- تىزىملاتقان
- 2013-1-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5384
- نادىر
- 0
- يازما
- 659
ئۆسۈش
7.68%
|
بۇ قانداق گەپ بوپكەتتى ئەمدى ......ئادەتتە بۇنداق مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ئوپىراتسىيەسىنى ھەر قانداق بىر ناھىيىلىك دوختۇرخانىنىڭ ئۆز ئالدىغا داۋالاش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇلمايدۇ ....چۇقۇم يۇقۇرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاغا يوللاپ بېرىلەتتى .مىنىڭچە بۇ ناھىيىلىك دوختۇرخانىدىكى تويمىغۇر كاززاپلا پۇلنى كۆزلەپلا ئوپىراتسىيەنى ئۆزى قىلىپ ۋاقىتنى ئۇزارتىپ تېخىمۇ كۆپ قاقتى سوقتى قىلماقچى بوپتۇ ..بۇنىسى ئېنىق.. ئادەتتە سوقۇر ئۈچەي ئوپىراتسىيەسىنىمۇ ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخنىلانىڭ ئوپىراتسىيە قىلىش سالاھىيىتى يوق تۇرسا مېڭە ئوپىراتسىيەسىگە قول سېلىش ھوقۇقىنىڭ بولىشى مۇمكىنمۇ.....
2010- يىلى مىنىڭمۇ ئاتامنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشكەن ئىدى شۇ ۋاقىتتىمۇ ناھىيىلىك دوختۇرخانىدىن ۋىلايەتلىك بىرىنچى خەلق دوختۇرخانىسىغا يوللاپ بەرگەن ئىدى . خەلىق دوختۇرخانىسىغا كىرگەن كۈنى دوختۇرلا بەك چوڭ گەپ قىلىپ بۇنداق كېسەللەنى چۇقۇم داۋالاپ ساقايتىمىز دەپ قۇبۇل قىلدى .ئەمما قۇبۇل قىلغان بىلەن ئوپىراتسىيە قىلماي icu غا ئەكىرىۋېلىپ ئاۋال بىر نەچچە كۈن كۈزىتىمىز كۈزىتىپ بولۇپ ئاندىن ئوپىراتسىيە قىلىمىز دىگەن ئىدى.ئەممە ھىچقناداق داۋالاش ئېلىپ بېرىلماي يېتىۋەدى. بۇ جەرياندا ھەر كۈنىگە 10.000 سومدىن ئارتۇق پۇل كىتىۋەردى. (بۇ جەرياندا ھەر كۈنى ئاشۇ ئاتالمىش كۈزىتىش ئۆيى icu غا كىرىپ كەتكەن 5 ئادەمنىڭ 4ىنىڭ ئۆلىكى چىقىپ تۇردى...بىرەرسىنىڭ ساقىيىپ چىققىنى كۆرمىدۇق...) بىرەر ھەپتىدەك icu دا ياتقۇزغاندىن كىيىن بىر كۈنى قان تومۇرنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىمىز .تەكشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئوپىراتسىيە قىلىمىز دەپ تەكشۈرۈش ئۆيىگە ئەپكىرىپ كەتتى . ئېپكىرىپ كىتىپ يېرىم سائەتلەردىن كىيىن بىمار بۇرۇن سۇنئى چىش سالدۇرغانكەن(مىتال چىش) شۇڭا تەكشۈرگىلى بولمىدى دەپ . تەكشۈرۈش ئەسۋابى بىمانىڭ بەدىنىدە سۇنئى چىش بولغانلىقى ئۈچۈن نورمال تەكشۈرەلمىدى دەپ يەنە قايتىدىن icu غا ئەپكىرىپ كەتتى .ئارىلىقتا يەنە بىر قانچا كۈن ئۆتۈپ كەتتى . بىر كۈنى بىر ئۇيغۇر دوختۇر ئايال يېنىمىزغا كېلىپ بىرمۇنچە تەسەللىلەرنى بەرگەندىن كىيىن .بىزمۇ كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە تىرىشتۇق ئەمما بۇنىڭغا ئاللا شىپاھ بەمىسە بىز قانچە قىلغان بىلەن بىكاكەن دىگەندەك بىر مۇنچە گەپلەنى قىلغاندىن كىيىن ئوپىراتسىيە قىلىشقا ئامال بولمىدى شۇڭا قۇتقۇزۇشقا ئامال يوق دىدى بۇ ۋاقىتتا بىز ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق دوختۇرخانىغا يۆتكەشنى ئېيتتۇق ئەمما بۇ دوختۇرلا قەيەگە ئاپباساڭلامۇ ئامال يوق ھىچيەدە داۋالىيالمايدۇ.ياخشىسى ئەمدى ئۆيۈڭلاغا ئەپكىتىپ ياخشىراق بېقىۋېلىڭلا دەپ قويۇپ كىرىپ كەتتى ...بۇ ۋاقىتتا ئاللىقاچان ئون نەچچە كۈن بوپ بولغان ئىدى ..بۇ قەرياندا خېلى كۆپ چىقىم تاتىپ بولغان ئىدۇق ....بۇ ۋاقىتتا بىز يەنى؛لا تەقدىرگە تەن بەرمەي ۋىلايەتلىك يىزا ئىگىلىك بىرىنجى دېۋىزىيە دوختۇرخانىسى بىلەن كۆرۈشۈپ كېسەللىك ئەھۋالى ۋە تەكشۈرۈش نەتىجى؛ىرىنى كۆرسەتتۇق ...بۇ ۋاقىتتا بۇ دوختۇرخانىدىكى دوختۇرلار كېسەللىك ئەھۋالىنى كۆرۈپلا قېنى ئەپكېلىڭلا چۇقۇم داۋالاپ ساقايتىمىز بۇ كىچىك ئىشكەن دىيىشتى ..بۇ گەپتىن ھەممىمىز خۇش بولۇشۇپ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يىزا ئىگىلىك بىرىنجى دېۋىزىيە دوختۇرخانىسىغا يۆتكىدۇق ...دوختۇرلا بۇ دوختۇرخانىغا كىرگەن شۇ ۋاقىتتىن باشلاپلا داۋالاشنى باشلىۋەتتى ...دىگەندەك دوختۇرخانىغا كىرگەن3-كۈنىلا ئاتام ھۇشىغا كەلدى ۋە ھەممىمىزنى تۇنىيالىدى .بۇنىڭدىن ھەممىمىز شۇنداق خۇش بولۇشتۇق..شۇنداق قىلىپ ئىككى ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى . مانا ھازىر ھىچقانداق كېسىلى يوق نورمال ئادەملەردەك ساپساق ياشاۋاتىدۇ ..ھەم ئۆيدىكى ئۇششاق چوڭ ئىشلانىڭ ھەممىنى يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئۆزى قىلىۋاتىدۇ ....شۇندىن بېرى بىز ۋىلايەتلىك بىرىنجى خەلىق دوختۇرخانىسىدىكى ئالدامچى كاززاپلانىڭ ھىچنىمىگە يارىماس كېرەكسىز بىر توپ ئالدامچىلا ئىكەنلىكىگە ئىشەندۇق ..ھەم ھېلىقى ئاللاھنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ ئاللاھ شىپا بەمىسە بىزدىمۇ ئامال يوقكەن بىزمۇ كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە تىرىشتۇق سەۋىر قىلىڭلا ئۇ بۇ دىگەندەك بىزنىڭ مىللى دىنىي ھېسىياتىمىزدىن پايدىلىنىپ بىزنى ئەخمەق قىلغانلىقىنىمۇ چۈشىنىپ يەتتۇق ...شۇندىن بېرى ھىچقايسىمىز زۇكام بولساقمۇ بىرىنچى خەلىق دوختۇرخانىسى دىگەن قالپاقنى كىيىۋالغان ئالدامچىلانىڭ ئۇۋىسىغا ئىككىچىلەپ قەدەم باسمىدۇق ھەم قەدەم باسمايمىز |
|