خەلىقىمىزنىڭ پەخىرلىك قەلەمكەش پەرزەنتى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان قەلەم ساھىبىلىرىنىڭ كۆيۈمچان پەرۋىشكارى، ئاتاقلىق شائىر، ئىقتىدارلىق ئەدەبىي تەرجىمان، پىشقان ئەدەبىي مۇھەررىر، ئوسمانجان ساۋۇت 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى بەختكە قارشى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى. ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ تەرجىمھالى: ئاتاقلىق شائىر ئوسمانجان ساۋۇت 1945-يىلى ماناس ناھيىسدە تۇغۇلغان. 1966-يىلى شنجاڭ ئۇنىۋىرستېتىنىڭ تىل ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن.1981-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە بېيجىڭدىكى لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىدا ئوقۇغان. كۆپ يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، «تارىم» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىرلىك خىزمەتلىرىدە بولغان. مەرھۇم شائىر ئوسمانجان ساۋۇت 1961-يىلى تۇنجى شېئىرىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان ، ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللاردا كۆپلىگەن شېئىرلارنى ۋە تەرجىمە شېئىرلىرىنى يورۇقلۇققا چىقارغاندىن سىرت «ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ» ، «تاڭ لىرىكىلىرى»،تەڭرىتاغ شاماللىرى» ، «تۈن تىۋىشلىرى»، «تاڭلار بىلەن سۆزلىشىش»، «گۈللەر سۆزلەيدۇ»قاتارلىق شېئىر توپلاملىرىنى نەشر قىلدۇرۇپ ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ «ياڭرا ئەجەم»، «ۋەتىنىم سۈت بەرگەن ھالال ۋە ئاپئاق»، «يۈرىكىمنى تۇتىمەن ساڭا»، «توزان قەسىدىسى » قاتارلىق شېئىرلرى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە 1-دەرىجىلىك موكاپاتقا ئىرىشكەن. ئۇ تالانتلىق شائىرلا بولۇپ قالماي يەنە ئىقتىدارلىق ئەدەبىي تەرجىمان ئىدى. 1979- يىلى قۇرمانغالى ئوسمانوۋنىڭ قازاق تىلىدىكى «ئۇنىڭ ئوڭى ۋە چۈشى» ناملىق داستانىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش بىلەن ئەدەبىي تەرجىمە ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك شائىر- يازغۇچىلارنىڭ، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئىگىدارى پابلو نىرودا قاتارلىقلارنىڭ «يۈرەك»، «سۆيگۈ»، «ئادەم» دېگەندەك شېئىرلىرىنى، «مەڭگۈلۈك قانۇنىيەت»، «كۈلگۈلۈكمۇ، يىغلىغۇلۇقمۇ؟» دېگەن رومانلىرىنى، «ئاھ، ياراتقان ئىگەم»، «ساھىبجامال ئالۋاستى»، «رەنا قىز كۆلى»، «قىزىل شالداما» دېگەن پوۋېستلىرى، داستانلىرى، ھېكايىلىرى، ئىلمىي ماقالىلىرىنى ھەمدە «يۇغۇرلار كەلمەكتە غەربىي جەنۇبتىن» دېگەن داستانىنى ۋە «رەقىبلەر ۋە ئىتتىپاقداشلار» دېگەن تارىخىي كىتابلارنى، «ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى» نى تەرجىمە قىلغان ئىدى.
.
|