قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1294|ئىنكاس: 38

بىز نېمشقا نەسەبنامە يازمايمىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

0

دوست

1250

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   25%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 149
تۆھپە : 278
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-22
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بىز نېمشقا نەسەبنامە يازمايمىز؟

ئېلاۋە: ئۆز ئۆتمۈشنى ئۇنتۇش ئاسيلىقتىن دېرەك بېرىدۇ.
                                                             ___لېنىن


ئاپتورى: پەرھات ئەمەت

ئىنسانىيەتنىڭ  يەنى دۇنيادىكى ھەر بىر مىللەت قەۋىمنىڭ تارىخى بولغىندەك شۇ مىللەتلەرنى تەشكىل قىلغۇچى ئەڭ كىچىك بىرلىك ئائىلە نىڭمۇ   تارىخى بولىدۇ. چۈنكى
بىر ئادەم مەڭگۈ يەككە يىگانە مەۋجۇت بولۇپ  تۇرالمايدۇ.شۇ سەۋبتىن ئادەمنىڭ ئۆزى ئائىلسىز ،ئۇرۇق ئۇرپاقسىز ياشىيالىشى مۇمكىن ئەمەس. بىز ئىنسانلارنى قويۇپ تۇرۇپ  كەڭرى تەبىئەتنى كۈزەتسەكمۇ مەيلى ئالەمدىكى تاش- مىېتروتلار بولسۇن پىلانتلار بولسۇن بىر گۇرۇپپا- گۇرۇپپا ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇردىغانلىقى ئۇلارنىڭ بىر ئورتاق سېستمدا ئايلىنىپ تۇردىغانلىقنى بايقايمىز. ناۋادا كېرەك بۇلارنىڭ بىرى كەم بولۇپ قالىدىغان بولسا  ئالەمنىڭ تەرتىپىدە چوقوم ئۆزگىرىش يۈز بېرشى ئويلمىغان ئىشلار يۈز بېرشى مۇمكىن. ئەمدى بىز ھايۋانلارغا ئۇچار قۇش،مەددە قۇرۇتلارغىچە  نەزەر سالساقمۇ ئۇلارنىڭ توپ توپى بىلەن ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. يېقىندا مائارىپ ئىدارسدا خىزمەت قىلدىغان بىر زىيالى ئاكا بىلەن تويدا سەل پەل  پاراڭشلىپ قالدۇق. ئۇ كىشنىڭ  تارىخ بىلىمى خېلى چوڭقۇر ئىدى. ئەسلىدە جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ مائارىپقا يۆتكەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ دېيشچە خەنزۇلاردا نەسەپشۇناسلىق تەرەققى قىلغان ئىكەن.شۇڭلاشقا فاملىنى بەلگە قىلغان جەمەتلەردىن تۇزۇلگەن جەمئىيەتتە كىشلەرنى تەتقىق قىلىشتا شۇ جەمەتنى ئاۋۋال چىقىش قىلىش ئىديسى خېلى كۈچلۈك ئىكەن. يەنى ھازىرقى تەتقىقاتچىلار جوڭگو تارىخىدىكى  مەشھۇر جەمەتلەرنى مەخسۇس تەتقىق قىلۋاتقانلىقنى يەنى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ جەمەتىدىن مەشھۇر شەخسلەرنىڭ داۋاملىق چىقدىغان بىر ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكنى بايان قىلىپ ، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەۋلاتلىرنى تىپىپ شۇلارنى تەربىيلەسە دۆلەت، مىللەت ئۈچۈن زور خىزمەتلەرنى بەجا كەلتۇردىغان كىشلەرنى مەيدانغا چىقىرىش مۇمكىنلىكى،بۇنى ھازىرقى زامان   ئېرسىيەتشۇناسلىق ئىلىمىمۇئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغانلىقىنى  سۆزلەپ بەردى. ئۇ ھۆھتەرەم كىشنىڭ  ئېيتشچە ئادەتتە بىز ھايۋانلار سۇ ئىچكەندە دىققەت قىلىپ كۈزىتدىغان بولساق ئۇلاردىمۇ <ئاقساقال> بولىدىغانلىقى بۇ ئاقساقال ئەڭ ئاۋۋال سۇ ئىچىمەي تۇرۇپ باشقىلار سۇغا ئېغىزنى سالمايدىغانلىقنى ئېيتتى.   ئېھتىمال  ھايۋانلاردىمۇ ئاشۇنداق < توپ >ئۇقۇمى مۇنداقچە ئېيتقاندا  ئاز -تولا <جەمەتچلىك كۆز قارشى> ياكى  سەزگۈسى بولسا كېرەك.  
بىزنىڭ ئەقىللىق ئەجدادلىرىمىز قولغا قەلەم ئېلىپ يازىدىغانغا دەپتەر  بولمسمۇ مەڭگۈ تاشلارغا ئۆزلىرنىڭ شانلىق شەجەرلىرنى يېزىپ قالدۇرغان ئىكەن.
بىز يىتۈك ئەسەر <بابۇرنامە> دەك شاھانە ئەسەرلەرنى ئوقۇپ باقساق ،زوھىردىن مۇھەممەت بابۇرىينىڭ ئۆزنىڭ بۇ ئۆلمەس تارىخى ئەسىرىنىڭ باش قىسمىدا خېلى كۆپ  نەسەبنامە تۈسدىكى خاتىرلەرنى قالدۇرۇلغانلىقىنى كۆرىىمىز.ئۇنىڭدىن كېيىن ئاتسنىڭ ئىزنى بويلاپ ماڭغان ھومايون ۋە ئەكبەر قاتارلىق شاھلارمۇ <ھومايۇننامە>  <ئەكبەرنامە> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ تىمورىيلەرنىڭ  كيېنكى ئەۋلاتلىرنىڭ نەسەبنامسنى ئىزچىل خاتىرلەپ ماڭغانلىقىنى بىلىمىز.( بىز گەرچە كىينكى ھومايوننامە ۋە ئەكبەرنامە ناملىق ئىككى كىتابنى ئوقوپ باقمىغان بولساقمۇ شۇنى قىياس قىلشقا بولدۇكى ئۇنىڭدىمۇ بابۇرنامىدەك نەسەب تارىخى يېزلغان.) تۈركى خەلقىلەرنىڭ  تارىخى ئەسىرى <شەجەرەئى تۈرك> قاتارلىق ئەسەرلىرىمۇ تۈركى تىللىق مىللەتلەرنىڭ تارىخنى كېينكى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزشتكى مەسئۇلىيەتچانلىق روھى بىلەن يېزلغان بولۇشى مۇمكىن. تارىخىمىزدا بۇنداق نەسەبنامە ، تۈرلۈك تارىخى خاتىرە،شەجەرىلەر كۆپ بولسىمۇ بىزنىڭ مەلۇماتىمىز، بىلىم سەۋىيەرىمىز يېتەرلىك بولمىغاچقا يەنىمۇ نەقىل ئېلشقا  تەتقىق قىلشقا ئاجىزلىق قىلىمىز.ئومومەن ئېيتقاندا  كېينچە بۇ خىل ئېسل ئەنئەنە،ئادەت بارا -بارا سۇسلىشىپ  كەتكەن بولسا كېرەك. شۇنىڭ بىلەن  جەمەت ھەققىدە ھېچقانداق خاتىرە قالدۇرمايدىغان،پەقەت تۇغۇلۇپ، ياشاپ ئۆلۈپ كېتىشتەك ئايلانما ھاياتلىقنى داۋام ئېتىپ كەلدۇق. تارىخىمىزدا   كىشنى تاڭ قالدۇردىغان شانلىق  جەمەتلەر بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ شۇ جەمەت ئىچىدە يېزىققا ئېلنماي كېينكى تارىخچىلارغا خېلى ئاۋارچىلىق كەلتۇرۇلدى . تارىخىمىزدا  نۇرغۇن زىيالى،مەشھۇر كىشلەر بولغان. ناۋادا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەس كۆپ قىسمى ھەقىقى ئىستاتسكىغا نائىل بولالىغان بولسىمۇ   خېلى كۆپ سان چىقىشى مۇقەررەر ئىدى.يىراقنى قويۇپ ھازىرقى زامانغا تەۋە<مەدەنىيەت ئېنقىلابى> دا قۇربان بولغان زىيالىلارنىڭ كۆپىنچىسى تارىخى تەتقىقاد ئەسەرلىرنىڭ سىرتىدا قالدى ھەرقايسى يۇرۇتلارنىڭ يەرلىك تارىخىلىرىغا كىرگۈزۈلگەنلىرى ئەمەلىيەتتە پەقەت كىشلەرنىڭ ئېسىدە قالغانلىرىدۇر..(مەن دادامنىڭ دادسى ۋىلايەتخان ئىسلامنىمۇ شۇ  تارىخنىڭ سىرتىدا قالغانلارنىڭ قاتارىدا ھېسابلايمەن.چۈنكى ئۇ ئۈچ ۋىلايەت ئېنقىلابىغا قاتناشقا،قازاقچە،خەنزۇچە،روسچە ئۈچ خىل تىل تەرجىمە قىلالايدىغان ئادەم ئىدى.شۇ سەۋەبتىن مەدەنىيەت ئىنقلابىدا پىپەن قىلىنغان،ئېغىر جىسمانى ئەمگەككە سېلىنغان بولغاچقا كېينچە كېسەل بولۇپ ۋاپات بولغان، ئۇنىڭ كىتابلىرنى داداملار قورقۇپ مەشكە قالاپ كۆيدۇرۋەتكەن ئىكەن.)    دېمەك بىز خۇددى  قۇربانلىق قويلاردەك پىچلىپ كەتكەن چاغلاردىمۇ يىغا زارا قىلىپلا ئولتۇرماي ئارىمىزدىن ساۋاتلىق  بىرەيلەن بولسمۇ  قولغا قەلەم ئېلىپ:< بۇ زات مۇنچىنىچى يىلى  تۇغۇلغان مۇنداق سەۋەبلەر بىلەن شەھىت بولدىلەر دەپ > ئىككى ئىلىك خەتنى جىجىلاپ قويۇشنى بىلمەي قۇيماق بىلەن ژىت سېلىپ  جامائەتنى زورلاپ چاقىرىپ خەتمەئى قۇرئان ئۆتكۈزۇش  بىلەنلا  ۋەزىپىنى ئادا قىلىۋەتكەن بوپتۇق.   شۇنداق بولغاچقا ،تارىخىمىزدىكى شۇنچە نامايەندىلەر يېزىققا ئېلىنمايدىغان بولۇپ يىراقتىكى ۋە يېقىندىكى بۇ مۇبارەك زاتلار ياكى ھەر قايسىمىزنىڭ قېرىنداش بۇۋا -موملىرىمىز كۆزلىرىمىزدىن توپىدەك توزوپ ،سىماسى بەكلا خىرەلشىپ  قالدى.  ئەل ئارىسدا ياشاپ ئۆتكەن تالاي ئوقۇمۇشلۇق كىشلەر،ئېسل نەسەبلەرنى شۇ زاماندا ياشىغان ۋە ھازىرمۇ ھايات تۇرۋاتقان ياشانغان مويسىپتلار بىلسىمۇ شۇلارنى بىر يوقلاپ ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ئاز تولا خاتىرە ئېلىپ قويدىغانغا ۋاقىتىمىز چىقمىغاچقا بۇنى بۇ  كىشلەر ئۆزلىرىلا بىلىپ قىلىپ مەھەللە يۇرۇتتىن ھالقىىپ چىقالمدى.شۇنىڭ بىلەن بىر ئەۋلاد كىشلەر ئالەمدىن ئۆتكەندە بولسا بۇ ھەقتە ئۇچۇرلار ئىزسىز يوقاپ كەتتى. ئەمدى بۇلارنى  ئەسلەيلى ئىزدەپ تاپايلى  دېسەك ئۇلار ھەققىدە ھېچ نەرسە يوق. بۇ بىلمەسلىكنى ئەمدى كىمدىن كۆرگۈدەكمىز؟
قەبرىگاھلارغا بېرىپ قارىغۇدەك بولساق بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى  كىچىك كىچىك دۆڭ شەكىلدىكى  توپا دۆۋىسىدە تۇرغانلىقنى كۆرىمىز. ئاز تولا كۈچىگەنلەرنىڭ قەبرە بېشىدا قەبرە تېشى ياكى ياغىچى بار  بولۇپ بۇنىڭغا <مەرھۇم ،،،،،مۇنچىنچى يىل ئاي كۈنى تۇغۇلۇپ مۇنچىنىچى يىلى  مۇنچە يېشدا ۋاپات بولدى>دەپ يېزىلغان .بۇ بىز  ھازىرقى ئادەملەر قالدۇرۋاتقان ئەڭ چوڭ خاتىرە،نەسەبنامە بولسا كېرەك!
تۈركى تىللىق خەلقىلەر ئىچىدە قازاقلاردا بۇ خىل ئەنئەنە ئىزچىل ساقلىنىپ كەلگەن دېسەك خاتالاشقان بولمايمىز.قازاقلاردا يەتتە ئەجدادىغىچە بىلشتەك ئەنئەنە ساقلانغان بولۇپ ھازىرمۇ ئۇلار بۇۋلىرنىڭ بۇۋلىرىنى دەپ بېرەلەيدۇ. مېنڭچە بۇ قازاقلاردا بىر جەمەت ئىچىدە بىر بۇۋاق دۇنياغا كېلىشى بىلەن تەڭ ئۆز ئىچىدىن قولىدا قەلەم توخـتايدىغان بىرىنى تېىپىپ شۇ بالىنى خاتىرىگە ئېلىپ قويدىغان ئادەت بار.ئەگەر ئۇنداق قىلمغان تەقدىردە ئۇنى يادىقا ئېلىۋىلىش مۇمكىن ئەمەس. بەلكىم بۇ خاتىرلەرنى شۇ جەمەت ئىچىدىكى ئاقساقالدىن بىرسى ساقلىسا كېرەك،ياكى ھەر بىر قازاق ئائىلىسدە بۇنداق خاتىرلەر بولۇشى  مۇمكىن. مەيلى  قانداقلا بولسۇن ئۇلار ئۆزلىرنىڭ سۆڭەك ئىگىسنى سۈرۈشتە قىلىپ ئۆز ئارا ئۇرۇق -تۇغقانلار قۇدىلىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىپ قالدىكەن. بۇنداق نەسەبنامە قالدۇرۇش ئەسلىدە بارلىق تۈركى تىللىق خەلقلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنسىى ئىدى.نېمشقا بۇ خىل ئېسىل مەدەنىيەت بىزدە كېينچە يوق بولۇپ كەتتى؟   مېنڭچە بۇ توغرىسدا ھازىرمۇ  تەتقىقاتلار يېتەرلىك ئەمەس. بۇ ئەھۋال ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ قاتتىق ئويلاندۇرىدۇ.  ھازىر بىز  بۇۋىمىزىڭ دادسىنى دەپ بېرەلەمدۇق؟ ئۇ كىشلەر قانداق  ئادەملەر ئىدى؟،نېمە ئىشلارنى قىلغان ؟ئۇلاردىن كىم -كىملەر تۇغۇلغان؟ ئۇ پەرزەنتلەر قەيەرلەردە ياشىغان ،نېمە ئىشلارنى قىلغان ئۇلارنىڭ يەنە قانچە پەرزەنتلىرى بولغان ئۇلار كىملەر؟ ھازىرقى ئائىلە جەمەتىڭىزدە كۆزگە كۆرۇنگەن كىملەر بار ؟
شۇلار ياشىغان دەۋردە ۋەزىيەت ،تارىخ قانداق ئىدى دېگەنلەردىن خەۋەر بېرەلەيدىغان بىر پارچە خاتىرە ئۆيلىرىمىزدىن تېپىلامدۇ؟  بالىلار تۇغۇلماقتا،ئۆز دادسى ئانسى ،بۇۋسى مومسغا ئەركىلەپ ئۇلاردىن نېرىغا ئۆتەلمەي چوڭ بولىۋاتىدۇ. ئۇرۇق تۇغقانلار بىلەنمۇ بار يوقىنڭ ئارىسدا ئارلىشىپ چوڭ بولىۋاتىدۇ. بىرەر يېزا،بىر ناھىيە يېقىن بىر شەھەرنىڭ ئۇياقىغا ئۆتۈپلا كەتكەن قېرىنداشلار خۇددى ياتلاردەك ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان ،،بىز مۇشۇنداق كېتىىۋەرسەك ئاخىرى <سەن كىم، مەن كىم؟> دەپ بىر بىرىمىزنى تونىمايدىغان، ئۇرۇق تۇغقانلارنىمۇ كۈنلەر كېلىپ بىر كۈنلەردە  <<سىزنى ياكى سىلىنى بىر يەردە كۆرگەندەك قىلىمەن ئۆزلىرى  كىم بولىلا؟>> دەپ يۈرەرمىزمۇ؟ بۇ نېمە دېگەن كىشنى ئويغا سالدىغان ئويلار ھە؟
يېقىندا بىر كىشى ماڭا 100 بەتتىن ئارتۇق ئائىلە نەسەبنامسنى تەھرىرلەپ بېرشنى ئۆتۈنۈپ ئېلىپ كەپتۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ كىشى پەقەت ئىملا جەھەتتىن ۋە ئىسم، ئاي يىللار خاتا يېزىلپ قالغان جايلارنى تۈزەتمەكچى ئىكەن.كومپىيوتىردا خەت ئۇرۇشنى بىلمگەچكىلا مېنى ئىزدەپ كەلگەن ئىكەن.شۇنىڭ بىلەن قىزىقىپ بارماق دسكىغا قاچىلانغان بۇ نەسەبنامسنى ئېچىپ كۆردۇم.  ئەڭ  بېشىغا ئۆزنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ نەسەبنامنى يازماقچى  بولغانلىقى توغرىسدا  مۇقەددىمە ئورنىدا توختلىپتۇ. بۇلار بۇرۇن خوتەندىن ئىلىغا كۆچۈپ چىققان <ئىلچى> نامىنى تەخەللۇس قىلغان جەمەت بولۇپ ئاتا تەرەپ ۋە ئانا تەرەپ دەپ ئىككى بۆلەك بويىچە ئۇزۇن تىزىس قىلپ ئاتا بۇۋىلىرنىڭ كېلىپ چىققان يۈرۇت،ئۇلارنىڭ ئسىم فاملىسى قانداق ئادەملەر ئىكەنلىكى قانداق سودا بىلەن شۇغۇللانغانلىقى نېمە سەۋەبتىن بۇياققا كەلگەنلىكى ھەققىدە رەسىمى بىر تارىخ قالدۇرۇپتۇ. بۇلارنىڭ بارلىق ئۇرپاقلىرى غۇلجا شەھىرى ،نىلقا ناھىيسى،قورغاس ناھيسى ۋە توققۇزتارا ناھىيسگە تارقالغان بولۇپ بۇ نەسەبنامنى يېزىپ پۈتتۈرۈشكە 2 يىل ۋاقىت كېتىپتۇ. ئاشۇ يەرلەرگە بېرىپ ئۇرۇق تۇغقانلارنىڭ رەسىم سۈرەتلىرنى ئېلىپ يوقلارنى رەسىمگە تارتىپ دېگەندەك  سان سپىرى بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇپ نومور قويوپتۇ. بۇنى  32 فورماتلىق چوڭلۇقتا كىتاب قىلىپ ئۇرۇق تۇققانلار ئىچكى قىسمدا تارقتىلدىغان قىلىپ نەشىر قىلدۇرۇماقچىكەن .
ئاخىرىغا شۇ كشىلەر ياشغان يۇرۇتنىڭ يۈزەكى تارىخى،مىللەتلەر،جۇغراپىيسىغچە كېڭىيپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭمۇ كەينگە ئۆزنىڭ ئەۋلاتلارغا ساغلاملىق،تۇرمۇش جەھەتتىكى پەندى نەسىھلەتلەرنى يېزىپ ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ. مەن بۇ كىشگە يېقىندىن ياردەمدە  بولدۇم. ئۆزەممۇ خېلدىن بېرى بۇ ھەقتە ئويلاپ يۈرگەن ئىدىم. ئەمدىلىكتە بۇ كىشنىڭ يولۇقىشى بىلەن ئۇنىڭدىن قانداق يېزىش تەجربىلرىنى سوراپ ئاز تولا بىلىم ھاسىل قىلدىم.   بابۇرنامنى قايتا قولۇمغا ئېلىپ ئۇنىڭ يېزىش ئۇسۇللىرنى تەتقىق قىلىپ باقتىم. مەسىلەن ، يېقىندا دادا تەرەپتىن بىر چوڭ دادىمىز ۋاپات بولۇپ كەتتى، ئەسلىدە ئۇ كىشى خېلى تارىخنى بىلەتتىكەن بۇنى ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن بىر تۇغقىنمىزدىن  دەپ بەردى. بىز چوڭ دادىمىزنى ھەر ھېيتتىلا يوقلاپ بېرىپ قويۇپتۇق يۇ ئۇنىڭدىن جەمەتىمىز تارىخى ھەقىقدە سۆز ئالماي جاھاننىڭ گېپنى قىلىپ قايتىپ كەپتۇق.  مانا ئەمدى دادا تەرەپتىن   بىر بۇۋىمىز ھايات ياشاۋاتىدۇ. (كۆۋرۇك سالغان ئىنايەت ئىسلام ئەنە شۇ ) ناۋادا مەن يەنە  داۋاملىق كېچىكىپ يۈرسەم بۇۋامنىڭ دادىسى توغرىسدا مەلۇماتقا ئېرشمىكىم تەس ، شۇنداق ئەمدى بىز ھەرىكەت قىلمساق ئاتىلا رتوغرسدىكى بىر تارىخ ئۇنتۇلۇپ كېتەتتى . بۇنى باشقىلار ئويلاپ خىيالغا كەلتۇرمىگەن تەقدىردە بىز ئويلىمساق بولمايتتى.دېمەك بىز ھازىر شۇنداق بېخەستەلىك ۋە بىپەرۋالىق بىلەن تارىخلىرىمىزنى ئۆچۈرۇپ مېڭىۋاتىمىزكى خۇددى مايمون شاختىن- شاخقا سەكىرەپ تۇيۇقسىز بىر دەرەخقا ئىلنىشالماي قېلىپ گۈپ قىلىپ  يەرگە چۈشۈپ كېتىپ جىنى چىقىپ شۇ يەرگە چاپلاشقانچە جىمجتلا ئۆلۈپ كەتكەندەك ھېچقانداق بىر خاتىرە،ئەسلىمە قالدۇرماي پەقەت كېينكلەرگە 0نى قالدۇرۇپ كېتىپ بارىمىز. ياكى سۈپۈرگە مىنۋالغان ئادەم ئارقسىدىكى ئىزنى ئۆچۈرۇپ ماڭغاندەكلا ئىش بولىۋتىدۇ.
مەيلى بىز بۇ  ھاياتتا قانچلىك ئاددى ساددا  ياشىغان بولايلى، ھېچ ئىش قىلماي ئۆتكەن بولايلى بىز بىر ئىنسان بولغان ئىكەنمىز ئۆزىمىزنىڭ كىم ئىكەنلىكمىزنى ئەۋلاتلارغا بىلدۈرۈش مەجبۇرىيتىمىز بولىدۇ. ئۆزىمىزنى بۇنچلىكمۇ قەدىرلىمسەك  بولارمۇ؟
بەلكىم كىشلەر زامان تەرەققى قىلدى ھازىر كىشلەردا سنئالغۇ،رەقەملىك ئاپپارات قاتارلىق ئىلغار قوراللار بار،شۇڭا قەلەم بىلەن يېزىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارىشى مۇمكىن. بۇ ئاقمايدىغان ئەخمىقانە كۆز قاراشتىن ئىبارەت. چۈنكى سۈرەت ۋە رەقەملىك  ۋاستلىرىنىڭ ئىقتىدارى بولغىندەك ئۇنىڭمۇ چەكلىملىكى بار. بەزىدە ئۇلارنىڭ  بىر پارچە سالام خەتچىلىكمۇ رولى يوق .چۈنكى يېزىق  تىلمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم قورالى. بۇ نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى بىزنىڭ ئالاقە ئۇچۇردىكى ۋاستىمىز بولۇپ كەلگەن ۋە بۇندىن كېيىمۇ يېزىقسىز  ياشىيالمايمىز.شۇڭلاشقا يېزىق شەكىلىدە تەپسلى ساقلانمىغان نەرسە يەنىلا ئاددىيلىقتىن خالى ئەمەس. مەسىلەن سىز سۈرەتكە تارتىش ئاپپاراتىدا تارتقان سۈرەت كۆرنشلەر ئون يىگىرمە يىلدىن كېيىن قويسىڭىز سۈپتى بۇزلۇپ كەتسە چىقماي بىكار بولىدۇ. يىگىرمە ئوتتوز يىلنڭ ئالدىدا فاڭشاڭ دەپ بىر نەرسە بولدىغان كىشلەر شۇنىڭدا ھەرخىل توي تۆكۈن پائالىيەتلەرنى سىنغائالغان لىكىن ھازىر فاڭشاڭ دېگەن نەرسە يوقلىپ كەتتى ئۇنىڭ ئورنىنى vcd dvd دېگەنلەر ئىگەللەپ كەتتى.ئۇ قىممەتلىك ئەسلىملەرنى كۆرەي دېسە قويدىغان ئاپپارات يوق. كومپىيوتىردا ساقلىساق ياكى تور دىسكلىردا ساقلىساقمۇ بىرەر ۋېرىۇس بىردەمدىلا ھەمىمنى يوق قىلىۋتەلەيدۇ. دېمەك ناۋادا كىشلەر    ئەسلىملەر بولسۇن ياكى جەمەتنىڭ نەسەبنامسى بولسۇن يېزىققا ئالدىغان بولسا بۇنى ساۋادى بار ھەرقانداق ئادەم ئوقولايدۇ. ساۋاتسىز كىشلەرمۇ  باشقلاردىن ئاڭلاپ بىلىۋالالايدۇ.
شۇڭلاشقا مەن ماقالەمنىڭ خاتىمسدا شۇنى بەك تەكىتلمەكچى : يىلتىسز دەرەخ بولمايدۇ،يىلتىزىمىزنى ئەسكە ئالىمىز دەيدىكەنمىز  بىز ھازىردىن باشلاپ ھەر قايسىمىز ئۆز ئاتا بۇۋىلىرىمىزنى قانچلىك يىراققىچە بىلسەك دەرھال بىر قېلىن ،چىرايلىق خاتىرە دەپتەرنى ئېلىپ ئۇنىڭغا يېزىپ قالدۇرايلى، تاكى ھازىرغىچە تۇغۇلغان بارلىق ئۇرۇق تۇغقانلارنى تۇغۇلغان ۋاقتى،نېمە ھۆنەر-كەسىپ  قىلدىغانلىقىنى،مىجەز -خاراكتىر ،تەربيلىنىش ئەھۋالى، سالامەتلىكى، چىراي -تۇرۇقى ،ئارتۇقچلىقى ياكى كەمچللىكى قاتارلىق جەھەتلەردىن  خاتىرە يېزىپ ماڭساق چوقۇم ناھايىىتى ئەھمىيەتلىك ئىش بولىدۇ. 、بۇنى يازماق بىزدىن خېلى كۆپ كۈچ تەلەپ قىلىدۇ. لىكىن بۇ بىزنىڭ قىلشمىزغا ئەرزىيدىغان ئۇلۇغ بىر ئىش، ئالكىس تالى ئۆزنىڭ <يىلتىز >ناملىق كىتابنى يېزش ئۈچۈن توپتوغرا 12 يىل ئىزدەنگەنلىكىنى فىلىمنڭ ئاخىردا تىلغا ئالىدۇ. ئۇ 1963-يىلى ئامىرىكا دىڭىز قىرغىقى قوغدىنىش ئەترىتدىن بوشنپ چىقىپلا جەمەتنىڭ كۈلپەتلىك تارىخىنى يىلتىزنى تېپشقا ئىزدەنگەن. بىز گەرچە بۇنچىلا ئۇزۇن تارىخىمىزنى يېزىپ چىقالمساقمۇ لىكىن ھېچ بولمسا ئۇچ ئەۋلاد نېردىكى جەمەتىمىز توغرسىدا ئىزدىنەلسەك بۇنىڭ ئۆزى كاتتا ئىش بولىدۇ. بىز  بۇنى ئۇرۇق تۇغقانلارغا تارقىتىپ بەرسەكمۇ بولىدۇ.ھازىر ئېلان باسمچلىق ئىشلىرى تەرەققى قىلدى.باھاسىمۇ مۇۋاپىق شۇنداق بولغاچقا بۇلارنى بىر كىچىك رەڭلىك كىتابچە قىلىپ باستۇرۇپ چىقساق ،داۋامىنى يېزىشنى كېينكلەرگە قالدۇرساق ناۋادا بۇنى پۈتۈن ئۇيغۇلار قېرىنداشلار يېزىپ قالدۇرالىسا ئۆزىمىزنىڭ قەدىر قىممتىنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرغان ۋە ئەۋلاتلارنى ئىناق- ئىتتپاق قىلىپ تەربىيلەشتە ئۇلارنىڭ تارىخ ،نەسەپ ئىڭنى كۈچەيتشكە پايدلىق بولاتتى.ۋە ئاشۇ تارىخنى ئۇلاپ كەلگەن ئەجدادلارنىڭ روھىمۇ كۈلگەن بولاتتى.

0

تېما

0

دوست

560

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   12%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15443
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 174
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-22
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقىرى نەسەبتىن ئېسىل ئادەم چىقىدۇ، تۇۋەن نەسەبتىن ناچار ئادەم چىقىدۇ دىمەكچىمۇ؟  ماقالىنىڭ بېشىنى ئوقوپلا نېرۋام ئۆرلىگەن.  سىزمۇ خەنلەرگە ئوخشاش سۇرۇشتۇرۇپ كىلىپ بىرەر ھايۋانغا نەسەبىڭىزنى ئۇلاپ قويماسسىز؟ توغرا نەسەبنى قالدۇرۇش كېرەك، بۇ پىكىرنى قوللايمەن
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

1

دوست

838

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   67.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4475
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 26
تۆھپە : 246
توردىكى ۋاقتى: 93
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-19
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسىت ئۇيغۇر خەلقىدە ناھايتتى ئاز قىسىمدا يازىدۇ ، قازاقلار يەتتە ئەجدادىغىچە ئىيتىپ بىرەلەيدۇ ، ئىسىمدە قىلىشىچە تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان چىغىمىدا ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز نەسەبنامە يىزىش توغۇرلۇق تاپشۇرۇق بەرگەن ئەڭ يۇقىرىسى بەشىنجىسىگىچە يازىپتىكەن ، بۇمۇ بىر ئۇمۇملاشتۇرۇشقا تىگىشلىك ياخشى ئىش .

5

تېما

1

دوست

1305

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17417
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 384
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-21
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسەپ نامە يېزىشنىڭ بىزدىن كىينكى ئەۋلاتلارغا پايدىسى  يېتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس

2

تېما

0

دوست

262

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   87.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22452
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 66
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-23
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
<يىلتىز >ناملىق كىتابنى يېزش ئۈچۈن توپتوغرا 12 يىل ئىزدەنگەنلىكىنى فىلىمنڭ ئاخىردا تىلغا ئالىدۇ. ئۇ 1963-يىلى ئامىرىكا دىڭىز قىرغىقى قوغدىنىش ئەترىتدىن بوشنپ چىقىپلا جەمەتنىڭ كۈلپەتلىك

ئامىركىدا تۆت كونىنى يوقاتماپتىكەن. شۇڭا ‹‹يىلتىز ››دىگەن فىلىمدا نەچچە ئەۋلات قۇللۇقتا ئۆتكەن  بىر جەمەتنىڭ تارىخىنى يورۇتۇپ بىرىپتىكەن.  ئەمدى نىمىنى يازامىز؟......  
بەلكىم  ھازىر جەمىيىتىمىزدە قارخانىيلارنىڭ، سۇلتان سەئىدخانلارنىڭ ئەۋلاتلىرى بولىشى  مومكىن.لىكىن  ئۇلارنىڭ نەسەبنامىلىرى ھىلىقى يىللاردا كۈلگە ئايلانغان تۇرسا ئۇلارنىڭ نەسەبىنى ئىسپاتلاش مومكىنمۇ؟  سىزنىڭ باشقىچە ئىسپاتلاش ئۇسۇلىڭىز بامۇيا؟ بىزدە ھازىر يازغۇدەك نىمە قالدى؟.....

0

تېما

1

دوست

847

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   69.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15756
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 12
تۆھپە : 246
توردىكى ۋاقتى: 92
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-20
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ يەتتىنچى ئەجدادىمغىچە بىلىمەن  ئىككىلا تەرەپتىن دىندار ساپ ئۇيغۇر

1

تېما

4

دوست

2286

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   9.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 656
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-23
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەل قارىماسلىق كېرك.

0

تېما

0

دوست

1383

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   38.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6277
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 125
تۆھپە : 324
توردىكى ۋاقتى: 90
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-23
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ قوللاش تەرەپدارى،ئۆزەممۇ نەسەپنامە يازاي دىگەن ،لېكىن باشلاشنى بىلمەي توختاپ قالغىلى نەچچە يىل بولدى

7

تېما

0

دوست

1828

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   82.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12612
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 285
تۆھپە : 377
توردىكى ۋاقتى: 131
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-23
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسەپنامە يېزىش ياخشى ئىش . مېنىڭمۇ ئاتام بىر ئاددىي نەسەپنامە تۈزۈپتىكەن . تېزرەك كومپىيوتىردا ئۇرۇپ چىقسام بولغىدەك !!!!!

6

تېما

0

دوست

1250

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   25%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 149
تۆھپە : 278
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-22
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلىڭ،بىزمۇ ئۈلگە ئالايلى.مەنمۇ يېزشنىڭ كويىدا يۈرۋاتىمەن. دوستلار بۇ ئىشقا سەل قارىمايلى ،تارىخ بىزنىڭ قەدەملىرىمزدىن باشلانسۇن!!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )