- تىزىملاتقان
- 2011-3-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3718
- نادىر
- 0
- يازما
- 370
ئۆسۈش
57.27%
|
بۇ دېگەن سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بىر تۇتاش پىلانلاپ سېلىندىغان ئۆي، ھۆكۈمەت تولۇقلىما بېرىدۇ. قۇرۇلۇشچىنى باشلىقلار تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىدۇ. ھەتتا ھاجەتخانا، مۇنچىدىن تارتىپ سېلىپ بېرىدۇ. ئۆيدىكى بېساتتىن باشقا.
ئۆي پۈتكەندە، يېنىڭىزدا بولمىسا، بانكىدىن ئىبارەت بۇ سىرتماققا باغلىنىپ بولسىمۇ، ئۇ ئۆي پۇلىنى تۆلەيسىز.
بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىش بولغاچقا، ئۇنى سېلىشىڭىز كېرەك. قەرز بولسىڭىز بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كېتىدۇ.
ناۋادا سىزنىڭ ئۆيىڭىز يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي بۇلۇپ، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇش ئىشخانىسىغا تىزىمغا چۈشۈپ سېلىنغان ئۆي بولسا، سالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۇنداق بولمىسا، چوقۇم تېخنىكا تەلىپى بويىچە سېلىشىڭىز كېرەك...
ئۇلارنىڭ تەلىپى شۇ.... پۇلىڭىز بولامدۇ بولمامدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كارى يوق؟
لېكىن سىز ئويلاپ بېقىڭ؟ نېمىشقا پۇلىڭىز يوق؟ يەرلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ تېرىۋاتقىلى 30 يىلدىن ئاشتى. يەنە نېمىشقا يوق بۇ پۇل!
بەزىدە مۇشۇنداق زورلايدىغان سىياسەتمۇ بەزى دېھقانلىرىمىزغا دورىمىكىن دەپ قالىمەن. مەن گەرچە دېھقان بولمىساممۇ، 5مو، 10 مو يېرى بار دېھقانلار بىلەن كۆپ پاراڭلىشىپ باقتىم. ئۇلارغا ئۇ ئازغىنە يەرنى يىللىق ئىجارىگە بەرسە يىلىغا 5-10 مىڭ يىۋەن كىرىم بولىدىغانلىقىنى، ئەر ئايال ياكى ئەر سىرتقا چىقىپ ئىشلىسە يەنە 10 مىڭ يىۋەن كىرىم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتىم. بىراق ئۇلاردا ئۇنداق خىيال يوقكەن. شۇ 10 مو يەرگە ئائىلىدە نەچچە ئەمگەك كۈچى بولسا، شۇنچە ئادەم يىل بويى ئىشلەيدىكەن... تاپقان پۇلنى ئىقتىساد قىلىشنى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئويلاشمايدىكەن..
شۇڭا ھەر قانداق بىر سىياسەتنىڭ بىر ياخشى يەنە بىر يامان تەرىپى بولىدۇ. ئۆي سېلىشقا كەلسەك، ئىمكانىيەت بولسا، تەلەپ بويىچە سالسىڭىز، خاتىرجەم بولىسىىز (ئەلۋەتتە خاتىرجەملىكنى ئاللا ئىگەم بەرسە)، ئۇنىڭدىن كېيىن بىر تۇتاش سېلىنغاندىكىن، مەھەللە كوچا چىرايلىق بولىدۇ. يوللارمۇ بىر تۇتاش ياسىلىدىغان گەپ.
دېھقانلىرىمىزمۇ كوچا چىراقلىرى بار، سېمونىتلاشقان يولى بار، دەل دەرەخلىك باغچىدەك مەھەللىدە ئولتۇرسا يارىشىدۇ. مۇنچا، ھاجەتخانا، ئاشخانا، يەنە تېخى ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىدە پار بار. ...
شەھەر تۇرمۇشىغا ئوخشاش... دېھقانلىرىمىزمۇ تۇرمۇشتىن، دۇنيادىن ھوزۇرلىنىشنى بىلىشى كېرەك.
يەنە كېلىپ پاكىزلىق ئىماننىڭ شەرتى. ئازادە، پاكىز، چىرايلىق ئۆيلەردە چوڭ بولغان بالىلار، ئەۋلاتلىرىمىزمۇ چىرايلىق، ئەقىللىق چوڭ بولىدۇ ئەمەسمۇ؟
شۇڭا سىياسەت خارەكتىرلىك بۇنداق تېمىلارنى يوللىسىڭىزمۇ، ئۇ ئىشلار بىر تۇتاش پىلان ئىچىدە بولغاندىكىن، ئۇنىڭغا مېنىڭچە ئامال يوق. |
|