قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2648|ئىنكاس: 14

گېرمانىيە«ياۋروپاچە ئىسلام»بەرپا قىلماقچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

133

تېما

3

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.06%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5789
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 2626
تۆھپە : 1733
توردىكى ۋاقتى: 2153
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-22
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

     گېرمانىيە«ياۋروپاچە ئىسلام»بەرپا قىلماقچى


      گىرمانىيە ئىلگىرى خىرىستىئان دىنىنى ئۆزگەرتكەن، (يەنى دىنىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق خىرىستىيان يىڭى دىنى-پىرۇتىستانىت مەزھىپىنى پەيدا قىلغان. -تەرجىماندىن)، يەنى كېلىپ ھازىرقى پاپىنى ئاپىرىدە قىلغان دۆلەت. ھازىر ئۇلار يىڭى بىر ئىلاھى قانداشلىق تىپىدىكى دىن - ئىسلام دىنىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىۋاتىدۇ، لىكىن بۇنىڭ كەلگۈسى تىخى ئىنىق ئەمەس.
     مۇخبىر شىمالدىكى بۇ كىچىك شەھەر ئوسناباۋدىكى بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئازادە دەرىسخانىسىدا 30 غا يىقىن مۇسۇلمان ئىمامنىڭ پىرافىسسۇر سۆزلىگەن يىڭى بىلىملەرنى ئاڭلاۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇ گىرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس گىرمانىيەدىكى ۋەزىپىدىكى ئىماملارغا جەمىيئەتنى ئسىلاھ قىلىش ۋە گىرمانىيەنىڭ ئاساسى قانۇنىنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن تەسىس قىلغان بىر قىتىملىق يىڭى دەرسلىكى بولۇپ، بۇنىڭ مەقسىتى ئىسلام دىنىدىكى دىن ئۈگەنگۈچىلەرگە گىرمانىيەنىڭ مەدىنىيىتى ۋە تارىخنى بىلدۈرۈش ھەم مۇشۇ ئىماملار ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت.
    2011-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى نورۋىگىيەدە يۈز بەرگەن قورقۇنۇچلۇق پارتىلىتىش ۋەقەسى دۇنيانى چۆچۈتتى، چىكىدىن ئاشقان ئوڭچىل تەلۋە،ئىسلامغا قارشى ئۇنسۇر بىرونۋىك ھۆكۈمەتنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن پارتىلىتىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ، 98 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇ مۇشۇ ھەركىتى ئارقىلىق ياۋرۇپادا ئىسلاملىشىشقا قارشى ئوت ئاچتى. بۇ ئىش ياۋرۇپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنى ساراسىمىگە سالدى، گىرمانىيەنىڭ ئىسلام دىنىنى ئۆزگەرتىش پىلانىدا يەنە موھىم نوقتا بولۇپ، نۆۋەتتىكى جىددى مەسلىگە ئايلاندى.
پۇخ تەتقىقات ئورگىنىنىڭ تەكشۈرشىگە ئاساسلانغاندا ھازىر ياۋرۇپادا 44 مىلىيۇن مۇسۇلمان بولۇپ، پۈتۈن نوپۇسنىڭ %6 نى ئىگەللەيدىكەن، نوپۇسنىڭ ئىشىش سۈرئىتىگە قارىغاندا 2030-يىلى ياۋرۇپادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانى نوپۇسنىڭ %8 نى ئىگەللەيدىكەن. ياۋرۇپادىكى مۇسۇلمانلار رايۇنى ياۋرۇپالىقلار ھەزىم قىلالمايدىغان مەدەنىيەت توپى بولۇپ، بۇ مۇسۇلمانلار ئۆزىنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، ئۆرىپ -ئادىتى ۋە دىنىنى ساقلاپ قىلىشقا تىرىشماقتا، نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئوڭچىللار بۇ ئىشلارغا چىداپ بولالماي ئارقا -ئارقىدىن مۇسۇلمانلارغا قارىتا تىرورلۇق ھۇجۇمى قىلماقتا، ئۇلارنى ئۆز دۆلىتىگە قوغلىۋىتىشكە ئۇرۇنماقتا.
    ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا ياۋرۇپادىكى دۆلەتلەر كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ،شۇ دۆلەتلەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان مۇسۇلمانلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋەتمەكچى بولۇپ ئۇلارغا قارىتا سىياسىي، ئىقتىسادى، مەدىنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزگەرتىش ئىلىپ باردى. لىكىن بۇنىڭ ئۈنۈمى ئاھايىتى ئاز بولۇپ، ياۋرۇپا جەمىيىتى بۇ قاتتىق سۆڭەكنى يۇتۇۋىشكە ئامالسىز قالدى. ئۆتكەن يىلى كۈزدە گىرمانىيە زۇڭلىسى مىركىل بايانات ئېلان قىلىپ ئاسلىماتسىيە سىياسىتىنىڭ ئۈزۈل -كىسىل مەغلۇپ بولغانلىقىنى جاكارلىدى، ئارقىدىنلا فىرانسىيە زۇڭلىسى ساركوزى ۋە ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامىرۇن گىرمانىيە زۇڭلىسىغا ئوخشاش ئەپسۇسلۇقنى ئىپادىلىدى.
يىقىندا گىرمانىيە ھۆكۈمىتى ئىماملارغا قارىتا تەربىيلەشنى يولغا قويۇپ يىڭىچە بىر يول تىپىشنى ئارزۇ قىلدى.
     ئۇلار ئىماملارغا ياۋرۇپا مەدەنىيىتىنى ئۈگىتىپ، ئۇلارغا ياۋرۇپا قىممەت قارشى ۋە غەرىپ جەمىيەت ئىلمىنى، دىنى پائالىيەت ۋە يۇسۇنلارنى ئاستا-ئاستا سىڭدۈرۈپ،ئاخىرىدا ياۋرۇپاچە ئىسلام بەرپا قىلماقچى بولدى.
     گوللاندىيەدە ھۆكۈمەت مۇشۇ خىل ئۇسۇلنى قوللاندى. يەنى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىلمى مۇھاكىمە سورۇنلىرىنى ئىجارە ئىلىپ، مەسچىتلەردىكى ئىماملارنى شۇ يەر مائارىپى بىلەن تەربىيلەپ ئۇلارنى ئۆزگەرتمەكچى بولدى.
     فىرانسىيەدە بۇخىل تەربىيلەش ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتى، ھۆكۈمەت مەبلەغ چىقىرىپ، ئالىي مەكتەپلەر ياردەملىشىپ بىجىردى. خۇددى فىگارۇ گىزىتىدە ئىيتىلغاندەك: - فىرانسىيە ھازىر پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىماملارنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ.
نورۋىگىيەدىكى ئوسلۇ ئۇنۋىرىستىتى نۆۋەتتە شىۋىتسارىيەدىكى ئۇپسالا ئۇنۋېرىستېتى بىلەن ھەمكارلىق ئىمزالاپ، بۇ يىل كۈزدىن باشلاپ مەسچىتلەردىكى ئىماملاردىن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ ئۇلارنى ياۋرۇپا مەدىنىيىتى ۋە ئىدىيە مائارىپى بىلەن تەربىيلەپ، ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئۇلارغا لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى تارقىتىشنى قارار قىلدى. بۇ كىنىشكە ئۇلارنىڭ ئىماملىق سالاھىتىنى ھازىرلىغانلىق بەلگىسى بولۇپ، مۇشۇ كىنىشكە بىلەن ھەر قايسى مەسچىتلەرگە بېرىپ ئىماملىق قىلسا بولىدىكەن.
    ئوسلۇ ئۇنۋېرىستېتى ئىلاھىيەتشۇناسلىق ئىنىستۇتىنىڭ مۇدىرى تىرىگ. ۋىل مۇنداق دېدى: - نورۋىگىيەدە يۈز بەرگەن تىرۇرلۇق ۋەقەسى ئۇلارنىڭ ئىماملارنى تەربىيلەش ئىشىنى تىزلەشتۈردى بۇ ھەم دەۋىرنىڭ تەقەززاسى.
     گىرمانىيە ھۆكۈمىتى 5 چوڭ ئالىي مەكتەپكە 4 مىلىيون مەبلەغ سېلىپ مەخسۇس گىرمانىيەدىكى ئىماملارغا قارىتا ئىدىيە تەربىيلەش سىنىپى ئىچىپ مەخسۇس تىزىس تۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. مەسلەن ھازىر ئوسناباۋ تەجىرىبىسى ھەر قايسى مەكتەپلەر سىناپ قوللىنىدىغان ئۈلگىگە ئايلاندى، نۇرغۇن مەكتەپلەر ئوسناباۋغا كىلىپ تەجىرىبە ئالماشتۇردى. ئۇلار مەكتەپتە سالاپەتلىك كىيىنگەن ئىماملار ھەم يۈزنى ئورىۋالغان ئاياللانىڭ ئەستايىدىل دەرس ئاڭلاۋاتقانلىقىنى كۆردى.
    كۇرسانتلارنىڭ ئىچىدىكى گىرمانىيەنىڭ غەربىدىن كەلگەن ئىماملارنىڭ ۋەكىلى سەرمان. ياۋۇز بىر قىتىملىق يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان بولۇپ ئۇ گىرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىغا كەڭچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلىمەكتە ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: - ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى ئىسلام دىنىنى چۈشەنمەيدۇ. بىزنىڭ ئاشكارە مۇھاكىمە يىغىنىمىز نۇرغۇن قىززىققۇچىلارنى جەلىپ قىلدى. ئۇلار كۆزلىرىنى يوغان ئىچىپ ئىسلام دىنىغا بولغان قارشىنى ئۆزگەرتتى،ئاداۋەتلىرىنى يوقاتتى.
    نۇرغۇن ئەمەلدارلار ۋە پۇقرالار ھازىر گىرمانىيەدە مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىقىنى قوبۇل قىلالايدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ گىرمانىيەدە مەڭگۈلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلالايدۇ. شەرقىي-غەربىي گىرمانىيەنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرلەش يىغىنىدا گىرمانىيە زۇڭتۇڭى ۋۇرفۇ پۈتۈن مەملىكەتكە سۆزلىگەن تىلېۋىزىيە نۇتىقىدا: - ئىسلام دىنى گىرمانىيەگە تەۋە دىن دېگەن بىر ئىغىز سۆزى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ۋە مۇنازىرىگە سەۋەپ بولغان، لىكىن كۆپ قىسىم ئەمەلدارلار قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
گىرمانىيە ھۆكۈمىتى 1970-يىلدىن باشلاپ سىرتتىن نۇرغۇن ئىشلەمچىلەرنى قوبۇل قىلغان، ئىزچىل ئۇلارغا قارىتا ۋاقىتلىق ياللاش سىياسىتىنى قوللانغان. لىكىن بۇ ئىشچىلارنىڭ كۆپ قىسمى شۇ جايدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان، گىرمانىيەدە توي قىلىپ بالىلىق بولغان، ياۋۇزنىڭ دادىسى بۇنىڭ تىپىك مىسالى. ھۆكۈمەتنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا گىرمانىيەدە ھازىر 4 مىلىيۇن 300 مىڭ مۇسۇلمان بولۇپ،ئۇلارنىڭ 3دىن 2 قىسمى تۈرك. ياۋۇز كىچىك چىغىدا تۈركىيەگە ئەۋەتىلىپ ئىسلام مەسەنىيىتىنى ئۈگەنگەن، كىيىن گىرمان ئەدەبىياتى ۋە تۈرك ئەدەبىياتىنى ئۈگەنگەن، ئۇزۇن ئۆتمەي بىر مەسچىتنىڭ ئىماملىقىغا تەكلىپ قىلىنغان.
    ئومۇ باشقىلارغا ئوخشاشلا گىرمانىيەدىكى ئىسلامنى خاتا چۈشىنىش ۋە كەمسىتىشتىن نارازى، مەسىلەن ئۇنىڭ يانچۇقىدا بىر پارچە گىزىت بار بولۇپ ئىچىدە ئىسلامغا دائىر بىر ماقالە بار، ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: -كۆپ قىسىم گىرمانىيەلىك ئىسلامغا قارىتا گۇمان نەزىرىدە قارايدۇ. يەنە تىخى بىر خەلق رايىنى تەكشۈرۈشتە %60 تىن كۆپرەك گىرمانىيەلىك مەسچىتلەرگە سەلبىي نەزەردە قارايدۇ.
گىرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئىماملارغا قارىتا تەربىيلەش ئېلىپ بېرىشى مۇسۇلمانلار رايونىدا ياخشى ئىنكاسقا ئىرىشتى. كۆپ قىسىم مۇسۇلمانلار كوللىكتىپى بۇ ھەركەتنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار ئىسلامنىڭ تىزرەك گىرمانىيە جەمىيىتىگە قوبۇل قىلىنىشىنى، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قانۇنلۇق قوبۇل قىلىنىپ بۇندىن كىيىن قايتا كەمسىتىشكە ئۇچرىماسلىقىنى ئۆمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۈگۈنكى كۈندە گىرمانىيەدە 900دىن كۆپرەك مەسچىد بولۇپ بۇلارنىڭ 3دىن بىرىدىن كۆپرەكىگە تۈركىيىدىن تەكلىپ قىلىنغان كىشىلەر ئىماملىق قىلىدۇ، ئۇلار گىرمان تىلى بىلمەيدۇ، لىكىن، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ گىرمانىيە مەدەنىيىتىنى بىلمەيدىغانلىقكىدىن دىرەك بەرمەيدۇ. لىكىن مۇسۇلمان رايونىدا چوڭ بولغان بالىلار ئارسىدا مەدەنىيەت ئايرىمىچىلىقى مەۋجۇت.
    تىل توسالغۇسى سەۋەبىدىن ئىماملار بىلەن خەلق ئارسىدا ئالاقە قىيىنچىلىقى پەيدا بولۇپ بەزى زىدىيەتلەر پەيدا بولدى. بۇ ھازىرقى ھۆكۈمەت دىن ئىدارىسى كۆرۈشنى خالىمايدىغان ئەھۋال.

2

تېما

0

دوست

1771

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   77.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19472
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 524
توردىكى ۋاقتى: 83
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-23
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     دىن ئادەمنى ھايۋاندىن  پەرىقلەندۇرۇپ تۇردىغان بىرخىل ئىتىقات ، ئۇنى تاشقى سەۋەپ بىلەن  ئوزگەرتكىلى بولمايدۇ .  دىن بىلەن تولا  ئېتىشقانلار  ئادىمىلىكى ئاجىز ھايۋانىلىقى كۇچلۇك كەلگەنلەر  بۇلۇپ ، ئادەم  ھايۋانغا ئوزگىرىپ كەتسە ئادەملەرنىڭ  ئىستىمال مەھسۇلاتىغا ئايلىنىپ كىتىدۇ .
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

202

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   67.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22168
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 62
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-21
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسسىز .بۇرادەر.      ھەممە يەردە باركەن دە ئۇ ئىش...

0

تېما

2

دوست

1625

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   62.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9483
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 126
تۆھپە : 386
توردىكى ۋاقتى: 298
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-23
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گېرمانىيە ۋەتەن پەرۋەر دىننى زاتلارنى تەربىيلەۋېتىپتۇ - دە .

55

تېما

0

دوست

6698

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2937
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1507
تۆھپە : 1050
توردىكى ۋاقتى: 1754
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-23
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋارە بولماڭلار بەرىبىر مەغلۇپ بۇلىسىلەر ........ئەڭ ياخشىسى سىلەرمۇ ئىسلامغا ئوڭ كۈزۈڭلار بىلەن قاراپ قۇيۇڭلار

55

تېما

0

دوست

6698

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2937
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1507
تۆھپە : 1050
توردىكى ۋاقتى: 1754
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-23
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياۋرۇدا ئىسلام مۇنداق تارقىلۋىتىپتۇ

ياۋرۇپادىكى مەلۇم شەھەردە بىر قانچە مۇسۇلمانلار ئىسلام دىنى تۇنۇشتۇرۇلغان كىتاپ -dvd دەي- imp3 لەرنى بىر <<تەلەي سومكىسى>> دەپ ئاتىلىدىغان سۇمكصلارغا قاچىلاپ يۇلدىكى ئۆتكەن كەچكەنلەرگە ھەقسىز تارقىتۋىتىپتۇ . ............



مةنبة  http://v.youku.com/v_show/id_XNDI4NTQzNTA4.html

11

تېما

0

دوست

1998

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   99.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15446
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 43
تۆھپە : 578
توردىكى ۋاقتى: 79
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-23
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 19:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلار نىمانداق رەزىل

5

تېما

1

دوست

1396

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   39.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15646
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 388
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-22
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 20:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇففارلار ، مۇشرىكلار(ئاللاھقا باشقا نەرسىلەرنى شىرىك كەلتۈرگۈچىلەر )، يەھۇدىلار، خرىستيئانلار  ئىسلام دىنى (ئاللاھنىڭ  دىنى) غا  ئەزەلدىن دۈشمەنلىك قىلىپلا كەلگەن .  ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئاللاھ  ھىدايەت قىلىپ  مۇسۇلمان بولغانلىرىمۇ بار .ئەمما بەك ئاز. ھازىر بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى  ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن شەرەپلىك ھالدا مۇسۇلمان ( ئاللاھقا ،ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان)لارمىز. ئەمما  ئىمان ئېيتىپ تۇرۇپ قۇرئان كەرىمنگە ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىگە  خلاپلەق قىلىپ قويۇدىغانلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس .ئاللاھ  گۇناھىمىزنى مەغپىرەت قىلغاي . ئۇيغۇرلار ھازىرقى ئەھۋالدا ئىمانىنى كۈچەيتىشكە مۇھتاج.

4

تېما

1

دوست

813

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   62.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17372
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 260
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-23
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 20:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mustabit يوللىغان ۋاقتى  2013-10-21 20:32
كۇففارلار ، مۇشرىكلار(ئاللاھقا باشقا نەرسىلەرنى شىرىك ...

نادىر ئىنكاس

1

تېما

4

دوست

2286

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   9.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 656
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-23
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈكۈت........
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )