بۇ يازمىنى ئاخىرىدا izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-21 17:54
كومپيۇتىرنىڭ كىلىپ چىقىشى ۋە تارىخى تەرەققىياتى
(تەرجىمە ئەسەر)
كىرىش سۆز
كومپيۇتېر بولسا ماتېماتىكىلىق ۋە لوگىكىلىق ھېسابلاشلارنى پروگراممىلاش ئارقىلىق ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان بىر ھەممىباپ ئۈسكۈنە بولۇپ، ھېسابلاش تەرتىپلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئارقىلىق بىرلا ئەمەس نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. ئادەتتە بىر كومپيۇتېر ئەڭ ئاز دېگەندە بىردانە بىر تەرەپ قىلغۇچ بۆلىكى،كونكىرتلاشتۇرغاندا مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئۆزىكى (cpu)، شۇنداقلا بىرقىسىم ساقلاش شەكىللىرىدىن تۈزۈلگەن بولىدۇ. بىر تەرەپ قىلغۇچ بۆلىكى بارلىق ماتېماتكىلىق ۋە لوگىكىلىق ھېسابلاش مەشغۇلاتىنى ئىلىپ بارىدىغان بولۇپ ئۇ يەنە ساقلانغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن مەشغۇلاتلارنىڭ ئىلگىرى كېيىنلىك تەرتىپىنى بەلگىلەيدىغان ۋە ئۇنى كونترول قىلىدىغان بۆلەك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قوشۇمچە ئۈسكۈنىلەر بولساكومپيۇتېرنىڭ سىرتقى مەنبەلىرىدىن ئۇچۇر قوبۇل قىلىپ مەشغۇلاتلارنىڭ نەتىجىسىنى ىساقلاش ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەرنىڭ پايدىلنىشىغا يول قويۇش قاتارلىق روللارنى ئۆتەيدۇ. تۇنجى ئېلىكترونلۇق كومپيۇتېر 1940- يىلى بىلەن 1950 - يىلى ئارىسىدابارلىققا كەلگەن. ئۇ چاغلاردا ھەجمى ناھايىتى چوڭ بولۇپ يوغان بىر زالغا ئاران پاتاتتى ھەتتا ئېلېكتىر ئىنىرگىيەسىگە بولغان ئىھتىياجىمۇ يۇقىرى بولۇپ نەچچە يۈزلىگەن زامانىۋى شەخسى كومپىيۇتىرلارغا كەتكەندەك ئېنېرگىيە سەرپ قىلاتتى. ئۇ زامانلاردا مېخانىكىلىق تەقلىدى كومپېيۇتىرلار ئاساسەن دېگۈدەك ھەربى تېخنىكىلارغىلا ئىشلىتىلەتتى. توپلاشتۇرۇلغان توك يولى ئاساسىدا ياسالغان ھازىرقى زامان كومپېيۇتىرلىرى شۇ ۋاقىتلاردىكى تۇنجى ئەۋلاد ماشىنىلاردىن نەچچە مىليون ھەتتا نەچچە تىرىليون ھەسسە ئىقتىدارلىق بولۇپ ھەجمىمۇ ناھايىتى كىچىك بوشلۇق ئىگىلەيدىغان بولدى. ھازىر ئادەتتىكى كومپېيۇتىرلار شۇنچىلىك كىچىكلىدىكى قولىمىزدىكى ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھەجمى بىلەن تەڭلەشتى ھەتتا ئۇنىڭ ئېلېكتىر ئىېنىرگىيەسىنى كىچىك باتارىيەلەر ئارقىلىق تولۇقلىغىلى بولىدىغان بولدى. خىلمۇ-خىل تىپتىكى شەخسې كومپېيۇتىرلار ھەقىقى كومپيۇتېر سۈپىتىدە ئۇچۇر دەۋرىنىڭ سىن بەلگىسىگە ئايلاندى. قانداقلا بولمىسۇن سىڭدۈرمە كومىيۇتىرلار، mp3 تىن تارتىپ كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە ئالەم ئۇچقۇرىغىچە، ئاددى ئويۇنچۇقلاردىن تارتىپ سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان ماشىنا ئادەملەرگىچە، كۆپ ئۇچرايدىغان زامانىۋى تېخنىكا بولۇپ قالدى.
كومپيۇتېر تارىخى
كومپيۇتېر ئۇقۇمىنىڭ كېلىپ چىقىشى
"كومپيۇتېر "دېگەن سۆز تۇنجى بولۇپ 1613 -يىلى ئەنگلىيىلىك يازغۇچى رىچارد بىرەيسۋەيت(Richard Braithwait)دېگەن كىشىنىڭ "ياش ئادەمنىڭ توپلاملىرى " (The yong mans gleanings) دېگەن كىتابىدا خاتىرلەنگەن يەنى ئۇ مۇنداق دەپ يازغان"مەن ھەقىقى ۋاقت ھېسابلىغۇچنى ۋە تىخى دۇنياغا كۆزئىچىپ باقمىغان ھەقىقى ماتېماتىكنى ئوقۇدۇم، ئۇ كۈنلەرنى كىچىك رەقەملەرگەئايلاندۇرىدۇ" بۇ بايانلار مۇلاھىزەئىلىپ بىرىۋاتقان(calculation)ۋە ھېسابلاش ئىلىپ بىرىۋاتقان(computation) بىرسىنى كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا بۇ سۆز تاكى 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە ئوخشاش مەنىدەقوللىنىلدى. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ بۇ سۆز ئۆزىنڭ ئەڭ پىشقان مەنىسىدە، يەنى ھېسابلاش ئىلىپ بارىدىغان ماشىنا دېگەن مەنىدە قوللىنىلىشقا باشلىدى.
مېخانىكىنىڭ ھېسابلاشقا بولغان ياردىمى زامانىۋى كومپيۇتېرنىڭ تارىخى ئىككى مۇستەقىل تېخنىكابىلەن باشلىنىدۇ . بىرى، ئاپتوماتىك ھېسابلاش يەنە بىرى بولسا پىروگراممىلىغىلى بولۇشچانلىق. قانداقلا بولمىسۇن قىسمەن ھالدا بۇ ئۇقۇمىنىڭ بىردەكسىز قوللىنىشى سەۋەبى بىلەن ھېچقانداق بىر ئۈسكۈنىگە ئەڭ دەسلەپكى كومپيۇتېر مۇشۇ شۇ دەپ ئىنىقلىما بەرگىلى بولمىدى. بۇ يەردە بىر قانچە ئۈسكۈنىلەرنى تىلغا ئىلىشقائەرزىيدۇ. مەسىلەن، ھېسابلاشقا مېخانىكىلىق ياردەم بەرگۈچ. بۇ ئۈسكۈنە ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولۇپ تاكى ئېلىكترونلۇق كومپيۇتېر بارلىققا كەلگۈچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. يەنە بىرى بولساسۇمىرلىقلارنىڭ ھېسابلاش تاختىسى(سەنپەن) بولۇپ ، ئۇ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2500 -يىللاردا ياسالغان . 1946 -يىلى ياپونىيىدە ئۇنىڭ نەچچە ئەۋلاد كىيىنكى نۇسخىسى ئۇنىڭ بىلەن زامانداش بولغان ئۈستەل ھېسابلاش ماشىنىسىنى ھېسابلاش سۈرئىتى جەھەتتە ئۇتۇپ چىققان. ياپونىيىدىكى ئۇ ماشىننىڭ سىيرىلىش قائىدىسى بولسا 1620-يىللىرى ئىجاد قىلىنغان بولۇپ ئۇ بەش قىتىملىق ئاپوللو بوشلۇق ۋەزىپىسىگە قوللىنىلغان. قەدىمى ئاسترونومىيىلىك تەقلىدى كومپيۇتېر گرېكلار تەرىپىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 80-يىللاردا ياسالغان. گىرىك ماتېماتىك خرو ئوف ئالىكساندىر (AD 10 -70 ) بىردانە مېخانىكىلىق تىياتىر ئويۇنى ياسىغان بولۇپ بىر ئويۇننى 10 مىنۇتقىچە داۋاملاشتۇرالايتتى ، شۇنداقلا بۇ ئويۇن يىپ ۋە غالتەكلەردىن تۈزۈلگەن مۇرەككەپ سىستېمىلارنىڭ ياردىمىدە مەشغۇلات قىلاتتى. بۇ يىپ غالتەكلەر ئەمەلىيەتتە ئويۇننىڭ قايسى بۆلىكى قايسى ھەركىتىنى قايسى ۋاقىتتا ئوينايدىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغان ئۈسكۈنە دەپ قارىلاتتى. مانا بۇ پىروگراممىلىغىلى بولۇشنىڭ ماھىيىتى ئىدى.
مېخانىكىلىق ھېسابلىغۇچ ۋەپىروگراممىلىغىلى بولىدىغان توقۇمىچىلىق ماشىنىسى.
1642 - يىلى بىلەيس پاسكال (Blaise Pascal) پاسكال ھېسابلىغۇچىسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر مېخانىكىلىق ھېسابلىغۇچنى كەشپ قىلدى. ئۇ ماشىنا ئىنسانىيەتنىڭ ماتېماتكىلىق ھېسابلاش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىغانئىدى. شۇنداقلا ئۇ 17-ئەسىردىكى بىردىنبىر ئىقتىدارلىق مېخانىكىلىق ھېسابلىغۇچ بوپ قالغانىدى. ئىككى يۈز يىل كىيىن ،1851- يىلى، توماس دى كولمار(Thomasde Colmar) ئوتتۇز يىللىق جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىسىدا ئاددىيلاشتۇرۇلغان ئارتمومىتىر (arithmometer)نى ياساپ چىقتى. بۇ ماشىنىنىڭ ئىشخانىلاردىكى كۈندىلىك خىزمەت مۇھىتىغا ماس كېلىشى شۇنداقلا كۈچلۈك ھەمدە ئىشەنچلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن تۇنجى بولۇپ مەھسۇلاتلاشتۇرۇلغان ماشىنا بوپ قالدى. مېخانىكىلىق ھېسابلاش بولسا كومپيۇتېرنىڭ ئىككى مۇستەقىل يۆلىنىش بويىچە تەرەققى قىلىشىنىڭ يىلتىزى ئىدى، دەسلىپىدە ئۇنى ناھايىتى كۈچلۈك ۋە جانلىق بولغان ھېسابلىغۇچ قىلىپ تەرەققى قىلدۇرۇش ئىزدىنىلدى. ئىككىنجى قەدەمدە تۆۋەن سەرپىياتلىق ئېلىكترونلۇق ھېسابلىغۇچلار (يەنى مېخانىكىلىق ھېسابلىغۇچلارنىڭ ئىزباسارلىرى) نىڭ تەرەققىياتى نەتىجىسىدە ئىنتىل شىركىتىنىڭ تەتقىق قىلىشى بىلەن تۇنجى مەھسۇلاتلاشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولغان مىكرو بىرتەرەپ قىلغۇچلۇق توپلاشتۇرۇلغان توك يولى بارلىققا كەلدى. 1801- يىلى جوسۈف مارىيە جاكۇارد (Joseph Marie Jacquard) توقۇمىچىلىق ماشىنىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى يەنى ، بىر قاتار تۆشۈك تېشىلگەن قەغەز كارتىلارنى ئۆلچەم سۈپىتىدە قوللىنىپ ماشىنىلارنى مۇرەككەپ چىگىىش گۈللەرنى ئاپتوماتىك ھالداتوقۇيدىغان ئۇسۇلنى ئىجاد قىلدى. نەتىجىدە جاكۇارد نىڭ توقۇمىچىلىق ماشىنىسى كومپيۇتېرنىڭ تەرەققى قىلىشىدا مۇھىم بىر قەدەمنى ئالغان بولدى، چۈنكى تۆشۈك قەغەز كارتىنى ئىشلىتىپ توقۇلما نۇسىخىلىرىغا ئىنىقلىما بېرىش گەرچە چەكلىك بولسىمۇ پىروگراممىلىغىلى بولۇشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئۆرنىكى ئىدى.
ھېسابلاشلاردا تۆشۈك قەغەز كارتىلىرىنىڭ تۇنجى بولۇپ ئىشلىتىلىشى بۇ بولسا ئاپتوماتىك ھېسابلاشنىڭ پىروگراممىلىغىلى بولۇش بىلەن بىرلىشىشى بولۇپ بۇلار بىلەن تۇنجى پەرقلەندۈرگىلى بولغۇدەك كومپيۇتېربارلىققا كەلدى. 1837- يىلى چارلىس باببەج(Charles Babbage) بىرىنچى بولۇپ تولۇق پىروگراممىلىغىلى بولىدىغان مېخانىكىلىق كومپيۇتېر بولغان ئانالىز ماتورى ناملىق ماشىننى ئۇقۇملاشتۇردى ۋە ئۆزى لاھىيىلەپ چىقتى. ئىقتىسادنىڭ يېتىشمەسلىكى ۋە باببەجنىڭ ئۈزلۈكسىز لاھىيىلەش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئامالسىز قالغانلىقى سەۋەبى بىلەن بۇ ماشىنىنى پۈتتۈرۈپ چىقالمىدى. شۇنداقتىمۇ 1888- يىلى ئۇنىڭ ئوغلى ھىنري باببەج (Henry Babbage) ئانالىز موتورىنىڭ ئاددىيلاشتۇرۇلغان نۇسخىسىنى تاماملىدى. 1842- يىلى بىلەن 1843- يىلى ئارىلىقىدا چارلىس باگگەج نىڭ ئانالىز موتورى ئانالىزچىسى سىئادا لوۋىلەس (Ada Lovelace)، ئېتالىيلىك ھەربى ئىنجىنىر لۇيگىي مىنابرىي (Luigi Menabrea) نىڭ موتورغا مۇناسىۋەتلىك بىر ماقالىسىنى تەرجىمە قىلىپ چىقتى. بۇ ماقالىنى ئۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان ئىزاھاتلار ياكى نوتىلار (Notes) بىلەن تولۇقلاپ چىققان. ئۇ ئىزاھلاردا تۇنجى كومپيۇتېر پىروگراممىسى (تۇنجى كومپيۇتېر پروگراممىسى _ ماشىنىنىڭ ياردىمىدە بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن مەلۇم بىر ھېسابلاش ئۇسۇلىنى كودلاشتۇرۇش) مەۋجۇت دەپ قارالغان . لوۋىلەسنىڭ ئىزاھلىرى دەسلەپكى كومپيۇتېر تارىخىدا ئىنتايىن ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتقان. ئۇ ھەتتا كومپيۇتېر سەۋىيەسىدىكى قوشۇش، ئىلىش ۋە رەقەملىك ھېسابلاشلاردىن ھالقىپ كەتكەن كۆز قاراشلارنى تەتقىق قىلىپ چىققىنىدا، باشقىلار ھەتتا باببەجمۇ پەقەتلا شۇ ھېسابلاشقا مۇناسىۋەتلىك قىسىملىرىدىن ھالقىپ ئۆتەلمىگەن. 1880- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا خىلمان خوللىرىيس(Herman Hollerith) ماشىنا ئوقۇيالايدىغان بويۇمغا سانلىق مەلۇمات خاتىرىلەش ئۇسۇلىنى كەشپ قىلدى. دەسلەپكى قەدەمدىكى ماشىنا ئوقۇيالايدىغان بويۇم سانلىق مەلۇماتلار ئۈچۈن ئىشلىتلمەستىن پەقەتلا كونترول ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنئىدى. كىيىن ئىچكى قىسىمدا قەغەز لىنتىلارغا قايتا -قايتا سىناق قىلىشلار ئارقىلىق ئۇ ئاخىرى تۆشۈكلۈك كارتىلارنى(punched cards) ماشىنا ئوقۇيالايدىغان بويۇملارنىڭ ئورنىغا دەسسەتتى. ئۇ تۆشۈكلۈك كارتىلارنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئۇ يەنە جەدۋەلسىزىش ماشىنىسى( tabulator) ۋە تېشىش ماشىنىسىنى (keypunch machines) كەشپ قىلدى. ئۇنىڭ يۇقىرىقى ئۈچ كەشپىياتى زامانىۋى ئۇچۇر بىرتەرەپ قىلىش سانائىتىنىڭ ئاساسىنى ياراتتى. تۆشۈكلۈك كارتىلارنىڭ كەڭ كۆلەمدەئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىشى 1890- يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكىنىڭ كىنساس شىتاتىدىكى خوللىئىرس(Hollerith's)شىركىتى تەرىپىدىن رەسمى شەكىلللەندى. بۇ شىركەت كېينچە دۇنياغا داڭلىق IBM شىركىتىنىڭ يادروسىنى بارلىققا كەلتۈردى. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ قوللىنىشچان كومپىيۇتىرلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىرقاتار ئىدىيە ۋە تېخنىكىلار بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. بولىن ئالگېبراسى (Boolean algebra)، ئىلىكتىرونلۇق لامپا (vacuum tube)،تۆشۈكلۈك كارتا(punched cards) ۋەلىنتا، تەلپىرىنتىر (teleprinter) قاتارلىقلار.
تۇنجى ئاممىباپ كومپيۇتېر
20- ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا نۇرغۇنلىغان پەن تەتقىقات خاراكتېرىدىكى ھېسابلاشلارغا بولغان ئېھتىياج بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىۋاتقان تەقلىدى كومپېيۇتىرلار تەرىپىدىن قاندۇرۇلدى. بۇ تەقلىدى كومپېيۇتىرلارمەسىلىلەرنىڭ مېخانىكىلىق ۋە ئېلىكترونلۇق مودېلىنى ھېسابلاشنىڭ ئاساسى قىلاتتى. ھالبۇكى ئۇ خىلدىكى كومپېيۇتىرلاردا پروگراممىلاش ئىقتىدارى يوق بولۇپ زامانىۋى كومپېيۇتىرلاردابولۇشقا تىگىشلىك كۆپخىللىق ۋە توغۇرلۇق قاتارلىق ئىقتىدارلىرى كەمچىل ئىدى. ئالان تۇرىيىڭ (AlanTuring) بولسا ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھازىرقى زامانىۋى كومپيۇتېر ئىلمىنىڭ ئاتىسى دەپ قارىلىدۇ. 1936- يىلى ئۇ ئۆزىنىڭ تۇرىيىڭ ماشىنىسى(Turing machine) ئارقىلىق ھېسابلاش ئۇسۇلى ۋە ھېسابلاش قاتارلىق ئۇقۇملارنى قايىل قىلارلىق ئۆلچەم ۋە قېلىپلار بىلەن تەمىنلىدى، بۇ ئارقىلىق ئېلىكترونلۇق رەقەملىك كومپيۇتېرنىڭ يول خەرىتىسىنى سىزىپ بەردى. زامانىۋى كومپيۇتېرنىڭ يارىتىلىشىغا بولغان تۆھپىسى بىلەن ئالان تۇرىيىڭ ۋاقىت ژۇرنىلى (Time magazine)تەرىپىدىن 20- ئەسىردىكى100 مەشھۇر شەخس تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن، ژۇرنال ئۇنىڭغا مۇنداق باھا بەرگەن "پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى كونۇپكا تاختىسىغا قولىنى قويۇۋاتقان ھەربىر ئادەم مەيلى ئۇ بىر سانلىق مەلۇمات جەدۋىلىنى ئىچىۋاتقان بولسۇن ياكى سۆز بىر تەرەپ قىلىش پروگراممىسىنى قوزغىتىۋاتقان بولسۇن ئۇ ھەقىقى مۇجەسسەملەنگەن (incarnation) تۇرىيىڭ ماشىنىسى ئۈستىدە مەشغۇلات قىلىۋاتقان بولىدۇ." تۇنجى ئىشلىتىشكە بولىدىغان كومپيۇتېر زىتتا بىر (Z1)بولۇپ ، بۇنى 1936-يىلىدىن 1938 - يىلىغىچە گېرمانىيەلىك كونراد زۇسى (Konrad zuse) رىمدا ئاتا- ئانىسى بىلەن بىرگە تۇرۇش جەريانىدا ياساپ چىققان. بۇ كومپيۇتېر تۇنجى ئىلىكتىرو مېخانىكىلىق پىروگراممىلىغىلى بولىدىغان زامانىۋى كومپيۇتېر دەپ قارالغان. جورجى سىتىبىتز (George Stibitz) بولساخەلقئارانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئىرىشكەن زامانىۋى رەقەملىك كومپيۇتېرنىڭ ئاتىسى دەپ قارىلىدۇ. 1937- يىلى 11- ئايدا بىلنىڭ تەجرىبىخانىسىدا ئىشلەش جەريانىدا سىتىبتز، رىلى ئاساس قىلىنغان ھېسابلىغۇچنى(relay-based calculator) تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى ۋە ئۇ ئۆزى قۇراشتۇرغان ئۈسكىنىگە k مودېلى دەپ نام بەردى. بۇ بولسا تۇنجى قېتىم ماتېماتكىلىق ھېسابلاشنى نۆل- بىر ئېلىكترونلۇق توك يولى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇش بولۇپ ھېسابلىناتتى. كېينكى مودىللىرى تىخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ مۇرەككەپ ماتېماتكىلىق ھېسابلاشلار ۋە پروگراممىلاشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان بولدى. (Atanasoff–Berry Computer) كومپيۇتېرى (ABC) بولسا دۇنيادىكى تۇنجى ئېلىكترونلۇق رەقەملىك كومپيۇتېر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىراق پروگرممىلىغىلى بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇيەنىلا كومپېيۇتىرلارنىڭ بوۋىسى دەپ قارىلىدۇ. بۇ ماشىنىنىڭ ئىدىيىسىنى 1937- يىلى يوۋا شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتى(Iowa State College) فىزىكا پىراففىسورى جوھن ئاتاناسوف (John Atanasoff) ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ ئۆزىنىڭ تولۇق كۇرستا ئوقۇۋاتقان ياردەمچى ئوقۇغۇچىسى كىليفورد بەرري (CliffordBerry) نىڭ ھەمكارلىششى بىلەن ياساپ چىققان. بۇ ماشىنىمۇ پىروگراممىلىغىلى بولمايدىغان بولۇپ پەقەتلا سىزىقلىق تەڭلىمە سىستېمىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈنلا لاھىيەلەنگەن. بۇ كومپيۇتېر پاراللىل ھېسابلاشنى قوللىنالمايتتى. 1973- يىلىدىكى بىر پاتنىت ھوقۇقى توغرىسىدىكى سوتتا 1946-يىلىدىكى ENIAC كومپېيۇتىرىنىڭ پاتېنىتى ئاتاناسوف بەرري كومپېيۇتىرىنىڭ تېخنىكىسىدىن تەرەققى قىلغانلىقى مەلۇم بولغان. تۇنجى پروگرامما ئارقىلىق كونترول قىلىندىغان كومپيۇتېر يەنى ئېلىكلىرو مېخانىكىلىق ھېسابلاش ماشىنىسى بولسا 1941- يىلى ياسالغان Z3 نىڭئىجادچىسى بولغان كونراد زۇسى (KonradZuse) تەرىپىدىن ئىجات قىلىنغان. تۇنجى پىروگراممىلىغىلى بولىدىغان ئېلىكترونلۇق كومپيۇتېر بولسا كولوسسۇس(Colossus) بولۇپ تومىي فىلوۋىرس(Tommy Flowers) تەرىپىدىن 1943- يىلى ياسالغان.
مەنبەسى: http://en.wikipedia.org/wiki/Computer
داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ.
مەقسەت ، ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ئىلىم-پەن ئەسەرلىرىنىڭ مىقدارى ۋە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش كەسپىم كومپيۇتىر ئۆزۈم تېخىچە بىر ئوقۇغۇچى بىلىم سەۋىيەم ۋە تەرجىمە قابىلىيىتىمنىڭ يۇقىرى بولماسلىقىدىن سەۋەنلىكلەردىن خالى بولالمىدىم كەڭ ئۇستازلار ۋە ھەۋەسكارلارنىڭ سەمىمى تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىزدە كۈچ بىرلىكتە ئىش ئۆملۈكتە دەيدىغان بىر گەپ بار. مۇمكىن بولسا ئەگەر مۇشۇخىلدىكى تەرجىمە ئىشلىرىنى زۆرۈر دەپ قارايدىغان دوستلارنىڭ مەن بىلەن ئالاقە قىلىشىنى ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ئۈزلۈكسىز سۈپەتلىك تەرجىمە ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىشنى ئۈمۈد قىلىمەن.
|