قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1206|ئىنكاس: 14

ﻣﺎﺋﺎﺭﭘﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ(تەۋسىيە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

207

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   69%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15197
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 58
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-22
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-20 23:42  

ﻣﺎﺋﺎﺭﭘﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ



ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ- ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ.ﺑﯩﺮﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺷﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺳﻪﯞﻳﯩﺴﻨﻰ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻠﻪﻳﺪﯗ.ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﻮﭼﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﻩ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯩﻠﻢ ﭘﻪﻧﮕﻪ،ﻳﺎﺵ ﺋﻪﯞﻻﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﺎﻟﻤﺎﻱ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯨﺘﺪﯨﻜﻪﻥ ﺑﯘ ﺷﯘ ﻣﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺯﺍﯞﺍﻟﻠﯩﻘﺎ ﻳﯜﺯ ﺗﯘﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﭘﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﯩﺪﯗ. ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺭﭘﯩﻘﺎ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﺵ،ﻗﻮﻟﻼﺵ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻣﺎﺋﺎﺭﭘﻨﻰ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺶ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻰ ماﺋﺎﺭﯨﭗ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻧﺪﯗﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﻣﻪﺳﯩﻠﻠﻪﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﭘﯩﻜﯩﺮﻣﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻼﺷﻤﺎﻗﭽﯩﻤﻪﻥ.
1.ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺷﯜﻧﭽﻪ ﺋﺎﺳﺎﻧﻤﯘ؟
ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻼﺭﻏﺎ ﻳﯩﯖﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺗﯩﭙﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﺶ،ﺋﯩﺸﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﻧﯩﺴﭙﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ ﻳﯜﺯﺳﯩﺪﯨﻦ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﻤﺘﺎﮬﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺳﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ،ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﻘﺪﯨﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺩﯨﻐﺎﻥ،ﺳﻮﺭﯗﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ.ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﮬﻪﺭﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ.ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﻕ ﻳﯩﯖﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺗﺎﻟﻠﯩﺸﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﻪﻣﯘﺭﻯ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭﺩﯗﺭ.(ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﺋﻮﻗﯘﻗﻰ ﺑﺎﺭ)
ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﻤﺘﺎﮬﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺗﺎﻟﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻳﻮﻟﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﺯﻩﻡ-ﺯﻩﻡ ﺳﯜﻳﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ.ﺧﯘﺩﺩﻯ ‹‹ﺋﻪﺭ ﭼﯩﻘﺴﺎ ﺋﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺮﻩﻱ،ﺋﻪﺭ ﭼﯩﻘﻤﺴﺎ ﺳﯩﺰﮔﻪ››ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ.
ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻯ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺗﻪﺳﺘﻪ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﯩﻠﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻳﻮﻟﻰ ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﭼﯩﻜﯩﻨﯩﺶ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ؟ﻣﯘﺋﺎﺵ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺗﯩﻤﯩﺰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ،ﻣﻪﻣﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﻗﯩﻠﺸﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺯﯨﺮﺍﻕ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﭗ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﺘﯩﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﯩﭽﯩﺪﯗ؟ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻛﯩﺘﺎﭖ- ﮊﻭﺭﻧﺎﻝ،ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ ﺗﯩﻠﯟﯗﺯﯗﺭﻻﺭﺩﺍ ﺗﯩﻠﻼﺩﺍ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ ﺩﯨﻠﻼﺭﺩﺍ ﮔﯜﻟﺨﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﯩﭽﻪ ﻣﻪﺩﮬﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﻳﯘ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺪﯨﻤﺎﮬﻰ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺗﯚﯞﻩﻥ؟ ﺑﯘ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ، ﭘﯘﻝ، ﮬﻮﻗﯘﻕ،ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﻪﻣﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﻛﯚﺭﻧﯩﺸﯩﻤﯘ؟ ﺧﻪﻧﺰﯗﺗﯩﻠﻰ ﺳﻪﯞﻳﯩﺴﯩﻨﯩﻼ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ،ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯜﻧﯟﯨﺮﺳﺎﻝ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻨﻰ،ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻨﻰ،ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﯘﺭﻣﺎﻝ ﻳﺎﻛﻰ ﻧﯘﺭﻣﺎﻝ ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﯩﮕﻪ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﭘﯩﻨﺴﯩﭙﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻘﻤﯘ؟ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﻠﻪﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻛﻪﯓ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺋﻮﻳﻠﯘﻧﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻣﻪﺳﯩﻠﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ.
2. ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠار ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺪﯗ؟
ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﺎﺭﺷﺎ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﻟﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﯩﭗ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻘﺎ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ،ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ ﺑﯩﺮﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﻩﺭﯨﺲ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﻰ،ﻳﯩﻠﻤﯘ-ﻳﯩﻞ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﻩﺭﯨﺴﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻛﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﮔﺎﯕﯩﺮﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﻯ.ﺩﻩﺭﯨﺲ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻘﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺗﻪﻟﭙﯩﺪﯨﻦ ﺷﻪﻛﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺲ، ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺗﻪﻛﺸﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﻢ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﺳﯩﻨﻰ ﻗﺎﺭﻏﯘﭼﻪ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﭖ ﻛﯩﻠﯩﺶ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻘﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ.ﺑﻮﺭ ﺩﻭﺳﻜﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺲ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﯞﺍﺩﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﻩ ﻗﺎﻟﺪﯨﯩﯔ ﺩﯨﺪﯗﻕ.ﻳﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺗﯩﺨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺟﺎﻳﻼﭖ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺩﯨﻴﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ، ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﮭﺘﻴﺎﺟﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﻮﺷﺘﯩﻞ ﺳﯩﻨﯩﭙﻠﯩﺮﻏﺎ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ.ﺩﻩﺭﯨﺴﻜﯩﻠﻨﯩﯔ ﮬﻪﺟﯩﻤﻰ ﻛﯚﭖ، ﺋﻐﯩﺮﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯩﭽﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻼﺭ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﯩﺪﻩ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﺋﯜﮔﯜﻧﯜﭖ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﯗ.ﻳﯩﺰﻻﺭﺩﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ،ﺑﭽﺎﺭﻩ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﺎﻟﺴﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﯜﮔﯩﺘﻪﻱ ﺩﯨﺴﻪ ﻛﯩﺘﺎﭘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺭﻩﺳﻤﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﯩﭽﻨﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯩﻤﯩﻐﺎﻥ،ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﺎﻳﺎﻥ. ﺋﻮﻣﺎﻕ ﺑﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﮔﯩﻨﻪﻱ ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﯜﮔﯜﻧﯜﭖ ﺑﻮﻟﻼﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺳﯜﭘﺘﯩﻤﯩﺰ ﺩﻩﭘﺘﻪﺭ ﻳﯜﺯﺩﻩ ﺋﺎﺷﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺗﯚﯞﻩﻥ.ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻼﺭ ﻳﺎ ﺋﻮﯕﺪﺍ ﻳﻮﻕ ﻳﺎ ﺩﯛﻣﺪﻩ ﻳﻮﻕ.ﺷﯘﯕﺎ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯜﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
3.ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺋﺎﺳﺎﺳﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻤﯘ؟
ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺋﺎﺳﺎﺱ. ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺳﻪﯞﻳﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺟﯩﻖ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ. ﺭﺍﻳﯘﻥ ﺋﯩﭽﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰ ﺳﯩﭙﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﺋﯩﭽﯩﻜﯩﺮﻯ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﯘﺭﺍ ﺳﯩﻨﯩﭙﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ،ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ 1-ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ،ﺑﯩﺮﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯩﭽﻰ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﮬﺎﺩﯨﺴﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ،ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺩﻩﺭﺟﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘﺎ ﺋﯩﺮﺷﯩﯩﺸﻰ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺑﯩﺮﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﯘ ﺭﺍﻳﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺳﯜﭘﺘﯩﮕﻪ ﯞﻩﻛﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺳﯜﭘﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﮔﯜﻧﯜﺵ ﺳﯜﭘﺘﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻗﺎﺑﻠﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﻰ ﺋﯚﻟﭽﯩﻨﯩﺪﯗ. ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﻣﯩﺰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﺳﻴﺎﺳﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ 2-ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﻗﻮﻳﺪﯨﻐﺎﻥ،ﭘﺎﺳﺴﯩﭗ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺷﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺧﯩﻠﻰ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ.ﻳﯩﻘﻨﻰ ﻳﯩﻠﻼﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺗﯩﺨﯩﻤﯘ ﺋﻪﯞﺟﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﺘﻰ.ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﺴﻪ،ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﻧﯘﺭﻣﺎﻝ ﻣﯘﻗﯘﻡ ﺑﻮﻟﺸﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﺗﻪﻟﻪﭘﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻛﯜﭼﻠﻜﻠﯩﻜﺪﯨﻦ ﮬﻪﻡ ﺑﻪﺯﻯ ﻳﻮﻟﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻣﯩﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﺋﺎﯓ ﺳﻪﺯﮔﯜﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻳﯘﻗﯘﺭﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻼﺭ ﺋﺎﺭﺳﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻏﺮﯨﻐﺎ ﺑﻪﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻚ،ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﭼﯩﻘﻤﯩﺴﺎ ﻣﻪﻳﻠﯩﻜﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻣﻪﺳﻠﻪ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻜﻪ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ،ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺩﻩﺭﯨﺲ ﺋﯚﺗﯜﺷﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺗﺎﺯﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻪﻻ ﺑﯩﻠﯩﺶ.... ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻳﯩﻠﻪﺭ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﻟﺪﻯ.
ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ %0ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯘﻻﺳﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻨﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ ﻳﻮﻕ،ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﺍ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﺎﺭ.ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻼﺭ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭙﻤﯘ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺋﯘﺧﻠﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻱ،ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ)ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯﻧﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ( ﺟﯚﻳﻠﯜﭖ ﺋﻮﻳﻐﯘﻧﯘﭖ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ.ﺩﯨﺴﻪﻡ ﮔﻪﭖ ﺟﯩﻖ ﺑﺎﺷﻘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ  ﺩﯨﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﺍﻱ.ﺑﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻼﺭﺩﻩﻙ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﮔﻪ ﮬﯜﻛﯜﻣﻪﺗﻜﻪ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﯩﺮﻩﻙ.ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺩﯨﺴﯩﯖﯩﺰ ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻥ ﺋﯩﻴﯩﺪﺍ 30ﻛﯩﭽﻪ ﺗﯩﺮﻩﯞﻩ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﺑﺎﻗﯩﻤﯩﺰ.ﮬﻪﺭ ﺟﯜﻣﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﺩﻩﺭﯨﺲ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﺰﯨﻨﻰ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﮬﯩﻴﯩﺖ ﺭﻭﺯﺍ ﮬﯩﺘﯩﻼﺭﺩﺍ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﻪﺳﯩﭙﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﺧﺎﺗﯩﺮﺧﻪﻡ ﮬﯩﻴﯩﺖ ﺋﻮﻳﻨﯩﺴﺎ ﺑﯩﺰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻳﻐﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﮬﯩﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻳﻮﻕ.ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺴﻤﻨﯩﯔ ﻳﯩﻨﻜﯩﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯜﺕ ﻗﯩﻠﻤﯩﺰ ﺧﺎﻻﺱ.ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﺎﻡ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﺗﺎﻡ ﺗﻮﺭﯗﺱ،ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﺗﻘﯘﺯﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺗﺎﻝ ﻗﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ،ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﭖ ﺑﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺋﯘﻻ ﮬﻪﺭﻛﯜﻧﻰ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺳﺎﺋﻪﺕ 2-3ﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ(ﺑﺎﮬﺎﻻﺵ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﮔﻪﭖ ﻳﻮﻕ) ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺳﯜﺭﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻻﺗﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺩﯨﺰﯨﻨﻔﯩﻜﺴﯩﻴﻪﻟﻪﺵ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﻘﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﺎﺯﻟﯩﻖ ﻗﯩﻼﻣﯩﺶ،ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺑﯘﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺧﯩﻠﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺩﻩﺭﺟﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﻧﺎﻣﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﻨﯩﭙﺘﯘ. ﺑﯘ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﻣﯘﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯘﭼﯘﺭﺗﯘﭖ ﺗﯘﺭﻣﯩﺰ.ﺑﯘﻣﯘﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﻣﺰﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﻪ ﻛﯚﺭﻧﯩﺸﻰ ﺧﺎﻻﺱ.ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ
ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ 500ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺑﺎﺭ ﺩﯨﺴﻪﻙ ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ 500ﺧﯩﻞ ﻛﺎﻟﻼ 5000ﺧﯩﻞ ﺋﻮﻱ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.ﺑﻪﺯﻯ ﮬﺎﺩﯨﺴﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﯞﺍﺗﻘﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﻣﺎﺷﻨﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﮬﯩﺴﻴﺎﺗﻠﯩﻖ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﺋﺎﺩﻩﻡ.ﺷﯘﯕﺎ ﺑﻪﺯﻯ ﻧﯘﺭﻣﺎﻝ ﮬﺎﺩﯨﺴﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯘﺗﯩﯟﯨﻠﯩﭗ، ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ  ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﮬﺎﻻﺵ ﺋﺎﺩﯨﻠﻤﯘ؟ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﻣﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﺸﯩﻨﻰ ﻛﯩﻢ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﻗﯩﻠﺪﯗ؟
4. ﺋﺎﺭﺧﯩﭙﭽﯩﻤﯘ - ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻤﯘ؟
ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﭘﯜﺗﻤﻪﺱ ﺗﯜﮔﻤﻪﺱ ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ،ﺋﺎﻳﻐﻰ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﻪﺩﯞﻩﻝ،ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﻳﺎﺯﺩﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﺕ،ﮬﺎﺭﺩﯨﻢ ﭼﺎﺭﺩﯨﻢ ﺩﯨﻤﻪﻱ ﻗﯩﻠﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯜﮔﯜﻧﯜﺷﻠﻪﺭ،ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻨﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ،ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﺪﯨﻦ،  ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﯞﻩ ﺳﻮﻣﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﺍﺭ ﻗﯩﻠﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺑﯩﺰﺩﻩﻙ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻗﺎﺗﻼﻡ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﺩﻩ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﺎﺯ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﺧﯩﭙﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﺭﻯ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ﻧﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ،ﻧﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﺋﯩﺸﻠﯩﺸﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﻳﻐﻰ ﭼﯩﻘﻤﺎﺱ ﻳﺎﺯﺳﺎ ﺗﯜﮔﻤﻪﺱ ﺋﺎﺭﺧﯩﭙﻼﺭ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻼﺭﻧﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﭼﺎﺭﭼﯩﺘﯩﭗ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﯘﺳﻼﺷﺘﯘﺭﯞﻩﺗﺘﻰ.ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﻳﻼﭖ ﻛﯜﻧﻠﻪﭖ ﺩﻩﺭﯨﺴﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻣﯘ ﻛﯚﺭﯛﻟﺪﻯ.ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻦ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺑﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﻐﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺗﺎﺭﺗﺴﯩﻤﯘ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﻳﯩﺘﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﺎﺭﺍ ﺑﺎﺭﺍ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ.
ﺩﻩﺭ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﻪﻏﻪﺯ،ﻗﻪﻟﻪﻡ،ﺑﻮﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﻪﺳﯩﭗ،ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﭼﯚﻣﯜﭺ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺷﯘ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﻗﻪﻟﻪﻣﯩﻨﻰ ﻗﻪﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ؟ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ؟
5.ﺳﯘ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻻﻳﻤﯘ؟
ﺳﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺸﻰ ﻻﻱ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﯩﯔ ﻗﯩﻠﺴﺎﻗﻤﯘ ﺳﯜﺯﯛﻟﺪﯛﺭﯛﭖ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ.ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻻﻱ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﺳﺘﺎ-ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺳﯜﺯﻟﯩﺪﯗ. ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﯞﺍﻗﯩﺘﯩﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺳﯜﺯﻟﯩﺪﯗ.ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯩﺮﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺗﻪﺱ.ﻣﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﺘﯘﺭﯗﺵ، ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻳﻮﻟﻴﯘﺭﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ .ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯜﻟﮕﯩﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯩﺪﻳﯩﺴﻰ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺷﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ.ﺷﯘ ﺋﯩﺪﻳﯩﺴﻰ ﺋﯩﻨﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ،ﮬﻪﻗﻘﻪﺗﻨﻰ ﺋﻪﻣﯩﻠﻴﯩﺘﺘﯩﻦ ﺋﯩﺰﺩﻩﺷﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﻧﺎﺋﯘﺳﺘﺎ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺋﻪﮬﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﻮﻳﻼﻧﻤﺎﻱ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﻏﯘﺳﯩﺰ ﭘﺎﺳﺴﯩﭗ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ.ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﻼﺷﺘﯘﺭﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ  ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﯞﺭﯛﻛﻠﯜﻙ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺟﺎﺭﯨﻰ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻣﺎﻱ،ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﻣﻪﺳﯩﻠﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯞﺍﺗﯩﺪﯗ.ﻛﻮﻧﯩﻼﺭﺩﺍ :‹‹ﻛﻮﻧﯩﻼﺭﺩﺍ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩﻩ ﺧﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﻤﺎﭘﺘﯘ››ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﺑﺎﺭ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﺎﮬﺎﻟﺶ ﺗﻮﻻ، ﺑﯩﺰﻣﯘ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﻐﯘﺩﻩﻙ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ‹‹ﺋﯘﮪ››ﺩﯨﮕﺪﻩﻙ ﮬﺎﻟﯩﻤﺰﻣﯘ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯜﻧﯩﻤﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺭﻩﯕﯟﺍﺯﻟﯩﻖ ﺷﻪﻛﯩﻠﯟﺍﺯﻟﯩﻖ ﻗﺎﭼﺎﻧﻤﯘ ﺗﯜﮔﻪﺭ؟

ﺧﯘﻻﺳﻪ ﻛﺎﻻﻡ:
ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ ﺋﺎﻟﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺑﺪﯛﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺋﯩﻤﯩﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﻴﺘﻘﺎﻧﺪﻩ ﻣﯘﺷۇنﺪﺍﻕ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﯟﻩﺭﺳﻪ ‹‹ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺗﻮﻗﯘﻣﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺧﻤﯩﻚ،ﺗﯚﻣﯜﺭﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻓﯩﺰﯨﻚ››ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﯨﺮﮔﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﻗاﻳﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻘﺎ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﻪﻳﻠﻰ.ﻣﯩﻠﻠﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﯚﺯﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺟﺎﭘﺎﻛﻪﺵ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻻﺭﻧﻰ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﻳﻠﻰ.ﺑﯘ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﻛﻪﺳﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﻤﻪﻳﻠﻰ! ﺑﯩﺴﯩﻢ ﺋﯩﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﺴىﯨﻤﯘ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﺴﺎﻕ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯜﻣﯜﺕ ﺑﺎﺭ.ﺋﯜﻣﯜﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﮬﯩﭻ ﻧﯩﻤﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

‹‹ﻛﯚﻛﻠﻪﻱ ﺩﯨﺴﻪﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﯗﻡ ﺳﯘ ﺑﻮﻻﻳﻤﯘ؟ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﻣﯘ››
ﺑﻪﺯﻯ ﻣﻪﺳﯩﻠﻠﻪﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻣﯘﭘﻪﺳﺴﻪﻝ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﭘﯩﻜﯩﺮﯕﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﻤﯩﻐﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ!

ئالمىدەك يۈرەكت

4

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.35%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1035
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2259
تۆھپە : 2595
توردىكى ۋاقتى: 989
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-22
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭمۇ مۇشۇ بالىلارغا قاراپ ئېچىم سېرىلىدۇ.بالىلار توختىماي دەرس ئوقۇيدۇ. ئوقۇتقۇچىلار توختىماي دەرس سۆزلەيدۇ.ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى ۋە ياخشى كۆرىشى بىر ياندا قالىدۇ.باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى مىسالغا ئالسام 2-دەرسخانا دەپ شەكىلگە ئېچىپ قويغان كورژىكلاردىن بالىلار ھىچنىمە ئىگەللىيەلمەيدۇ.بۇ پەقەت ۋەزىپىنى ئۇرۇنداش خالاس.خەنزۇلار ئىشلەتكەن ماتىرياللارنى بىزمۇ بالىلارغا ماس قەدەمدە ئىشلىتىپ ماڭىمىز.ئاتا-ئانىلار مەكتەپكە ماسلىشىپ بالىلارنىڭ ئائىلىدىكى  تاپشۇرۇقلىرىغا يىتەكچىلىك قىلىشى كىرەك .بولمىسا ئوقۇتقۇچىلار رازى بولغىدەك نەتىجە چىقىرىپ بۇلالمايدۇ.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

371

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   35.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21960
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 100
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-23
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 06:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈش ھەرقايىسى ئورگان ۋە ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ باش تارتىپ بۇلالمايىدىغان مەجبۇريىتى
  ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئاتا ئانا ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەجبۇريىتى
  دەپ قارايمەن  

2

تېما

0

دوست

1751

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   75.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19472
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 518
توردىكى ۋاقتى: 83
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-22
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مىنىڭ بىر نىرۋىسى ئاجىىز  تۇققۇنۇممۇ  ئوتتۇرا مەكتەب ئوقۇتقۇچىسدى . تېىخى  سىنىپ مۇدۇرى . ھازىر مائارىپىمىز  ئوزۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ  . تۇزۇم تېخنىكىدىن  ،سېلىنمىدىن مۇھىم .

10

تېما

6

دوست

1380

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21721
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 420
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-22
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي.............مائارىپ چاقچاق قىلدىغان ئويۇن ئەمەس ئىدى..ئەمما..............

9

تېما

1

دوست

941

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   88.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21741
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 28
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-22
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ مائارپىمىزنىڭ سۇپىتى  ھازىر ئىچىكىرى تولۇق ئوتتۇرغا بارغان ۋە شىنجاڭ رايۇن ئىچى تولۇقسىز سىنپىلرغا بارغان ئوقۇغۇچلار بىلەن ئۆلچىندىغان بولىدى .

4

تېما

0

دوست

3443

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   48.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3358
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 629
تۆھپە : 631
توردىكى ۋاقتى: 311
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-22
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ  ھازىرقى  مائارىپىمىز   ۋەزىپە  مائارىپى  شۇ  .

5

تېما

0

دوست

720

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10657
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 208
توردىكى ۋاقتى: 47
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-22
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى مائارىپ ساپاغا ئەمەس سانغا ، ئەمىليەتكە ئەمەس شەكىلگە ئەھمىيەت بىرىدىغان ، جانلىق ، كۈيۈنۈپ ئىشلىگەن ئوقۇتقۇچىلار بىر ياندا قالغان ، ساپاسىز ئۇيۇننى ياخشى بىلىدىغان ئەمەلدارلار بىلەن بىللە ئوينايدىغان پۇلى بارلار ئەتىۋارلىق . ئاندىن  خىزمەت دەيدىغانلارمۇ سائەت دەيدىغان بۇلۇپ كىتىپ بارغان.

17

تېما

0

دوست

1867

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   86.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6824
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 286
تۆھپە : 396
توردىكى ۋاقتى: 75
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-22
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپ باراۋەرلىكى بولماي تۇرۇپ،مائارىپ توعرسىدا سۆزلەش ئارتۇقچقدۇر!!!!

0

تېما

1

دوست

912

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   82.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9200
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 240
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-22
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  مۇلاھىزە قىلىپسىز .مائارىپىمىز مىللىلىگىنى يوقاتقىلى خېلى يىللار بولدى ،بىراق ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن  رېئال ئەمىليەتتىن ئايرىلىپ قالسا بولمايدۇ .سىز ئىيتقاندەك بەزى خاتا ئۇسۇل ۋە قاراشلارنىڭ كاساپىتى تۈپەيلى،  ھازىرقى مائارىپىمىز لاياقەتلىك پۇخرا تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايۋاتىدۇ .بىزگە ئۇنچىلىك كۆپ يوقۇرى بىلىملىك ئىختىساسلىقلارنىڭ كېرىكى يوق ،لىكىن بىز  ئۆزىنىڭ مېڭىسىنى ھەركەتكە كەلتۈرگىدەك ئىقتىدار ۋە ئىدىيەگە ئىگە لاياقەتلىك پۇخرالارغا تولىمۇ مۇھتاج . بۇنداق پۇخرالارنى يېتىلدۇرۇش  مائارىپقا قويۇلغان ئەڭ  ئەقەللى تەلەپ ،مەكتەپلەر مەيلى قانداق تىلدا ئوقۇتمىسۇن ،ئۇلار ئەڭ ئاخىردا لاياقەتلىك پۇخرا (جەمىيەتكە يۈك بولمايدىغان پۇخرا ) تەربىيەلەشتى ئىبارەت بۇ  ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشى كېرەك ..................
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )