2013-يىللىق نوبېل تىنىچلىق مۇكاپاتى
تاشپولات روزى
بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى خەلقئارا خىمىيىلىك قوراللارنى چەكلەش ئورگىنىغا بېرىلدى. ئۇنى ئېنگىلىزچە OPCW (Organisation for the Prohibition of Chemical Weapons) دەپ ئاتايدىغان بولۇپ گوللاندىيەنىڭ گاگا(Hague) شەھىرىگە جايلاشقان. ئۇ 1997-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلغان. بۇ ئورگان خىمىيىلىك قوراللارنى چەكلەش ھەم ئۇنىڭ تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دۇنيا خاراكتېرلىك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. بۇ ئورگانغا شىمالى كورېيە،سومالىيە، ئىراق، ئانگولادىن باشقا دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەر ئەزا ئىكەن. 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بۇ ئورگان سۈرىيەگە 60 تەك ئادەم ئەۋەتىپ سۈرىيەدىكى خىمىيىلىك قوراللارنى تەكشۈرۈپ ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشىغا قاتنىشىۋاتىدۇ.
|