ئىزاھات:تۇۋەندىكى تېمىنى قوياش -1 ئەپەندى 2011-يىلى«كائىنات»تورىغا يوللىغان .بۇ قېتىم مايور(ماھىرجان)ئەپەندى مېنىڭ «يەر شارىنىڭ دولقۇنسىمان ھەركىتى»دىگەن يازمامغا دولقۇن گىراپىكى ئىشلىگەندىن كىيىن،قوياش -1 ئەپەندىنىڭ بىر ئىنكاسى ۋە ئۇلىنىش قالدۇرىشى بىلەن ئۇنتۇلغان بۇ تېمىنى ئەستايدىل كۇرۇپ چىقتىم.مەن ئەينى ۋاقىتتا ئانچە دىققەت قىلمىغان ئىكەنمەن.
قوياش ئەپەندى بۇ تېمىسىدا يەر شارىنىڭ دولقۇن خارەكتىرلىك ھەركەت قىلىدىغانلىغىنى توغرا مۇلچەرلىگەن.قوياش -1 ئەپەندى ئاددى بىر دېھقان ،ئادەتتىكى بىر ئاستىرونۇمىيە ھەۋەسكارى بولسىمۇ ئۇنىڭ مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىش ۋە ئىلمى تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى مۇ ئەييەنلەشتۆرۆشكە بولىدۇ.ۋاقتىنى بېھۇدە ئىشلار بىلەن ئىسراپ قىلىۋاتقان بەزى ياشلارنىڭ قوياش -1 ئەپەندىدەك ئىلمى تەپەككۇر،تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىنى تاۋلىشىنى،يېتىلدۆرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.ئىلىم -پەن ھەرگىز مەخسۇس كەسىپ ئىگىلىرى ،مەخسۇس ئاپارات ۋە تەجىربىخانىلاردىلا مەشغۇل بولسا بولىدىغان سىرلىق،مۇنۇپول ساھە ئەمەس.
___ قاسىم سىدىق
2013.10.19
قوياش -1 ئەپەندى تېمىىنىڭ تولۇق تېكسىتى مانا:
29- تېئورمىدىكى سەييارىلەر ھەركىتىڭ ئوربىتا شەكلى ھەققىدىكى قىياس
ھۆرمەتلىك قاسىم سىدىق ئەپەندى. سىزنىڭ بۇ تېئورمىڭىزنى كۇرۇپ چىقتىم. بىر مەسىلىگە ھەممە ئادەمنىڭ ئۇزىگە خاس تەپەككۈر ئۇسۇلى بولىدۇ، ئۆزەمنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارشىمنى ئوتتۇرغا قويماقچىمەن،
1. ئەگەر يەر شارىنىڭ قۇياش ئەتىراپىدا ئايلىنىشىغا، قۇياشنىڭ تارتىش كۈچىدىن باشقا 29- تېئورمىدىكىدەك ئېغىش كۈچى تەسىر كورسەتكەندە، يەر شارى قۇياشنى ئايلىنىپ چەمبەرسىمان ھەركەت قىلغاندىن باشقا، ئوربىتا بويلاپ ، بۇرمىسىمان ھەركەت قىلىدۇ، ئىككى بۇرمىسىمان چوققىسىنىڭ ئارلىقى، يەر شارى پىرۇكسيە ( مەن كەسپى ئاتالغۇلارنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن تۇزىتىپ ئۇقۇشىڭلار ئۈمىد قىلىمەن) ھەركتى دەۋرىنىڭ بۇلۇڭ گىرادۇسىغا تەڭ بولىدۇ. مۇشۇ سەۋەپتىن يەر شارىنىڭ سۇرئىتىدە ئاستىلاش تىزلىشىش دەۋرى شەكىللىنىدۇ،بۇ دەۋىرلىشىشمۇ يەر شارى پىروكسىيە ھەركىتى دەۋرىنىڭ بۇلۇڭ گىرادۇسىغا تەڭ بولىدۇ، بۇنى بارلىق يادرو ئەتىراپىدا ئايلىنۋاتقان جىسىم ، زەررىچىلەرگە تەدبىقلاشقا بولىدۇ،
دولقۇنسىمان ھەركەت قىلىشنىڭ سەۋەبى- سەييارىلەرنىڭ پىرۇكسىيە ھەركىتى تۇپەيلىدىن سەييارىلەر ئۇقىدا دەۋىرلىك يانتۇلۇق ئۆزگىرىشى بولىدۇ،ئۇق مەركىزىدىن تىك بۇلۇڭ يۆلنىشىدە 29- تېئورمىدىكىگەك ئېغىش يۈز بەرسە، سەييارىلەردە ئوربىتىسىدا بۇرمىسىمان ھەركەت قىلىدۇ، بۇرمىسىمان ھەركەت سەۋەبىدىن يادرۇسىغا ( يەر شارى قۇياشقا ) نىسبەتەن يىراق، يېقىن نوختا شەكىللىنىدۇ. سەييارىنىڭ سۇرئىتى يىراق نوختىدا ئاستا، يېقىن نوختىدا تىز بولىدۇ
2011-7-1
مەنبە:
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=4100&page=1&extra=#pid75036
|