قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1637|ئىنكاس: 17

28 يىلدىن كېيىن «قايتا تىرىلگەن»چىن مودەن-ھۆسۈيۈن سالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

139

تېما

0

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   44.16%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1182
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى: 6460
تۆھپە : 4081
توردىكى ۋاقتى: 1193
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
   

    28 يىلدىن كېيىن «قايتا تىرىلگەن» چىن مودەن
  ــ  چوڭ تىپتىكى 6 پەردىلىك ناخشا-ئۇسسۇللۇق ئوپىرا «چىن مودەن» گە ئومۇمىي باھا
   ھۆسۈيۈن سالى
     

                  بۇلتۇر7- ئاي كۈنلەردە قومۇل ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇللۇق ئوپىرا «چىن مودەن» دىرامىسىنى قايتا ئوينىماقچى بولۇپ، جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم، لېكىن شۇ چاغدا بۇ ئىشقا نىسبەتەن مەندە ھېچقانداق بىر خوشاللىنىش،ئىنتىلىش تۇيغۇسى پەيدا بولمىدى. چۈنكى،ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قومۇلنىڭ باغداش تاغلىرىدا يۈز بەرگەن «چىن مودەن» ھەققىدىكى بۇ تىپىك ۋەقەلىكنى 1980- يىلللارنىڭ باشلىرىدا، قومۇل ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ پېنسىيۇنېرى مەرھۇم دىراماتورگ  شاھىدىن گۆھىرى  ئەپەندى 9 پەردە 6 كۆرۈنۈشلۈك دىراما قىلىپ يېزىپ چىققان ھەم  پېشقەدەم  دىراماتورگ تۇرسۇنجان لېتىپنىڭ قەلىمىدە قايتا ئىخچاملىنىپ 6 پەردىلىك دىراما قىلىپ سەھنىلەشتۈرۈلگەندىن  كېيىن 1985- 1986 يىللىرى ناخشا- ئۇسسۇل، دىراما، ئېتوت، كۈلدۈرگە، دوراش سەنئىتى قاتارلىق كۆپ خىل سەنئەت تالانتىنى يىتىلدۈرۈپ، ئۆز زامانىسىدا «قىزىل چىراق»،«غېرىپ- سەنەم»، «غۇنچەم»،«گۈلنىسا»، «ھەسىنىكام ئاچچىق ئامۇتى تاتلىق» قاتارلىق بىر يۈرۈش داڭلىق ئوپىرا، تىياتىر ۋە دىرامىلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاپ، ئاپتونۇم رايونىمىزدا ناھايتى زور تەسىر قوزغىغان، كۆپ خىل تالانت، يۇقىرى ماھارەتلىك ئارتىستلار قوشۇنىغا ئىگە قومۇل ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكى تەرىپىدىن ئوينۇلۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنى ھەيران قالدۇرۇپلا قالماي، ھەتتا ئۇيغۇر تىياتىرچىلىق ساھەسىدە، مۇنتىزىم ئاكتىيورلار قوشۇنى، مۇكەممەل شەرت- شارائىتى، يۇقىرى كەسپىي سەۋىيىسى بىلەن ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقان شىنجاڭ ئوپىرا ئۆمىكىنىمۇ تاڭ قالدۇرغانلىقى ھېلىھەم ئېسىمدە بولغاچقا، ئاز كەم 30 يىل ئالدىدا ئوينالغان بۇ سەھنە ئەسىرىنى ھازىرقى مۇشۇ ئارتىستلار قوشۇنى بىلەن قانداقمۇ روياپقا چىقارغىلى بولار ھازىرقى ئارتىستلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ناخشا-ئۇسسۇل-مۇزىكا كەسپىنىلا ئوقۇغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭىدىن قۇبۇل قىلىنغان ياش ئارتىستلارنىڭ سەھنە ھاياتىنى باشلىغىنىغا تېخى 5 يىلمۇ بولمىسا، يەنە كېلىپ ئوپىرا،دىراما سەنئىتى ــــ ئوبراز يارىتىش سەنئىتى بولۇپ، ئۇ پەقەت مۇئەييەن ئاكتىيورلۇق نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىيىتىگە ئىگە بىر تۈركۈم ئاكتىيورلار بىلەن، ھېچ بولمىغاندا ئاكتىيورلۇق ئەمەلىيىتىدىن ئۆتكەن مەلۇم تەجىرىبىگە ئىگە ئارتىستلار بىلەن ئورۇندىلىدىغان، يۈكسەك چىنلىققا ئىگە بىر خىل سەنئەت تۈرى بولغاچقا، بۇ ئىشتا تولۇق مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشەلەرمۇ- قانداق؟... دەيدىغان تەشۋىشلىنىش، ئۈمۈدسىزلىنىش تۇيغۇسى پەيدا بولغان ئىدى. لېكىن 2013- يىلى 10- ئاينىڭ 12- كۈنى كەچتە 28 يىلدىن بۇيان قومۇللۇقلارنىڭ ئەس يادىدىن چىقىپ كەتكەن ياكى چىقىپ كېتەي دەپ قالغان بۇ شانلىق سەھنە ئەسىرى «چىن مودەن» ئوپىراسىنى كۆرۈپ ھاياجان ياشلىرىمنى تۇتالمىدىم، ھەتتا ئويۇن تۈگىگەندىن كېيىن سەھنىگە چىقىپ ھەممىسىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ، «ياشاپ كەت ! قومۇل ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى، ياشاپ كېتىڭلار ئۇكا- سىڭىللىرىم ! ئۇيغۇر دىرامىچىلىقى سىلەر ئارقىلىق پۈتۈن زېمىننى قاپلىسۇن !!! » دەپ ئۈنۈمنىڭ بارىچە توۋلىغۇدەك بولۇپ، بۇ مۆجىزىدىن قىيالمىغاندەك، كەينىمگە قاراپ-قاراپ زالدىن چىقىپ كەتتىم. ھالبۇكى بۇ قېتىم،  قومۇل ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ، چوڭ تىپتىكى ناخشا- ئۇسسۇللۇق تارىخي ئوپىرا «چىن مودەن» نى قايتا سەھنىلەشتۈرۈپ كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەنلىكىدىن پۈتۈن تاماشىبىن سۆيۈندى، ھەيران قېلىشتى ھەم ئاپىرىن ئوقۇشتى. مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىنىلا تېلېۋىزىيەنىڭ تەرەققىيات تەسىرى بىلەن، كىشىلەرنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىدىن ئاستا-ئاستا ئۆچۈپ كېتىۋاتقان، لېكىن ئەينى يىللاردا ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقنىڭ گۈل تاجىسى ھەم سەردارى سۈپىتىدە كىشىلەرنىڭ مەنىۋىي روھىيىتىگە يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ئۇيغۇر دىرامىچىلىقىنىڭ، 30 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ، زامانىۋىي مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت-سەنئەتنى تەرەقىي قىلدۇرۇشنىڭ تەخىرسىزلىكىگە، مەدەنىيەت-سەنئەت بايلىقلىرىمىزنى قوغداشقا، ۋارىسلىق قىلىشقا بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا بېرىلگەن بىر سىگىنال ھەم ئەڭ ئەمەلىي جاۋاپ دىيىشكە بولىدۇ!  شۇڭا، مەنمۇ جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى، ھەم مۇشۇ ئوپىرانى كۆرۈشكە ئىشتىراك قىلغان بىر تاماشىبىن بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەم يەنە كېلىپ قومۇل ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ يېققىنقى بەش يىلدىن بۇيانقى ھالقىما سۈرئەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە جەمئىيەتكە قوشقان ئۇلۇغۋار تۆھپىلىرىدىن ئازدۇر-كۆپتۇر خەۋەردار بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىم ئۈچۈن بىر تاماشىبىندا بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ ئەقەللىي مەجبورىيەت ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدا تۇرۇپ، مۇشۇ بىر مەيدان تارىخىي ئوپىرانى ئەڭ ياخشى تەكرار ئىجادىيەت ۋە ئەڭ زور مۇۋەپپىقىيەت بىلەن بىر مۆجىزە سۈپىتىدە روياپقا چىقىرالىغانلىقىنى، پەقەت قومۇل ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ مۇشۇ بىر يىلدىن بۇيانقى تەييارلىق ۋە رېپىتىس خىزمىتى بىلەنلا ئەمەس بەلكى بىر قانچە يىللاردىن بۇيانقى كەسپىي خىزمەت ئەمەلىيىتى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن تىپىك نەتىجىلىرى بىلەنمۇ زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەنلىكىمگە ۋە ئوپىرانى كۆرۈش جەريانىدىن ھېس قىلغانلىرىمغا ئاساسەن، قومۇل ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ خىزمەتلىرىگە ھەم مەزكۇر ئوپىراغا قارىتا ئىككى ئېغىز لىللا باھا بەرمەسلىككە  سەنئەتخۇمار قەلبىم يول قويمىدى.

بىرىنچى، قومۇل ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ تەرەققىيات تەپەككۇر يولى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن.
         
        2007 - يىلى قومۇل ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ بىۋاستە كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن، قۇمول ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى ئورگان ئاپپارات ئىسلاھاتى بويىچە مۇئاۋېن ناھىيە-باشقارما دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئەسلىدىكى قۇمول ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكى ئاساسىدا قومۇل ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىگە ئۆزگەرتىلدى، رەھبەرلىك ئاپپاراتى قىسمەن تەڭشىلىپ مۇئەييەن باشقۇرۇش ئىلمى ۋە رەھبەرلىك سەنئىتىگە ئىگە بىر قىسىم پېشقەدەم قابىل كىشىلەر مەزكۇر ئىدارىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىگە سەپلەندى، شۇنىڭ بىلەن ئىدارىدىكى بارلىق كەسپىي خادىملار ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ ئورتاق قوللىشى، رەھبەرلىك بەنزىسىدىكى يولداشلارنىڭ توختاۋسىز ئىزدىنىشى ۋە جاپالىق تىرىشىشى بىلەن، تۇنجى قەدەمدە قومۇل مۇقاملىرىنى قايتا ئۈنگە ئېلىپ، CD پىلاستىنكىسى قىلىپ ئىشلەش خىزمىتىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملىدى. بولۇپمۇ ئەڭ زور خوشاللىق ۋە پەخىرلىك ئىلكىدە تۇرۇپ تىلغا ئالىدىغىنىمىز، مەزكۇر ئىدارىنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى قاتتىق دېتال قۇرۇلىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىدارىنىڭ خىزمەت بىناسى، رېپىتىس، ئورۇنلاش ، كۆرۈش ھەم ئۈنگە ئېلىش بىر گەۋدە قىلىنغان كۆپ ئىقتىدارلىق سەنئەت بىناسى، خادىملارنىڭ تۇرالغۇ بىناسى قاتارلىق ئۇل مۇئەسسەسەلىرىنى ياخشىلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت شارائىتىنى ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ئوخشاش يەرلىك كەسپىي ئورۇنلار ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا يەتكۈزدى. ھەم خىزمەت شارائىتىغا قارىتا، يېڭىدىن بىر تۈركۈم ياش-ئۆسمۈرلەرنى قوبۇل قىلىپ، مۇنتىزىم تەربىيەلىگەندىن كېيىن ياخشىلىرىنى تاللاپ، ئارتىستلار قوشۇنىغا سەپلەپ، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى زورايتتى. ئارتىستلارنىڭ سىياسىي-ئىدىيە، كەسپىي سەۋىيە قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ساپا قۇرۇلىشىنى ئۈزلۈكسىز چىڭ تۇتۇپ، ھازىرغا قەدەر «قوغۇن يۇرتىدا مەشىرەپ»، ھەر يىللىق «قۇربان ھېيىتلىق سەنئەت كېچىلىكى»، «نورۇز بايرىمى مەشىرىپى»، «باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكى»، شۇنىڭدەك مەدەنىيەت-سەنئەتنى ئاساسىي قاتلاملارغا يەتكۈزۈش قاتارلىق سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي خارەكتېرلىك پائالىيەتلەردىن نەچچە يۈز مەيدان ئورۇنلاپ، ئارتىستلار ۋە بارلىق خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئەتىراپلىق يېتىلىشىگە، جەمئىيەتنى چوڭقۇر چۈشۈنۈپ، خادىملارنىڭ ئۆزىدىكى تەبىئىي تالانت ۋە ماھارەتنى تولۇق يېتىلدۈرۈشىگە ھەر جەھەتتىن يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەم رىغبەتلەندۈرۈپ، خادىملاردا ھەر قانداق كەسپىي ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقالايدىغان بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر بولغان ئۇنىۋېرسال كەسپىي ئىقتىدار ۋە ئاساسنى مۇستەھكەم تۇرغۇزدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىمقى «چىن مودەن» ئوپىراسىنى، مەيلى رېجىسسورلۇقتا بولسۇن، ئورۇنلاش ماھارىتىدە بولسۇن ھەم مۇزىكىسىنى ئىشلەش، ئاكورتلاشتۇرۇش ھەم MIDI ، LED، ئاۋاز قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇھىم ھالقىلىرىدا بولسۇن پۈتۈنلەي ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، ئىنتايىن يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى مەھەرەت ۋە يۇقىرى سەۋىيەدە ئورۇنلاپ، ئەمەلىي پاكىت بىلەن كەڭ تاماشىبىنلارنى، ھەم مۇشۇ ساھەدىكى مۇتەخەسىسلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ ھەم چىن كۆڭلىدىن قايىل قىلدۇرۇپ، ئۆز كارامىتىنى جەمئىيەتكە ئاكارە نامايەن قىلدى.
كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شوغۇللىنىپ، ئىدارىنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنى يىلمۇ- يىل ئاشۇرۇپ، كەسىپتىن بوشانغان خادىملارنى كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شوغۇللىنىش يوللىرىغا سەپلەپ، ئىدارىنىڭ ئايلانما ئىقتىساد چەمبىرىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر- بىرىنى قوبۇل قىلىش، بىر-بىرىگە تەرەقىيات مۇھىتى يارىتىش ۋە بىر-بىرىگە تۈرتكە بولۇشتەك ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيىتىنى ئىدارىدىكى بارلىق خادىملارغا، شۇنىڭدەك پۈتۈن جەمئىيەتكە تولۇق ھېس قىلدۇردى.
          دېمەك، قومۇل ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى ئۆزىنىڭ تەرەقىيات ئەندىزىسىدە مۇئەييەن بىر ئىلمىي ئاساسقا ئىگە تەرەقىيات تەپەككۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شۇ تەپەككۇر نىشانى بويىچە يول ئېچىپ ئىلگىرلىگەنلىكتىن، يۇقىرىقىدەك زور تەرەقىياتلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈپ، تەرەقىياتنىڭ يېتەكلەش كۈچى ئارقىلىق، «چىن مودەن» دىرامىسىدىن ئىبارەت بۇ زور ئىلمىي ئەسەرنىمۇ ئاز كەم 30 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە قايتا سەھنىلەشتۈرۈپ، تولۇق مۇۋەپپىقىيەت بىلەن كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھوزۇرىغا سۇندى. شۇڭا بۇنى زامانىۋىي مەدەنىيەتنىڭ تەرەقىيات قەدىمىگە ماسلاشقان، ھەم دەۋىر روھىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈگەن بىر مۆجىزە دەپ قاراشقا تامامەن ھەقلىقمەن.

ئىككىنچى، مەزكۇر ئوپىرادا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپىقىيەتلەر
1. رېجىسسورلۇق خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپىقىيەت.
            مەزكۇر ئوپىرانىڭ باش رېجىسسورى ئايخان ۋايىت بىلەن ئىجىرائىيە رېجىسسورى زاكىر روزىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى نەپەر پېشقەدەم ئارتىست بۇنىڭدىن 28 يىل ئىلگىرى ئوينالغان «چىن مودەن» دىرامىسىدا ئاپپاق بىلەن تەيجىندىن ئىبارەت ئاساسلىق پىرسۇناجلارنىڭ رولىنى ئالغان بولۇپ، پەقەت شۇ پىرسۇناجلارنىڭ ئوخشىمىغان خارەكتېرىنى ئۆزىگە خاس ئوخشىمىغان ئۇسلۇپلاردا يۇقىرى چىنلىققا ئىگە ياراتقان ئارتىستلار ئىدى. مانا بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئىككى پېشقەدەم ئارتىستقا مەزكۇر ئوپىرانىڭ رېجىسسۇرلىقىدىن ئىبارەت بۇ قىيىن ھەم شەرەپلىك ۋەزىپە زىممىسىگە يۈكلىنىپتۇ، لېكىن بۇ ۋەزىپىنىڭمۇ ھۆدىسىدىن ئىنتايىن تولۇق چىقىپتۇ. چۈنكى، بىرىنچىدىن، بۇ ئىككى نەپەر پېشقەدەم ئارتىست كەسپىي رېجىسسورمۇ ئەمەس، ھەم رېجىسسورلۇق كەسپى بويىچە مۇنتىزىم تەربىيە ئالغانمۇ ئەمەس، پەقەت كۆپ يىللىق ئەمەلىي خىزمەت تەجىرىبىسىگىلا ئىگە بولغان پىشقەدەم ئارتىستلاردۇر. ئىككىنچىدىن، مەزكۇر ئوپىرادا مەيلى ئاساسلىق ياكى قوشۇمچە بولسۇن، رول ئالغانلارنىڭ ھەممىسى ناخشا-مۇزىكا، ئۇسسۇل كەسپىنىلا ئوقۇپ مەكتەپ پۈتتۈرۈپ مۇشۇ ئىدارىغا ئىشقا چۈشۈپ، تاكى مۇشۇ قېتىمقى «چىن مودەن» دىرامىسىدا رول ئالغىچە، ئالدىنىڭ 20 نەچچە يىل، كەينىنىڭ 3 يىلغىچە بولغان سەنئەت ھاياتىدا پەقەت رايونىمىزدا ئېلىپ بېرىلغان تۈرلۈك چوڭ-كىچىك كۆرەك ۋە كانسىرتلاردا ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپلا كەلگەن، ئاكتىيورلۇق كەسپىدىغۇ ئوقۇپ باقمىغان ھەتتا بىرەر مەيدان دىراما ياكى ئېتوت ئورۇنلاش پۇرسىتىگىمۇ نائىل بولۇپ باقمىغان، ھەم ئورۇنلاش تەجىرىبىسىگىمۇ ئىگە بولمىغان ياش ئارتىستلار بولۇپ، مەزكور ئوپىرا تۇنجى ئوينالغان دىۋىرلەردە قىسمەنلىرى تۇغۇلغان بولسىمۇ تېخى كىچىك بالا، يەنە بىر قىسىملىرى تېخى تۇغۇلمىغان بولغاچقا بۇلاردا ئوپىراغا نىسبەتەن ھېچقانداق ھېسسىي تۇيغا يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر پۈتۈن ئوپىرا ھەققىدە رېجىسسورلارغا نىسبەتەن غۇۋا ئەسلىمىدىن باشقا ئاساسەن بىرەر ماددىي خاتىرە ساقلانمىغان. شۇڭا ئارتىستلار ۋە باشقا كومپىزىتور، دىكىراتسىيە، سىۋىت لاھىلىگۈچى، كىيىم لاھىلىگۈچى، سەھنە جابدۇقچىلىرى قاتارلىق خادىملارغا نىسبەتەن تولىمۇ قاراڭغۇ بولغان بىر شارائىتتا، رېجىسسورلارنىڭ جاپالىق تىرىشىپ ۋە ئىزدىنىپ، ئارتىستلارغا رول ئېلىش، پىرسۇناج ئوبرازى ۋە خارەكتېرلىرىنى يارىتىش مەھەرەتلىرىنى زېرىكمەستىن ئىنچىكىلىك بىلەن ئۆگىتىپ،ئەتىراپلىق يېتەكلەپ ئارتىستلاردا ئۆزىنىڭ خۇي-خارەكتېرىگە قىلچىمۇ ماس كەلمىگەن، شۇ دەۋىر، شۇ زاماندىكى تۈرلۈك مۇرەككەپ ھەم چىگىش پېسخىكىغا ئىگە پىرسۇناجلارنىڭ ئوبرازىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ يارىتالىغۇدەك يۇقىرى ماھارەتنى يىتىلدۈرۈپ، ئوپىرانىڭ ئوبراز يارىتىش سەنئىتىدە، ئارتىستلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسىنى نامايەن قىلدۇرغانلىقىدىن، مەزكۇر ئوپىرانىڭ رېجىسسورلۇق ۋەزىپىسىنى ئەڭ يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدا تۇرۇپ تولۇق ئورۇنلاپ، ئۆز خىزمىتىدە 1- مۇۋەپپىقىيەتنى قولغا كەلتۈرگەن دەپ قارايمەن. شۇڭا ئايخان ئاچام بىلەن زاكىر روزىغا ئاپىرىن!

2. مەزكۇر ئوپىرانىڭ مۇزىكا سەنئىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپىقىيەت.
              ھەر قانداق بىر سەھنە ئەسىرىنىڭ، مەيلى كىنو، تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولسۇن، ياكى ئوپىرا، دىراما، ھەم جىڭجۈ تىياتىرلىرىدا بولسۇن ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئاساسلىق مۇزىكا ۋە قىستۇرما مۇزىكىلىرى بولسۇن، ۋە ياكى ياندىن بېرىلگەن لېرىكىلىق مۇزىكىلىرى ھەم كەيپىياتىنى ئەۋجىگە كۆتۈرىدىغان مۇزىكا سىۋىتلىرى بولسۇن، بۇ شۇ سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، بۇنىڭسىز چىققان سەھنە ئەسىرىدە ئىستېتىك تۇيغۇ ۋە زوق بولمايدۇ دەپ قارايمەن. مەزكۇر ئوپىراغا بېرىلگەن ئاساسىي مۇزىكا، ناخشا، قىستۇرما مۇزىكا ۋە تەقلىدىي ئاۋازلار شۇنچىلىك جانلىق ۋە جەزبىدار بولۇپ چىققانكى مۇزىكا ئاھاڭلىرىدىكى تۈرلۈك ئۆزگىرىش، رېتىم، ئاكورت، MIDI تېخنىكىلىرىنىڭ شۇنچىلىك جىپىسلىشىشى قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق جەريانلىرى مەزكۇر ئوپىرانىڭ ئىستېتىك قىممىتى ۋە زوق تۇيغۇسىنى ھەسسىلەپ يۇقىرى كۆتۈرگەن بولۇپ، بۇنى ھەر بىر پەردىدە بايان قىلىنغان ۋەقەلىكنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسىنى، ئاساسلىق ۋە قىستۇرما مۇزىكىلار ئارقىلىق تاماشىبىنلارغا ئالدىن يورۇتۇپ بەرگەنلىكىدىن تولۇق ھېس قىلدىم. مانا بۇ مەزكۇر ئوپىرانىڭ مۇزىكا ئىجادىيىتىدە قولغا كەلتۈرگەن يەنە بىر چوڭ مۇۋەپپىقىيەت.بۇ مۇۋەپپىقىيەتتىن خەلقئارالىق كەسپىي نوپۇزغا ئىگە بولغان شاڭخەي مۇزىكا ئىنىستىتوتىدا مۇزىكا نەزەرىيەسى ۋە قانۇنىيەتلىرىنى مۇزىكا ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كومپىزىتورلۇقتا يۇقىرى سەۋىيىسىگە ئىگە بولغان تالانتلىق ياش كومپىزىتور غالىپجان ئەرشىدىننىڭ شاڭخەيدىكى 7 يىللىق جاپالىق ئەجىرىسىنىڭ مېۋىسىنى مېۋىسى ديىشكە بولىدۇ. غالىپ ئەرشىدىننىڭ بۇ زور مۇۋەپپىقىيىتىگە يۈكسەك ئاپىرىن!!

3. ئورۇنداش ماھارىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپىقىيەت.
             مەزكۇر ئوپىرادا رول ئالغان ئارتىستلارنىڭ ھەمىىسى مەن يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەندەك، بىرەرسىمۇ ئاكتىيورلۇق كەسپىدە ئوقۇغان ياكى شۇ كەسىپ بىلەن مەلۇم مەزگىل شوغۇللىنىپ بەققانلار ئەمەس، پەقەت تەيجى رولىنى ئالغان زاكىر روزىنىڭ ئىلگىرى ئوينالغان بىر قىسىم دىرامىلاردا مەلۇم پىرسۇناجلارنىڭ رولنى ئېلىپ، ئۆزىدە مۇئەييەن ئورۇنداش ماھارىتى ۋە ئوبراز يارىتىش سەنئىتىنى يىتىلدۈرگەندىن باشقا قالغان ئارتىستلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەت تەجىرىبىسىمۇ بولمىغان ناخشىچى، ئۇسسۇلچى ۋە مۇزىكانتلار بولۇپ، بۇلار بۇ قېتىم رېجىسسورلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىتىشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى نەتىجىسىدە، ئۆزىدە يېتىلگەن ئورۇنداش جەھەتتىكى ھېسسىي تالانتىنى جارىي قىلدۇرۇپ، كىتابتىكى تۈرلۈك مۇرەككەپ خۇي-خارەكتېرىگە ۋە پېسخىكىغا ئىگە ھەر خىل پىرسۇناجلارنىڭ ئوبرازلىرىنى ئادەمنىڭ مەستلىكى كەلگىدەك دەرىجىدە يۇقىرى ماھارەت ۋە يۇقىرى سەۋىيە ھەم يۈكسەك چىنلىق بىلەن يارىتىپ، بىر پۈتۈن ئوپىرانىڭ ئورۇنداش جەھەتتىكى بەدىئىي قىممىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ھېلى تاماشىبىنلارنى ئىختىيارسىز ھالدا ئۈزۈلدۈرمەي چاۋاك چالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قايناق ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتقان بولسا، ھېلى تاماشىبىنلارنىڭ ھېسسىياتىنى ۋەقەلىككە ئىختىيارسىز باشلاپ كىرىپ ھەقىقىي چىنلىق ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ ھاياجان ياشلىرىنى  سىم-سىم يامغۇردەك قۇيۇلدۇرىۋەتتى. مەسىلەن : ھازىرغا قەدەر ناخشىچىلىق كەسپى بىلەنلا شوغۇللىنىپ، ھېچقانداق ئاكتڭيۇرلۇق سەنئىتى بىلەن شوغۇللىنىش ھەم شۇ كەسىپ بويىچە بىرە قېتىممۇ تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە نائىل بولۇپ باقمىغان، پەقەت ئۆزىنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن ئاپتونۇم رايون ئىچى-سىرتىدا زور تەسىر قوزغاپ، كەڭ تاماشىبىنلار قەلبىدىن ئورۇن ئالغان مول-ھوسۇللۇق ياش ناخشىچى چولپانگۈل يۈنۈس ياراتقان چىن مودەننىڭ ئانىسىنىڭ ئوبرازى بىلەن قومۇل دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئۇسسۇل كەسپىدىلا ئوقۇپ، سەھنە ھاياتىنى باشلىغىنىغا تېخى ئەمدىلا 3 يىلدىن ئاشقان غوللۇق ئۇسسۇل ئارتىسى مېھرىگۈل ئەسەتنىڭ ياراتقان چىن مودەن ئوبرازى بولۇپ، كىتاپتىكى بۇ ئىككى پىرسۇناج ئانا- بالا، بۇ ئىككى ئاساسلىق پىرسۇناجنىڭ تىپىك ئوبرازىنى ياراتقۇچىلار بىر- بىر بىلەن ھېچقانداق تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان، ئىككىسى ئىككى كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، بۇ ئىككى ئارتىس كىتاپتىكى ئانا-بالىدىن ئىبارەت ئىككى پىرسۇناجنىڭ ھەقىقىي ئوبرازىنى شۇنچىلىك جانلىق ۋە خاس چىنلىق بىلەن ياراتقانكى، بۇ ئىككى ئارتىسنى كىتاپتىكى ئىككى پىرسۇناجنىڭ شۇ دەۋىرلەردىكى «خاس ئوبراز» دېسەك مېنىڭچە ئاشۇرىۋەتكەنلىك ئەمەس! چۈنكى كۇلۇپتىكى تاماشىبىنلارنىڭ كۆزىدىن قۇيۇلىۋاتقان ياش، ئالقانلىرىنىڭ ئىختىيارسىز بىر-بىرىگە ئۇرۇلىشىدىن چىقىۋاتقان چاۋاك ساداسى بۇنىڭ دەلىلىدۇر. بۇندىن باشقا يەنە مەردان، شاھ، ئاپپاق، ئىنىك ئانا، تەيجى، ياقۇپ مىراقۇل، دورغا، ئوۋچى نەۋكەر، سالى، نەۋكەر باشلىقى قاتارلىق پىرسۇناجلارنىڭ ئوبرازىنىمۇ ئۆزىنىڭ خاس ئالاھىدىلىكلىرى بويىچە ئىنتايىن يۇقىرى ماھارەت ۋە ھەقىقىي ھېسسىياتى بىلەن  پىرسۇناجلار  خارەكتېرىنى  ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن، ئەنىۋەر ئىبىراھىم، جېلىل ئادۇرېھىم، زاكىر روزى، سائادەت ھادى، روشەنگۈل تۇرسۇن، تاھىر، ئەلقەم ئابلېز، ئىزدۇل، ئابدۇۋەلى، ئەھەتجان ئىبىراھىم قاتارلىق ئارتىستلار ئۆزلىرىگە تەخسىم قىلىنغان روللاردىكى پىرسۇناج خارەكتېرلىرىنى ئوخشىمىغان ئۇسلۇپ، ئوخشىمىغان ھېسسىياتتا، شۇنچىلىك تەبىئىي، شۇنچىلىك چىنلىق بىلەن خۇددى كەسپىي ئاكتىيورلاردەك ھەتتا ئۇلاردىنمۇ ئاشۇرۇپ دېگىدەك ياراتقانلىقى ھەققىدىكى ھېس قىلغانلىرىمنى ماقالا ھەجمىنىڭ بەك ئېشىپ كېتىشىنى كۆزدە  تۇتۇپ، قەلىمىمگە لوختا سېلىشقا مەجبۇر بولدۇم. لېكىن  كىتاپتىكى پىرسۇناجلارنىڭ شۇ دەۋىرلەردىكى ئوبرازىنى ئەينەن، چىنلىق بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ، پىسۇناج خارەكتېرىنى يۇقىرى ئورۇنداش ماھارىتى بىلەن ھەقىقىي يورۇتۇپ بەرگەنلىكى، مەزكۇر ئوپىرانىڭ ئورۇنداش سەنئىتىدە قولغا كەلتۈرۈگەن ئەڭ زور مۇۋەپپىقىيەت دەپ قارايمەن !

4. سەھنە دېكىراتسىيەسى ۋە سەھنە چىراق سىۋىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپىقىيەت.
             ھەممىمىزگە مەلۇم، ھەر قانداق بىر سەھنە ئەسىرىدە، يەنى كۇلۇپ ئىچىدە ئىجىرا قىلىنىدىغان ئوپىرا، تىياتېر، دىراما، كانسىرت، ئېتوت قاتارلىق سەنئەت تۈرلىرىدە ھەتتا دالىدا سۈرەتكە ئېلىنىدىغان تېلېۋىزىيە تىياتېرى، كىنو، تېلېۋىزىيە بەدىئىي فىلىمى، ھۆجەەتلىك فىلىم قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە سەھنە دېكىراتسىيەسى، دالا ئارقا دېكىراتسىيەسى، تەبىئىي ۋە سۈنئىي مەنزىرە قاتارلىقلار بىلەن چىراق نۇرى ۋە چىراق سىۋىتى يۇقىرىدىكى سەنئەت تۈرلىرىنى ئىجىرا قىلىش ھەم ئۇنىڭ بەدىئىيلىكى بىلەن دەۋرىي ئالاھىدىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى. بۇ ئىككى مۇھىم ئامىل بىر- بىر بىلەن سېمىترىك ھەم بېقىندىلىق مۇناسىۋەتكە ئىگە بولۇپ، بۇ ئىككى ئامىلنىڭ يۇقىرىدىكى مۇناسىۋىتى مەزكور ئوپىرادا تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلگەن. شۇڭا ھەر- بىر پەردىدىكى ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇن-جاي ئالاھىدىلىكى دېكىراتسىيە ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن بولسا، چىراق نۇرى بىلەن سىۋىت، شۇ دەۋىردىكى ئىجتىمائىي مۇھىت ئالاھىدىلىكىنى ناھايتى روشەن ئىپادىلەپ بەرگەن. دېمەك مەزكۇر ئوپىرانىڭ سەھنە دېكىراتسىيەسى بىلەن چىراق نۇرى ۋە سىۋىتتە قولغا كەلتۈرۈلگەن يەنە بىر زور مۇۋەپپەقىيىتى شۇكى، ئوپىرانىڭ دېكىراتسىيە ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ياش رەسسام ھەسەن بىلەن ھۆسەن مەزكۇر ئوپىرانىڭ دېكىراتسىيەسىنى يۈكسەك تەپەككۇر ۋە مەسئۇلىيەتچان تۇيغۇ بىلەن مۇشۇ ئىدارىنىڭ پېشقەدەم دېكىراتسىيەچىسى ئەخمەت ئىبىراھىم بىلەن جۈرئەت ئىبىراھىملارنىڭ يېققىندىن ماسلىشىشى ۋە ھەمكارلىشىشى بىلەن 6 پەردىنىڭ 6 كۆرۈنىشىنى ھەقىقىي چىنلىق ۋە ئەمەلىيەتچانلىق بىلەن تولۇق ئىپادىلەپ، دېكىراتسىيەنىڭ جاي-ئورۇن ئالاھىدىلىكى، مۇھىت ئالاھىدىلىكى ھەم پەسىل ئالاھىدىلىكلىرىنى يۈكسەك سەنئەت بەدىئىيلىكى بىلەن تولۇق ۋە مۇۋەپپىقىيەتلىك سىزىپ چىقىپ، مەزكۇر ئوپىرانىڭ بەدىئىيلىكىنى ئاشۇرغان بولسا، مۇشۇنداق چوڭ تىپتىكى ئوپىرالارنىڭ چىراق نۇرى ۋە سىۋىتلىرىنى مۇستەقىل ئىجىرا قىلىش ئارزۇسى بولسىمۇ لېكىن شۇ پۇرسەتلەرگە ئېرىشىپ باقمىغان تىرشچان چىراقچىلار بۇ ئوپىرانىڭ چىراق ۋە نۇر ئارقىلىق ئىپادىلەيدىغان مۇھىم نۇقتىلىرىنى ئىنتايىن جايىدا ھەم يۇقىرى سەۋىيىدە ئورۇنلاپ، ئوپىرانىڭ بەدىئىيلىك جەھەتتىكى پەللىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، چىراق ۋە چىراقچىنىڭ ئوپىرا سەنئىتىدىكى رولىنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق نامايەندە قىلغان. مانا بۇ مەزكۇر ئوپىرانىڭ مۇشۇ تۈرىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن يەنە بىر زور مۇۋەپپىقىيىتى.

ئۈچۈنچى، ئوپىرادىكى يورۇق نۇقتىلار
      1. «چىن مودەن» ئوپىراسىنىڭ ئومۇمىي جەريان ۋە سۈپىتىدىن،مەزكۇر ئوپىراغا قاتناشقان بارلىق خادىملار ئۆز ۋەزىپىسىنى تولۇق ھەم سۈپەتلىك ئادا قىلىش ئۈچۈن، ئوپىرانىڭ يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى سۇپەتتە چىقىشىغا ئۆزلىرىنىڭ پىداكارلىق روھىنى بېغىشلاپ، كۆزلىگەن مەخسەتكە تولۇق يەتكەن.
       2. ئارتىستلارنىڭ روھىي قىياپىتى بەك جانلىق، كۆتۈرەڭگۈ ھەم ئەركىن بولۇپ،ھەممىسىلا خۇددى مۇنتىزىم تەربىيەلەنگەن كەسپىي ئاكتىيۇرلاردەك ھودۇقىدىغان، تۈرتۈلۈپ قالىدىغان، ھېسسىيات ئىپادىلەشتە قورۇنۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمىدى.
       3. ئوپىرا باشلىنىپ پەردە ئېچىلىشنىڭ ئالدىدىكى مۇقەددىمىسى ۋە ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى بارلىق رول ئالغۇچىلار ۋە ئوپىراغا قاتناشقان خادىملارنىڭ ئىسىملىكى سەھنىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ۋە ھەر- بىر پەردە كۆرۈنىشىنىڭ نامى چوڭ ئېكراندا نامايەن بولۇپ تۇرغانلىقىنى پەقەت فىلىملاردىلا كۆرگىلى بولىدىغان بىر فىلىم تېخنىكىسى بولۇپ، بۇ «فىلىم بوسۇغىسى» ۋە «فىلىم ئاخىرىسى» (片尾、片头) دەپ ئاتىلىدۇ. لېكىن بۇ تېخنىكىنى مەزكۇر ئوپىرادا تۇنجى قېتىم كۆردۇق، ئوپىرا باشلانغان مۇقەددىمە كۆرۈنۈش ھەيۋەتلىك مۇزىكا ساداسى ئىچىدە قومۇلنىڭ بەش شەھەر 12 تاغ مەنزىرلىرى3 كۆرۈنۈش شەكلىدە نامايەندە بولغاندا نۇرغۇن تاماشىبىن دەماللىققا ئوپىرانىڭ سىنغا ئېلىۋېلىنغان كۆرۈنىشى قويۇپ بېرىلىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتۇ. دېمەك بۇمۇ كىچىك ئىشتەك قىلغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە، ھازىرقى زامان كومپىيۇتېرچىلىق تەرەقىياتىدىكى يارقىن نۇقتىلارنى ئۇيغۇر ئوپىراچىلىقى بىلەن زىچ بىلەشتۈرۈپ ياراتقان بىر يېڭىلىق شۇنداقلا بىر ئىلمىيلىك دىيىشكە بولىدىغان ياخشى باشلىنىش.
        4. «چىن مودەن» ۋە ئۇنىڭ قۇرداشلىرى كەيگەن كىيىملەر شۇ دەۋىرلەردىكى باغداش قىزلىرىنىڭ ئوبرازىنى ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرگەن بولۇپ، كىيىملەرنىڭ بەدىئىي ئالاھىدىلىكى بىر قەدەرتولۇق گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
       يۇقىرىدىكى 4 يورۇق نۇقتا مەزكۇر ئوپىرانىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ۋۇجۇتقا چىقىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان بولۇپ، ئوپىرانىڭ دەۋىر روھىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشتىن ئىبارەت تۈپ مەخسەت ئىلگىرى سۈرۈلگەن دىيىشكە بولىدۇ.

توتىنچى، ئوپىرادا كۆرۈلگەن قىسمەن يىتەرسىزلىك ۋە مۇجىمەللىكلەر
        1. ئوپىرادىكى شاھ، تەيجى، دورغا ۋە نەۋكەرلەردىن باشقا ئەر پىرسۇناجلارنىڭ كىيىملىرىدە دولان كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىنىڭ پۇرىقى سەل كۈچلۈكمۇ- قانداق؟
        2. ھەر قانداق بىر تارىخىي دەۋىرلەردە بولۇپ ئۆتكەن تارىخىي ۋەقەلەر رومان، پوۋېست، ھېكايە، ئەدەبىي ئاخبارات، ئوچېرىك قاتارلىق ژانېرلاردا يېزىلسا، شۇ تارىخىي دەۋىرلەردىكى شەخىس ۋە  پىرسۇناجلارنىڭ تىلى، ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىت، جاي، ئورۇن قاتارلىقلارنى ئىمكان قەدەر ئەينەن ئىپادىلەش  پىرىنسىپىغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر ئوپىرانىڭ تىل ئىپىدىلەش شەكلىدە يەرلىك شىۋىلەرگە ئانچە ئەھمىيەت بېرىلمەي قالغان. مەسىلەن: شاھ ــــ «مەن بۇ گادايلارغا ئاشلىق، ماي تارقىتىپ بېرىپ.... » يەرلىك شىۋىدە، «ئاشلىق، ياغلىق تارقىتىپ بېرىپ.... » دېسىمۇ بولار ئىدى.ئىنىك ئانا ــــ «ماڭا بۇ ھالرەڭ رەختنى ئوردىدىكى بىر دوستۇم بەرگەنىدى... » يەرلىك شىۋىدە، «ماڭا بۇ گەزنى ئوردىدىكى بىر ئادىشىم ياكى بۇرادىرىم بەرگەنىدى ...» دېسىمۇ بولارئىدى.
        چىن مودەن ــــ «مەن مەرداندىن بەك ئەنسىرەۋاتىمەن....» يەرلىك شىۋىدە، «مەن مەرداندىن دەگدەۋاتىمەن.... » دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر يەرلىك شىۋە بويىچە ئەينەن ئىستېمال قىلىنغان بولسا، تىل ئىستېمالىدىكى ئالاھىدىلىك ئارقىلىقمۇ مەزكۇر ئوپىرادا يۈز بەرگەن تىراگىدىيەنىڭ ئورۇن ۋە يۇرت ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ روشەن يورۇتقىلى بولار ئىدى.

خۇلاسە ئورنىدا :
               ئومۇمەن قىلىپ ئېيىتقاندا، چوڭ تىپتىكى 6 پەردىلىك ناخشا-ئۇسسۇللۇق ئوپىرا «چىن مودەن» نىڭ يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى سۈپەت ۋە يۇقىرى تېخنىكىدا ئىشلىنىپ ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈلگىنى بۇ قومۇل ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيانقى، سىياسىي ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن ئومۇمىيۈزلۈك تەرەقىيات نەتىجىلىرىنىڭ تىپىك نامايەندىسى بولۇپلا قالماي بەلكى قومۇل ۋىلايىتىنىڭ يېڭى دەۋىردىكى سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈشتە، زامانىۋىي مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، مەدەنىيەت  كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش ھەققىدىكى ئىستېراتېگىيىلىك پىلانلىرىنى يولغا قويغانلىقىنىڭمۇ يارقىن نامايەندىسى، شۇنداقلا ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ 2010- يىلى ئاچقان ئەزالار كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان، «ھەر قايسى ئورۇن ۋە تارماقلار ساھەلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش، قاراپ تۇرماسلىق، يۆلىنىۋالماسلىق ئىدىيىسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تەرەقىياتتا ئالدىدا مېڭىپ،كېيىن تەرەقىي قىلىپ، ئېشىپ كېتىشتەك تەرەقىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش لازىم» دېگەن مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ روشەن نامايەندىسى، يول ئېچىپ ئىلگىرلەپ، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىپ، دەۋىر بىلەن تەڭ تەرەقىي قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. شۇڭا نەتىجىلەر ئالدىدا تېخىمۇ سالماق بولۇپ، بۇندىن كېيىنكى تېخىمۇ زور تەرەقىيات نەتىجىلىرىنىڭ سەركەردىسى بولۇپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.

بەشىنچى، قومۇل ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ كەسپىي خىزمەتلىرىگە قارىتا ئۈچ تۈرلۈك تەكلىپ.
1. تەشۋىقات خىزمىتى
         قومۇل ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەن يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيانقى قولغا كەلتۈرگەن خىزمەت نەتىجىلىرىدىن، ۋىلايەتكە قاراشلىق ئىجتىمائىي ساھەلەر ئىچىدە ئەمەلىي خىزمەت نەتىجىلىرى بىر قەدەر گەۋدىلىك ئورۇن بولۇپلا قالماي، ھەتتا ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى يەرلىك كەسپىي ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمەكلىرى ئىچىدە ھەممىلا جەھەتتە ئەڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقان ئورۇن دەپ قارايمان. لېكىن پارتىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم فاڭجېنى بولغان تەشۋىقات خىزمىتى مەزكور ئىدارىدا ئۆز كۈچىنى كۆرسىتەلمەيۋاتىدۇ، ھەر- بىر ئىشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى ئاخبارات ۋاستىلىرى، تاراتقۇلار ئارقىلىق تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، تەشۋىقاتتىن ئىبارەت بۇ ئۈنۈملۈك ۋاستىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تەشۋىقات ئارقىلىق ئىدارىنىڭ ئۆزلۈك قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىپ، قولغا كەلتۈرگەن ھەر-بىر نەتىجىلىرىدىن پۈتكۈل جەمئىيەتنى خەۋەردار قىلىپ، ئىدارىنىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىر دائىرسىنى تېخىمۇ كۈچەيتسىكەن دەپ ئويلايمەن. مەسىلەن: «قومۇل مۇقاملىرى» نى قايتا ئۈنگە ئېلىش خىزمىتىنىڭ باشلانغان ۋاختى، داۋاملىشىۋاتقان ۋاختى ۋە تاماملىنىپ، CD پىلاستىكىسى نەشىردىن چىققان ۋاقىتقىچە بولغان جەريانلار سىنغا ئېلىنىپ «قومۇل خاتىرلىرى» پىروگراممىسىدا تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان بولسا، ھەتتا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «مەدەنىيەت بوستانى» پىروگراممىسىدا مەخسۇس سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇلغان بولسا ھەم مۇشۇ قېتىم قايتا ئوينالغان «چىن مودەن» ئوپىراسىنىڭمۇ پىلانلاش، رېپىتىس، دېكىراتسىيە سىزىش، مۇزىكىسىنى ئىشلەش قاتارلىق جەريانلىرىمۇ يۇقىرىدا دىيىلگەن ئۇسۇل ۋە شەكىللەردە ئالدىن ئالا «شەپە بېرىش» شەكلىدە تەشۋىق قىلىنغان بولسا، بۇ مەزكور ئىدارىنىڭ جەمئىيەتتىكى جەلىپكار كۈچىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىدە ئالاھىدە رول ئوينىغان بولاتتى-ئەمەسمۇ.
2. ئوبراز قۇرۇلۇشى
         باشقا مەمۇرىي ۋە كەسپىي ئورگانلاغا قارىغاندا، كارخانىلاردىن قالسىلا مەدەنىيەت-سەنئەت ئورۇنلىرى ئوبراز قۇرۇلىشىغا ئىنتايىن زور ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. چۈنكى مەيلى كارخانا ئورۇنلىرى بولسۇن، مەيلى مەدەنىيەت-سەنئەت ئورۇنلىرى بولسۇن، ياكى مەكتەپ، مەھەلىلەر بولسۇن ئۆز ئورۇنلىرىنىڭ ئوبراز قۇرۇلىشى شۇ ئورۇننىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. شۇڭا قومۇل-ناخشا ئۇسسۇل ئۆمىكى ئۆزىدىكى بار بولغان ئەۋزەللىكلەرنى يەنى، سەرخىل ناخشىچىلار قوشۇنىغا ئىگە بولۇشتەك ئۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ، خېدىسگۇل، سائادەت ھادى، چولپانگۈل يۈنۈس، ئەركىن كېرەم ھەم ئۇندىن باشقا ياش ناخشىچىلارنى تەشكىللەپ ۋە تەربىيلەپ، ئىدارە نامىدا مەيلى كوللېكتىپ، ياكى شەخىسلەر بويىچە بولسۇن مەخسۇس ئوركىستېرلاشقان ناخشا-مۇزىكا كېچىلىكلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مۇشۇ ناخشىچىلارغا بولغان بىر خىل ئىنتىلىش كۈچىنى ئىدارىنىڭ ئوبراز قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە خىزمەت قىلدۇرۇپ، نەتىجىسى شەخسلەرگە، ئىجتىمائىي ئۈنۈمى ئىدارىغا بولىدىغان قوش ئۈنۈملۈك ئوبراز قۇرۇلۇشى مېخانىزىمىنى تۇرغۇزۇشقا بولامدۇ-يوق؟
3. كومىدىيە ئىجادىيىتىنى كۈچەيتىش
           كومىدىيە (ئېتوت) سەنئىتى ــــ ھەر قانداق بىر كەسپىي ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ سەھنە ئىجادىيىتىدىكى بىر قومۇل ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ سەھنە ئىجادىيىتىدىكى ئەڭ مۇھىم تەركىپ بولۇپ، ئۇ خۇددى تائامنىڭ «تۇزى» دەك مۇھىم رولغا ئىگە. شۇڭا ئۆمەكتىكى ئارتىستلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ قېتىمقى «چىن مودەن» ئوپىراسىدا رول ئېلىش ئارقىلىق كومىدىيە سەنئىتىنى ئورۇنداشنىڭ دەسلەپكى ئاساسىنى تىكلىدى شۇڭا مۇشۇ ئاساسنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ، بىرىنچىدىن، جەمئىيەتتىكى يېزىقچىلىق ئىجادىيىتى بىلەن شوغۇللىنىدىغانلاردىن تەشكىللەنگەن بىر ئىجادىيەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، قەرەللىك ھالدا ئىجادىيەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ياراتقان ئەسەرلىرىنى ۋاختىدا دەلىللەپ، سەھنىلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك دەپ قارالغانلىرىنى سەھنىلەشتۈرۈپ، ئۆمەكنىڭ كەسپىي خىزمەتلىرىدىكى بۇ بوشلۇقنى چوقۇم تولدۇرۇش لازىم دەپ ئويلايمەن.
4. قومۇل مۇقاملىرىنى سەھنىلەشتۈرۈش
           يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك، ئارتىستلاردا ئاكتىيورلۇق ماھارىتىنى يىتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم ئىشتىن بىرسىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىدەك ياخشى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ھەم تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ، قومۇل خەلقىنىڭ قومۇل مۇقاملىرىنى سەھنىلەشتۈرۈشكە بولغان  ئارزۇسى ۋە تەقەززاسىنى تېزرەك روياپقا چىقارسىكەن دەپ ئويلايمەن.
5. شىنجاڭدىكى تۇنجى سەنئەت موزېيى مۇشۇ ئۆمەكتە قۇرۇلسا
          قومۇل ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ سەنئەت ئارخىپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان ماتېرىياللار ئاساسىدا شىنجاڭدىكى تۇنجى سەنئەت موزېيىنى قومۇل ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكى مۇستەقىل قۇرۇپ چىققان بولسا دەيدىغان ئارزۇنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ يۈرگىلى خېلى يىللار بولغانىدى چۈنكى بۇ سەنئەت موزېيىنى قۇرۇپ چىقىشقا قومۇل ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ شارائىتىمۇ يېتىدۇ، قۇربىمۇ يېتىدۇ.

ئىزاھات:
    يۇقىرىدىكى باھا، بايانلىرىم، كۆز قاراشلىرىم، ۋە تەھلىلاتلىرىم پەقەت شەخسەن ئۆزەمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، شۇڭا بايانلىرىمنى بەك يۈزەكى ۋە بە سىستېمىلىق دەپ كەتمەيمەن پىرىنسىپال خاتالىق ۋە قىيسىق كەتكەن مۇجىمەللىكلەردىن خالى بولغىلى بولمايدۇ، شۇڭا توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن، تەنقىدىي پىكىر بولسا قوبۇل قىلىمەن.
ئاتالغۇلارغا ئىزاھات:
            «چىن مودەن» دىرامىسىنىڭ ژانىرىنى ماقالەمدە «ئوپىرا» دەپ قوللاندىم، چۈنكى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى» دە «ئوپىرا» دېگەن بۇ ئاتالغۇغا، «شېئىرىي خۇسۇسىيەت بىلەن دىراماتىك ۋەزىپە ئورگانىك بىرىكىپ يېزىلغان دىراما» دەپ ئىزاھات بېرىلگەن. «دىراما» دېگەن ئاتالغۇغا «ئاپتور تىلى ئارىلاشتۇرۇلماي، دىيالوگ شەكلىدە يېزىلغان سەھنە ئەسىرى» دەپ ئىزاھات بېرىلگەن بولغاچقا، مەنا ئىپادىلىنىشى تولۇق بولسۇن ئۈچۈن «ئوپىرا» دەپ قوللاندىم.
                              
   2013- يىلى 10- ئاينىڭ 13- كۈنى

0

تېما

1

دوست

406

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21777
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 108
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-20
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەدىكى لاۋزا ،  بىر نىمىلەرنىلا  سەھىنىگە ئاچىقماي ، مۇشۇنداق ئەھمىيتى بار  تارىخى ۋەقەلىكلەرنى  سەھنىلەرگە ئاچىقسا ھەقىقەتەن ھاياجانلىنىشقا ئەرزىيدۇ .
بالا ۋاقىتلىرىمدا بىر كۆرگ
قۇتلان تېلفۇنلىرى

2

تېما

0

دوست

318

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21742
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 82
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-20
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ تىلىۋزىيە ئىستانسى 5-قانىلىرىدا قوربان ھىيتلىق غۇنچەم دىراممىسنى بەردى ،قىزىقىش ئىچىدە كورۇپ چىقتۇق.بۇ دىراممىنى ئىلى ئوبلاستىلىق دىرامما ئومىكى ئورۇندىغان بولوپ ناھايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك چىققان بولوپ بۇ دىراممىنى كورگەندىن كىيىن ھىس قىلغانلىرىم ھەر قايسى ۋىلايەتلىك دىرامما ئومەكلىرى ئوز دىيارىدا يۇز بەرگەن تارىخى تىمىدىكى مەسىلەن  تاشۋاي ،گولەمخان ،غىرىپ -سەنەم ،رابىيە-سەئىدى قاتارلىق دىراممىلارنى سەھنىگە ئىلىپ چىقسا بولىدىكەن دەپ ئۆيلاپ قالدىم.

جەننەت قېلىچنىڭ سايىسى ئاستىدا

11

تېما

4

دوست

5496

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16309
يازما سانى: 623
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 1602
توردىكى ۋاقتى: 204
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-22
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ «فىلىم بوسۇغىسى» ۋە «فىلىم ئاخىرىسى» (片尾、片头)
بۇلارنى مۇقەددىمە، خاتىمە دەيدىغۇ دەيمەن

3

تېما

0

دوست

518

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   3.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2513
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 85
تۆھپە : 105
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-21
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قومۇلدا بولمىغاچقا بۇ ئوپېرانى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغان بولساممۇ ، قەلەم ئىگىسىنىڭ بايانلىرىدىن بۇ ئوپېرانىڭ غەلىبىلىك چىققانلىغىنى ھېس قىلدىم. ماقالە ناھايىتى ئەتراپلىق يېزىلىپتۇ . ئاپتورغا رەھمەت ، قومۇل سەنئەت ئۆمىكىدىكى مۇشۇ ئوپېرانى قايتا سەھنىگە ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن ھەسسە قوشقان بارلىق خادىملارغا ئاپىرىن ! بۇندىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق ياخشى سەھنە ئەسەرلىرىنى ئورۇنلاپ ، خەلقىمىزگە سۇنۇشىڭلارغا تىلەكداشمەن . ئەگەر ئىمكانىيەت بولسا ئۈرۈمچىدىمۇ قويۇلغان بولسا چوقۇم كۆرەتتىم .  

0

تېما

0

دوست

378

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   39%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21960
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 102
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-23
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 05:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تېما

yahxilik kilalmisangmu yamanl

1

تېما

6

دوست

9227

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   84.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2771
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2103
تۆھپە : 1413
توردىكى ۋاقتى: 707
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-23
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ماختاۋاتىدۇ . مەنمۇ بېلەت بولسىمۇ ۋاي بولدىلا دەپ بارمىغىنىمغا پۇشايمان قىلىپ قالدىم .

10

تېما

6

دوست

1380

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21721
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 420
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-22
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كۈرۈپ باقماپتىكەنمەن، لېكىن تېمىنى ئوقۇپ ئۇتۇقلۇق چىققانلىقىنى ھېس قىلدىم

0

تېما

0

دوست

39

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22599
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-23
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن قۇمۇلغا بارغان،«چىن مودەن'»ناملىق بۇ ئوپىرانى تېلىۋىزوردىن كۆرۈپ چىقتىم،ھۆسۈيۈن سالى بۇرادىرىمىزنىڭ بايانلىرىدىن بۇ ئەسەرنىڭ مۇۋاپپەقىيەتلىرىنى ھىس قىلغان بولساممۇ مۇنداق تۆت نۇقتىدا يىتەرسىزلىك بارلىقىنى ھىس قىلدىم،بىرىنچى چىن مودەننىڭ ئەسلى ئىسمى شەرۋانۇم ئىدى،لېكىن بۇ ئوپىرادا گۈلخان دەپ ئېلىنىپتۇ،ئىككىنچىسى چىن مودەننىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى تاشپولات مىراقۇل ئىدى، لېكىن ئوپىرادا ياقۇپ مىراقۇل دىيىلىپتۇ،ئۈچنچىسى يۈسۈپ ۋاڭنىڭ قىزىنىڭ ئىسمى مىھنوش خېنىم ئىدى،لېكىن ئوپىرادا زۆھرەخېنىم دىيىلىپتۇ،بۇ تارىخى چىنلىققا ھۆرمەت قىلىنمىغانلىقمۇ قانداق،تۆتىنچىسى زۆھرە خېنىم ئىزچىل ھالدا چىن مودەنگە ھىسداشلىق قىلىپ ئۇنى قاچۇرىۋىتىدۇ،لېكىن ئۇنىڭ ئاتىسى بولمىش ۋاڭ غوجام قىزىنى مۇشۇ خاتاسى ئۈچۈن كاللىسىنى ئېلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ،بىر قىزنى ئېلىشقا توسقۇنلۇق قىلىش ئەلۋەتتە چوڭ خاتالىق ئەمەس ،چۈنكى دادىسى ئالماقچى بولغان قىز ئۆزىنىڭ قىزى بىلەن قۇرداش ئەھۋالدا دادىسىنىڭ بۇ دەرىجىدە ئاچچىقلىنىشى مېنىڭچە تازا مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارايمەن

22

تېما

0

دوست

3905

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   63.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1535
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 826
تۆھپە : 640
توردىكى ۋاقتى: 208
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-22
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆسۈيۈن ئاداش،ماقالىنى خېلى ئەتراپلىق يېزىپسىز. قەلىمىڭىز ھارمىغاي. بۇ ئوپىرا سىز دىگەندەك ناھايىتى ياخشى ئويلىنىپتۇ. مۇزىكىسىمۇ قالتىس ياخشى.مۇزىكانت بىلەن رىژىسورغا ئالاھىدە تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.نەچچە قېتىم مېنىڭمۇ كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتى. پۇتۇن شىنجاڭ دائىرسىدە ئوينالسا قالتىس بەلەن بولاتتى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )