قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1748|ئىنكاس: 17

غەرىبتىكى ئىنسانلىق سۆيگۇسىدىن تۇغۇلغان ئويلار (1)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

1

دوست

349

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   24.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 38
تۆھپە : 92
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-23
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

غەرىبتىكى ئىنسانلىق سۆيگۈسىدىن تۇغۇلغان ئويلار (1)

ئەزىز ئەيسا (ئەلكۈن)



      مەن بۈگۈن ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىۋاتسام مەن ئىشلەيدىغان بىنانىڭ ئالدىدىكى مەيداندا خالىس سەنئەتكارلار نەچچە يۇزلىگەن كۇنلىكلەرنى بىر-بىرىگە چېتىپ كۈنلۈكتىن ئۆي ياساپتۇ. ئۆينىڭ تۇرىسىنى رەڭسىز پلاستىك كۈنلۈك بىلەن پۈتتۈرۈپتۇ. مۇنداق قىلىشىدىكى مەقسىدى دۇنيادىكى نامرات بالىلار ئۇچۇن ئىئانە يىغىش ئىكەن.
     مەن ھەر كۇنى ئەتىگەن ۋە كەچتە يەر ئاستى تۆمۈر يولىغا كىرسەم مۇزىكانتلارنىڭ ۋاگزال ئىچىدە يولۇچىلارغا مۇڭلۇق مۇزىكا چېلىۋاتقىنىنى كۆرمەن. ئۇلارنى برىتانىيەلىكلەر "busking" دەپ ئاتايدۇ (مەنىسى كوچا ۋە يوللاردا مۇزىكا چالىدىغان ئادەملەر دىگەننى بىلدۈرىدۇ). ئۇلارنىڭ مەقسىدى شۇ ئۆزلىرى ياخشى كۆردىغان مۇزىكىسىنى يولۇچىلارغا ئاڭلىتىشنى ئارزۇ قىلغان بولسا ۋە بۇ ئارقىلىق كىشلەر تەرپىدىن بېرىلگەن ئاز تولا سەدىقە پۇللارغا تاينىپ تۇرمۇشىنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈش ھەم بۇ ئارقىلىق ھاياتىغا تەسەللى تېپىش بولسا كېرەك. ئەمما ئۇلار بۇ ھاياتىدا ئۆزلىرى ياخشى كورگەن كەسپىنى قىلالىغانلىغىدىن پەخىرلىنىپ ياشايدىغان، كۆڭۈلگە، ئىنسانلىققا باي كىشىلەردۇر.

     بۇ غەرىپ ھايات مەنتىقىسىنىڭ جۇملىدىن شەھەر مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ كىشلەر خالىس ھالدا نامراتلارنى، دۇنيانىڭ ھەر جايلىرىدىكى قىيىن كۈنلەرگە قالغان ئىنسانلارنى يۆلەش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆز ئارا ئىنسانلىق مۇھەببىتىنى يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن...
     مەن بۇ خىلدىكى پىداكار (volunteer)  كىشىلەرنىڭ ئۆز قولىدىن كېلىدىغان تالانتى ۋەياكى سەنئەت ئارقىلىق باشقىلارغا بەخت يەتكۈزۈشتەك بۇ روھىغا قايىلمەن. بىز ئۇيغۇرلاردا بۇ ھەقتە مۇنداق بىر ئاتا سۆزى بار "بىكار يۈرگىچە بىكارغا ئىشلە".




      بەلكىم لوندون شەھىرىدە بۇ خىلدىكى خالىس پىداكارلار ھەمىشە سىزگە ئۇچرايدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ بەختى ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلغۇچىلاردۇر. ئۇلار بۇ خالىس خىزمەتلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىگە روھى ئوزۇق ۋە مەدەت تاپىدۇ، باشقىلارغا بولسا بەخت يەتكۈزىدۇ..... بىرىتانىيەلىكلەر بىرىتانىيە خەيرى-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىغا  (UK Charities and Voluntary Organisations)  پۈتۈن 3- دۇنيا ئەللىرىدىكى نامرات بالىلار، مۇساپىرلار، ئاپەتكە ئۇچۇرغانلار ۋە ئاچارچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن خەلق تەرىپىدىن (دۆلەت تەرىپىدىن بېرىلىدىغان رەقەمنى ئوز ئىچىگە ئالمايدۇ) 2010 - 2011 يىلىدىكى بىر يىل ئىچىدە 11 مىليارد پوند ستېرلىڭ (17 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) ئىئانە قىلىنغان. جۈملىدىن كىچىككىنە بىر مىسال ئېيتسام- ئەنگىلىيەنىڭ ساۋە تھە چىلدرەن (ئەنگلىيە بالىلارنى قوغداش جەمئىيىتى) ۋەتىنىمىزنىڭ ئۈرۈمچى، غۇلجا، قاراماي (جۇڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي رۇخسىتى بويىچە) قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا ھازىرغىچە ھەر يىلى نەچچە يۇز مىڭ پوند ستېرلىڭ ياردەم قىلىدۇ. بۇ ياردەمنىڭ يېرىمدىن كۆپرىكىگە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئېرىشىدۇ. "تاما-تاما كۆل بولار" دېگەن مانا شۇ. بۇ بىرىتانىيە جەمئىيىتىدىكى خەلق ئىچىدىكى خالىس ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارغا ئىشىلىگەن نەچچە يۈزلىگەن خالىس پىداكارلارنىڭ خىزمىتى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئىنسانلىق سۆيگۈدۇر.
     غەربىنىڭ ھەممە نەرسىسى ئىلغار ۋە ھەممە نەرسىسى قالاقمۇ ئەمەس. بىز ئۇيغۇرلار غەرب ئەللىرىدىن ئۆگىنىدىغان نەرسىلەرمۇ ناھايىتى كوپ. ئەڭ ئەقەللىسى دىيانەتلىك بولۇش، راستچىللىق، ۋەدىدە تۇرۇش، كىشىنىڭ رىزقىگە قول سالماسلىق، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ۋە شەخسىيىتىنى ھۆرمەتلەش، ھەرقانداق كىشىنىڭ ياشاش يولىدىكى تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىش…… قاتارلىقلاردىن تارتىپ يەنە نۇرغۇن ئىنسانلىقنىڭ زۆرۈر بولغان خىسلەتلىرىگىچە...
      ئەگەر بىز ئەقىل كۆزىمىز بىلەن، دۇرۇس ئادەملىك نىيەت بىلەن ئەتراپىمىزغا باقساق بۇ دۇنيا ئەسلى گۈزەل دۇنيا ! ئىشىنىمەن، بۇ دۇنيا ئۇيغۇرغىمۇ چوقۇم كۈلۈپ باقىدۇ!


2013- يىلى 10- ئاينىڭ 21- كۇنى. لوندون



قارام سوپى

7

تېما

3

دوست

3488

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   49.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14014
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 160
تۆھپە : 947
توردىكى ۋاقتى: 197
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-26
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەييييييي...نىمىسىنى دەي؟يەنە شۇ غەرپ،يەنە شۇ ئەنگىلىيە.....ھاھااھھ...
تەرەققىيات دىگەن ئاجايىپ دە،ھەممە يېرى تەرەقىقىيات...
قىلاي دىسەم ئېغىزىمغا گەپ كەلمەيۋاتىدۇ.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

1

تېما

6

دوست

2751

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   25.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 334
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 790
توردىكى ۋاقتى: 121
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-27
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خۇلاسە چىقىرىپسىز.

جەننەت قېلىچنىڭ سايىسى ئاستىدا

11

تېما

4

دوست

5561

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   11.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16309
يازما سانى: 628
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 1622
توردىكى ۋاقتى: 209
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-27
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۈملىدىن كىچىككىنە بىر مىسال ئېيتسام- ئەنگىلىيەنىڭ ساۋە تھە چىلدرەن (ئەنگلىيە بالىلارنى قوغداش جەمئىيىتى) ۋەتىنىمىزنىڭ ئۈرۈمچى، غۇلجا، قاراماي (جۇڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي رۇخسىتى بويىچە) قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا ھازىرغىچە ھەر يىلى نەچچە يۇز مىڭ پوند ستېرلىڭ ياردەم قىلىدۇ. بۇ ياردەمنىڭ يېرىمدىن كۆپرىكىگە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئېرىشىدۇ.

سىزچە راستىنلا شۇنداقمىدۇ؟ ئاق كەپتەر قارا كەپتەرگە ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ دىيەلەمسىز؟

5

تېما

1

دوست

1442

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   44.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6259
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 185
تۆھپە : 331
توردىكى ۋاقتى: 278
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-27
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
500 يىل ئارقىدا قاپتۇق

2

تېما

0

دوست

1851

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   85.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19472
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 548
توردىكى ۋاقتى: 86
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-27
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     سىزنىڭ باغداشقا قوشۇلۇپ  غەرىپ ھەققىدە  ياخشى مەلۇماتلارنى  بېرىشىڭىز خۇددى سۇغا -سۇ قوشۇلغاندەك  بولدى . بىز غەرىپنى جاھانگىر دەپ ئوگىنىپ قالغان بولغاچقا ، غەرىپنىڭ ئۇلۇغلىقىنى پەقەت سىزلەردەك ئوز كوزى بىلەن كورگەنلەردىن بىلمىسەك مۇشۇنداق  قۇدۇقنىڭ  ئىچىدە جاھان كورۇپ ئوتۇپ كىتىمىز .  

6

تېما

0

دوست

5124

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   2.48%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4402
يازما سانى: 224
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1091
تۆھپە : 840
توردىكى ۋاقتى: 314
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-24
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ىۇلارنىڭ ساخاۋەت ىىشلىرىنىڭ جۇش ىۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى تىلەيمەن، يېلىقى سىن فىلىمىنى كىرىشتۈرىۋەتكەن بولساڭ تېخىمۇ ياخشى بولار ىىكەندۇق، دەپ ىويلاپ قالدىم.

0

تېما

2

دوست

431

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   65.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21960
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 118
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-26
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەيىر ساخاۋەت ئىشلىرى تېخمۇ راۋاجلانسۇن

0

تېما

0

دوست

77

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   25.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22565
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 24
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-25
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسانى مىھىرى مۇھەبەتتە ئۇيغۇرلارغا يىتىدىغان ئادەم يوقمقكىن دەيمەن. ئالدىرماي كىيىن ئىنكاس يازىمەن.

13

تېما

1

دوست

970

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12343
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 99
تۆھپە : 236
توردىكى ۋاقتى: 99
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-26
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەرىپنىڭ ھەممە نەرسىسى ئىلغار ۋە ھەممەنەرسىسى قالاقمۇ ئەمەس بولغىنىدەك ئۇيغۇرنىڭمۇ شۇنداق.

‹‹دىيانەتلىك بولۇش، راسچىللىق ،ۋەدىدە تۇرۇش،كىشىنىڭ رىسقىگە قول سالماسلىق، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ۋە شەخسىيىتىنى ھۆرمەتلەش، ھەرقانداق كىشىنىڭ ياشاش يولىدىكى تاللىشىغاھۆرمەت قىلىش ›› بۇ سۇپەتلەرنى غەرىپلىكلەردىن ئۈگۇنەمدۇق ياكى بىزدىمۇ بۇ سۇپەتلەر بارمىدى؟ بىزنىڭ ئەخلاق ۋە تۇرمۇش مىزانىمىزدا بۇ سۇپەتلەر ئەزەلدىنلا (ئۇلاردىن بۇرۇن) بارئىدى.
بۇ سۇپەتلەرنى ئۇلاردىن ئۈگۇنۇش كەتمەيدۇ پەقەت جارى قىلدۇرساقلا بولىدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )