بۇلىدۇكى Su-35 يىراققا ئۇچىدۇ، چارلاش رايۇنىدا تېخىمۇ ئۇزۇن تۇرالايدۇ.   ھاۋا بوشلۇقىدا تۇرۇش ۋاقتى كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ ئۇرۇش ۋاقتى ، مەلۇم رايۇننى چارلاش ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە بۇنى ئۇزارتىشنىڭ ئۈچ خىل ئۇسۇلى بار. بىرىنچى: كىچىكرەك ، ئاستىراق ئۇچىدىغان ئايروپىلانلار ، مەسىلەن ئامىركىنىڭ ئوۋلىغۇچى، يەرشارى بۈركۇتى قاتارلىقلار، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن قانىتى ۋە ئۇچقۇچىسىز بۇلۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن بوشلۇقتا سائەتلە تۇرالايدۇ. ئەلۋەتتە بۇنى ئادەملىك كۈرەشچى ئايروپىلانغا ئىشلىتىش قاملاشمايدىغان ئىش. قالغان ئىككى ئۇسۇل بولسا چوڭراق ماي باكى ئېلىپ يۈرۇش ياكى ھاۋادا ماق لىقلاش. جۇڭگۇنىڭ ھاۋادا ماي لىقلاش تېخنىكىسى سىناقتىن ئۆتمىگەن، 2015-2020 يىللاردا ئاندىن ئۇنۇملۇك ئىشلىتىش مۇمكىن.  ئەمدى ماي باكىغا كەلسەك يۇقىرىدا سۆزلىگەندەك بۇ ئايروپىلان  لاھىيەسىنىڭ بىر قىسمى . Su-35 پەقەت ئىچكى قىسمىدىكى باكتىكى مايغا تايىنىپلا Su-27 نى بېسىپ چۈشىدۇ .  Su-27 تالاش-تارتىش بۇلىۋاتقان رايۇنلارغا ئۇچۇپ بېرىپ ۋەزىپە ئۆتىيەلمەيدۇ، مەسىلەن فىلىپپىن بىلەن دەتالاشتىكى مارجان تاشلار.  Su-35 نىڭ يېراققا ئۇچۇش ئىقتىدارى بۇنى ھەل قىلىدۇ.  بۇنىڭ بىلەن ھاۋا ئارمىيەسى جەنۇبىي دېڭىز تەۋەسىنى ھەرۋاقىت چارلاپ تۇرالايدۇ، كونترول قىلىش ئىقتىدارى ئاشىدۇ. ئۆزىنى ھەر ۋاقىت خوشنىلىرىغا كۆرسىتىپ مەۋجۇدلۇقىنى بىلدۇرۇپ تۇرىدۇ. يەنە ئېلىپ ئېيتساق فىلىپپىن ، ۋېيتنام قاتارلىق ئەللەرنىڭ ھاۋا ئارمىيەسى Su-35 گە بەس كىلەلمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن زىمىن تالاش-تارتىشىدا ئاكتىپ ھالدا بېسىم قىلىپ تۇرالايدۇ. ئەگەر شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى چاتاق چىقارسا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھىمايىسىدە ئۇنۇملۇك زەربە بىرەلەيدۇدە، ئۇلارنى يۇۋاشلىق بىلەن تىنچلىق سۆھبىتىگە كىلىشكە، جۇڭگۇ تەرەپنىڭ باياناتىنى قۇبۇل قىلىشقا بېسىم قىلىدۇ.  ئەگەر چوڭ دۆلەتلەر ئارلاشماقچى بولسىمۇ ، Su-35 نى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلماسلىققا يەنە بىر قەدەم قايىل قىلىدۇ. ئەگەر ئۇرۇش ھالىتىدىمۇ خەينەندىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئاسان ھۈجۇمغا ئۇچرايدۇ، لىكىن  Su-35 نىڭ ئۇچۇش مۇساپىسى ئۇنۇ گۇۋاڭدۇڭ قاتارلىق بىخەتەر رايۇندىكى بازىدىن ئۇچۇپلا ئوخشاش جەڭ قىلىش ۋە چارلاش ئۈنىمىگە يەتكۈزەلەيدۇ.
بۇ دەل بېيجىڭ مۇشۇ سودا ئارقىلىق بەرپا قىلماقچى بولغان مۇھىت ۋە جەنۇبىي دېڭىزنىڭ مۇقىملىقى.  


تۆۋەندىكى ئىككى ئايروپىلاننىڭ مۇساپىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتى
[td]
ئايروپىلان
پەرەزدىكى مۇساپىسى (km)
Su-27/J-11B
        ئىچكى يېقىلغۇ 2,800
Su-35
         ئىچكى يېقىلغۇ 3,600
ئىككى سىرتقى باك يېقىلغۇ بىلەن 4,500
مەنبە :  جۇڭگۇ شىنخۇا تورى، ۋە باشقا تورلار
http://bbs.miercn.com/201307/thread_207632_1.html
http://mil.huanqiu.com/special/su35buget/




su-35

su-35

su-27

su-27

J-11

J-11

2

تېما

0

دوست

2331

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19472
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 692
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-12 08:56:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     روسىيەدە سېتىۋالغۇدەك ئىلغار تىېخنىكا يوق  ،  تەبىئى بايلىقىدىن باشقا تېخىنىكىسىغا پۇلنى ئىسراپ قىلمىغۇلۇق .  
قۇتلان تېلفۇنلىرى

ئەلقانات

2

تېما

16

دوست

6497

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   29.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 145
تۆھپە : 1854
توردىكى ۋاقتى: 878
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-12 10:11:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈنۈگۈن كەچتە تەستىقلىنىپ ئۇزۇن تۇرمايلا ئۆچۈرۈلۈپتىكەن بۇ تېما. بۈگۈن يەنە چىقىپتۇ. ئەسلىگە كەلتۈرگەن باشقۇرغۇچىغا رەھمەت! پەقەت قانۇنلۇق بولسىلا مۇنبەر تېمىلىرى قانچە كۆپ خىل بولسا شۇنچە ياخشى.

ئەلقانات

2

تېما

16

دوست

6497

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   29.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 145
تۆھپە : 1854
توردىكى ۋاقتى: 878
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-12 10:34:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر ئامېرىكا جەنۇبى دېڭىز مەسىلىسىدە بۇرۇنقى پوزتسىيىسىنى ساقلاپ قالسا ئۇنداق ئايروپىلاندىن ئىككى يۈزى بولسىمۇ بېكار.

0

تېما

9

دوست

9254

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   85.08%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 809
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 2140
توردىكى ۋاقتى: 1086
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-12 11:29:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىدە قورققاندىن سېتىۋىلىشقا مەجبۇر بولىدىغان گەپ.  ھەربىنى كۈچەيتىپ زومىگەرلىك تالىشىشنىڭ يەنە بىر مەناسى، ئەسكى-تۈسكىسىنى ساتىدىغانغا خېرىدار تالىشىش..

ئەلقانات

2

تېما

16

دوست

6497

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   29.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 145
تۆھپە : 1854
توردىكى ۋاقتى: 878
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-12 12:19:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
SOGUK يوللىغان ۋاقتى  2013-10-12 08:56
روسىيەدە سېتىۋالغۇدەك ئىلغار تىېخنىكا يوق  ،  تەبىئ ...

رۇسىيەنىڭ ھەربى تېخنىكىسى ئامېرىكىدىن قالسىلا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ تېخنىكىسىنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى يەنىلا چوڭ. ئۇلارنىڭ بۇنداق تېخنىكا ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھەربىي سانائەتكە ھەددىدىن زىيادە كۈچەپ كەتكەنلىكتىن بولغان. لاڭ شىيەنپىڭنىڭ ماقالىسىدە دېيىلىشىچە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ھەربىي سانائەتكە سالغان مەبلىغى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتىنىڭ يەتمىش پىرسەنتىنى ئىگەللىگەن. شۇ سەۋەبلىك ئىقتىسادتا ۋەيران بولۇپ تارىخ سەھنىسىدىن يوقالغان.

2

تېما

1

دوست

3122

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   37.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6134
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 135
تۆھپە : 919
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-12 13:10:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روسىيىنىڭ ئىغىر سانائىتىگە ھەقىقەتەن كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ..  روسىيە ئىغىر تىپتىكى قۇراللارنى ئىكىسپورت قىلىدىغان دۆلەت ئىكەن..

1

تېما

9

دوست

8855

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   77.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 2576
توردىكى ۋاقتى: 419
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-12 13:48:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇسسىيىنىڭ ئېغىر سانائىتى خېلى تەرەققى قىلغان.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )