قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: tayanqimbar

قاسىم سىدىق شېئىرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

39

تېما

0

دوست

4355

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   78.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11426
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 861
تۆھپە : 766
توردىكى ۋاقتى: 368
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-21 18:45:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
شېئىر بىلەن سۆھبەت

قاسىم سىدىق

شېئىر ساڭا ئامراقمەن ئەجەپ،
دەرت تارتساممۇ ئامراقلىغىمدىن.
بىلىسەنغۇ ئامراقلىغىمنى ،
كېچىلەردە ئويغاقلىغىمدىن.

قانچە تۈننى ئۆتكۈزدۈق شۇنداق،
سېنىڭ بىلەن مۇڭلۇق سىردىشىپ.
سەن نەقەدەر گۈزەل ۋە ئوماق،
قانمىدىمغۇ شۇنچە چىرمىشىپ.

ئەي ئامرىغىم ،يۈرەك باغرىمنىڭ،
قىيامەتلىك ھالال جۈپتىسەن.
نومۇسۇمنىڭ گۈزەل ھۆسنىسەن،
ھېسلىرىمنىڭ يالقۇن-تەپتىسەن.

ئاھ،بىر زامان قىسىلدىڭ شۇنچە،
خۇنخورلارنىڭ دىلىغا ياقماي.
مېنىڭ بۆۋەك تۇيغۇلىرىمنى،
ئېقىنىڭدا ئوينىتىپ ئاقماي...

تۇتمىدىڭسەن چۈنكى قۇلاقتا،
ئۇ زاماننىڭ تەلەپلىرىنى.
<<بەتتە-پولۇ>>دىمىدىڭ ھەرگىز،
ئاداپ  بىلەن ھەلەپلىرىنى.

دەرتكە ئۈلپەت بولساڭمۇ مەيلى،
خەندە ئۇرۇپ كۈلۈپ بەرمىدىڭ.
ئاچ قوساققا سېسىق كېكىرىپ،
كاناي-سۇناي چېلىپ بەرمىدىڭ.

يىرتقۇچلار قىلسا جاللاتلىق،
سائادەت دەپ قىلمىدىڭ پەداز.
يالىمىدىڭ تاۋاق ۋە يالاق،
كۈچۈكلىنىپ كۆرسەتمىدىڭ ناز.

تەستەك تەگدى شۇڭا مەڭزىڭگە،
شۇ سەۋەپتىن سىقىلدى گېلىڭ.
باشلىرىڭدا چېقىلدى ياڭاق،
شۇ سەۋەپتىن ئويۇلدى كۆزۈڭ.

لېكىن ئەۋزەل بىلدىڭ شۇندىمۇ،
چىن قايغۇنى يالغان كۈلكىدىن.
بىلدىڭ نومۇس بولماقنى ھامان،
ھارامزادە قېرى تۈلكىدىن.
***********************
رىيازەتتە كەتمىدىڭ ئۆلۈپ،
ياشىدىڭ سەن يەنە مەردانە.
باقماي قويدۇڭ <<زامان>>غا ھەرگىز،
باقمىسىمۇ ساڭا زامانە.

بولساڭ گاھى روھىمدا قۇدرەت،
گاھى بولدۇڭ ئىلكىمدە ياراق.
گاھى تۈننى يورۇتقان مەشئەل،
گاھى مەنزىل قوغلىغان بايراق.

گاھى تۆكۈلۈپ كۆزدىن ئۈنچىدەك،
ئايلاندىڭسەن ياقۇت تىزىققا.
گاھ ھايقىردىڭ يارىدار شىردەك،
نەرىلىرىڭ كەتتى ئۇزاققا.
***********************
ئەندى قۇياش سېخىلىق قىلىپ،
قىشنى قوغلاپ كەلتۈردى باھار.
مېنىڭ روھى كائىناتىمدا،
ئېرىمەكتە كۆك مۇز بىلەن قار.

كۆز كۆرگەننى كاللا ئويلايدۇ،
ئويلىغاننى سۆزلەيدۇ ئېغىز.
<<زەھەر يىدىم >>دىمەيدۇ ۋىجدان،
چايناپ تۇرۇپ ناۋات ھەم مېغىز.

شېئىر ئەندى كۈلگىن قاقاھلاپ،
مەنمۇ سېنىڭ كۈلكەڭگە رازى.
قالسۇن ئەيىپ تاپالماي بىزدىن،
تارىخ كېيىن بولغاندا قازى...

1981-يىلى فېۋرال

<<قۇتلۇق ئىز>>دىن ئېلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-8 12:47 AM  


61

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   58.06%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 3200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2587
تۆھپە : 8120
توردىكى ۋاقتى: 4460
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-21 20:04:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما يوللىغۇچى تايانچىم بار ئەپەندى،سىزنىڭ ئالاھىدە ئەجىر قىلىپ ھەرخىل مەنبەلەردىن مىنىڭ شېئىرلىرىمنى يىغىپ.توپلاۋاتقانلىغىڭىزغا ئالاھىدە رەھمەت ئىتىمەن.
مىنىڭ پىتراپ كەتكەن،ھەتتا ئۇزۇمدىمۇ ئورگىنالى بولمىغان،يوقالغان  شېئىرلىرىمنى ۋاقىت ئاجرىتىپ يوللاۋاتقان بارلىق تورداشلاررغا تەشەككۆر بىلدۇرىمەن.
بەزى شېئىرلاردا سۇزلۇكلەر ئالمىشىپ قالغان ياكى كەم قالغان،بەزى مىسرالار چۈشۈپ قالغان،بەزى مىسرالار ئۇزگىرىپ كەتكەن ئەھۋاللارنى بايقىدىم.ئەلۋەتتە بۇ ھەرگىز سىلەرنىڭ سەھۋەنلىكىڭلار ئەمەس.سىلەرمۇ ھەرخىل مەنبەلەرگە سادىق بولدۇڭلار.مەن ۋاقتىم يار بەرگەندە بىر-بىرلەپ ئەسكەرتىپ تولۇقلاپ قويسام بولىدۇ.شۇ باھانىدا بىر قۇر تەھرىرلىنىپ،مەتبۇئاتقا لايىق بىر نەرسە بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.دۇسىتلارنىڭ يوللىيالىغىنىچە يوللاپ قويۇۋىرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

قاراخان ئەپەندىم يوللىغان "شېئىر بىلەن سۆھبەت"تىكى ماۋۇ كوبلىت:

تەستەك تەگدى شۇڭا مەڭزىڭگە،
شۇ سەۋەپتىن سىقىلدى گېلىڭ.
باشلىرىڭدا چېقىلدى ياڭاق،
شۇ سەۋەپتىن ئويۇلدى كۆزۈڭ.

ئەسلى مۇنداق:

تەستەك تەگدى شۇڭا مەڭزىڭگە،
شۇسەۋەپتىن گىلىڭ سىقىلدى.
شۇ سەۋەپتىن كۇزۇڭ ئويۇلدى،
باشلىرىڭدا ياڭاق چېقىلدى.

شېئىرلىرىم تورداشلارغا ئازىراق بولسىمۇ بەدىئى زوق ئاتا قىلالىسا ،مەن شۇنىڭدىن خوش.

ھۇرمەت بىلەن: قاسىم سىدىق

2013.10.21

قۇتلان تېلفۇنلىرى

39

تېما

0

دوست

4355

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   78.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11426
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 861
تۆھپە : 766
توردىكى ۋاقتى: 368
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-21 21:36:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆرەڭلەرگە

قاسىم سىدىق


2012-7-5 22:32:59 چىقىرىشچۈشۈرۈش (7.84 KB)


مەغرۇرمەن تۇرىمەن سامادىن يۈكسەك،
سەۋەبى: تۇرىمەن تامادىن يۈكسەك.
ئۆزەمنى كۆرسىتىش روھىم ئۈچۈن يات،
شۇ سەۋەپ خىزىرمۇ مۇسادىن يۈكسەك.
سورىساڭ تەكتىنى يۈكسەكلىكىمنىڭ ،
كۆرمەسمەن ئۆزۈمنى گادادىن يۈكسەك.
ئەي كۆرەڭ زەررىچە ئىش كۆرمەي تۇرۇپ،
تۇتمىغىن ئۆزۈڭنى <<خۇدا>>دىن يۈكسەك.
ئەجىر قىل ئۇلۇغۋار پەزىلەت ئۈچۈن،
ئىقتىدار ھەرقاچان جاپادىن يۈكسەك.
ماختانچاق كىشىدىن ئەلگە ۋاپا يوق،
نىمە بار خەلقىڭگگ ۋاپادىن يۈكسەك.
كىمىكى گىدەيسە شاھانە توندا،
كۆرمەيمىز بىز ئۈنى ماتادىن يۈكسەك.
شاھماتتا رەقىبكە قىلمىساڭ پەرۋا،
بولىشىڭ ناتايىن خاتادىن يۈكسەك.
قاچانكى كىچىك پېئىل بولسىلا ئادەم ،
تۇرىدۇ داۋامەت باھادىن يۈكسەك.



2012-7-5 22:33:02 چىقىرىشچۈشۈرۈش (79.2 KB)

1981-يىلى ئۆتەبىر.

<<ئىلى دەرياسى>> 1985-يىل 4-سان

61

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   58.06%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 3200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2587
تۆھپە : 8120
توردىكى ۋاقتى: 4460
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-21 21:40:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tayanqimbar يوللىغان ۋاقتى  2013-10-17 23:09
خوتەنگە خەت
قاسىم سىدىق
ئەجەپ كۆرگۈم كەلدى ئەي،خ ...

تويغۇزۇپسەن بىر نوچى دەپ – دەپ دېسە،
_________

توغرىسى:

تويغۇزۇپسەن بىر نوچى رەپ-رەپ دىسە.

61

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   58.06%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 3200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2587
تۆھپە : 8120
توردىكى ۋاقتى: 4460
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-21 21:44:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tayanqimbar يوللىغان ۋاقتى  2013-10-18 13:56
قەغەز گۈلگە

قاسىم سىدىق

ئالەمنىڭ ئېرىمەس كىرى ئىكەنسەن!
______________

ئەسلى مەتبەدە ئالدىدىكى بىر مىسرا چۈشۈرۈپ قويۇلغان،تولۇقى:

جىمى رەزىللىكنىڭ پىرى ئىكەنسەن،
ئالەمنىڭ ئېرىمەس كىرى ئىكەنسەن!

61

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   58.06%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 3200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2587
تۆھپە : 8120
توردىكى ۋاقتى: 4460
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-21 21:46:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tayanqimbar يوللىغان ۋاقتى  2013-10-18 14:26
مەن مۇشۇنداق قاتىلغا ئامراق !
      

قىلالىغان بۇنى ئىختىرا.
____________
توغرىسى:

قىلالىغان بۇنداق ئىختىرا.

61

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   58.06%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 3200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2587
تۆھپە : 8120
توردىكى ۋاقتى: 4460
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-21 21:48:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tayanqimbar يوللىغان ۋاقتى  2013-10-18 14:26
مەن مۇشۇنداق قاتىلغا ئامراق !
      

ئۈمتۈلدۈردى،ئالداپ ئوينىدى
_____________

توغرىسى:

ئۈمۈلدۈردى،ئالداپ ئوينىدى،

0

تېما

0

دوست

638

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   27.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22427
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 178
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-21 22:24:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tayanqimbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-22 20:53  

دەۋىتەي




قاسىم سىدىق



ئۇدۇل دېيىش بۇ گەپنى قىيىن،
شۇڭا ئۇنى بىر ئاز ئەگىتەي.
ياراشمايدۇ ياشلىقتىن كېيىن،
ياش ۋاقتىمدا بۇنى دەۋىتەي:

شۇ تۇرقۇڭدىن ئايرىلساڭ شۇ دەم،
لېۋىڭ غۇنچە بولۇپ قالسا ھەم.
ئايرىلىمەن مەنمۇ لېۋىمدىن،
غۇنچە ئۈزرە قونغاندا شەبنەم.

گۈل بويىغا ئايلانسا بويۇڭ،
زىبالىقتىن بەھىس ئاچقاندا.
ئايرىلىمەن مەنمۇ بويۇمدىن،
ھەشقىپىچەك گۈلنى قۇچقاندا...

                             مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1987-يىل1-سان




كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )