قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1653|ئىنكاس: 22

( دولان ) قانۇننىڭ ئادالىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قادىر رۇزى دولان

92

تېما

4

دوست

4579

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   85.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11813
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 18
مۇنبەر پۇلى: 975
تۆھپە : 736
توردىكى ۋاقتى: 507
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
قانۇننىڭ ئادالىتى
فېڭ چىڭياڭ
دولان تەرجىمىسى


        2009-يىلى5-ئاينىڭ 19-كۈنى، لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىكى يايمىكەش شا جۇنفېڭ يولدا يايمايېيىۋاتقاندا ئىككى نەپەر شەھەر باشقۇرغۇچى قاتتىق ئۇرىۋەتكەن، ئوغىسى قاينىغان شاجۇنفېڭ بۇ ئىككى نەپەر شەھەر باشقۇرغۇچىنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرىۋەتكەن، ۋەقەدىن كېيىن شا جۇنفېڭغا قەستەن قاتىللىق جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن،2013-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ ئۆلۈم جازاسىنى تەستىقلىغان. جىنايەتچىنىڭ ئايالىنىڭ مىكرو بىلوگىدا بىلدۈرۈشىچە، شۇكۈنى سەھەردەتۈرمىغا ئاخىرقى قېتىم ئېرىنى كۆرگىلى بارغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان تورداشلارقايغۇرۇپ تەسەللى بەرگەن، شۇ كۈنى « شا جۇنفېڭ » دېگەن بۇ ئىسىم مىكرو بىلوگنىڭ ئەڭ قىزىق نوقتىسىغا ئايلانغان.

يايمىكەش شەھەر باشقۇرغۇچىنى ئۆلتۈرسە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىكەن، ئۇنداقتا شەھەر باشقۇرغۇچى يايمىكەشنى ئۆلتۈرسىچۇ؟
  ئەسلىدەئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرمىغان دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر كىشىگەئۆلۈم جازاسى بېرىش ئۇنچىلا ھەيران قالغۇدەك خەۋەرمۇ ئەمەس ئىدى، بىراق تورداشلارنېمە ئۈچۈن شۇنچىۋالا كۆڭىل بۆلىدۇ؟ بۇنىڭغا 6-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى شىنخۇا تورىنىڭ خەۋېرى سەۋەب بولغان، خەۋەردە ئۈچ يىل بۇرۇن گۇيجۇدىكى خەلق ساقچىسى جاڭ لېي ئىككى دېھقاننى ئېتىپ ئۆلتۈرىۋەتسە 8 يىل كېسىلگەن، سوت « ئۆزىنى قوغداش چەكتىن ئېشىپ كەتكەن » دەپ قارىغان. يەنە 2011-يىلى 11-ئايدا لياۋنىڭ ئۆلكىسى لياۋياڭ شەھرىدىكى شەھەر باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇش ئەنزىسىدىكى ئاساسلىق جىنايەتچىگە 11 يىل، باشقا ئىككى جىنايەتچىگە 3 يىلدىن كېسىلگەن؛ 2008-يىلى 11-ئايداخۇبېي ئۆلكىسى تەنمىندىكى شەھەر باشقۇرغۇچىلارنىڭ سۈرەتكە تارتقان ئەرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈش ئەنزىسىدىكى ئاساسلىق جىنايەتچىگە 6 يىل كېسىلگەن؛ بىراق 2013-يىلى9-ئايدا شەھەر باشقۇرغۇچىلارنى ئۆلتۈرىۋەتكەن شىنياڭدىكى يايمىكەش شا جۇنفېڭگەئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.
  ئەگەرساقچى جاڭ لېينىڭ ئۆزىنى قوغدىشى چەكتىن ئېشىپ كەتكىنىگە 8 يىل كېسىلگەن بولسا،ئۇنداقتا شەھەر باشقۇرغۇچىلار شا جۇنفېڭنى قورشاپ دۇمبالىسا تاياققا چىدىماي ئۇلارنى ئۆلتۈرىشى يوللۇق قوغدىنىشقا كىرمەمدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسى بېرىدۇ؟ ھەرئىككىلىسى ئوخشاشلا ئىككى ئادەمنى ئۆلتۈرگەن، بىرى ساقچى، بىرى تۆۋەن قاتلامدىكى يايمىكەش بولۇپ، بىرىگە ئۆلۈم جازاسى يەنە بىرىگە 8 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن،ھەقىقى ئەھۋال شۇنداق تۇرسا، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر دېگىلى بۇلامدۇ؟ ساقچى جاڭلېينىڭ ئىككى دېھقاننى ئېتىۋېتىشنىڭ دېلو ئەھۋالى ئېنىق بولۇپ، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسى، ئاقىۋىتى ئېغىر، خەلقنىڭ غەزىپى كۈچلۈك، شۇنداق ئىكەن يايمىكەش شا جۇنفېڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، ساقچى جاڭ لېيگە 8 يىللىق قاماق جازاسى بېرىش مۇۋاپىقمۇ؟ ئەجىبا بىرى يايمىكەش بىرى ساقچى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق بولۇشى كېرەكمۇ؟

يايمىكەش بىلەن باشقا قاتىللارنىڭ ۋە خىيانەتچى ئەمەلدارنىڭ قانداق پەرقى بار؟
       دۆلىتىمىزنىڭ« جىنايى ئىشلار قانۇنى » دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، < شەخسنىڭ خىيانەت قىلغان ياكى پارا ئالغان سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشسا مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ > دەپ بەلگلەنگەن. دېمەكچى سەن بىر مىليون يۈەنگەخىيانەت قىلساڭ « قانۇنغا ئاساسەن » ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىسەن دېگەنلىك. ئۆتكەندەكىچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن لىۇ جىجۇننىڭ خىيانەت قىلغان سوممىسى 60 مىليوندىن ئارتۇق، ئۇندىن باشقا قىممىتى 800 مىليونلۇق مال-مۈلۈكنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق ئەمەس بولسىمۇ يەنىلا « قانۇنغا ئاساسەن » ھايات تۈرىۋاتىدۇ. قانۇن ساھەسىدىكى زادلارنىڭ قارىشىچە، يەنە 9 يىلدىن كېيىن لىۇ جىجۇن « قانۇنغا ئاساسەن » تۈرمە سىرتىدا داۋالاشقا بېرىلىدىكەن.
       ئاشكارىلانغان نۇرغۇن خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ پارا ئالغان سوممىسى نەچچەمىليون ھەتتا نەچچەيۈز مىليون يۈەندىن ئېشىپ، 100 مىڭ يۈەندىن ئاشسا جازا بېرىش چېكىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق « قىلمىشى ئېغىر » بولغان ئازبىرقىسمىغائۆلۈم جازاسى بېرىلگەندىن باشقا، مۇتلەق كۆپ قىسمىغا كىچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى، كۆپلىگەن يوقىرى دەرىجىلىك چىرىك ئەمەلدارلار سىپىل ئىچىدە ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزمەكتە، بىراق نېمە ئۈچۈن كىچىكىنە يايمىكەشكە « تەنتەنىلىك» ھالدا « قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىدۇ؟ »، ئەجەبا يىمەكلىككە زەھەر تاشلاپ قەستەن نۇرغۇن ئادەمنى ئۆلتۈرگەن جىنايەتچىلەر ھايات ياشايدۇ، نېمە ئۈچۈن يايمىكەشكە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ؟.
     بۇدۇنيادا ياشاش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرز قىلىشتىن ئارتۇق ئېغىر جىنايەت بولمىسا كېرەك،بىراق ئەڭ قورقۇنۇشلىقى شۇكى قانۇن بۇيىچە « ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە تېگىشلىك »ئوخشاش بىر جىنايەتكە، سالاھىيىتىگە قاراپ ئوخشىمىغان جازا ئىجرا قىلىشتىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ قانۇنىمىزدا ئۆلۈم جازاسىنىڭ كونكىرىتنى ئۆلچىمى ئېنىق بېكىتىلىگەن بولۇپ، قانۇننى ئاساس پاكىتنى ئۆلچەم قىلىپ، جازا بېرىشتەقۇشۇمچە شەرتنى نەزەرگە ئالماي، ئۆلۈم جازاسى بېرىشتە ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش پىرىنسىپىنى تەكىتلەيدۇ.
ئۆلۈم جازاسى ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەرمۇ؟
        قانۇن دېگەن نېمە؟ تورداشلار مۇنداق تەبىر بېرىدۇ « قانۇن دېگەنلىك پادىشاھنىڭ پەرزەنتى ئادەم ئۆلتۈرسىمۇ خۇن تۆلەيدۇ؛ زىناخورلۇق قىلسا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، مەيلى ئۇچېكى بۇزۇلمىغان قىز ياكى قېرى موماي بولسۇن؛ كىمدىكىم ھەر قانداق پۇقرانى ئۇرۇپ ئۆلتۈرسە مەيلى ئۇ دېھقان، سايىل، ئوقۇغۇچى ياكى ساراڭ بولسۇن قەتئى دارغا ئېسىش كېرەك!»، تورداشلار ئۆلۈم جازاسى ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر دېگەن قانۇننى تەكىتلىمەكچى، مەيلى ئۇ يايمىكەش بولسۇن ساقچى بولسۇن ياكى ئەمەلدار بولسۇن ئۆلۈم جازاسى ئالدىدا باراۋەر دېمەكچى.
     ئەگەربىرتەرەپتە جىنايىتى چېكىدىن ئاشقان يايمىكەشكە « قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىپ »ئۆلۈم جازاسى بەرسە، يەنەبىرتەرەپتە پارا ئالغان سوممىسى چەكتىن ئاشقان « ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە تېگىشلىك » پارىخور چىرىك ئەمەلدارلارنى ئۆلۈمدىن كەچۈرىم قىلسا، باشقائەمەلدارلار ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە خىيانەت قىلىشتىن قورقاماي، تېخىمۇ ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزمەسمۇ؟ نۆۋەتتىكى ئېغىر خىيانەت قىلغان پارىخور ئەمەلدارلارنى قايتا-قايتائۆلۈمدىن كەچۈرىم قىلىنىشى « قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر » نى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكمۇ؟ « ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك » دەيدىكەن كونىلار، تۈمەنلىگەن ئاۋام-پۇقرادۆلەت قانۇننىڭ ئادىللىقى ۋە باراۋەرلىكىگە يەنە ئىشىنەرمۇ؟
     ئەگەرشەھەر باشقۇرغۇچى ئادەم ئۆلتۈرسىمۇ ئۆلۈم جازاسى بەرسە، ساقچى ئادەم ئۆلتۈرسىمۇئۆلۈم جازاسى بەرسە، شاھزادە-بەگزادىلەر ئادەم ئۆلتۈرسىمۇ ئۆلۈم جازاسى بەرسە،زىناخورلارغىمۇ ئۆلۈم جازاسى بەرسە، جىنايەتچىلەرنى قانات ئاستىغا ئالغانلارنىمۇئوخشاشلا جازالىسا، ئاۋام-پۇقرا قانۇن توغرىلىق ھېچنەرسە دېمەيلا قالماستىن بەلكى،پۈتۈن جەمئىيەت ھەقىقى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەتكە ئۆزگىرەتتى،ئەگەر بىرتەرەپتە قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر دېگەننى تەكىتلەپ، يەنەبىرتەرەپتە ئۆزى خالىغانچە قانۇننى دەپسەندە قىلىپ، ئاۋامنىڭ ئىشەنچىنى بەربات قىلسا،كىممۇ قانۇننىڭ ئادىللىقىغا ئىشەنسۇن؟



11

تېما

0

دوست

1886

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   88.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15446
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 43
تۆھپە : 544
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-13
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دولان ئەپەندىم  ياخشى تىمىلىرىڭىزغا كۆپ رەھمەت.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

7

تېما

0

دوست

524

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   4.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21691
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 12
تۆھپە : 164
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-15
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ بۇ شەھەر باشقۇرغۇچ ىلارغا پەقەتلا گەپ توغرا كەلمىدى كومىنادىكى دورغا يايىدەكلا ئىش قىلغىلى تۇردى  بۇلارنى باشقۇردىغان ئورۇن يوقمىدۇزادى ؟ئۇنۋىرسال قانۇن ئىجرا قىلغۇچى دىگەن بايراقنى ئىگىز كوتۇرۋالغان ئەمىليەتتە قارىسا .......بولدىل تىمىڭىزغا رەخمىت

27

تېما

2

دوست

3423

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   47.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6560
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 680
تۆھپە : 609
توردىكى ۋاقتى: 273
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-15
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 05:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇنىڭدىن باشقا بىرنەرسە يازساممۇ تەستىقلانمايدۇ. دولان ئەپەندىمگە كۆپ رەخمەت.

1

تېما

0

دوست

1551

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   55.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19472
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 458
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ساقچى ئادەم ئولتۇرسە مۇقىملقنى قوغدىغانلق بۇلۇپ  ئۇقەھرىمان بۇلىدۇ ، پۇقرا ئادەم ئولتۇرسە مۇقىملقنى بۇزغانلق  بۇلۇپ ئۇ تىيورچى  بۇلىدۇ شۇڭا بىرلىدىغان جازامۇ ئوخشىمايدۇ .

0

تېما

0

دوست

3190

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   39.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8327
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 608
تۆھپە : 573
توردىكى ۋاقتى: 154
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر بەت ئىنكاس يازغان ئىدىم، بولدىلا ..................

ئىشقىلىپ ئۇلۇغ داھىمىز ماۋزىدۇڭنىڭ «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى» دىگەن شۇئارى  ئىدارە-ئۇرۇننىڭ چوڭ دەرۋازا ئالدىدا بوينىنى قىسىپ قالدى، ھازىر «ئۆزەمنىڭ نەپسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن» دىگەن شۇئار ھەممە كىشلەرنىڭ قان قېنىغا سېڭىپ كەتتى.

[s:15]

1

تېما

0

دوست

1201

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   20.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6235
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 214
تۆھپە : 233
توردىكى ۋاقتى: 146
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-13
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دولان ئاكىمىزنىڭ تىمىسىنى   ئۇزۇن بولغان كۆرمىگىلى ........  
تىمىلىرىڭىزنى   بىزلەردىن ئايىمىغايسىز     ....
  



باغداشنىڭ بۇرۇنقى خاسلىقىنى  تولىمۇ سېغىندىم ......

10

تېما

5

دوست

1329

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   32.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21721
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 404
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت

0

تېما

0

دوست

52

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   17.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22436
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 16
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قادىر دولاننىڭ ئەجرىگە كوپ رەخمەت .

0

تېما

0

دوست

114

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19527
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 36
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-13
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دولان ئەپەندى  سىز دولان دىن ما؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )