قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 563|ئىنكاس: 7

‹‹ئۆي قۇرۇلۇش پۇلى›› توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىشىپ باقايلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

245

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   81.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17336
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 62
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-16 13:25:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   taptap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-16 14:09  

‹‹ئۆي قۇرۇلۇش پۇلى›› توغرىسىدا مۇنازىرە قىلىشىپ باقايلى


   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :       بارلىق قېرىنداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن .
   ئاۋۋال ئۆزۈمنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي :
   مەن بولسام ئاددىي بىر سەھرالىق ئوقۇتقۇچى . ئەسكەرتىپ قويىدىغان يەنە بىر تەرىپىم بولسا ، مەن مالىيە ــ ھېساباتقا ئانچە پىششىقمۇ ئەمەس ، تېخىمۇ ھەم ئىنچىكمۇ ئەمەس . بۇ يازمىنى يېزىشىمدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولسا ، مۇشۇ <<ئۆي قۇرۇلۇش پۇلى>>  (  住房公积金  ) توغرىسىدا كاللامدىن ئۆتمەي قالغان بەزىبىر نوقتىلار بار . ئىـــــلــــــــــى تەۋەسىدىن باشقا رايۇنلارنىڭ بىزنىڭكىگە ئوخشامدۇ ـ يوق بىلمىدىم .  ئەگەر ماڭا ئوخشاش ئوي ــ خىيالى بارلار بولسا مۇشۇ نوقتىلارنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزگەن بولساق دېگەن ئۈمىدتىمەن .
   
   بىلىدىغانلاردىن سۈرۈشتۈرسەم ، ئەمەلىيەتتە مۇشۇ توغۇرلۇق تالاش ــ تارتىشلار خېلى كۆپ ئىكەن . شۇ قاتاردا مەنمۇ ئۆز ئويۇمدىكىنى يېزىپ باقاي دېدىمغۇ .  نەق  گەپكە كېلەيلى . تەكشۈرۈپ باقسام  ، ھازىر مېنىڭ ھېساباتىمدىكى  <<ئۆي قۇرۇلۇش پۇلى>>  30نەچچەمىڭ سومغا يېتىپتۇ .  مەن ۋە ئايالىم بۇ يەرگە سىرتتىن كېلىپ ئورۇنلاشقان(ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن، بۇ يەردە بىرمۇ تۇغقىنىمىز يوق ) ، بىز بۇيەرگە كەلگەندىن كېيىن ( بەرىبىر 30يىلچە خىزمەت قىلىدىغان ئىش بولغاندىكىن)  ئاۋۋال بانكىدىن نەچچە تۈمەن پۇل قەرز ئېلىپ ، جايلىق يەر ئېلىپ ، ئۆي سالدۇردۇق . نېمە دەيمىز ئەمدى ، تۇرمۇش بولغاندىكىن  ۋاقت ئۆتكەنسېرى قىزىل رەقەممۇ بارغانسايىن ئېشىپ بارىدىكەن . ئاتاقتا ئىككى مائاشلىق بولغان بىلەن  مېنىڭ مائاشىم  بانكا قەرزىنى قايتۇرۇش ، بالىنىڭ بېقىلىش راسخوتى ئۈچۈن ، داۋالىنىش ئۈچۈن ( ھازىرقى بالىلارمۇ تولا ئاغرىيدىكەن ) دېگەندەك ئىشلار بىلەن  ھېچبىر تايىنى قالماي ، ھەممە ئىش پەقەت ئايالىمنىڭ بىر كىشىلىك مائاشىغىلا قاراشلىق ھالەتتە ئۆتىۋاتىمىز . ھەممىمىزگە ئايان ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىم ـ كېتىم ، ئېلىم ـ بېرىم مۇناسىۋىتىمىز مۇرەككەپرەك . ھەممىدىن يامان بولغىنى ( باشقا پەتىۋالارنى قويۇپ تۇرايلى ) مېنى ۋە ئايالىمنى  20 نەچچە يىل  بېقىپ ، ئوقۇتقان ئاتا ـ ئانىمىزغا قەرەلدە بىرە ـ ئىككى <<قىزىل قەغەز>> تۇتقۇزۇشقا تازا قۇربىمىز يەتمەيۋاتىدۇ، كەينىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى يۆلەش نەدە تۇرۇپتۇ ؟! ئـــــەگــــــــــەر مۇشۇ ھالەتتە ئاشۇ  <<ئۆي قۇرۇلۇش پۇلى>>  قولۇمغا تېگىدىغان بولسا بانكا قەرزىدىن  بىراقلا قۇتۇلۇپ ، ئۆي ـ ھويلامنىڭ چالىسىنى  پۈتتۈرۈپ ( ئۆيۈم ئانچە چوڭمۇ ئەمەس ) خاتىرجەم ھالدا ۋەتەن ماڭا تاپشۇرغان خەلقىمنىڭ بالىلىرىنى تەربىيىلەش خىزمىتىنى ئىشلەپ كەتكەن بولاتتىم .  لېكىن بۇ پۇل بىز يېزا قىشلاقتىكى ئوقۇتقۇچى ـ كادىرلارغا نىسبەتەن ئانچە پايدىلىق رول ئوينىيالمايدىكەن ، بۇ پۇلنى ئېلىش ئۈچۈن شەھەرـ بازار يېرىدىن بىنا ئۆي ئالساق بولىدىكەن . مەسىلىنىڭ نېگىزى مانا مۇشۇ يەردە .  مـــېـــــنـــــــىــــــڭ شەھەردىن بىنا ئۆي ئالغۇم يوق ( مەن بىنا ئۆيگە قىزىقمايمەن ) . شۇنداق بولغانىكەن ئەسلى بۇ پۇلنى مەندىن تۇتۇشنىڭ ھېچبىر  ئەھمىيىتى يوق .  ئاڭلىسام بۇ پۇلنى مەلۇم يوللار ئارقىلىق ئېلىۋاتقانلارمۇ بار ئىكەن ( ماڭا ئوخشاش بىنا ئۆي ئېلىشنى خالىمايدىغانلار ) . بىراق بۇنىڭ ئۈچۈن شۇ پۇلنىڭ %10نى شۇ پۇلنى چىقىرىپ بېرىدىغانلارغا ئالدىن تاپشۇرىدىكەن .   شۇڭا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ  مۇشۇ پۇلنىڭ مەسىلىسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .   قېنى باشقىلارنىڭ قانداق پىكىرى باركىن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
   

1

تېما

6

دوست

5409

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 670
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1564
توردىكى ۋاقتى: 228
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-24 17:56:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە يەردە ئوخشاش، ئۆزىمىزنىڭ پۇلىمىزنىمۇ خەققە پۇل بېرىپ ئالىدىكەنمىز، قانداق جاھان بۇلۇپ كەتتى؟..........
قۇتلان تېلفۇنلىرى

27

تېما

0

دوست

2308

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12957
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 122
تۆھپە : 709
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-24 19:32:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆي قۇرلۇش پۇلى سىزدىن قانچە پۇل تۇتسا ھۆكۈمەت شۇنچە پۇل قوشۇپ يىغىلىدىغان پۇلدەك قىلاتتى ،، سىز تۇتۇشنى بىكار قىلۋەتسىڭىز ھۆكۈمىتىمىز ئۈچۈن يەنەبىر ياخشى كادىر تۇغۇلغان بۇلىدۇ، ئەگەر ئېلىشنى خالىسىڭىز يەرلىك ئورۇندىن ئۆيى بار دىگەنگە خەت ئالىسىزغۇ دەيمەن ،،،

0

تېما

0

دوست

468

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21982
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 148
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-24 21:34:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۇنچىلا تەس ئىش ئەمەس، سىز ئالدى  بىلەن  ئوي سالغان ئورنىڭىزنىڭ يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بىجىرىپ بولۇپ، ئاندىن تۇرۇشلۇق ئورنىڭىزدىكى  ئوي قۇرۇلۇش ئىشخانىسىغا كىرىپ مۇناسىۋەتلىك جەدىۋەللەرنى توشقۇزۇپ، ناھىيىلىك ئوي مۇلۇك پۇندىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىغا كىرسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر يەنە ئالالمىسىڭىز، ناھىيىلىك ئىنتىزام تەكشۇرۇش كومتىتىنىڭ ، خىزمەت ئۇنىمىنى  نازارەت  قىلىدىغان  ئۇنۇم ئىشخانىسى دەيدىغان بىر ئىشخانىسى بار، شۇ يەرگە ئەھۋالڭىزنى يازمىچە ئىنكاس قىلسىڭىز بولىدۇ

5

تېما

1

دوست

4925

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   97.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11972
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 616
تۆھپە : 1064
توردىكى ۋاقتى: 257
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-25 02:54:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاساسى قاتلامدا يۈرۈپ سىياسەتتىن خەۋەرسىز قاپسىزدە............

0

تېما

0

دوست

245

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   81.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17336
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 62
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-16
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
torpakjan يوللىغان ۋاقتى  2013-10-24 21:34
بۇ ئۇنچىلا تەس ئىش ئەمەس، سىز ئالدى  بىلەن  ئوي سالغان ئ ...

كەچۈرۈڭ ، مەن نەچچە ۋاقتتىن بېرى تورغا چىقالماي ، سىلەرنىڭ يازماڭلارنى كۆرمەپتىمەن .
سىز ‹‹ ... يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بىجىرىپ بولۇپ، ئاندىن تۇرۇشلۇق ئورنىڭىزدىكى  ئوي قۇرۇلۇش ئىشخانىسىغا كىرىپ مۇناسىۋەتلىك جەدىۋەللەرنى توشقۇزۇپ، ناھىيىلىك ئوي مۇلۇك پۇندىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىغا...››دەپسىز ، ئاڭلىسام ،  ئۇلار يېزا ـ سەھرالارنىڭكىنى ئېتراپ قىلماي ، شەھەر ـ ناھىيە بازار ئىچىنىڭ يەر كىنىشكىلىرىنى ئىناۋەتكە ئالىدىكەن دەپ  ئاڭلىغانىدىمغۇ . مەسىلەن : بانكىدىن قەرز ئېلىشتا دەسمايە قىلىدىغانغا دىگەندەك ...  يا مەن خاتا ئاڭلىۋالدىممۇ ؟

0

تېما

0

دوست

245

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   81.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17336
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 62
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-16
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم : كەچۈرۈڭلار مەن نەچچە ۋاقتتىن بېرى تورغا چىقالمىغان ئىدىم .

بىنا ئۆي ئالغانلارغا بىۋاستە ياردىمى بولىدىكەن . لېكىن ، بىنا ئۆي ئالغۇسى يوقلار بۇ پۇلنى بىۋاستە ئېلىپ ئىشلىتەلمەيدىكەنغۇ .   مېنىڭ ئەتراپىمدىكى نەچچىسى ئۆزىنىڭ يىغىلغان ئۆي پۇلىنىڭ %10ىنى بېرىپ ( باشقىلار ئارقىلىق ) ئالدىغۇ .

0

تېما

0

دوست

19

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   6.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24007
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-17
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم؟ قاراماي شەھىرىدە جامائەت تۇرالغۇ ئۆي فۇندىنى چىقىرىشتا1.تاۋار ئۆي سېتىۋالغان بولىشى (توختام بولسا)2.مەزكۇر كىشىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قان بېسمى قاتارلىق سوزۇلما خاراكتىرلىك كسەللىكى بولسا3.ئائىلىدە قېينچىلىقى بولسا(ئىدارە ياكى خەلىق ئىشلىرى ئورۇنلىرىنىڭ ئىسپاتى بولىشى كېرەك)4. زىمىن سېتىۋالغان ۋە كېنىشكىلىرىنى بېجىرگەن بولسا، ۋە شۇ ئورۇنغا ئۆي سالغان بولسا (چوقۇم كېنىشكە رەسمىيەتلىرى تولۇق بولىشى، ئۆي سېلىشتا سېتىۋالغان قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ ئۆلچەملىك تالۇنلىرى بولىشى كېرەك)  چىقارغىلى بولىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )