بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tayanqimbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-20 18:51
باشلىق
قاسىم سىدىق
باشقا باشلىقلار بەلەن بۇ باشلىق غەلەت باشلىق،
ئىچىدە زەھەر قاينار، بەكمۇ شۇم تەلەت باشلىق،
باشلىقلىرى كەلگەندە قولى ئوچۇق مەرت باشلىق،
پۇقرا ھالىنى ئىتسا تۆكۇپ كېتەر دەرد باشلىق،
مەككارلقتا شەيتانغا ھەردەم ھەمجەھەت باشلىق.
ئۆزى بىلمەس ئىلىپنى ئىمتىھانغا ئامراق ئۇ،
بولار پەقەت ئاتسىنىت، خەت يىزىشتا خامراق ئۇ،
چەش ئالغاندا ھازىر ئۇ، ئومىلاردا كامراق ئۇ،
شۇنداق تۇرۇپ يادەرىخ، بىزگە"ئۇلگە-بايراق"ئۇ،
ئۆزىگە مۇنار تىكلەپ ھارماس بەد سۈرەت باشلىق.
مەجىلىسلەردە چالۋاقاپ" پاك بولۇش"نى سۆزلەيدۇ،
تۇگمە بەرسەڭ ئالمايدۇ، ئەسلى تۆگە كۆزلەيدۇ،
تۇتۇلمىسا"سەن"لەيدۇ، تۇتىۋالساڭ"سىز"لەيدۇ،
جىمى نۇقسان ئۆزىدە، تىرناقتىن كىر ئىزلەيدۇ،
كىرلا تاپسا باپلايدۇ، بەكمۇ شۇم نىيەت باشلىق.
كىمكى بەرسە ھەق تەنقىد، پالايدۇ شۇنى چۆلگە،
كىم ئالدىداپۇكلەنسە، پۇركەيدۇ شۇنى گۈلگە،
باشنى سوقىدۇ باشقا، پىتنە يايىدۇ ئەلگە،
كۆڭلىگە سېلىپ غۇمنى، باغلايدۇ كەمەر بەلگە،
ئالدىدا قويۇپ توچكا، كىيىن يازار خەت باشلىق.
"ئۆتكەل"لەردە بەك ھوشيار، بولۇپ ئالار مۇلايىم،
سەن تۇگۇل بالاڭغىمۇ سالام قىلىدۇ دائىم،
ئۆتىۋىلىپ كۆرۇكتىن دەيدۇ"نېمە پەرۋايىم،
گەجگەڭگە يۈرەي دەسسەپ. تارتىدۇ شۇنى رايىم!"
ئەجەب ئۇستا قىلتاقچى، تۈلكىگە جەمەت باشلىق.
ئىدارىگە جەم قىلدى نەلەردىن يىغىپ تۇغقان،
ئايالىنى خىزمەتلىك قىلىپ قويدى ئەجەب چاققان،
قىزىنىڭ غېمى پۈتتى، سالدى ئوغلىغا يوتقان،
نەۋرە بولسىدى كاشكى، بولمامتى راسا ئۇتقان،
تۇغقىنىغا ئىشلەتمەس"پرىنسىپ"ۋە"شەرت"باشلىق.
تىشەلمەيدۇ گىلىنى رىشاتكىنىڭ تۆمۈرى،
قازىنىنى قاينىتار ئىدارىنىڭ كۆمۈرى،
كۆپچىلىكنىڭ لىيىدا چاپلىنىدۇ كامىرى،
نەپلا كۆرسە سۈمەرگەچ، پۈتۈپ كەتكەن خامىرى،
ئامبارغا قەدەم قويسا قولىدا سېۋەت باشلىق.
تەكىتلەيدۇ"ئەخلاق"نى، ئوينايدۇ ئۆزى ئاشنا،
ئىدارىدە كىم سەتەڭ، قويىدۇ ئاڭا پاشنا،
دەيدۇ"ئاشنام سەن ئەمدى بەھۇزۇر ياشا، ياشنا،
ئىلغارلىققا سەن تەشنا، لەۋلىرىڭگە مەن تەشنا"،
نېسىۋىسى شۇڭلاشقا قارغىش ھەم لەنەت باشلىق.
بىر سەتەڭگە كۆنمەيدۇ، ھەر يان سالىدۇ قۇشنى،
كۇنلىسە ئايالى گەر، شۇدەم ئوينىتار مۇشتنى،
مۇشتقا كۆنمىسە دەرھال تەڭلەر دورا بىھۇشنى،
ئەپ بېرىپ سەھەر كەچتە ھارام پۇلغا گۆشنى،
روزىغارى قىيامەت، ئالا كۆڭۈل، سەت باشلىق.
باشلىقىغا سۆڭگىتەر، نازىنىنى ئەپ تاپسا،
ئەپ قويمايدۇ قىتىغا، يۇرت- جامائەت گەپ تاپسا،
بولسا مەيلى يۇمشاقباش، بولدى پەقەت نەپ تاپسا،
بالائىكەن ھەر يەردىن مىنىڭ بالام دەپ تاپسا،
تەلەپ قىلسا باشلىقى، قىلغايمىدى رەت باشلىق؟!
بىزمۇ ئادەم ھەي باشلىق، قىلما بۇنچە دەپسەندە،
سۈكۈت قىلساق بىر مەھەل "بېشى يۇمشاق" دەپسەندە،
تېگىپ كۆپنىڭ چىشىغا، بولمىدى كىم شەرمەندە،
بىر چاۋاك بىلەن ئەمدى، مەرتىۋەڭ جەھەننەمدە،
بورانغا چىدالامتى سېسىق- پور سۆگەت باشلىق!
1993-يىل12-ئاينىڭ16-كۈنى..
|