يەر شارىنىڭ دولقۇنىسىمان ھەركىتى
قاسىم سىدىق
ھەم ئۇز ئوقىدا ئايلىنىپ ھەم ئوربىتىدا ھەركەت قىلىدىغان ياكى سىزىقلىق ھەركەت قىلىدىغان ھەرقانداق زەررىچە ۋە جىسىملارنى دولقۇن شەكلىدە ھەركەت قىلىدۇ،دەپ قاراشقا بولىدۇ.بۇ خىل ھەركەت شەكلىدە دەۋرىلىك ئالدىنقى شەرىت.دەۋرىلىكنى قانائەتلەندۇرۇدىغان بارلىق ھەركەت شەكىللىرىنى دولقۇن خارەكتىرلىك ھەركەتكە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
يۇقۇرقى تەشەببۇسنى چۈشەندۇرۆشتە يەر شارى ياخشى مىسال بولالايدۇ.مەسىلەن:
يەرشارىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش ھەركىتىنىڭ دەۋرىلىكىدىن بىز بىردولقۇن گىراپىكىغا ئىرىشەلەيمىز.ئىككى قېتىملىق ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرىلىكىدىن بىز يەر شارىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش ھەركىتىنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلىغىغا ئىرىشەلەيمىز.
بۇنىڭدىن باشقا يەر شارىنىڭ ئوربىتا ھەركىتى دەۋرىلىكىدىن،يەنى ئىككى قېتىملىق ئوربىتىلىق ھەركەت دەۋرىلىكىدىن يەنە بىر دولقۇن گىراپىكىغا ئىرىشەلەيمىز.ئەلۋەتتە بۇ گىراپىكتىكى دولقۇن ئۇزۇنلىغى ئالدىنقىسىدىن پەۋقۇلئاددە ئۇزۇن بولىدۇ.
لىكىن ئوربىتا دەۋرىلىكىدىن شەكىللەنگەن دولقۇن ئۇزۇنلىغى ئەسلا ئەڭ چوڭ دولقۇن ئۇزۇنلىغى ئەمەس.قوياشقا ئەگىشىپ سامانيولىنى مەركەز قىلغان دەۋرى ھەركەتمۇ بار تېخى.ئونىڭ دولقۇن ئۇزۇنلىغى ئەلۋەتتە ئالدىنقىسىنىڭكىدىن پەۋقۇلئاددە چوڭ بولىدۇ.
دىمەك،دولقۇنلۇق خاراكتىر يالغۇز مىكرۇ زەررىچىلەرنىڭلا پاتىنتى ئەمەس.ئۇ بىر ھەركەت شەكلى سۆپتىدە شەرىتلىرىنى قانائەتلەندۆرگەن بارلىق ماكرۇ جىسىملارنىڭمۇ ئورتاق ھەركەت شەكلى.دولقۇن -زەررىچە ئىدىيىسىنى ئاسمان جىسىملىرى ھەركىتىگە كېڭەيىتسەك دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەتنىڭ ھەركەت شەكلى ئىكەنلىگى ئىنىق زاھىر بولۇشتىن باشقا،ھەرقانداق شەكىلدىكى ئىنىقسىزلىق پىرىنسىپلىرىغىمۇ ھاجەت قالمايدۇ.بۇ يەكۈن مىكرۇ دۇنيادىكى ئىنىقسىزلىقنىڭمۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىغىنى مۇلچەرلەشتە ئەھمىيەتكە ئىگە.بۇنىڭدىن باشقا مىنىڭچە بۇ يەكۆننىڭ فىزىكىنى بىرلىككە كەلتۆرۆشتە ئەھمىيىتى چوڭ.
قېنى، كىم يۇقۇرقى نۇقتىئىنەزەرلەر مەيدانىدا تۇرۇپ يەرشارىنىڭ دولقۇن گىراپىكى ۋە ئالاقىدار دولقۇن پارامىتىرلىرىنى ئىشلەپ چىقالايدۇ؟.مىنىڭچە بۇ ماتىماتىكا بىلگەن ئادەمگە ھېچقانچە ئىش ئەمەس!.
2013.10.16
|