- تىزىملاتقان
- 2013-10-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 295
- نادىر
- 0
- يازما
- 16
ئۆسۈش
98.33%
|
ھۆرمەتلىك تورداشلار، ھەممىڭلارنىڭ ھىيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن . ئاللاھ ھەممىڭلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك،تۇرمۇشۇڭلارغا خاتىرجەملىك ئاتا قىلسۇن.
يوللىماقچى بولغان تىمامنىڭ ماۋزۇسى تىما مەزمۇنىغا تولۇق ماس كەلدىمۇ ،كەلمىدىمۇ بىلەلمىدىم. لىكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى راست ئىشلار. ئوقۇپ بىقىپ بىر نەسە دەرسىلە.
نەبىجان 17ياش، بويى ئىگىز ،چىرايىدىن ئەقىل پاراسەت ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇرىدىغان بالا. لىكىن بۇيىل 4-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۇنى نەبىجانغا بىر كىلىشمەسلىك كەلدى. ئۇ يىقىلىپ كىتىپ مىڭىسىگە قان چۈشۈپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشى ئەمدىلا ئىزىغا چۈشكەن بۇ ئائىلىدە يەنە پاراكەندىچىلىك باشلاندى. چۇنكى نەبىجاننىڭ ئانىسى ۋە دادىسى تىخى ئالدىنقى يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئۆسمە كىسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىپ ئىقتىسادى جەھەتتە بىرمۇنچە سورۇقچىلىقلارنى تارىتقان ئىدى. ئەر-ئايال ئىككەيلەن ئەمدىلا ئۇھ! دەيدىگەندە بۇ كىلىشمەسلىكنىڭ كەلگىنى..............
شۇنداق قىلىپ نەبىجان ناھىيلىك دوختۇرخاننىڭ icu غا ئىلىندى. دوختۇرلار مىڭىسىنى دەرھال ئوپىراتسىيە قىلمىساق بولمايدۇ دەپ،ئوپىراتسىيە قىلىندى. بۇ جەرياندا دوختۇرلار بىمارنىڭ ئۇرۇق -تۇققانلىرىغا؛<< ئوپىراتسىيە ناھايتى ئوڭۇشلۇق بولدى، بىمارنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىىڭ بىمارنىڭ ياتىقىغا كىرىشىگە بولمايدۇ. پەقەت چۈشتىن كىيىن سائەت4:30دىن 5:00كىچە يىرىم سائەت ئىچىدە بىر ئادەم كۆرۈشسەڭلا بولىدۇ .) دىدى. نەبىجاننىڭ ئاتا-ئانىسى بولسا كۈندە كىسەلخانىنىڭ كارىدورىدا تىت -تىتلىق،ۋەھىمە ،ئارزۇ ئۈمىتلەر ئىچىدە ساقلايىتتى.
نەبىجاننىڭ مىھرىبان ئانىسى بولسا ،كۈندە دىگۈدەك بىمارغا لايىق دەپ قارىغان تاماقلارنى ئىتىپ ،دوختۇرخانىغا ئەكىلىپ مەسئۇل سىستىراغا ؛<<مۇشۇ تاماقنى نەبىجانغا يىگۈزۈپ قويغان بولسىڭىز>> دەپ يىلىناتتى. 4-كۈنى نەبىجاننىڭ ئانىسى تاماق ئىلىپ كەلگەندە، شۇ دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغان بىر تونۇشى ئۇچىراپ؛ <<بۇ يەرگە تاماق ئىلىپ كەلگىنىڭىزنىڭ پايدىسى يوق، بەرىبىر ئۇنى سىستىرالار بىمارغا يىگۈزمەي تۆكۋىتىدۇ.>> -نىمە؟ ھەيران بولۇپ سورىدى ئانا؛_نىمىشقا،نىمىشقا تۆكىۋىتىدۇ؟ <<نىمىشقا تۆكۈۋىتىتتى، بىمار تاماقنى يىسە تەرەت قىلىدۇ ،تەرەت قىلسا تەرىتىنى بىز تازلايمىز دەپ تۆكۋىتىدۇ.>>دىدى ھىلىقى ئايال. شۇ چاغدا كىسەل يوقلاپ كىرگەن يەنە بىرەيلەن گەپ قاتتى:-<< ۋاي بۇ icuنىڭ سىستىرالىرى ئادەم ئەمەس. ئۆتكەن يىل دادامنىڭ مىڭىسىگە قان چۈشۈپ مۇشۇ بۆلۈمدە ياتقان. كىيىن بىر مەزگىلدىن كىيىن دادامنى يوقلاپ كىرگەندە(ھىلىقى يىرىم سائەت يوقلاش ۋاختى) سىستىرا قىشىغا كەلسە قورققاندەك، سىستىرانى شەرەتلەپ ئۆزىنىڭ ئىڭەكلىرىنى ئۇغاندەك بىر خىل ئىپادە ھەركەتلىنى قىلىپ كىتەتتى.(ئۇ چاغدا ئۇ ئادەم گەپ قىلالمايدىكەنتۇق) دەسلەپتە بۇنى چۈشەنمەپتىمىز.كىين ئۇقسام بۇ نائەھلى،ھايۋانلار دادام تەرەت قىلىپ سالسا دادامنى ئۇرۇپتىكەن ئەمەسمۇ. شۇڭا بۇلارنى كۆرسەملا نىرۋام ئۆلەيدۇ.
بۇ دوختۇرخاننىڭ icuسىغا چىگەن ئادەم ساق چىقمايدۇ.>> دىدى. بۇ گەپ نەبىجاننىڭ ئانىسىنىڭ كۆڭلىگە قانداقتۇر بىر سايە تاشلاپ ئۆتتى. شۇنداق قىلىپ ئوپىراتسىيە قىلغىلى يەتتە كۈن بولدى. بۇ جەرياندا ھەركۈنى دوختۇرخانىغا 10،000يۇەندىن ئارتۇق پۇل كىتىپ تۇردى. لىكىن نەبىجاننىڭ ئەھۋالى بارغانچە يامانلاپ كەتتى. نەبىجاننىڭ بىشىنىڭ ئوپىراتسىيە قىلىنغان يىرى ياللۇغلىنىپ،يىرىڭداپ ئىششىپ كەتكەن ئىدى. نەبىجاننىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ تىخىمۇ ئەنسىرەشكە باشلىدى. نەبىجاننىڭ ئانىسىنىڭ قۇلاق تۈۋىدە بولسا ھىلىقى تونۇشىنىڭ گىپى جاراڭلايىتتى. بولدى ،بالىنى ئۈرۈمچىدىكى بىرە دوختۇرخانىغا يۆتكەيلى ،دىدى نەبىجاننىڭ دادىسى. لىكىن دوختۇر قوشۇلامۇ، دىدى ئانىسى.
جۈرۈڭلا دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈپ باقىلى..... لىكىن دوختۇر قوشۇلمىدى، راسىت،ئۇ قانداقمۇ قوشۇلسۇن؟ چۈنكى نەبىجان شۇ بۆلۈمدىلا بولسا ،بۆلۈمگە كۈندە10،000لاپ كىرىم بولىدىغان تۇرسا. شۇ سەۋەپتىن نەبىجاننىڭ دادىسى دوختۇر بىلەن تاكاللشىپ قالدى: -يا كىسەلنى داۋالىياممىساڭلا!..
-مانا دۋالاۋاتىمىزغۇ.
_سىللەر قاچانغىچە داۋالىماقچى؟
-ساقايغۇچە.
-بالىنىڭ بىشى ساقايماقتا يوق يىرىڭداپ ،ئىششىپ كەتسە، مۇشۇنداق داۋالامسىلە؟
-نىمە ئالدىرايسىلە ئالدىرماي تۇرمامسىلە......
نەبىجاننىڭ دادىسى بۇلار بىلەن تالىشىشنىڭ ئارتۇقچە ئىش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى دە، قەشقەر بىلەن ئالاقىلىشىپ بىر قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنى 10،000يۈئەنگە دىيىشىپ نەبىجاننى ئاپتونوم رايۇنلۇق 2-دوختۇرخانىغا يۆتكىدى.
2- دوختۇرخانىدىكى ۋاڭ دوختۇر نەبىجاننىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ قايناپ، سەكرەپ كەتتى . -قانداق دوختۇرخانا ئۇ!؟ مۇشۇنداقمۇ مەسۇليەتسىزلىك قىلغان بامۇ؟ دوختۇرخانىدا تۇرۇپ ئوپىراتسىيە قىلغان يەر يىرىڭداپ كەتتى دىگەن قانداق گەپ؟ جاھاندا شۇنداقمۇ دوختۇر بولامدۇ؟ بولدى، مەن بۇ بىمارنى ئالالمايمەن، سىللە ئەڭ ياخشىسى ئاشۇ دوختۇرخانا ئۈسىتىدىن ئەرىز قىلىڭلا... ئىنىقكى ۋاڭ دوختۇر باشقىلارنىڭ شالتىقىغا كىيىلىپ قىلىشتىن قورۇققان ئىدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ نەبىجاننىڭ ئاتا-ئانىسى دوختۇرغا يالۋۇرۇشقا باشلىدى. دىمىسىمۇ يالۋۇرماي نىمە ئامال، ئاران تۇرغان بالىنى يەنە نەلەردە سۆرەپ يۈرسۇن ئۇ بىچا رىلەر. ئاخىرى تونۇش بىلىشلەرنى ئىزدەش ،ئارىغا ئادەم سىلىش ئارقىلىق ۋاڭ دوختۇر نەبىجاننى داۋالاشقا قوشۇلدى. توۋا بىر ناھيىلىك دوختۇرخانىنىڭ icuدا كۈنىگە10،000يۈەندىن كەتكەن بولسا، ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك دوختۇرخانىنڭicu دا 4،000يۈەن كەتتى. لىكىن شۇ يالۇغنى قايتۇرۇپ ،يىرىڭنى يوقۇتۇشقا ئۈچ ئايغا يىقىن ۋاقىت كەتتى.
مانا ، نەبىجان ھازىرمۇ داۋالىنۋاتىدۇ،ئالتە ئايدىن ئىشىپتۇ . تىخچە يا گەپ قىلالمايدۇ يا ماڭالمايدۇ. نەبىجاندىنمۇ ئىغىر نەچچە ئونلىغان بىمارلار 30-40كۈن يىتىپلا ساقىيشىپ چىكەتتى..... ۋاڭ دوختۇر دەيدۇ: << ھەي...! دەسلەپتە نەبىجاننىڭ مىڭىسى ياللۇغلىنىپ قالمىغان بولسا ئاللىقاچان...........>>
ھەي !ناھىلىك دوختۇرخانىنىڭ دوختۇر،سىستىرالىرى...............................................................
ھازىر ناھىمىزدە مۇنداق گەپ تارقالدى.<< ناھىيلىك دوختۇرخانىنىڭ icuدا ياتقۇچە ، ئۆيدە يىتىپ ئەزىرائىلنى كۈتكەن ياخشى....>>
|
|