ئارىمىزدىن «دانكو» چىقسۇن
ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر
مەن ئۇشبۇ يازمامدا تىلغا ئېلىۋاتقان دانكو ـــ رۇسيە سوتسىيالىستىك رېئالىزمىنىڭ ئىجادچىسى، دۇنياۋى مەشھۇر يازغۇچى ئالېكسىي ماكسىموۋىچ گوركىينىڭ «دانكو» ھېكايسىدىكى باش پېرسوناژ. «دانكو» ناملىق ھېكايە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىمدە، ئەدەبىيات دەرسلىكىمىزگە كىرگۈزۈلگەن. ھېكايىدە بېشىغا تالاپەت كەلگەن قەدىمكى زاماندىكى بىر تائىپە كىشىلىرىنىڭ ئۈچ تەرىپى قاراڭغۇ جاڭگاللىق بىلەن قاپسالغان، تۆتىنچى تەرىپى باياۋانلىق بولغان جاينىڭ ئوتتۇرىسىغا قاپسىلىپ قېلىپ، قاراڭغۇ زۇلمەت ئىچىدە قالغانلىقى، ھېچكىممۇ بۇ زۇلمەت ئىچىدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى تاپالماي قايغۇرۇپ تۇرغاندا «دانكو» ئىسىملىك بىر يىگىت ئوتتۇرغا چىقىپ تائىپىلىرىگە: «ئېتىلغان تاشنى ئوي ئويلاش بىلەن قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ. ھېچنېمە قىلمىغان ئادەمدىن ھېچنېمە قالغۇلۇق ئەمەس، كۈچ قۇۋىتىمىزنى غەم يېيىشكە خوراتماي، جاڭگاللىقتىن يول تېپىپ چىقىپ كېتەيلى، دۇنيادا باش – ئاخىرى يوق يول يوق، ماڭا ئەگىشىپ يۈرۈڭلار!» (بۇ جۈملە شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى نەشر قىلغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 1 – يىللىق ئەدەبىيات دەرسلىكىدىن ئېلىندى) دېگىنىچە يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان يۈرىكىنى مەشئەل قىلىپ تائىپىلەرگە يول باشلاپ قاراڭغۇ زۇلمەتلىك جاڭگاللىقتىن قۇتۇلۇپ چىققانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ. مەن بۇ ماقالەمدە دانكودىن ئىبارەت رومانتىك قەھرىماننى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق، ھەرقانداق بىر كوللىكتىپ ئۈچۈن دانكوغا ئوخشاش باشلامچىغا ھەرۋاقىت مۇھتاجلىقىنى قەيت قىلماقچى. خۇددى پەيلاسوپلارنىڭ ئېيتقىنىدەك «دۇنيادا ئەسلىدە يول يوق ئىدى، كىشىلەر ماڭغاندىن كېيىن يول پەيدا بولغان». ئەتراپىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئاكتىپ تەشەببۇسكار، ئىجادچان، باشلامچى كىشىلەرگە قارىغاندا پاسسىپ، ئۈمىدسىز، دورامچى، ئەگەشكۈچى كىشىلەرنىڭ كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. كېيىنكى خىلدىكى كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلار قائىدە- يوسۇنلاردىن چىقماسلىققا، مۇتەئەسسىپلىك قىلىشقا، باشقىلارنىڭ ئىزدىن مېڭىشقا خۇشتاراق كېلىدۇ. مىسال ئالسام، مەن توي – تۆكۈنلەرگە بېرىپ قالسام، كۆپىنچىسىدە توي باشلىنىپ رىياسەتچى مېھمانلارنى ئۇسسۇلغا تەكلىپ قىلسا، ئوتتۇرغا بىر ئىككىسى چۈشۈپ باشلاپ بەرمىگۈچە قالغانلار ئورنىدىن قوپمايدىغان، مۇبادا دەسلەپتىكى بىر ئىككىيلەن ئوتتۇرغا چۈشمىسە، ناخشا ئېيتىلىپ تۈگىگىچە ئوتتۇرغا بىرمۇ ئادەم چۈشمەي، سورۇن كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى دائىم ئۇچرىتىمەن. بۇ مىسال ئارىمىزدا باشلامچىلارنىڭ ئازلىقى ھەم ئۇلارنىڭ ھەرقانداق كوللىكتىپ ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقى ھەققىدىكى كۈرمىڭ مىسالنىڭ بىرى.
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا سىنىپىمىزدا 28 ئوقۇغۇچى بار ئىدى. ئادەتتە مەكتەپتىن سىنىپىمىزغا ئىستۇدېنتلارنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، بىلىمىنى تاكامماللاشتۇرىدىغان كوللىكتىپ پائالىيەتلەرنى تەشكىللەشكە ئورۇنلاشتۇراتتى، ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ خىل پائالىيەتلەردە باش بولۇپ، شۇ پائالىيەتنى تەشكىللەيدىغان بىرەر «دانكو» چىقمىغاچقا، ئۇ خىل پائالىيەتلەرنى كەمدىن كەم ئۆتكۈزەلەيتتۇق. بۇنداق بولىشىغا شۇ پائالىيەتنى تەشكىللەشكە قۇربى يېتىدىغان ساۋاقداشلارنىڭ تارتىنچاقلىق قىلىپ «كوللىكتىپنى مەن تەشكىللەي» دەپ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرغا چىقمىغانلىقى سەۋەب بولاتتى. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا سىنىپىمىزدىكى «سەن سالا مەن سالا ئاتقا ئوتنى كىم سالا» دېگەنگە ئوخشاش، ھەممە ئىشنى بىر – بىرىگە ئىتتىرىشىپ، مەلۇم بىرەيلەن ئوتتۇرغا چىقماي، ئۆتكۈزۈلۈشكە تېگىشلىك نۇرغۇن پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزمىگەنلىكىگە ھەمىشە ئىچىم ئاچچىق بولاتتى، بىراق قۇربىم يەتكەنلىكى پائالىيەتلەرگە باشچىلىق قىلىشتىن باش تارتمايتتىم.
جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن، دوست - بۇرادەرلەر ئارا تەشكىللەنگەن كۆپلىگەن ئەھمىيەتلىك ئىلمىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپتىمەن. بۇ جەرياندا كوللىكتىپ ئۈچۈن ھەرقانداق جايدا «دانكو» نىڭ مۇھىملىقىنى بەكمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ئاددىيسى بىر ئىشخانىدا 10 ئادەم ئىشلىسە، ئىشخانا پاسكىنا بولۇپ كەتسە، ئارىدىن «ئىشخانا پاسكىنا بولۇپ كېتىپتۇ، تازلىۋېتەيلى» دەيدىغان بىرەيلەن چىقمىسا، پاسكىنا ئىشخانىدا خىزمەت قىلىۋېرىدىغان گەپكەن. مۇبادا ئىشخانىنىڭ ئەسلىھەلىرى بۇزۇلۇپ كەتسە، شۇنى ئىنكاس قىلىشقا بىر ئادەم چىقمىسا، ئۇ ئەسلىھە ئىت يىلىدىن ئېشەك يىلىغىچە، تاكى رەھبەرلىكتىن كۆڭۈل بۆلۈنگىچە بۇزۇلغان پېتى تۇرىدىكەن. ئىككى ھەپتە بۇرۇن ئىدارىمىزدىكىلەر كوللىكتىپ ساياھەتكە چىقتۇق. بۇ ساياھەت پائالىيىتى ئەسلىدە ئىختىيار قىلغانلار چىقىدىغان پائالىيەت ئىدى، بەلكىم بۇ پائالىيەتكە كۆڭۈلىشىدىغانلار چىقمىغان بولسا، شۇ قېتىملىق پائالىيەتكە نەچچىلا ئادەم قاتنىشىپ، ئانچە چوڭ ئەھمىيىتى بولمىغان بولاتتى. بىراق تەشكۈللىگۈچى پائالىيەتنى پىلانلىق ھالدا كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللىگەچە، ساياھەتكە خىزمەتداشلىرىمىزنىڭ پەۋقۇللاددە ئىشى چىقىپ قالمىغانلىرىنىڭ ھەممىسى قاتناشتى. بۇنىڭلىق بىلەن خىزمەتداشلىرىمىز ئۈچۈن قاينام تاشقىنلىققا تولغان، مەڭگۈ ئەستىن چىقمىغۇدەك بىر قېتىملىق ساياھەت ئەمەلگە ئاشتى.
بىلسەك، سەركىسىز پادا يولدىن ئادىشىدۇ. ھەرقانداق بىر ئەل، رايون ياكى كوللىكتىپ ئىچىدە بىر قانچە بايراقدار يولباشچى بولمىسا، ئۇ ئەل، رايون ياكى كوللىكتىپنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ ئالاھىدىلىكى، تەسىرچانلىقى ۋە جەلپكارلىقى بولمايدۇ ۋە ياكى بۇ خىل تەسىرچانلىق چېچىلغان، تارقاقلاشقان ۋە كۈچسىز بولۇپ قالىدۇ. دۇنيادا ھەقىقىي ئىجادچانلىققا ئىگە، مۇستەقىل يول ئاچالايدىغان كىشىلەرلا باشقىلارنىڭ ھەقىقىي ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولالايدۇ.
قارايدىغان بولساق، بىر كارخانا بىر مەھسۇلاتنى بازارغا سالماستا، ھېچقايسى شىركەتنىڭ ئۇ مەھسۇلات بىلەن كارى يوق بولۇۋاتقان، بىر شىركەت شۇنداقلا بىر يېڭى مەھسۇلاتنى بازارغا سالسا، ئۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ۋارىيانتلىرى كەينى - كەينىدىن بازارغا چىقىپ، تۆكمە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىدەك ھادىسە جەمئىيىتىمىزدە خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلىمەكتە. ئەمەلىيەتتە كارخانىچىلارنىڭ باشقىلارنى دورىماي ئۆزىگىچە مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىپ ئىستىمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىشىمۇ ئىجادچانلىققا، باشلامچىلىققا خاس ئۇسسۇل بولۇپ، ئالقىشلاشقا تېگىشلىك ئىشتىن دېرەك بېرەتتى.
تارىخ بېتىنى ۋاراقلاپ باقىدىغان بولساق ئىجادىيەت ۋە باشلامچىلىقنىڭلا كىشىلەرنى ئەڭ كۆپ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرەلەيدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. ئۆزىگە ئىشەنچى بار، تەشەببۇسكار كىشىلەر تارىخ سەھىپىسىدىن يېڭى يوللارنى ئاچالايدۇ. ھەريەردە باشقىلارنىڭ قارىشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ، ماھارىتى ۋە يوشۇرۇن قابىلىيىتىنى ئىشلىتەلەيدۇ. باشلامچىلىق ۋە ئىجادىيلىق كىشىلەرنىڭ ئالغا بېسىشى ئۈچۈن يول ئېچىپ بېرەلەيدۇ. باشقىلارنىڭ كەينىدىن دوراپ، ياكى باشقىلار بىلەن ئوخشاش ئۇسسۇلدا ئىش قىلىدىغانلار كارامەت ئىقتىدارى بولسىمۇ، يەنىلا خالايىقنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى تازا قوزغاپ كېتەلمەيدۇ. ئۆزگىچە يول تۇتۇپ، ئۆز ئالدىغا ئىش قىلالىغانلار، ئىمكانىيىتى بار ئىشلاردا باشقىلارغا دانكودەك باشلامچى بولالىغانلار كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن زور دەرىجىدە دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىيالايدۇ، بەزىلەر ئۇلارغا ھەمنەپەس بولىدۇ، يەنە بەزىلەر ئۇلارنى باشقىلارغا ماختاپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن شەكىلسىز ھالدا ئۇلارنىڭ نام – ئاتىقى يىراق – يىراقلارغا تارقىلىپ، تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
يېڭىچە ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسسۇل بىلەن ئىش قىلىدىغان، خاسلىقى، ئىجادچانلىقى، باشلامچىلىق ئىقتىدارى بار كىشىلەر ھەرقانداق ئورۇن ۋە كوللىكتىپ ئۈچۈن قىممەتلىك كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداق كىشىلەرنىڭ بىر ئورۇندا ئوينايدىغان رولى ھەربىر سۆز – ھەركىتىدە ئىپادىلىنىدۇ، مۇبادا شۇ كىشىلەر ئاشۇ كوللىكتىپ ياكى ئورۇندىن ئايرىلسا، ئۇ كوللكىتىپ خۇددى چىشلىق چاقىدىن ئايرىلغان سائەتتەك نورمال رەۋىشتە رولىنى جارى قىلدۇرالماسلىقى مۇمكىن.
ھەمىشە باشقىلارغا ئەگىشىشىنى بىلىدىغان، كۈنلىرىنى تېنىچ سۇدەك ئۆتكۈزۈپ، كوللىكتىپ ئىچىدە بار – يوقلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان كىشىلەرنى باشقا كوللىكىتىپ ئەزالىرى ياقتۇرسىمۇ، ئۇلارنى چىن دىلىدىن ئېتراپ قىلغۇسى، قايىل بولغىسى كەلمەيدۇ.
ئەقلى بارلار جەسۇر – جاسارەتلىك، چوڭ قەدەملەر بىلەن ئالغا باسالايدىغان، زۆرۈرىيەت تۇغۇلغاندا كوللىكىتپقا باشلامچى بولالايدىغان، ئۆزىنى ئىپادىلەشكە ماھىر كىشىلەرنى ھۆرمەتلەيدۇ. شۇڭا دەيمىزكى، بىزمۇ قولىمىزدىن كەلگەن، ئىمكانىيىتىمىز يار بېرىدىغان ئىش – پائالىيەتلەردە «دانكو» بولۇپ باقايلى، قاراپ تۇرۇپ ھېچكىمنىڭ قول تىقماسلىقى، باش بولماسلىقى سەۋەبلىك نۇرغۇن ياخشى پۇرسەتلەر ئالدىمىزدىن غىپپىدە كېتىپ قالمىسۇن، قىسقىسى ئارىمىزدىن «دانكو» لار ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇرسۇن!
(بۇ ماقالە شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان)
|