“微信” نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە (قومۇل شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تىل- يېزىق ئىشخانىسىدىن)
تېلېگراف-ئىنتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئىستېمالىدا كەڭ ئومۇملاشقان يانفون كەسپىدە بىر-بىرى بىلەن ئۇدۇل سۆزلىشىپ مەخسەت-مۇددىئاسىنى ئىپادىلەشتىن باشقا يەنە تېز ھەم قولايلىق بولغان، يېزىق ئارقىلىق مەخسەت-مۇددىئاسىنى ئىپادىلىشىدىغان 短信 كەسپى پەيدا بولىۋىدى ئۇنى خەنزۇچە خەت مەنىسى بويىچىلا «قىسقا ئۇچۇر» دەپ تەرجىمە قىلىپ قوللىنىۋىدۇق تىل ئىستېمالىمىزدا ناھايتى تېزلا ئومۇملاشتى.ئۇندىن كېيىن يانفون ئارقىلىق تارتىۋېلىنغان ھەم باشقا ۋاستىلار ئارقىلىق يانفونغا قاچىلىۋېلىنغان تۈرلۈك سۈرەتلەرنىمۇ ئۆز پېتى يانفوندىن يانفونغا ئەۋەتكىلى بولىدىغان 彩信 كەسپى يولغا قويۇلىۋىدى ئۇنىمۇ «رەڭلىك ئۇچۇر» دەپلا قوللىنىۋەردۇق. ئەمدى يېققىنقى مەزگىللەردىن بۇيان بۇ «قىسقا ئۇچۇر»،«رەڭلىك ئۇچۇر» كەسپلىرىنىڭمۇ «دەرىجىسى» ئۆسۈپ، كىشىلەرنىڭ نەق ئۆز ئاۋازىنى، سىنلىرىنى بىر-بىرىگە ئەينەن يەتكۈزىدىغان ئاۋازلىق ئۇچۇر كەسپى بارلىققا كېلىپ، بۇ كەسىپ 微信 دېگەن خەنزۇچە ئاتالغۇ بىلەن يولغا قويۇلىۋىدى, بۇنىڭغىمۇ ئىسىم قويۇش «ئۇستىلىرى» ھېچ بىر ئىككىلەنمەيلا «ئۈندىدار» دېگەن ئۇيغۇرچە ئاتالغۇنى ياساپلا بېشىغا كەيگۈزۈپ قويىۋىدى تۈرلۈك ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ كەڭ قوللىنىشىغا ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ تىل ئىستېمالىغىمۇ تېزلا سىڭىپ كىرىپ «ئۈندىدار» دەپ قوللىنىلماقتا. يېڭىدىن مەيدانغا كېلىۋاتقان مەلۇم كەسىپ ۋە شەيئىلەرنىڭ نام-ئىسىملىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ياكى يېڭىدىن ئاتالغۇ ياساپ قوللىنىش ــــ بۇ ئۇيغۇر تىل تەتقىقاتى ۋە تەرەققىياتىدىكى تەرىپلەشكە تېگىشلىك ناھايتى ياخشى بىر ئىش. ئەمما ئۇ ھەرگىزمۇ يېڭىدىن تۇغۇلغان بىر بوۋاقنىڭ پەقەت جىنسىي ئايرىمىسىغا قاراپلا چىرايلىق ئىسىمدىن بىرنى قويۇپ ئاتىۋالغانغا ئوخشاش ئۇنداق ئاددىي ئىشمۇ ئەمەس! ھەر قانداق بىر شەيئى ۋە بىرەر كەسىپكە ئىسىم قويۇش ياكى ئۇنىڭ باشقا تىللاردىكى ئىسمىنى يەنە بىر تىلغا تەرجىمە قىلىش بولسۇن ۋەياكى يېڭىدىن ئاتالغۇ ياساش بولسۇن، ئۇ چوقۇم شۇ شەيئىلەرنىڭ ئورنى، خارەكتېرى ھەم ئالاھىدىلىكلىرىگە قاراپ، قىسقا، ئىخچام، قوللىنىشچان ھەم شۇ شەيئىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈش ھەم تۇرمۇش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇشتەك ئاتالغۇچىلىق پىرنسىپلىرىغا تولۇق ئەمەل قىلىنىشى كېرەك ئىدى. لېكىن يېققىنقى يىللاردىن بۇيان كەسپىي تەرجىمانلارنىڭ يىلدىن يىلغا ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، يۇقىرىدا دىيىلگەن پىرنسىپ-قائىدىلەرگە زادى ئەمەل قىلىنمايلا، باشقا تىللاردىن نوقۇل ھالدا قوبۇل قىلىنغان، تەرجىمە قىلىنغان ۋە ياسالغان، مەنا ۋە ئۇقۇمى ئېنىق بولمىغان نۇرغۇن خۇنۈك، ئەبجەش سۆز- ئاتالغۇلار ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى «سۆزلۈكلىرى» تىزىملىكىدىن ئورۇن ئېلىپ، تىل ئىستېمالىدا كەڭ قوللىنىلماقتا. بۇ خىل ھالەت ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تىلى ئاتالغۇچىلىق خىزمىتىنىمۇ بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچىرىتىپلا قالماي بەلكى ئۇيغۇر تىلى مۇھىتىنىڭ ساپلىقىنىمۇ تۆۋەلىتىۋېتىدۇ. يېققىنقى مەزگىللەردە پەيدا بولۇپ، كەڭ يانفون ئابونىچىلىرى ئارىسىدا ئومۇملاشقان 微信 ئۇچۇر ئالاقە كەسپىنىڭ ئۇيغۇرچە نامىغا قويۇلغان «ئۈندىدار» دېگەن بۇ ئاتالغۇمۇ دەل يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن شۇ خىل ئاتالغۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ گەرچە قىسقا ۋە ئىخچام ھەم ئاڭلىنىشقىمۇ يېقىملىقتەك تۇيۇلغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە خەنزۇچە خەت مەنىسىدىنمۇ ھەم تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدىنمۇ چەتنەپ كەتكەن مەنتىقسىز ئاتالغۇدۇر. چۈنكى ئىنسانلار پەيدا بولغان ئىپتىدائىي دەۋرلەردىن تارتىپ، تاكى بۈگۈنگىچە بولغان ھەر قايسى دەۋرلەردە ئىنسانلارنىڭ ئوت ئۇچقۇنى،خاس بەلگە، بەلگە ئوقى،ھاۋارايى شۇنىڭدەك يېزىق، ئۈن، سىن قاتارلىق تۈرلۈك ماددىي ۋە مەنىۋىي ۋاستىلەر ئارقىلىق ئۆز-ئارا ئالاقىلىشىپ كەلگەن ئىش- ھەرىكەتلىرى ئۇيغۇر تىلىدا «ئالاقىلىشىش»، «كۆرۈشۈش» دېگەندەك سۆزلەر بىلەنلا ئاتىلىپ كەلدى. ھەرگىزمۇ «ئۇچقۇن دىدار»، «بەلگەدىدار»، «يېزىق دىدار» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن ئەمەس! پەقەت، ئۇلارنىڭ يۈزمۇ-يۈز تۇرۇپ بىر- بىرى بىلەن بويۇنلىرىدىن قۇچاقلاشقان، قوللىرىنى چىڭ سىقىشقان، مەڭزىنى مەڭزىگە يېقىشقان ئىش- ھەرىكەتلىرىلا «دىدار» ياكى «دىدارلىشىش» دېگەن سۆز بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن.خالاس! «دىدار» دېگەن بۇ سۆزگە، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 2011-يىلى نەشر قىلىنغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دە: «① كىشىنىڭ يۈزى، رۇخسارى، تۇرقى؛ يۈز، رۇخسار، جامال: ③ كۆچمە. يۈز كۆرۈشۈش، ئۇچىرىشىش؛» دېگەن سۆزلەر بىلەنلا ئىزاھات بېرىلىپ، ھەرگىزمۇ «ئۈنلىشىش»،«سۆزلىشىش» دەپ ئىزاھات بېرىلمىگەن. دېمەك، ئۈن،سىن ھەم يېزىق قاتارلىق ۋاستىلار بىلەن ئۆز-ئارا خەۋەرلەشكەن ئىش- ھەرىكەت پەقەتلا كىشىلەرنىڭ ئالاقىلىشىش ھەرىكىتى بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ دىدارلىشىش ھەرىكىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا مۇئەييەن ۋاستىلىك رولىنىلا ئوينايدۇ، ئۈنلىشىش ھەرگىزمۇ دىدارلىشىشنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ.تېلېفون ياكى 微信لاردا ئۈنلىشىۋاتقاندا (سۆزلىشىۋاتقاندا) ئۈن بولىدۇ، دىدار بولمايدۇ. ئەممادىدارلاشقاندا تىل ۋاستىسىدىن باشقا ھەرقانداق بىر ۋاستىنىڭ كېرىكى بولمايدۇ. شۇڭا 微信 مۇ يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك پەقەت ئىختىدار جەھەتتىن بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ئوخشاشلا بىر ئالاقە ۋاستىسىدىنلا ئىبارەت. 微信نىڭپەقەت ئادەمنىڭ ئۈنىنى قوبۇل قىلىۋېلىپ قارشى تەرەپكە ئەينەن يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىختىدارىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەتتا ئۇنىڭ خەنزۇچە خەت مەنىسىگىمۇ قارىمايلا، ئۇيغۇرچىدىكى «ئۈن» سۆزىنىڭ كەينىگە زورمۇ-زور «دىدار» سۆزىنى قوشۇپ «ئۈندىدار» دەپ ئاتاش،微信كەسپىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى رولىغا نىسبەتەن ئېيتقانداقىلچىمۇ ئەمەلىيەتچانلىقى ۋە ئىلمىيلىكى بولمىغان بىر ئاتالغۇ بولۇپ، ئۇنى «ئۈندىدار» دەپ ئاتىغاندىن كۆرە مەنا تەرجىمىسى بويىچلا «مىكرو ئۇچۇر» دەپ ئاتىغان بولسىمۇ ھەر ھالدا «ئۈندىدار» دېگەندىن ياخشىراق ھەم مەنتىقلىق سۆز بولاتتى. ئەپسۇس، بۇ ئىسىمنى قويغۇچى، «ئۈن» بىلەن «دىدار» نىڭ مەنا پەرقىنى چۈشەنمىگەچكە ئىككى سۆزنى قوشۇپ، چىرايلىق ئاڭلىنىدىغان بۇ ئىسىمنى ياساپ چىققان. ئەگەر، ــــ ياق! «ئۈندىدار» دېسەك بولىۋېرىدۇ دىيىلسە، ئۇنداقتا، يانفوندا بىۋاستە سۆزلەشكەننىچۇ؟ ئۇنى نىمە دەيمىز؟ تېخى يانفوندا سۆزلىشىش،微信 غا قارىغاندا تېخىمۇ بىۋاستە، تېخىمۇ يېققىن ھەم جانلىق ئەمەسمۇ؟ شۇڭا ئۇنىمۇ «ئۈندىدار» دەپ ئاتىساقلا بولماسمىدى؟ دېمەك،بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە، قانداقتۇر بىرەر نەرسىگە ياكى مەلۇم بىر شەيئىگە نوقۇل ھالدا ئۇدۇل كەلگەنلىكى بىر ئىسىمنى قويۇپ ئاتىۋېلىشلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ نىمە قىلىدىغانلىقىنى، نىمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىيەلەيدىغان، بولۇپمۇ مەنتىقىگە ئۇيغۇن بولغان، قايتا ئىزاھلاش تەلەپ قىلمايدىغان، جانلىق ھەم ئۆزىگە خاس ئىسىمدىن بىرنى دەل جايىغا قويۇپ قوللىنىشتا. شۇڭا، 微信 نى «ئۈندىدار» دەپ ئاتاش ئاڭلىماققا يېقىملىقتەك تۇيۇلغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە تۇرمۇش مەنتىقىسىغىمۇ تۈپتىن زىت بولغان بىر غەلىتە سۆز. مېنىڭچە، ھازىر يانفونلىرىمىزدا قوللىنىپ كېلىۋاتقان 彩信، 微信 دېگەن بۇ كەسىپلەر يەنىلا دەسلەپتە يولغا قويۇلغان 短信 كەسپى ئاساسىدا تەرەققىي قىلىپ بارلىققا كەلگەن، ئىقتىدار جەھەتتە بىر قەدەر ئىلغار ھەم ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇچۇر كەسىپلىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ مەشغۇلات قائىدىسى، مەشغۇلات تەرتىپى ئاساسەن ئوخشاش، پەقەت شۇنىڭدا يوللانغان يوللانمىلار يېزىق، ئۈن، سىن قاتارلىق شەكىللەر بىلەن يەتكۈزىلىدىغان قىسقا ئۇچۇر بولغاچقا، ئۇلارنى ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، يەنىلا 短信 نى «قىسقا ئۇچۇر» ياكى «يازما ئۇچۇر»،彩信 نى «سىن ئۇچۇر»، 微信 نى «ئۈن ئۇچۇر» دەپلا قوللانغىنىمىز تۈزۈكرەكمىكىن دەپ ئويلايمەن. قېنى كەسىپداشلارمۇ بىر نىمە دەپ باقسا بەلكىم ئورتاقلىشىپ قالارمىز. 2013- يىلى 7- ئاينىڭ 10- كۈنى |