ناتو ئافغانىستاندا مەغلۇپ بولدىمۇ؟
ئافغانىستان - تىنىمىسىز توپىلاڭ، يامراپ كەتكەن چىرىكلىك ھەمدە بىر ئاجىز ھۆكۈمەت ئافغانىستاننىڭ تەسىراتى. ناتو قىسىملىرى چىكىنىشتىن بىر يىل بۇرۇن ، نۇرغۇن كىشىلەر ئافغانىستان يەرلىك ئارمىيىسىنىڭ خەۋپسىزلىكنى ساقلاش ئىقتىدارىدىن گۇمانلاندى.
"خەۋپسىزلىكنى ساقلاش جەھەتتە، ناتو قىسىملىرى ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەركەتلەر ئاففانىستاننىڭ زىيارەت چىكىشىگە سەۋەب بولدى، نۇرغۇن كىشىلەر ھاياتىدىن ئايرىلدى ھەمدە ھىچقانداق نەرسىگە ئىرىشىلمىدى ،چۈنكى بۇ دۆلەت يەنىلا بىخەتەر ئەمەس "، بۇ سۆزلەر ئوكتەبىرنىڭ 7 سى ئەنگىلىيە BBC ئافغانىستان ئەلبېشى كارزايىنى زىيارەت قىلغاندا كارزايىنىڭ ئاغزىدىن چىققان گەپلەر، ئۇ ناتو قىسىملىرى 10 يىلدىن ئارتۇق ئافغانىستاندا تۇرۇش جەريانىدا مۇقىملىقنى قولغا كەلتۇرەلمىدى دەپ تەنقىد قىلدى.
بۇ باياناتلار ، ناتونىڭ باش سېكرىتارى Anders Fogh تەرىپىدىن كەسكىن رەت قىلىندى. بىر يىغىندا ئۇ شۇنداق كۆرسەتتى "ئۇرۇش ئوتلىرىدىن يىمىرىلغان بۇ دۆلەت 10 يىللار مابەينىدە ئۇزاق مەنزىلنى باستى. ئۆزگىرىشلەر تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. بىزنىڭ ھاياتىمىز بىلەن سالغان مەبلىغىمىز نۇرغۇن ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى. بۇ ئۆزگىرىشلەر چۇقۇم قەدىرلىنىشى كېرەك ".
ناتو قىسىمىلىرىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئافغانىستان قىسىملىرىنىڭ ئۇرۇش ئوتىدا يىمىرىلگەن بۇ دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىغا ياردەم بىرىش، بۇ دۆلەتنىڭ بۇندىن كىيىن تىرورچىلارنىڭ جەننىتىگە ئايلىنىپ قالماسلىقىغا جەزىم قىلىشتىن ئىبارەت. بىراق ناتو قىسىملىرىنىڭ چىكىنىشىدىن بىر يىل بۇرۇن ، نۇرغۇن مۇتەخخەسسىلەر ئىجابىي ۋە سەلبىي تەرەپلەرنىڭ چىرمىشىپ كەتكىنىنى تەخمىن قىلدى.
بەزىلەر بازا تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى بېن لادىننىڭ ئۆلتۇرۇلگەنلىكى، ھازىر ئافغانىستاننىڭ تىرورچىلارنىڭ جەننىتى ئەمەسلىكىنى ۋە تالىبان ھاكىمىيىتىنى غۇلاتقانلىقىنىڭ ئۆزى ناتو قىسىملىرىنىڭ غەلىبىسى دەپ قاراشتى. لىكىن يەنە بەزىلەر بۇ دەسلەپكى غەلىبىلەرنىڭ تەتۈرىگە يېنىشى مۇمكىنلىكىنى، ناتو قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاننى پەقەت بىر تارتىشما جەڭگە ئىتتىرگەنلىكىنى كۆرسەتتى.
تالىبان ھاكىمىيەتتە ئەمەس، لىكىن ئۇلار قايتا كۆتىرىلىپ چىقىمىز دەپ تەھدىت سالدى، ئۇلار ئاللىقاچان بىر قىسىم ئاچقۇچلۇق جايلارنى كونترول قىلىپ تۇرىۋاتىدۇ، بۇلۇپمۇ جەنۇپ ۋە شەرقتە شۇنداق. گەرچە بازا تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندا پاناھلىنىش ئورنى بولمىسىمۇ، لىكىن يەنىلا خوشنا دۆلەت پاكىستاندا پاناھلىنىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئافغانىستاندىكى بازا تەشكىلاتىنىڭ كۆپ قىسمى پەقەتلا پاكىستانغا يۆتكەلدى خالاس.
خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافغانىستانغا 12 يىل ئارلىشىىشى نۇرغۇن بەدەل ئېلىپ كەلدى. سىتاتىستىكىغا قارىغاندا 3300 دىن ئارتۇق ناتو قىسىملىرىنىڭ ئەسكىرى جەڭدە ئۆلگەن، ئارىسىدا ئامىركىدىن 2156 ئەسكەر چىقىم بولغان. ئۇندىن باشقا يالغۇز ئامىركىلا بۇ ئۇرۇش ئۈچۇن 660 مىليارد دوللار چىقىم قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە 56 مىلياردتىن كۆپرەكى ئافغانىستان قىسىملىرىنى قوراللاندۇرۇش ۋە تەربىيلەش ئۈچۇن سەرپ قىلىنغان.
ئۆلۈم-يىتىم ۋە زور ئۇرۇش چىقىمى ناتو قىسىملىرىنىڭ بۇ ئۇرۇشتىكى غەلىبىسىگە بولغان گۇماننى قوزغىدى، يەنە كىلىپ ئۇرۇش داۋامىدا پۇقرالار تالاپەت تارتتى. ب د ت نىڭ مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرىشىگە قارىغاندا تالىبان ناتو قىسملىرىنى نىشانلاش تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ پۇقرالار ۋە ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرىگە قارىتا ھۇجۇمنى كۈچەيتكەن، مەقسىتى يېزا- قىشلاقلارنى كونترول قىلىش. 2013- يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا تۇقۇنۇشتا تالاپەتكە ئۇچرىغان پۇقرالارنىڭ سانى 23% ئاشقان. بۇلۇپمۇ ئافغانىستان ساقچىلىرىنىڭ تالاپىتى بىر ھەسسە ئاشقان. ھەمدە 590000 نىڭ ئادەمنىڭ كۆچىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان، بۇ 2006 يىلىدىكىگە قارىغاندا 4 ھەسسە ئاشقان.
يامانلىشىۋاتقان زوراۋانلىق كىشىلەرنىڭ ئافغانىستان قىسىملىرى ھەم قانۇن ئىجرا قىلىش ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ توپىلاڭنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا بولغان گۇماننى قوزغىدى . مۇنسىۋەتلىك مۇتەخخەسسىلەرنىڭ دىيىشىچە، بىر قىسىم ئافغانىستان قىسملىرى زەھەرگە خۇمارلىق، ساۋاتسىزلىق، قىسىمدىن قېچىش ۋە جەڭ قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەن بۇلۇشتەك ئاۋارىچىلىقتا قالغان. "بۇ قوراللىق قىسىملار دۇنيادىكى ئەڭ زورانلىققا تولغان رايۇنلارنىڭ بىرىنىڭ ئامانلىقىغا مەسئۇل، ناتو قىسملىرى مەيلى قانچىلىك دەرىجىدە قوللىسۇن، بۇ بەرىبىر شۇنداق بولماقتا ".
يەنە بىرەيلەن كۆرسىتىپ شۇنداق دىدى ؛" ئافغانىستان قىسىملىرى يىتەرلىك بولمىغان ئارقا سەپ تەمىناتى، ئۇزۇلۇپ قالىدىغان ۋە باشقا مۇشۇنداق مۇقىم بولمىغان ياردەملەرنىڭ جەۋرىنى تارتماقتا. يەنە كىلىپ چۇڭقۇر يىلتىز تارتقان چىرىكلىك، ھۇقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش، مىللىي زىددىيەتلەر ئارىسىدا قالماقتا. ناتونىڭ چىكىنسە ۋەزىيەت يامانلىشىشى مۇقەررەر "
يۇقىرقى ئەھۋاللار بولسىمۇ، لىكىن ئافغانىستان قىسمى ئۆزىنىڭ كۈچلۇك ھەم تاكتىكىلىق جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئىسپاتلىماقتا. توپىلاڭچىلار 2014 يىلدىن كىيىن ھەرگىزمۇ تىز سۈرئەتتىكى غەلىبىنى قولغا كەلتۇرەلمەيدۇ، پەقەت ۋاشىنگىتون ئىككى تەرەپلىك خەۋپسىزلىك مۇناسىۋىتى تۇرغۇزۇشتا مەغلۇپ بولمىسىلا.
خەلقئارا جەمئىيەت داۋاملىق ئافغانىستانغا بولغان قوللاشنى ساقلاپ قالىدىغاننى ئەھدى قىلدى، لىكىن تەربىيلەش، مەسلىھەتچىلىك، ئىقتىسادىي ياردەم قاتارلىق نۇرغۇن ئىشلار جاۋابسىز قالدى. مەسىلەن، قانچىلىك ناتو قىسىملىرى ئافغانىستاندا قالىدۇ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى نىمە دىگەندەك. يەنە كىلىپ بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەسىلە، ئامىرىكا ۋە ئافغانىستاننىڭ قېپقالغان قىسىملارنىڭ ھۇقۇق ۋە چەكلىنىدىغان قانۇنىي نىزاملىرى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشى.
گەرچە يۇقىرقىدەك نۇرغۇن يىتەرسىزلىكلەر بولسىمۇ، بەزىلەر خەۋپسىزلىك جەھەتتە ئىلگىرلەش بولدى دەپ قارىدى. مەسىلەن كابۇل ئەتراپىدىكى رايۇنلار ئىقتىسادىي ياردەملەر بىلەن كۆرۇنەرلىك ئىلگىرلەش ھاسىل قىلدى، ھەمدە مىليونلىغان پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى كۆرىنەرلىك ياخشىلاندى. مەكتەپلەردىكى ئۇقۇغۇچىلار 1 مىليوندىن 7.8 مىليونغا كوپەيدى . بۇلۇپمۇ، مەكتەپلەردە ئۇقۇۋاتقان قىزلار 2.8 مىليوندىن ئاشتى. پارلامىنتتا 25% ئورۇن ئايال سىياسىيونلار ئۈچۇن ساقلاپ قۇيۇلدى. گەرچە ئافغانىستان دۇنيادىكى ئەڭ نامرات دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي تىز سۈرئەتتە ئاشتى. بۇلۇپمۇ 2003-2012 يىلدىكى ئېشىشى ئىنتايىن تىز بولدى. ئالاقە، قاتناش، ئاساسىي مۇئەسسە قۇرلىشى، سالامەتلىك مۇلازىمىتى قاتارلىقلاردا زور ئۆزگىرىش بولدى. شەخسەن گىرمانىيە 430 مىلتون ياۋرۇ پۇلنى بىر يىل ئىچىدىلا پۇقرالار قۇرلىشىغا سەرپ قىلدى.
ناتونىڭ چىكىنىشىدىن بۇرۇن ، ئافغانىستان پۇقرالىرى بىخەتەرلىك توغرىسىدا ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى. 2012يىلى ئېلىپ بېرىلغان بىر ئەل رايىنى سىناشتا ، 52% پۇقرا دۆلەتنى توغرا يۆنىلىشتە كىتىۋاتىدۇ دەپ قارىغان، كۆپىنچىسى، خىزمەت پۇرسىتى، مائارىپ، ئاممىۋىي مۇلازىمەت، سىياسىي ھۇقۇق نۇقتىسىدىن شۇنداق دەپ قارىغان.
2014 يىلدىن كىيىنكى بۇ دۆلەتنىڭ تەقدىرى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز. چىرىكلىك بارلىق تەرەپلەردە ساقلانغان، بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە ھۆكۈمەت پۇقرانىڭ دەردىگە قۇلاق سالمايدىغان، ئۆز بېشىمچى، ئىقتىدارسىز. ئافغانىستان نۇرغۇن مۈشكۇلارغا دۇچ كىلىدۇ، لىكىن شۇنىسى ئېنىقكى ھازىر بۇ دۆلەت 10 يىل بۇرۇنقىغا قارىغاندا ياخشى بىر دۆلەت. ناتو قىسىملىرىنىڭ كىرىشى بىلەن يوللار ياسالدى، ئاياللار مەكتەپلەرگە قايتتى، بازارلار جانلاندى. غەلىبەنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆلچىگۈچىسى بولسا بۇ ئېرىشىلگەن نەتىجىلەر ناتو قىسىملىرى چىكىنگەندىن كىيىنمۇ داۋاملىق ساقلىنىپ قالالامدۇ-يوق؟
مەنبە: تۆۋەندىكى جۇڭگۇ تورلىرى
http://news.hexun.com/2012-03-30/139911550.html
http://news.xinhuanet.com/world/2012-02/03/c_122652148.htm
|