- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 62060
- نادىر
- 6
- يازما
- 2691
ئۆسۈش
0%
|
1.ناۋاغا قاتناشتۇرغان ئەسكىرىڭىز جىقمۇ ؟ بېلەت تاشلايدىغان ئادەمدىن قانچىنى ئەكەلدىڭىز، ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن بېلەت ھەل قىلالىدىڭىزمۇ ؟
مۇشۇ ناۋا ھەققىدىكى يەرلىك مۇلاھىزىلەردە ۋاي دەيدۇ ، كىمنىڭ ئەكەلگەن ئەسكىرى كۆپ بولسا شۇ تاللىنىدىكەن ، دىگەندەك پاراڭلار توللاپ قالدى ، بولسا خەلق قەلبىدىكى تۇگۇننى يىشىپ ئارىنى ئوچۇق قىلۋەتسەڭلار ، قانداق بولسا ئارا ئوچۇق بولىدۇ . مېنىڭچە ئەسكەر ئەكەلمە دىسەك بولماس ، ئەمما ئەسكەرنىڭ سانىنى چەكلەش كېرەك ، ھەممىسى ئوخشاش ساندا ئەسكەر ئېلىپ كەلسە . ئاستىرتتىن بېلەت تەمىنلەش بولمىسا .
2. بىرىنچى نومۇرلۇق ماھىر نەدە كەتكۇزىۋەتتى ؟
ئۇكام سەن كىيىم كىچەكتە كەتكۇزىۋەتتىڭ ، مېنىڭچە سەھنە كىيىممۇ تاماشىبىنلارنى جەلىپ قىلىدىغان بىر مۇھىم ئامىل ، رەنجىمەيسەن بۇ ئالدى ئوچۇق كىيىم تاماشىبىنلارغا بولغان بىر خىل ھۆرمەتسىزلىك ، سەن بەستىڭ باركەن ، كاستۇم كەيگەن بولساڭ ئوبدان كيىم كۆتۇرۇدىكەنتۇقسەن ، جىلىتكە دىگەننى غىپپىدە ئالدىنى ئىتىپ كەيىمىزدە سەن پاكىستانلىق بولمساڭ ، يا خەلقىمىزدە پاكىستان كىيىملىرى مودا بولمىسا . كىلەر نۆۋەت يامان دىققەت قىل كىيىمگە ، سەن كىيمنى ماس كەلتۇرەلمەي زىيان تاتتىڭ ، ئادىلە قىز كىيىمنى بەك ياخشى تاللىۋېتىپ زىيان تارتتى .
4. دىلشات راھىدىن باشقىلارنىڭ كىيىم كىچەك كىيىش ھوقۇقىغا قوپاللارچە ئارلاشتىمۇ ؟
بىر دىلشات راھىدىن كام قالغان بىزگە كىيىم كىچەكنى ئۇنداق كەي ،بۇنداق كەيمە دەپ بۇيرۇق سوقىدىغاندىن ، گەپ ئادىلەگىلا خاس بولسىمۇ ناۋا ھەممىمىزگە ئام بولغاچ بىر يەرلىرىم تىرىڭشىپ كەتتى . ئۇنى كىيىش ، ياكى بۇنى كىيىش ، كىيىم يەڭگۇشلەش دىگەنلەر ئىنساننىڭ ھوقۇقى ئەپەندىلەر ، بۇيرۇقىنى بەك جىق ئاڭلاپ كەتتۇق ، بۇيرۇقتىن زېرىكىپ كۆڭۇل ئېچىلسۇن دەپ ناۋاغا كەلسەك يەنە بۇيرۇق ، دىلشاتكا تەكلىپ بەرسەڭمۇ بولاتتى ئەسلى بۇيرۇق قىلماي
5. ناۋادا ئەڭ تەبىئى بولالىغىنى كىملەر ؟
مېنىڭچە سۇبات بەك تەبىئى بولدى ، ئادىلە قىزمۇ بەك تەبئى چىقتى
6. 22 سان ناۋادىكى ئۇنتۇلغۇسىز ئىش قايسى ؟
ئادىلەنىڭ جاسارىتى ، پاشنىسى چۇشۇپ كەتتى لېكىن چاندۇرمىدى ، مەن بەك تەسىرلەندىم . يەنە ئادىلەنىڭ غىرجەك چالغان ھالىتى ۋە ناخشىسى مەن كىيىنگىچە ئەسلەيدىغان ئىسىمدە قالغان نۇقتىلار بولۇپ قالدى . ناۋاغا يېڭى ھۆسىن قوشتى
7. ناۋادا پەيدا بولغان روجۇستىۋاغا ئوخشاپ كەتكەن بۇۋايلارغا قانداق قارايسىز ؟
بۇنداق بۇۋايلارنى سىز ئەمەلىي تۇرمۇشتىن ئۇچۇرتالمايسىز ، بۇدىگەن باشقىلارنىڭ ئىشتىھاسى بىلەن پەيدا بولغان بىر رىئاللىقى يوق ئىش ، ئىكرانغا بىر ئاق ساقاللىق بۇۋاينىڭ ئۇسۇل ئوينىشى ، بىر ھايۋانلارنى سەھنىلەشتۇرۇش ، بۇدىگەن ئۇيغۇر جەميتىدە بار ئەمما كۆپ ئەمەس ، مەن بىر ئۇسۇلچىنىڭ مەخسۇس ئۇسۇل ئويناش ئۇچۇن تەلەپ بويىچە ساقال قويغانلىقىنى ئاڭلىغانتىم ، بۇ دىگەن ئۇسۇل ئۇچۇن قويۇلغان ساقال ،
بۇنداق ئۇسۇلچى بۇۋايلارنىڭ سەھنىلەردە تىپىرلاپ يۇرۇشى پەرىشتىدەك پاكىز ئاق ساقاللىق ئۇيغۇر ياشانغانلار جامائەتىگە قىلىنغان ھاقارەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس ..................رىجىسسورلار باشقىلارنىڭ ئىشتىھاسىغىلا ئەمەس ئەمىليەتنىمۇ ئاساس قىلسا ،قويۇلغاندىن كىيىنكى تەسىرنىمۇ ئويلاشسا ............
8.ناۋانىڭ رىجىسسورى خىيالىمدا ماڭا شۇنداق دىگۇدەك ، ئۇششاقلارنى بىر خىللاپ بەيگىگە سەپ باقايلى دىدۇق ، دەۋاتقانمىش . باشتىلا ئۇششاقلارنى بىر يىققان بولساڭلار بۇنچىلىك زورۇقۇشنىڭمۇ ھاجىتى يوقتى
|
|