قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: tayanqimbar

قاسىم سىدىق شېئىرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

2

دوست

2673

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   22.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 154
تۆھپە : 694
توردىكى ۋاقتى: 159
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-19 17:19:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
تايانچىم بار،ئەسلىدە ھەممىسى سىز تاپقان ياخشى ئىشلار ئىكەندە.شۇ چاغلاردا چىقىپ مەن يوللىغان دېمەي ئەمدىلىكتە ئوتتۇرغا چىقىپ چۈشەندۇرگەننىڭ نېمە پايدسى.
شەبنەمدىكى ۋاقتلارنى تىلغا ئاپسىز ئۇ چاغلار شۇنداق بىر چاغلار ئىدى ھە! دىكى دىكاڭمۇ كارامەت تالانتلىق كىشى ئىدى. ئۇ ئەرمۇ ئايالمۇ بىلمەيلا قالاتتۇق.جەنجەر ئاغىنەم ئىككىمىز ئاشۇ مۇنبەردە تونۇشقان كېينچە كۆرۇشكەن ئىدۇق. بىزنىڭ ئارىمىزدا يەنە بىر تېلفونچى بالا بارئىدى. ئۇمۇ تېما يوللاپ تۇراتتى (ئۇ بالا سىز بولۇپ قالماڭ يەنە.
) مېنى ئاۋال باشقۇرغۇچلىقتىن ئالى ئەزالىققا ئاندىن يوقال دەپ بىر شېئىر بىلەن ئاقنى قارا قىلىپ پىپەن قىلىپ چىقارغاندىن كېيىن شەبنەم قۇرغۇچىسى نىجاتمۇ ئاشۇ بىر توپ ساراڭلارنىڭ گېپىگە كىردى. مەن  باشقۇرغۇچى سۈپتىدە ھەقنى سۆزلىگەنلىكىم ،تاشپولات خەنجەر(كېينكى ۋەتەن بىلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى،  )ئۈچۈن ھەق سۆزلىگەنلىكىم ئۈچۈن مېنى يامان كۆرۇشكەن. ئۆز ۋاقتىدا مەن مۇنبەرنىڭ بېخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش توغرسدىكى پىكىرلىرىم  ھەتتا يازغان تېملىرىم ئېتبارغا ئېلىنمغان ئىدى. ئەكسچە ھەربىر خېتىمگە بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمەي ئايپى چەكلەپ كەتكەن. كېينچە بىر قاتار ئىشلار يۈز بېرىپ ئۇ مۇنبەرلەرمۇ يوق بولۇپ كەتتى.
بەلكىم ئاشۇ ھازىر  نىجات  مېنىڭ شۇ چاغدىكى پىكىرلىرىمنى ئويلاپ باققاندۇ.

0

تېما

0

دوست

3323

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   44.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13559
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 313
تۆھپە : 793
توردىكى ۋاقتى: 148
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-19 21:50:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىم سىدىقنىڭ شىئىرلىرى ھەقىقەتەنمۇ تىتىملىق،كىشى ئوقوپ-ئوقوپ قانمايدۇ.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

638

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   27.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22427
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 178
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-20 01:46:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kuxlan يوللىغان ۋاقتى  2013-10-19 17:19
تايانچىم بار،ئەسلىدە ھەممىسى سىز تاپقان ياخشى ئىشلار  ...




        مەن ئۇ چاغلاردا چىقماي قالغان يېرىم يوق،2009-يىلى كىيىنكى يېرىم پەسىلدە تور تاقىلىپ قالدى،2010-يىلى سۈكۈتتە تۇرۇپ كۈزەتتىم.2011-يىلى بۇ چۈشەندۈرۈشنامىنى يازغۇچىلار مۇنىبىرىگە يوللىدىم.ئارقىدىنلا شۇ مۇنبەرگە شېئىرلىرىنى يوللىدىم،لېكىن،يازغۇچىلار مۇنبىرىدە ئەدىپ قاسىم سىدىقنى تونۇيدىغانلارنىڭ قاسىم سىدىق ئەپەندىمنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىگە بولغان قىزغىنلىقى مېنىڭ ئويلىغىنىمدەك بولمىدى...مەن ياخشى كۆرىدىغان ‹‹ئىزدىنىش›› مۇنبىرىگە يوللىغىنىمدا،ئىزچىل تەستىقلانمىدى،شۇنىڭدىمۇ پات-پاتلا يوللاپ قويىۋاتىمەن...
        بۇرۇنقى چاغلارنى ئەسلەپسىز،مېنىڭ ئۇ چاغلاردىكى ئاساسلىق پائالىيىتىم ‹‹دىيارىم›› مۇنبىرىدە بولغان،باشقا مۇنبەرلەرگە ھەم كىرىپ قوياتتىم،ئەمما ئىزچىل ئەمەستى.سىز دەۋاتقان ئۇ بالا،ئەلۋەتتە،مەن ئەمەس.ئاخىرىدا تونۇشمىساقمۇ ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق ۋە بەرىكەت تىلەپ ئىنكاسىمنى ئاخىرلاشتۇرماقچىمەن.

0

تېما

0

دوست

638

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   27.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22427
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 178
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-20 01:47:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tayanqimbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-20 10:20  

تەبىئەت پەلسەپەسى تېمىسىدىكى رۇبائىيلار

قاسىم سىدىق

ئەي چەكسىز كائىنات رەڭگارەڭ ئالەم،

قوينۇڭدا بىھېساب جومباق مۇجەسسەم .

تەسەۋۋۇر بويلىماس ۋەزنىڭگە ئەسلا،

پۈچەككە ئەرزىمەس ئالدىڭدا ئادەم .


***

ئەي ئۇلۇغ كائىنات يۇلتۇزلۇق ئاسمان،

سېھىرلىك قەلبىڭگە كىم يەتتى قاچان؟

ئۇلۇغلۇق تالاشتۇق سىنىڭدىن لېكىن،

زەررەڭنىڭ ئالدىدا ئەقىل سەرگەردان .


***

يوقلۇقتىن مۇستەسنا جىسمىم ئەپسانە،

جىسمىمدىن مۇستەسنا جىنىم ئەپسانە .

قۇياش بىر زەررىدۇر پەلەك سەتھىدە،

شۇڭا ئۇ كۆرۈنەر بىزگە نۇرانە .


***

تۈنۈگۈن مەن يوقمەن، ئەتە ھەم مەن يوق،

پەقەت بۇ نەپەستۇر ماڭا تەئەللۇق .

ئۆتمۈش ۋە كېلەچەك مەككار مۇقامى،

بۈگۈندىن ئۆزگىسى شۈبھىسىز "يوقلۇق ".


***

ئۆتمۈش ھەغدا ئەمەس كېلەچەك ۋە ھەم،

ئۇ، ساختا مۇقامغا بېرەيلى بەرھەم .

زاماندىن مۇستەسنا بارچە تاماشە،

بۈگۈنكى جەڭگاھتا تۇرايلى مەھكەم .


***

كېلەچەك بار دەيلى كۆرۈپتۇ قايسى؟

ئۇ پەقەت مەجازدۇر ئۇ پەقەت ھىسسى .

" ھازىر"مۇ ھەرىكەت ھەم جىملىقنىڭ رەمزى،

كىمكەن ئۇ- سۈمۈرگەن ئۆتمۈش ھاۋاسى .


***

يوقلۇق ئۇ يوق ئەمەس، يوقلۇق ئۆزگە ھال،

يوقلۇق- ئۇ، جىسىمسىز چەكسىز بىر ۋىسال .

بۇ ئالەم بارلىق ھەم يوقلۇق ئالىمى،

يوقلۇق يار مەڭزىدۇر بارلىق پەقەت خال .


***

پەقەت بىر نوقتىدۇر ئىنسان ھاياتى،

گۇيا بىر گەر دىشتۇر خاكى – ماماتى.

خاك قىلار، خاكىڭغا يەنە بىرەر جان،

كائىناتنىڭ شۇنچىلىك ئىلتىپاتى.


***

زەررىلەر كىسەكتۇر، قەسىردۇر ئالەم،

زەررىلەر تەۋرەنسە بولغۇسى مالەم.

قەسىر ھەيۋىسىگە قىلمايمەن پىسەنىت،

قىلارمەن زەررىنىڭ شوخلىغىدىن غەم.


***

ھەكىم ئىيتۇر؛ بولسا ئالەم ئىپتىداسى؛-

بولۇر تەھقق ئۇنىڭ بىر ئىنتىھاسى.

مەن ئىيتۇرمەن؛ ئۇنىڭدا ئنتىھا يوق،

ھەر بىر نوقتا بىر ئىپتىدا – بىر جۇلاسى.


***

بىر زەررىنىڭ زىمىنچە دارامىتى بار،

بىر زەررىنىڭ ھىسابسىز كارامىتى بار.

بە ھەيۋەت يۇلتۇزلار كۇرەڭلەر نىچۇك،

ۋۇجۇدىدا زەررىنىڭ شىجائىتى بار!.


***

پەلەك كۆكسى ئەگەر بولمىسا راۋان،

سۇرەرمىدى كۆكتە سەييارە دەۋران .

سىنىڭ كۆرگەنلىرىڭ پەقەتلا زەررە،

كائىنات چەكلىك دەپ جۆيلۈمە نادان .


***

قۇياشتىن ئۆزگىسى بولمىسا ئەگەر،

بۇ جاھان ھايالسىز ھۆسنىدىن كېتەر .

نۇر بىلەن زۇلمەتتۇر ئالەمنىڭ كۆركى،

تەنھا پادىشاھلىق زۇلمەتتىن بەتتەر .


***

ئىلاھا، ساڭا مىڭلاپ تەشەككۇر،

جەننەتتىن قوغلاندۇق گاداي لىكىن ھۆر.

جازا بولدى ئادىل، ھىساپ ھەم ئادىل،

جەننەت ساڭا قالدى، بىزگە تەپەككۇر.


***

«زامان» بولالمايدۇ ھەركەت ئۇچۇن چەك،

«زامان» بىر ئەپسانە، مەنىسى پۈچەك.

ئەزىلى – ئەبىدى چەكسىز كائىنات،

«زامان» مومام ئىيتقان بىر كونا چۆچەك.


***

«زامان»غا مۇھتاجى پەقەتلا ئادەم،

«زامان» سىز بەر قارار بۇ كاتتا ئالەم.

ئۆزىمىز توقۇدۇق، چوقۇندۇق ئاڭا،

ئەسقىتىپمۇ قالغاچ بولدى مۆھتىرەم.


***

بىزلەردىن مۇستەسنا قايدىكەن «زامان»..؟

«زامان» بىز ياسىغان تارازا-مىزان.

لېكىن لازىمى بار ھەركەت ۋەزنىنى؛-

«زامان» ئەينىگىدە قىلىمىز ئايان.


***

ئالەم چەكسىز، دېمەك ئاڭا يەتمەك تەس،

چەكلىك، دېمەك يېتىپ بولدۇڭ بەس .

بېشىڭنى قاتتۇرما ھۆكۈما بۇنچە،

كائىنات چەكلىكمۇ چەكسىزمۇ ئەمەس !


***

يا رەسەتخانام يوق، ياكى ئۇستۇرلاپ،

مەن گويا دۇكانسىز گاداي بىر خالۋاپ.

ئىلكىمدە بارى يوق قورالىم مەنتىق،

شىجائەت رىشتەمدۇر، توقۇيمەن زەرباب.

0

تېما

0

دوست

638

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   27.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22427
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 178
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-20 01:52:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tayanqimbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-20 10:21  

«رۇبائىي كائىناتى»دىن تەرمىلەر -1

قاسىم سىدىق

يوللاردا كۆز باردۇر،تاملاردا قۇلاق،
خورازلار غەپلەتتە ھوقۇشلار ئۇيغاق.
   ئۆزۈڭنىڭ مۈلكىگە ئۆزۈڭ بول مەھكەم،
     مەۋقەسىز دوستلاردىن،دۇشمەن ياخشىراق.
                   ***
ئۆلۈم ۋەھىمىدۇر پەقەت تىرىككە،
لېكىن قىلالماس كارھەرگىز ئۆلۈككە.
تىرىكسەن- ئۆلمىدىڭ دېمەك نېمە غەم،
ئۆلۈكسەن نېمە پەرۋا كۆرگۈلۈككە.
                   ***
قاچان بولغان ئىدۇق"گۇناھ"تىن خالى،
"ئادەم"ۋە"ھاۋا" دۇر بۇنىڭ مىسالى؟!.
ئەي، زاھىت ياشاۋەر ئېتىكابىڭدا،
مەن ئۇچۇن خوپراقتۇر يارنىڭ ۋىسالى!.
                     ***   
سەن "گۇناھ"دېگەننى گۇناھ بىلمەيمەن،
سىنى ھەم ھېچقاچان"پاناھ"بىلمەيمەن.
مېنىڭمۇ باردۇر بىرئۇلۇغ پاناھىم،
ئۇنىڭدىن ئۆزگىنى"ئىلاھ" بىلمەيمەن.
                 ***     
ئىجادكار كېلىدۇ "گۇناھكار" ھەر يان،
"گۇناھ"لار ۋەجىدىن ئالمىشار دەۋران.
شۈكرىگە قۇل بولسا جىمىكى ئىنسان،
تاش قورال دەۋرىدە ياشايتتۇق ھامان.
             ***
"ئادەم"نى ئازدۇرۇپ خوپ قىپتۇ "ھاۋا"،
بېشىنى قايدۇرۇپ خوپ قىپتۇ "ھاۋا".
قوغلاندى بولمىسا جەننەتتىن ئۇلار،
قۇرامتۇق زېمىندا بىرگۈزەل مەئۋا؟!
               

                  ***  

پەيغەمبەر"گۇناھكار"ئاتالغان زامان،
مەردۇتلار كۆزىگەقادالغان ھامان.
   مۇھەممەد قىلمىسا شۇچاغدا "گۇناھ"،
ئەرەبكە يېگىلى تېگەمتى سامان؟!

            ***  



ئىلاھا، پاراسەت ئاتا قىل ماڭا،
ئۇلۇغۋار پەزىلەت ئاتا قىل ماڭا.
مەغپىرەت ئەيلىگىن گۇناھلىرىمنى،
يولۇڭدىن چەتنىسەم جاپاقىل ماڭا.

       ***      



"گۇناھ"قا چىللىسام مەردۇت سانايسەن،
ئۆزۈڭنى خۇددى بىرمەبۇد سانايسەن.
    "گۇناھكار"مەۋجۇتتۇر-مەۋجۇتتۇر تارىخ،
      مەئبۇتنى قانداقچە مەۋجۇد سانايسەن؟!.

             ***            



خۇدا، مېنى مەڭگۈ تەلەپكار قىلغىن،
        رايىش قىلما ھەرگىز،"گۇناھكار" قىلغىن.
  رايىشلار ئەزەلدىن كىتەك سالمىغان،
"گۇناھ"بازىرىدا بىناكار قىلغىن.


0

تېما

0

دوست

638

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   27.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22427
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 178
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-20 01:53:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tayanqimbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-20 10:22  

قۇرۇپ كەتتى بىر گۈلزار


قاسىم سىدىق



تۈنۈگۈنكى گۈلىستان بۈگۈن بولدى تىكەنزار،
كەتتى توزۇپ بىر گۈلزار، كەتتى توزۇپ رۇزىغار.
كەتتى توزۇپ چېچەكلەر بولدى سەرسان، خارۇ-زار،
يېتىم قىزنىڭ كۆزىدەك ھەسرەتلىك كۆز نەدە بار؟!.



بىرئائىلە بىر دۇنيا، ئاتا قۇياش، ئانا ئاي،
پەرزەنتلەر سەييارە، دەۋر قىلار توختىماي.
ئوربىتىسى ۋاپادۇر، ۋاپا كەتسە ھالى ۋاي،
ئايلىنىدۇ دوزاققا، دەبدەبىلىك بۇ ساراي.



بىرئائىلە بىر دۇنيا، بىرمۇقەددەس سەلتەنەت،
مېھىر بىلەن بۇ دۇنيا تاپار ئىقبال–كامالەت.
مىھىر كەتتى-قۇت كەتتى، خانىدانغا ئوت كەتتى،
بولدى يېتىم سەخىرە، يۇتتى زۇلمەت- جاھالەت.



زۇلمەت يۇتقان شۇ بالا جىگەر پارەڭ ئۆزۈڭنىڭ،
كۈلپەت تارتقان شۇ بالا گۆھىرىدۇر كۆزۈڭنىڭ.
گۆھىرىڭنى خار قىلساڭ ئىزدەپ ئارتۇق ھەشەمەت،
تاپالامدۇ كېلەچەك ئىزناسىنى ئىزىڭنىڭ؟!.



ئارزۇلۈغۇڭ ئىدىغۇ، تىلەۋاتقان شۇ بالا،
تونۇربېشى تۇگۇلۇپ تۈنەۋاتقان شۇ بالا.
مۇشتەك تۇرۇپ تېغ تۇتۇپ بۇلاۋاتقان شۇ بالا،
تامشىپ ئاشقان تاۋاقنى يالاۋاتقان شۇ بالا.



تاپقانمىدىڭ بالاڭنى شۇنچە سەرسان قىلغىلى،
چېچەك پەسلى سۇغارماي ياكى خازان قىلغىلى.
مەكتەپ يۇزى كۆرسەتمەي ياكى ھايۋان قىلغىلى،
ئوغلۇڭنى قۇل، قىزىڭنى پۇلغا جانان قىلغىلى؟!.



كەتتى قۇرۇپ بىر گۇلزار، كەتتى قۇرۇپ رۇزىغار،
كەتتى توزۈپ چېچەكلەر، بولدى سەرسان خارۇ-زار.
جاۋاب بەرگىن ئەي ئىنسان، جاۋاب بەرگىن ئەي ۋىجدان،
يىتىملارنىڭ كۆزىدەك ھەسرەتلىك كۆز كىمدە بار؟!.


2005-يىلى8-ئاينىڭ2-كۈنى


0

تېما

0

دوست

638

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   27.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22427
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 178
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-20 01:53:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tayanqimbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-20 10:23  

ئوخشايدۇ

قاسىم سىدىق

دىلىمنى ئويغىتار ھەر تاڭ كۆزۈڭ زۆھرەگە ئوخشايدۇ،
كىمىكى كۆرسە ۋەسلىڭنى ساراڭ-سەۋداغا ئوخشايدۇ.

قەلەم ئىلكىمگە چۈشكەندە گۈزەل نەزمەڭگە قول سالدىم،
يۈزۈڭ گوياكى ئاق ۋاراق،قېشىڭ مىسراغا ئوخشايدۇ.

نىگاھىڭ ئۇز،سۆزۈڭ شېرىن،مىسال ئاپتاپقا شوخ جىلۋەڭ،
شۇڭا قەلبىمدە ئىلھامىڭ دېڭىز-دەرياغا ئوخشايدۇ.

لېۋىڭ پىستە،چىشىڭ مەر-مەر،سىياقىڭ بىغۇبار ياقۇت،
بويۇڭ خىلۋەتتە ئېچىلغان گۈلى زىباغا ئوخشايدۇ.

چېچىڭ ئورمان،دىلىڭ گۈلشەن،قىياقتۇر كىرپىكىڭ خۇددى،
جاھان ئايرىلسا ھۆسنىڭدىن قاقاس سەھراغا ئوخشايدۇ.

قەلەندەر بىر قەدەھ سۇندى ئۇنى شەربەتكە قىل پەيۋەس،
پايانسىز چۆل-باياۋاندەك لېۋى تەشناغا ئوخشايدۇ.


                                            مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1988-يىل2-سان                  

1

تېما

2

دوست

795

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5496
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 47
تۆھپە : 218
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-20 10:21:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەپ سېنى




قاسىم سىدىق



چېقىراپ  ئۇخلاتمىدىڭ  جاڭجالچى چاشقان،خەپ  سېنى!
ناشتىلىق  نان  ئۈستىدە  قۇردۇڭ  بەدەشقان ،خەپ   سېنى!
مەن  ئۆزەم  تاپقان  ئىدىم ، سەندىن  ئاشقان،خەپ سېنى!
دان ئوغرىلاپ  ھەر  كۈنى  مىشكاپ  ياماتقان ،خەپ سېنى!
ھالىنى  ھېچ  چاغلىماي  شىلتىڭ  ئاتقان  ،خەپ   سېنى!


قاغا - قۇزغۇنلارنى  مەن  قورىغاندا  قايدىدىڭ،
مۇك  بولۇپ ، بۇغداينى  ھەر  سورىغاندا  قايدىدىڭ،
كۈنبويى <<لاي-لاي >>ئوقۇپ  جورىغاندا  قايدىدىڭ،
توپا  يەپ،  ئىنجىق  بىلەن  سورىغاندا  قايدىدىڭ،
قىپقىزىل  چەشنى  كۆرۈپ  نەپسى  تارتقان  خەپ سېنى!


تۆت  پۇتۇڭ  ئىز  سالمىغان  قالمىدى  ئامبار-ئورەك ،
ماي  قاپاقتىن  گۆر تىلەپ  سۇماينى  قىلدىڭ  بى كېرەك،
ئانچىكى  قىلسام  سۈكۈت  بېشىمدا  ئۆتكۈزدۈڭ  كۆرەك،
ئېيتقىنا  قايدىن  ساڭا بوپ  قالدى  پەيدا  بۇ  خورەك،
ھاي،دېسەم ،  قاچقان  پېتى  كۆز  ئالايتقان  خەپ سېنى!


چىقمايىن  ھەددىڭ  ئەمەس ، بىر  كۈن  كاماردىن چىقىسەن،
بۇ  كاماردىن  چىقمىساڭ ،  نەپسى  بالادىن  چىقىسەن،
ئىشلىمەستىن  چىشلىگەن  ئەھلى تەمادىن  چىقىسەن،
شۇ  تامايىڭغا  بېقىپ  ئوبدان  خۇماردىن چىقىسەن،
ھەر  بۇلۇڭدا  كۈتىدۇ  ئاسلانۇ-قاپقان، خەپ سېنى!

            1981-يىل،ئۆكتەبىر

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )