ئامېرىكا مەكتەپلىرىگە ئىلتىماس قىلىش رەسمىيەتلىرى
تاشپولات روزى
سالام قېرىنداشلار ماڭا خېلى كۆپ ئاتا-ئانا ھەم ئوقۇغۇچىلار خەت يېزىپ ئامېرىكادىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلىشتا قانداق رەسمىيەتلەرنىڭ بارلىقىنى سورىدى. مەن ئۇلارغا خەت ئارقىلىق جاۋاب بەرگەن ئىدىم. بۇ رەسمىيەتلەردىن ھەممە قېرىنداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئۇنى بۇ يەردە سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى. ئەگەر بۇ رەسمىيەتلەرگە قارىتا يەنە سوئاللار بولسا ماڭا بىۋاسىتە خەت يازساڭلارمۇ بولىدۇ.
ئامېرىكا مەكتەپلىرىگە ئىلتىماس قىلىش رەسمىيەتلىرى مەكتەپلەرگە قاراپ ئوخشىمىسىمۇ، تۆۋەندىكى 8 تۈرلۈك ماتېرىيال مەكتەپكە ئىلتىماس قىلغان ۋاقىتتا تەلەپ قىلىنىدۇ.
1. مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىش فورمىسى
سىز ئامېرىكا مەكتەپلىرىگە خەت يېزىپ ماتېرىياللارنى تەلەپ قىلسىڭىز مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىش فورمىسى بىلەن باشقا ماتېرىياللارنى سىزگە ئەۋەتىپ بېرىدۇ. ئەگەر سىز بۇ فورمىنى ئەۋەتىلىپ بەرگەن خەتنىڭ ئىچىدە تاپالمىسىڭىز ئۇلارغا تز خەت يېزىپ سورىسىڭىز ئۇلار يەنە ئەۋەتىپ بېرىدۇ. ياكى مەكتەپنىڭ تور بەتلىرىدىن چۈشۈرۈپ ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ ماتېرىيالنى تولدۇرغاندا تەجرىبىسى بار كىشىدىن ياكى مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا تېلېفون ياكى خەت يېزىپ سورىسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ فورمىنى توشقۇزۇپ بولغاندىن كېيىن فورمىنىڭ ئاخىرىدا يازغان گەپلىرىڭىزنىڭ توغرا ياكى يالغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قول قويىدىغان ئورنى بولىدۇ، بۇ ئورىنى چوقۇم ئۇنتۇپ قالماي ئىنگلىزچە قول قويۇڭ. ھەمدە سىزنىڭ ئامېرىكادا ئوقۇشىڭىز ئۈچۈن ئېختىسات جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىپ بېرىدىغان تۇققۇنىڭىز ياكى ئاتا-ئانىڭىزنىڭ قول قويۇشىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ.
2. نەتىجىڭىزنىڭ ئىسپاتى
بۇ نەتىجە ئىسپاتىنى سىز ئوقۇغان ئورتا مەكتەپ ياكى ئالىي مەكتەپلەر چىقىرىپ بېرىدۇ. سىز ئىلتىماس قىلماقچى بولغان ئالىي مەكتەپلەر، بۇ نەتىجە ئىسپاتىنى سىز ئوقۇغان مەكتەپنىڭ بىۋاسىتە ئەۋەتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىرىمۇ بار، شۇڭا بۇ نەرسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ. ھەر مەكتەپ بۇ نەتىجىدىن پەقەت بىرنىلا تەلەپ قىلىدۇ شۇنداق بولسىمۇ مەكتىپىڭىزدىن ئۇنى كۆپرەك ئېلىۋالغىنىڭىز ياخشى. بەزى ئالىي مەكتەپلەر ئورتا مەكتەپتىكى نەتىجىلەرنى تەلەپ قىلمايدىغان ئەھۋاللارمۇ بار شۇڭا بۇ ئىشنى چوقۇم باشتىنلا بىلىۋالغىنىڭىز ياخشى. ئەگەر ئوقۇشنى تېخى تۈگەتمىگەن بولسىڭىز ھازىرغا كەلگۈچە بولغان نەتىجىلەرنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئوقۇشنى تۈگەتكەن بولسىڭىز ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىڭىزنىڭ كۆپەيتمىسى كېرەك بولىدۇ. بۇمۇ مەكتەپلەرگە قاراپ ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بۇنىمۇ باشتىنلا ئېنىق بىلىۋېلىڭ.
3. بانكىدىكى پۇلىڭىزنىڭ ئىسپات قەغىزى
ئامېرىكادا ئادەتتە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىشىگە يول قويۇلمايدۇ. يەنى ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇش پۇلىنى تۆلەشكە بولمايدۇ. شۇڭا ئوقۇش جەريانىدا كېتىدىغان پۇلنى، ئوقۇغۇچى تۆلەلەمدۇ دېگەن ئىسپات تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، بانكىدىكى پۇلىڭىزنىڭ ئىسپاتى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىڭىز ئوقۇش پۇلىڭىزنى تۆلەيدىغان بولسا ئاتا-ئانا چوقۇم پۇلنى مەن تۆلەيمەن دېگەن ئىسپات قەغىزى كېرەك بولىدۇ. مەكتەپلەرگە قاراپ مۇنچىلىك ئامېرىكا دوللىرىنى تۆلەش كېرەك دەپ كۆرسىتىلىدۇ. ئادەتتە بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ ئىلتىماس قىلغان مەكتەپلەردىن بۇنى ئېنىق بىلىۋېلىڭ. بۇ ئىسپاتنى ئېلىش ئۈچۈن بانكىغا بارسىڭىز بانكا ئىنگلىزچە پۇلىڭىزنىڭ ئىسپات قەغىزىنى چىقىرىپ بېرىشى كېرەك. مەكتەپ كونىراپ كەتكەن پۇل ئىسپاتىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ شۇڭا ئەڭ يېڭىسىنى ئەۋەتىپ بېرىڭ.
4. TOEFL (Test of English as a Foreign Language)
TOEFL دېگىنىمىز چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن ئېلىنىدىغان ئىنگلىزچە ئىنتىھام. ئامېرىكا مەكتەپلىرىگە كىرىشتە ئوقۇغۇچى چوقۇم بۇ ئىنتىھامغا قاتنىشىشى كېرەك. مەكتەپ ھەم كەسىپكە قاراپ تەلەپ قىلىنىدىغان نومۇر سىزىقى ئوخشىمايدۇ. ئىلتىماس قىلغان مەكتەپنىڭ نومۇر سىزىقىنى چوقۇم بىلىۋېلىڭ. TOEFL نىڭ نەتىجىسىنى TOEFL باش ئىشتاۋى ئىلتىماس قىلىدىغان مەكتىپىڭىزگە بىۋاسىتە ئەۋەتىپ بەرمىسە بولمايدۇ. شۇڭا ئەۋەتىش جەرياندا ۋاقىت كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن TOEFL ئىنتىھامىنى بالدۇرراق بەرگىنىڭىز ياخشى. بۇ ئىنتىھام سىزنىڭ ئامېرىكىغا كېلىشىڭىزگە يول ئاچىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىنئامغا ياخشى تەييارلىق قىلىپ بېرىڭ.
5. مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىشقا كېتىدىغان ھەق.
مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن كېتىدىغان پۇلنى مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىش ماتېرىياللار بىلەن بىرگە ئەۋەتىپ بەرمىسىڭىز بولمايدۇ. بۇ پۇلنى ئىلتىماس قىلغان مەكتەپكە ئەۋەتىپ بەرمىسىڭىز سىز ئەۋەتكەن بارلىق ماتېرىياللارنى مەكتەپ كۆزدىن كۆچۈرمەيدۇ. ئالىدىغان پۇل مەكتەپلەرگە قاراپ ئوخشىمايدۇ شۇڭا مەكتەپتىن بىۋاسىتە سوراپ بىلىۋېلىڭ. بۇ پۇل سىزگە قايتۇرۇلمايدۇ.
6. ماقالە
مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىش فورمىسى بىلەن مەكتەپ تەلەپ قىلغان ماقالىنى بىرگە ئەۋەتىپ بەرمىسىڭىز بولمايدۇ. سىز يازماقچى بولغان ماقالە مەكتەپلەرگە قاراپ ئوخشىمايدۇ. ئادەتتە مەكتەپكە كىرمەكچى بولغان ئارزۇيىڭىزنىڭ سەۋەبى ھەم نىمىنى ئۆگەنمەكچى قاتارلىقلارنى ئوز ئىچىگە ئالغان 1 بەت ياكى 2 بەتلىك ماقالە تەلەپ قىلىنىدۇ. بەزىدە ئىلتىماس قىلماقچى بولغان مەكتەپ، ماقالە يېزىش نۇسخا قەغىزىنىمۇ بىرگە ئەۋەتىپ بېرىدۇ. ئۇنۇڭغىمۇ دىققەت قىلىڭ. ماقالىمۇ سىزنىڭ مەكتەپكە تاللىنىشىڭىز ئۈچۈن بەك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن ماقالىنى يازغاندا بەزى تەجرىبىلىك كىشىلەردىن سورىغىنىڭىز ياخشى.
7. سالامەتلىك ئىسپات قەغىزى
بۇ ئىسپات قەغىزى مەكتەپلەرگە قاراپ ئوخشىمايدۇ. بەزى مەكتەپلەر سالامەتلىك ئىسپاتىنى تەلەپ قىلمايدۇ. بەزى ۋاقىتتا سالامەتلىك ئىسپات قەغىزىنى دوختۇرخانىنىڭ بىۋاسىتە ئەۋەتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار.
8. تونۇشتۇرۇش خېتى
تونۇشتۇرۇش خېتىنىمۇ مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىش فورمىسى بىلەن بىرگە ئەۋەتىپ بەرمىسىڭىز بولمايدۇ. سىز بۇ خەتنى ئۆزىڭىز ياخشى تونۇيدىغان دەرستە ياخشى نەتىجە ئالغان ئوقۇتقۇچىدىن ئالسىڭىز ياخشى بولىدۇ. مەكتەپلەر 2 ياكى 3 تونۇشتۇرۇش خېتىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىمۇ بالدۇرراق يازغۇزۇپ ئالغىنىڭىز ياخشى. تونۇشتۇرۇش چوقۇم پېچەتلىگەن بۆلىشى كېرەك.
|