قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1193|ئىنكاس: 9

كىراگ كالىندېر:زامان پەقەتلا تۇيغۇمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13442
توردىكى ۋاقتى: 6622
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-18 15:07:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇرنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش:


كىراگ كالىندېر
1997-يىلى رۇگىرىس ئونۋېرسىتىتىدا دوكتۇرلۇقنى تاماملىغان. 2001-يىلى كالفورنىيە ئونۋېرسىتىتى سانتىياگۇ تارمىقىنىڭ پەلسەپە كافىدىراسىدا تەتقىقات پىلانىغا قاتناشقان. ئاساسلىق تەتقىقات دائىرىسى: تەبىئەت پەلسەپەسى،  فىزىكا پەلسەپەسى، مىتافىزىكا قاتارلىقلار.
كىراگ كالىندىر كالفورنىيە ئونۋېرسىتىتىنىڭ پەلسەپە پىرافىسورى. ئۇنىڭ "زامان"، "لوگىكا" ، "كىۋانىت نەزەرىيسىگە كىرىش"، "نىسپىيلىك نەزەرىيىسىگە كىرىش"، "مىڭە ۋە تەپەككۈر" ، "تەرتىپسىزلىككە مۇقەددىمە" قاتارلىق كىتاپلىرى نەشىر قىلىنغان.


زامان پەقەتلا تۇيغۇمۇ؟



مۇھىم مەزمۇنى:
بۇگۇنكى فىزىكا دۇنياسىدا زامان ئالاھىدە قىززىق نوقتىلارنىڭ باش تېمىسىدىن ئىبارەت. بىرلىككە كەلگەن نەزەريىنى تىپىپ چىقىش ئۇچۇن، فىزىكا ئالىملىرى ئاساسىي پەرەزلەرنى قايتىدىن كۇزىتىپ چىقىشى، بولۇپمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى زامانغا دىققەت قىلىشى زۆرۇر.


بەزى فىزىكا ئالىملىرى زامان ئەمەليەتتە مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارايدۇ. يەنە بەزلىرى ئەكسىنچە ۋاقىتنىڭ دەرىجىنى تۆۋەنلەتمەستىن يوقۇرلىتىش كىرەك دەپ قارايدۇ. بۇ ئىككى خىل نوقتىنەزەرنىڭ ئوتتورىسىدا يەنە مۇنداق بىر قىزىقارلىق پەرەز بار: ۋاقىت مەۋجۇت، بىراق يادورۇلۇق مەسىلە ئەمەس، بىز ھىس قىلغان زامان بىر تىنىچ ھالەتتىكى دۇنيادىن كېلىپ چىققان.
سوقىراتتىن ئىلگىرىكى پەيلاسۇپلار مۇشۇنداق كۆز قاراشلارنى ئوتتورىغا قويغان، بىراق ھازىر فىزىكا ئالىملىرى ئۇنى بەك ئوبيىكتىپلاشتۇرۋەتكەن. يەنە بىر خىل پەرەز بولۇپ، زامان ئالەمنىڭ پارچىلنىشىدىن پەيدا بولىدۇ. بىز ھىس قىلغان زامان بۇ پارچىلانغان بۆلەكلەر ئوتتورىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئەكىس ئەتتۇرۈدۇ دەپ قارايدۇ. سىز بۇ جۇملىنى ئوقوۋاتقان چىغىڭىزدا، چوقۇم «بۇ بىر پەيىت » (ھازىر)، يەنى ھازىر يۇز بىرىۋاتقان «ھازىر». دەل ۋاقىت، دەل پەيىت ئىنتايىن ئالاھىدە، ئىنتايىن ھەقىقىي (چىن). مەيلى سىزنىڭ ئۆتمۇشتە قانچىلىك ئەسلىمىڭىز بولسۇن، كەلگۈسىگە نىسبەتەن قانداق خىياللىرىڭىز بولسۇن سىز ھامان ھازىردا تۇرىسىز. ئەلۋەتتە، سىز بايىقى جۈمىللەرنى ئوقۇۋاتقان پەيىتلەر ئاللىقاچان يوق بولدى. مانا بۇ جۈملە ھازىر. باشقىچە قىلىپ ئىيتقاندا، زامان ھەرىكەتلىنىۋاتىدۇ. «ھازىر»مۇ ئۈزلۈكسىز يىڭېلىنىۋاتىدۇ. بىزنىڭ بىۋاستە سېزىمىمىزدا كەلگۈسى ناھايتى ئوچۇق تاكى ئۇ ھازىرغا ئايلانغۇچە ئۆتمۇش مۇقىم تۇرىدۇ. زامان ئۆتىۋاتقان چاغدا بۇ خىل ئۆتمۇشنىڭ مۇقىملىغى، ھازىرنىڭ يۈز بىرىشى، كەلگۈسىنىڭ ئوچۇقلۇق قۇرۇلمىسى زامان ئىچىدە توختىماستىن ئالغا سىلجىيدۇ.
بۇ خىل قۇرۇلما بىزنىڭ تىلىمىز. ئىدىيىمىزدىكى ھەركىتىمىزگە چوڭقۇر ئورنىغان، بىزنىڭ پۈتكۈل ھاياتىمىز مۇشۇنداق ئۆتۈپ كېتىدۇ.
گەرچە بۇ خىل پىكىر ناھايتى تەبىئى بولسىمۇ، بىراق ئىلىم-پەندە ئىپادىلەيدىغان مۇۋاپىق تىلنى تېپىش مۇمكىن ئەمەس. فىزىكىنىڭ تەڭلىمىسى ئىشنىڭ ھازىر يۈز بىرىۋاتقان ھالتىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. خۇددى سىز ھازىر بۇ يەردە دەپ بەلگە سېلىنمىغان خەرىتىگە ئوخشاش. تەڭلىمىدە «ھازىر» يوق، شۇڭا ۋاقىت ئىنىقلىمىسىمۇ يوق. ئۇنىڭدىن باشقا بىز ئېنيشتېيننىڭ نىسبىيلىك نەزەريىسىدىن شۇنى بىلۋالالايمىزكى، پەقەت يەككە ھالدىكى ھازىر مەۋجۇت ئەمەس بولۇپلا قالماي، ئەمەلىيەتتىمۇ ھەر بىر دەقىقە ئوخشاشلا چىنلىق. (سىرلىق ۋاقىت ئېقىمى، 2002-يىل 12-ئاي). كەلگۈسى ئۆتمۈشتىكىدەك ئوچۇق ئەمەس.
ئىلىم-پەننىڭ ۋاقىتقا بولغان چۈشەنچىسى بىلەن بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ۋاقىتقا بولغان چۈشەنچىمىزدە غايەت زور پەرق بار. بۇ تارىختىكى مۇتەپپەككۈرلەرگە چوڭ قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلگەن. فىزىكا ئالىملىرىنىڭ بىز بىلىۋاتقان زاماننىڭ نورمال خۇسۇسىيىتىگە ئاستا-ئاستا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى بىلەن بۇ پەرق تېخىمۇ كۈچەيدى. ھازىر فىزىكىلىق زامان بىلەن تەجىرىبىدىكى زاماننىڭ ئارلىقى يىراقلاپ كەتتى، چۈنكى نۇرغۇن فىزىكا ئالىملىرى زامان ئەزەلدىن مەۋجۇت ئەمەس دەپ قاراشقا باشلىغان ئىدى.
زامان ئالەمنىڭ ھەقىقىي قۇرۇلمىسىنىڭ بىر قىسىمى، بۇ خىل پىكىر ئېيتىلىشى بىلەنلا كىشىنى چۆچىتىدۇ، ئۇنىڭ قانداق ئېيتىلغانلىقنى تەسەۋۇر قىلىش تەس. بىز قىلغان ھەر بىر ئىشنىڭ ھەممىسى زامان ئىچىدە قىلىنغان. بۇ دۇنيادا زامان بىلەن باغلىنىپ كەلگەن بىر تالاي ئىشلار بار. ھەممە ئادەم چېچىمنىڭ ئاقارغانلىقنى، جىسىملارنىڭ يۆتكىلىش ھالىتىدىكى ئىشلارنى كۆرەلەيدۇ. بىز ئۆزگىرىشنى كۆردۇق، بىراق بۇ خىل ئۆزگىرىش نىسپىي ۋاقىتقا نىسبەتەن ئېيتىلغان. زامان(ۋاقىت) ئاز بولسا، دۇنيا پۈتۈنلەي توختاپ قالىدۇ. بىر زامان ھېسابى بولمىغان نەزەرىيە چوقۇم ئەگەر دۇنيادا ئۆزگىىرش بولمىسا، بىز نېمە ئۈچۈن ھادىسلەرنىڭ ئۆگىرىۋاتقانلىقنى كۆرەلەيمىز، دېگەننى چۈشەندۈرۈپ بېرىشى كېرەك.
يېقىندىن بۇيانقى تەتقىقات بۇ خىل خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. گەرچە زامان ئەڭ ئاساسىي قاتلامدا مەۋجۇت بولمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ بىر قەدەر يۇقىرى بولغان قۇرۇلمىدا پەيدا بولىدۇ: بۇ خۇددى ئۈستەل گەرچە بوش تۇرغاندەك بىلىنىدىغان نۇرغۇن زەررىچىلەردىن تەركىپ تاپقان، بىراق تۇتۇپ كۆرسە يەنىلا ناھايتتى مۇستەھكەم تۇرغىنىدەك بىر ئىش. مۇقىملىق جىسىم زەررىچە توپىدىن پەيدا بولغان خۇسسۇسىيەت، شۇنىڭ ئۈچۈن زامانمۇ بەلكىم مەلۇم ئاساسىي تەركىبلەردىن پەيدا بولغان خۇسۇسىيەت بولىشى مۇمكىن.
«زامان يەنىلا پەيدا بولغان خۇسۇسىيەت». بۇ خىل پىكىر بىر ئەسىر بۇرۇنقى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ياكى كىۋانىت مىخانىكىسىغا ئوخشاش ئىنقىلاپ خارەكتىرلىك پىكىر بولىشى مۇمكىن. ئېينىشتىيىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيسى ھەققدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن چاغدا ئەڭ ھالقىلىق ئىلگىرلەشنىڭ ئۇنىڭ زامانغا نىسبەتەن قايتا يېڭى چۈشەنچىگە ئىگە بولغانلىقى ئىكەنلىكنى ئېيىتقان. فىزىكا ئالىملىرى ھازىر نىسپىيلىك نەزەرىيىسى بىلەن كىۋانىت مىخانىكىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقاندا، ئوخشاشلا زاماننىڭ ھالقىلىق مەسىلە ئىكەنلىكىگە ئىشەندى. 2002-يىلى ئاساسىي مەسىلىلەر تەتقىقات ئورنى (FQXi) «ۋاقىتنىڭ ماھىيىتى»نى نىشان قىلغان ماقالە ئۇيۇشتۇردى. ھازىرقى زامان فىزىكىسى ساھەسىدىكى بەزى مۇھىم ئەربابلار قاتناشتى. نۇرغۇن كىشىلەر بىرلىككە كەلگەن نەزەرىيىنىڭ تەسۋىرلەيدىغىنى زامان بولمىغان دۇنيا دەپ قاراشتى. يەنە بەزىلەر «زامان» دېگەن ئۇقۇمدىن ۋاز كېچىشنى خالىمىدى. بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلىككە كەلگەن نەزەرىيىدە ئىلگىرىلەش ئۈچۈن چوقۇم ئالدى بىلەن زامان ھەققىدە چوڭقۇر تەھلىل قىلىش كېرەك، دېگەن مەۋقەدە بىرلىككە كېلىشتى.

زاماننىڭ پەسكويغا چۈشىشى
ئۆتكەن بۇ كۈنلەردە بىزنىڭ زامانغا بولغان مول بىلىمىمىز ئۈزلۈكسىز ئىنكار قىلىنىشقا ئۇچىراپ كەلدى. زامان فىزىكىدا مۇھىم ئۇرۇننى ئىگەللەپ كەلگەن. بىراق فىزىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ئىقتىدارلارنىڭ ئورنىنى قەدەممۇ-قەدەم باشقا نەرسىلەر ئالدى.
قاراپ باقساق ئانچە كۆرىنەرلىك ئەمەس بولىشى مۇمكىن. بىراق نىيۇتوننىڭ ھەركەت تەڭلىمىسى زاماننىڭ ئالاھىدە خۇسۇسىيىىگە نىسبەتەن ئالاھىدە تەلەپ قويغان. پىرىنسىپ جەھەتتە، كۆزەتكۈچىگە نىسبەتەن ھەر قانداق ئىشنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپى بولىدۇ. كىلاسسىك فىزىكىلىق پەرەزلەردە بىر ھادىسە مەيلى قانداق ۋاقىتتا، قانداق ئورۇندا يۈز بەرسۇن، سىز ئۇنى ئالەمدىكى باشقا بىر ئىش بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئاۋۋال يۈز بەرگەن، كېيىن يۈز بەرگەن ۋە ئوخشاش ۋاقىتتا يۈز بەرگەن دەپ ئوبىيىكتىپ چۈشەندۈەلەيسىز. شۇڭا، زامان دۇنيادىكى بارلىق ھادىسىلەرنى تەرتىپكە سالىدۇ. بۇ تەرتىپ مۇتلەق ئەمەلىيەت، كۆەتكۈچىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ. يەنە زامان چوقۇم ئۈزلۈكسىز بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا بىز تېزلىك بىلەن يۇقىرى تېزلىككە ئېنىقلىما بېرەلەيمىز.
كىلاسسىك فىىزكىدىكى زامان چوقۇم ئۈزلۈكسىزلىك (يەنى فىزىكا ئالىملىرى ئېيىتقان ئۆلچەم) ئۇقۇمىنى ھازىرلىغان بولىشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندىلا ئىككى ھاددىسىنىڭ ئارلىقىدا قانچىلىك پەرق بارلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. بىز ئولىمپىك قىسقا ئارلىققا يۈگرەش ماھىرى يۈسىن بولىت بىر سائەتتە 43 كېلومىىتر يۈگىرەلەيدۇ دېسەك، بىز چوقۇم بىر سائەتنىڭ قانچىلىك ئوزۇن ۋاقىت ئىكەنلىكىنى ھېسابلىشىمىز كېرەك. ھادىسىنىڭ تەرتىپى بىلەن ئوخشاش ۋاقىتنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنىڭمۇ كۆزەتكۈچى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ئەگەر ئېلىس بىلەن يۇبېر (مەمەت بىلەن سەمەت) سائەت ئۈچ بىلەن مەكتەپتىن ئايرىلىپ ھەر ئىككىسى ئۆز يولىغا ماڭغان بولسا، كېيىن سائەت ئالتە بىلەن ئۆيگە يىتىپ بارغان چاغدا ئۇچىراشقان بولسا ئۇنداقتا ئېلىس (مەمەت) سەرىپ قىلغان ۋاقىت بىلەن يۇبېر(سەمەت) سەرپ قىلغان ۋاقىت ئۆز-ئارا تەڭ بولىدۇ.
ئاساسىي جەھەتتىن ئالغاندا، نىيۇتۇن «دۇنيادا بىر ئاساسىي ۋاقىت ھېسابلىغۇچ بار، ئۇ بۇ دۇنيانى بىردىنبىر ئوبىيىكتىپ ئۇسۇل بىلەن پارچىلاپ چىقالايدۇ» دەپ ئوتتۇرغا قويغان. نىيۇتۇن فىزىكىسى بۇ سائەتنىڭ قوڭغۇراق ئاۋازى بىلەن ماڭغان. ئۇنىڭدىن باشقا نىيۇتۇن زامان ھازىر ئايلىنۋاتىدۇ، ئۇنىڭ يۆنىلىشى بىزگە كەلگۈسىنىڭ قايسى تەرەپ ئىكەنلىكنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ دەپ ھېس قىلاتتى. بۇ خۇسۇسىيەت نىيۇتوننىڭ ھەركەت تەڭلىمىسىدە چوقۇم زۆرۈر ئىدى.
ھازىر بىزگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، نىيوتۇننىڭ زامان سەپسەتىسىنىڭ ۋاقتى ئاللىقاچان ئۆتتى، بىراق ئازراق ئويلانغىنىمىزدا ئۇنىڭ كىشىنى چۆچىتىدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. ئۇنىڭ نۇرغن ئالاھىدىلىكلىرى لوگىكا جەھەتتىن مۇناسىۋەتسىز. مەسىلەن: تەرتىپ، ئۈزلۈكسىزلىك، داۋاملىششچانلىق، ئوخشاش ۋاقىتلىق، يۆتكىلىش ۋە يۆنىلىش قاتارلىقلار. بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى نىيوتۇننىڭ «زامان» دەپ ئاتالغان ۋاقىت سائىتىگە يۇشۇرۇنغان ئىدى. بۇ ئالاھىدىلىكلەر ناھايتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ماسلاشتۇرۇلغان ئىدى. شۇڭا ئىككى ئەسىردىن بويان تۈزىتىلىپ باقمىغان ئىدى.
19-ئەسرىنىڭ ئاخىرلىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرى زەربە يىتىپ كەلدى. بىرىنچى دولقۇن بولسا ئاۋىستىريىلىك فىزىكا ئالىمى لودۋىگ بولتىزماننىڭ تەتقىقاتى. ئۇ نىيۇتۇن قانۇنىنى زامان ئىچىدە ئالدىغا ياكى كەينىگە ئوخشاش قىلغىلى بولدىغانلىقتىن زاماننىڭ ئىچكى يۆنىلىشى يوق دېگەن ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىنىڭ پەرقى زاماندا مۇقىم بار بولماستىن بەلكى ئالەمدە توغرا ئاتالمىغان
ئۇسۇل بىلەن ماددا شەكىللىنىدۇ، دەپ قارايدۇ. فىزىكا ئالىملىرى بۇ پەرەزنى يەنىلا ئىنچكىلىق بىلەن مۇلاھىزە قىلىشماقتا. بىراق بولتىزمان نىيۇتۇن قانۇنىدىكى ئىنتايىن قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغان بىر تۈرنى ئالغان. (ۋقىت قوش يۆنىلىشلىكمۇ؟ 2008-يىل 7-سانغا قارالسۇن)
كېيىنكى قېتىملىق زەربە ئېينىشتىيىندىن كەلدى. ئۇ مۇتلەق زامان ئۇقۇمىدىن ۋاز كەچتى. ئۇنىڭ تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسىگە ئاساسلانغاندا، ھادىسىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا يۈز بېرىشى سىزنىڭ قانچىلىك تېز يۈگۈرگەنلىكڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھادىسە يۈز بەرگەن سەھنە زامان ياكى ماكان ئەمەس بەلكى ئىككىسىنىڭ بىرلىكى: زامان-ماكان. ئىككى كۆزەتكۈچى ئوخشاش بولمىغان تېزلىكتە يۆتكىلىپ، بىر ئىشنىڭ قاچان، قەيەردە يۈز بەرگەنلىكىگە نىسبەتەن ئوخشاش بولمىغان قاراشتا بولىدۇ، بىراق بۇنىڭ ئىچىدىكى زامان-ماكان ئورنىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. زامان بىلەن ماكان قاتلاملىق ئۇقۇم. خۇددى ئېينىشتىيىننىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىسى، ماتېماتىكا ئالىمى ھېرمان مىنكوۋىسكىي ئېيىتقاندەك: «بۇ ئىككىسى رېئاكسىيىلىشىپ فانتازىيەگە ئايلىنىدۇ.»
1915-يىلىغا كەلگەندە، ئېينىشتىيىننىڭ كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ئوتتۇرغا قويىلىشى، تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسىمۇ ئېغىرلىق كۈچى ساھەسىگە قوللىنىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىش تېخمۇ چاتاق بولدى. ئېغىرلىق كۈچى زاماننى ئەگرى قىلىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە ئۆتكەن بىر سىكونىت بىلەن ئۇ يەردە ئۆتكەن بىر سىكونىت ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. ئېنىرگىيەنىڭ سائەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ئىزچىل بولىشى پىرىنسىپ جەھەتتە ئاز كۆرۈلىدۇ. سىز بۇ دۇنيانى يەككە ۋاقىت ھېسابلاش ئاساسىدا بىر-بىرلەپ خىيالىڭىزدىكىدەك ئېچىپ بېرەلمەيسىز. ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا بۇ دۇنيا بىر دەقىقە ئىچىدە يىمىرلىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، بىر ھادىسە يەنە بىر ھادىسىدىن بالدۇر ياكى كېيىن يۈز بەردى دېيىشكە بولمايدۇ.
كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدىكى نۇرغۇن فونكىسىيەلەردە «زامان»دېگەن سۆزنى كوردىنات زامان، قسمەن زامان، پۈتۈن زامان دەپ ئىشلەتكەن. ئۇمۇمەن ئېيىتقاندا، ئۇلار نىيۇتوننىڭ نۇرغۇنلىغان يەككە ۋاقتىغا ئاساسەن قىلغان ئىش. باشقچە ئېيىتقاندا، بۇنىڭغا ماس كېلىدىغان سۆز يوق. ئەگەر فىزىكا بۇ سائەتلەرنىڭ ساداسىنى ئاڭلىمىسا ياكى ئاڭلىتىلسا بۇ سائەتلەر پەقەت ئالەمدىكى بىر كىچىك رايۇن ياكى ئالاھىدە كۆزەتكۈچىگە ماس كېلىشى مۇمكىن. گەرچە ھازىرقى فىزىكا ئالىملىرى بىرلىككە كەلگەن نەزەرىيەدە زاماندىن ۋاز كېچىشى كېرەك، دەپ قارىغان بولسىمۇ، بىز ئاساسىمىز بار بولغان ھالدا شۇنداق دېيەلەيمىزكى، زامان 1915-يىلىلا غايىپ بولغان، بىز پەقەت بۇ ئىشنى پۈتۈنلەي تونۇپ يېتەلمىدۇق.

مەنبە: «ئالىملار» ژۇرنىلى، (تەيۋەن) 2010-يىل 101-سان. ئەسلى ئاپتور كراگ كالىندىر. خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: جاڭ مىڭجې
تەرجىمە قىلغۇچى: زەررە

http://tech.ifeng.com/discovery/detail_2010_07/20/1800814_1.shtml



66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13442
توردىكى ۋاقتى: 6622
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-20 02:09:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەرچە ھازىرقى فىزىكا ئالىملىرى بىرلىككە كەلگەن نەزەرىيەدە زاماندىن ۋاز كېچىشى كېرەك، دەپ قارىغان بولسىمۇ، بىز ئاساسىمىز بار بولغان ھالدا شۇنداق دېيەلەيمىزكى، زامان 1915-يىلىلا غايىپ بولغان، بىز پەقەت بۇ ئىشنى پۈتۈنلەي تونۇپ يېتەلمىدۇق.
__________________

ئېينىشتېيىننى پەننى مۇنازىرە ئارقىلىق قوغداپ قالماقچى بولغان ئەپەندىلەر بەرداشلىق بېرەلمەي،دىنى مۇنازىرە ئارقىلىق قوغدىماقچى بولىۋاتىدۇ.بۇ ئەپەندىملەر ئېينىشتېيىننىڭ يۇقۇرقى مەۋقەسىنى ئۇنتۇپ قالمىسا بولىدۇ!.مانا بۇ ،بۇ ئەپەندىلەرنىڭ "پەيغەمبىرى"بولمىش ئەپەندىنىڭ خەلىقئارادا ئىتراپ قىلىنغان تۆپ مەۋقەسى!.سىلەر ئەمدى ئېينىشتېيىننىڭ يۇقۇرقى مەۋقەسىنى ئىسلام دىنى نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئاقلاپ چىقالىساڭلار،دۇنيادا سىلەردىنمۇ كاتتا ئادۋۇكات بولمايدۇ!.


يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

4805

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   93.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8327
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 608
تۆھپە : 1091
توردىكى ۋاقتى: 243
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-20 16:02:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ziya يوللىغان ۋاقتى  2013-10-20 02:09
گەرچە ھازىرقى فىزىكا ئالىملىرى بىرلىككە كەلگەن نەزەر ...

ئىنكاسىڭىزدىن  ئېينىشتىينغا ئەشەددى ئۆچمەنلىك قىلىدىغاندەك پۇراق كېلىدىكەن. زامانداش بولغان بولسىڭىز پىيىنى كىسۋىتەركەنسىز ھە...ھى...ھى....ھى

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3830
توردىكى ۋاقتى: 853
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-20 20:14:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yuzarsif يوللىغان ۋاقتى  2013-10-20 16:02
ئىنكاسىڭىزدىن  ئېينىشتىينغا ئەشەددى ئۆچمەنلىك قىلىد ...

يۇمۇر كەتتى.........

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13442
توردىكى ۋاقتى: 6622
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-20 22:24:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىسبىلىك نەزەريىسى ئالەمنى بىلىشتىكى بىر تەپەككۆر يولى،ئۇ ئاخىرى زىدىيەتكە پاتقان ،بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرەلمىگەن ئىكەن،باشقا يوللاردا مېڭىپ سىناپ بېقىش كىرەك.ئىلىم -پەن مىتۇدۇلۇگىيىسى ئەزەلدىن مۇشۇنداق بولۇپ كەلگەن،ئىلىم - پەن تەرەققىياتى كونىدىن ۋازكېچىش ياكى تولۇقلاش،يېڭىنى كىرگۆزۈش ياكى تىكلەش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.

نىجات ئەكبەر

4

تېما

6

دوست

2503

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12100
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 713
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-23 13:14:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ ماقالىنى ئوقۇپ بولغىچە مېڭەم قېيىپ كەتتى... ھېچنىمىنى ئاڭقىرالمىدىم. ئاستا چىقىپ كېتىپ ئۆزەمنىڭ شېئىرىنى يازايچۇ...

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13442
توردىكى ۋاقتى: 6622
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-27 23:39:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەرچە ھازىرقى فىزىكا ئالىملىرى بىرلىككە كەلگەن نەزەرىيەدە زاماندىن ۋاز كېچىشى كېرەك، دەپ قارىغان بولسىمۇ، بىز ئاساسىمىز بار بولغان ھالدا شۇنداق دېيەلەيمىزكى، زامان 1915-يىلىلا غايىپ بولغان، بىز پەقەت بۇ ئىشنى پۈتۈنلەي تونۇپ يېتەلمىدۇق.
__________________

كىراك كالىندىر يۇقۇرقى قۇرلارنى بىلمەي،ياكى ئۇزى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ يېزىپ قويمىغان بولغىيىتى.بەزىلەر نىمە ئۈچۈن بۇ قۇرلارغا دىققەت قىلمايدۇ؟.

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13442
توردىكى ۋاقتى: 6622
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 11:30:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-8 11:46  

ئاتالمىش قوش گېزەك پارادوكىسى بىلەن بۇ تېمىدىكى مەزمۇنلار نىمە ئۈچۈن سېلىشتۇرۇلۇپ كۇرۇلمەيدىكىنا.ئېينىشتېيىن زاماننى يوق دەپتۇ-يۇ،يەنە زاماننى ئۇزىنىڭ ئالەم مودىلىدىكى بىر ئۆلچەم قىلىۋاپتۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )