- تىزىملاتقان
- 2013-9-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 267
- نادىر
- 0
- يازما
- 18
ئۆسۈش
89%
|
‹‹ غەربىنىڭ ھەممە نەرسىسى ئىلغار ۋە ھەممە نەرسىسى قالاقمۇ ئەمەس. بىز ئۇيغۇرلار غەرب ئەللىرىدىن ئۆگىنىدىغان نەرسىلەرمۇ ناھايىتى كوپ. ئەڭ ئەقەللىسى دىيانەتلىك بولۇش، راستچىللىق، ۋەدىدە تۇرۇش، كىشىنىڭ رىزقىگە قول سالماسلىق، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ۋە شەخسىيىتىنى ھۆرمەتلەش، ھەرقانداق كىشىنىڭ ياشاش يولىدىكى تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىش…… قاتارلىقلاردىن تارتىپ يەنە نۇرغۇن ئىنسانلىقنىڭ زۆرۈر بولغان خىسلەتلىرىگىچە...
ئەگەر بىز ئەقىل كۆزىمىز بىلەن، دۇرۇس ئادەملىك نىيەت بىلەن ئەتراپىمىزغا باقساق بۇ دۇنيا ئەسلى گۈزەل دۇنيا ! ئىشىنىمەن، بۇ دۇنيا ئۇيغۇرغىمۇ چوقۇم كۈلۈپ باقىدۇ!››
رەخمەت ئىنىم .سىز يۇرتتىن ئايرىلىپ،ئانا ۋەتەننى سىغىنىش بىلەن بىرلىكتە ۋەتەنداشلار بىلەن تەرەققى قىلغان غەرپ ئەللىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىنسانى غۇرۇرى ،ئادىمىلىگى،كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىناقلىق،كۈيۈنۈش،مىھرىۋانلىق قاتارلىق ئادەمدە بولۇشقا تىگىشلىك ئەقەللى ساۋاتنى ئىنتايىن ئىخچام،چۈشۈنۈشلىك قىلىپ خۇلاسىلاپسىز.شۇنداق ،بۇ پاساھەتلەك سۈزلىرىڭىز مىنىڭچە بۇ ماقالىنى كۈرگەن ھەر بىر توردىشىمىزغا تەسىر قىلىدۇ.نىمە ئۈچۈن بىز ھازىر شۇنداق بولۇپ قالدۇق؟ئۈز ۋاختىدا دۇنيا مەدىنىيىتىگە زور تۈھپىلەرنى قوشقان،تارىختا نۇرغۇن گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان،ئورتا ئاسىيادا بىزدىن تەلىم ئالىدىغان مۇشۇنداق بىر بۈيۈك مىللەتنىڭ ھازىرقى ھالىتى ئادەمنى ھەقىقەتەن چۈچىتىدۇ.ئىتىپاقسىزلىق،ھەسەتخورلۇق،مەدىنىيەتسىزلىك،...بۇ لار بىزنىڭ چىكىنىشىمىزمۇ ياكى يوقۇلىشىمىزمۇ؟
ھازىرقى دۇنيا تەرەققىياتى،كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت،ئىنساننىڭ ئىنسانى غۇرۇرى،ئادىمىلىگى،ئۈز ئۈزىنى ھۈرمەت قىلىش،ئۈزۈنى ئاسراش، ئۈزگىنى ھۈرمەتلەش ،ئىشقىلىپ ئادەم بولۇپ بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەن ئادەمدەك ياشاش تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان،ۋە شۇنداق ياشاۋاتقان بۇ گۈزەل دۇنيادا، بىزنىڭ بەزىبىر قىرىنداشلىرىمىز نىمە قىلىۋاتقاندۇ؟نىمىشقا ئۈزىنىڭ ھاياتىنى مەنىلىك ،خاتىرجەم ،بەختلىك ئۈتكۈزمەيدىغاندۇ؟ھەر بىر ئىنسان ئۈزىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىغا لايىق ياشىسا،ئاز بولسا ئازچە،كۈپ بولسا كۈپچە تۇرمۇش كەچۈرسە.كىيىنكى ئەۋلاتلارغا ئىسىل ئەخلاق ،گۈزەل مۇھىت قالدۇرسا،باللارۈا ئۈلگە بولسا، دەپ ئويلايمەن.ھەر قانچە كەمبەغەل بولساقمۇ روھىمىز كەمبەغەل بولمىسا.ئۈزىمىزنىڭ ئختىدارسىزلىقىنى جەمىيەتتىن، خەقتىن كۈرمەي،ھورۇنلىقىمىزدىن ،خىيال پەرەسلىگىمىزدىن كۈرسەكمىكى دەيمەن.
ھەممە دۈلەتتە كەمبەغەل ئادەم بولىدۇ،لىكىن كەمبەغەللىك ھەرگىز مەدىنىيەتسىزلىكنىڭ مەنبىيى بولالمايدۇ.
|
|