قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 299|ئىنكاس: 1

تىل گۈزەللىكى ۋە مەدەنىيەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

154

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   51.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22643
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 50
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-24 15:45:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
C:\Users\xcb\Desktop\7a899e510fb30f2455e712b4c895d143ac4bd11373f02b3b.jpg


تىل گۈزەللىكى ۋە مەدەنىيەت!


ئىمىنجان كېرىم ئاقشەھىرى

    ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخقا ۋە پارلاق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە مىللەت بولۇپ، تارىختا ئۆزىگە خاس مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي تىلنى بارلىققا كەلتۈردى ۋە ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ساپ ئۇيغۇر تىلىنى ئالاقە قورالى قىلىپ كەلدى. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇيغۇر تىلى قوللىنىلىش داۋامىدا فونىتىكا، لېكسىكا ۋە گىرامماتىكا جەھەتلەردىن تەرەققىي قىلىپ، ھەر جەھەتتىن بېيىپ، تاكامۇللىشىپ، ئىلمىيلىشىپ، بۈگۈنكى دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلدى.
     قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىنىڭ مىلادىنىڭ باشلىرىدىن 10 – ئەسىرگىچە ھەممە تۈركىي قەبىلىلەر چۈشىنىدىغان ئورتاق تىلغا ئايلانغانلىقى، ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تىلىنىڭ 10 – ئەسىردىن 13 – ئەسىرگىچە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تۈركىي خەلقلەر چۈشىنىدىغان ئورتاق تىلغا ئايلانغانلىقى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ 14 – ئەسىردىن 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ‹‹چاغاتاي تىلى››، ‹‹قەشقەر تىلى›› ، ‹‹خاقانىيە تىلى›› دېگەن ناملار بىلەن شەرقتىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەدەبىي تىلى سۈپىتىدە قوللىنىلغانلىقى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى بۇنى ئىسپاتلايدۇ.
     ئۇيغۇر تىلى تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا گۈزەل، نەپىس، جانلىق، ئىپادىلىك، چۈشىنىشلىك تىلغا ئايلىنىش بىلەن بىللە، تىلنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ۋە تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلاشقان يېزىق ئىجاد قىلىنىپ، مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇردى. ئەجدادلىرىمىز ئىجاد قىلغان ۋە قوللانغان سوغدى يېزىقى، قارۇشتى يېزىقى، مانىي يېزىقى، بىراھمى يېزىقى، ئۇرخۇن – يېنسەي يېزىقى، توخرى يېزىقى، ساك يېزىقى، تۈبۈت (تىبەت) يېزىقى، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى، ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى، لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى قاتارلىق ئون نەچچە خىل يېزىقلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. ئۇيغۇر تىلى ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، ئەدەبىيات – سەنئەت، ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى بەرپا قىلىپ، دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى.
    ئۇيغۇر تىلى قانداق قىلىپ تەدرىجىي تاكامۇللىشىپ، مەدەنىيەت تارىخىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنىڭ قىممىتى ۋە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلالىدى؟ بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تولىمۇ گۈزەل، نەپىس، باي، پاساھەتلىك، چۈشىنىشلىك، ئوي – پىكىر ۋە مەزمۇننى دەلمۇدەل، چوڭقۇر ئىپادىلەپ بىرەلەيدىغانلىقىدەك ئالاھىدىلىك ۋە خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغانلىقىدىندۇر. خەلقىمىز تىلىمىزنىڭ گۈزەللىكى، نەپىسلىكى، ئىپادىلەشچانلىقى ۋە يېقىملىقلىقىغا تايىنىپ، ئۆزئارا ئالاقە قىلىش ۋە بىر – بىرىنى چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دوستلۇق – ھەمكارلىقنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرغان. تىل بايلىقى – تەپەككۇر بايلىقى بولۇپ، ئاتا – بوۋىلىرىمىز تىل بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، تەپەككۇر بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئىلىم – پەن، ئەدەبىيات – سەنئەت ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىدا ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ياراتقان. شۇڭا ئانا تىل بىزنى ھۆرمەت تۇيغۇسىغا چۆمۈلدۈرۈپ، روھىمىزنى ئۇرغۇتىدۇ.
     تىل مىللەتنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، ئۇ شۇ مىللەتنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كېلەچىكىنى بىر پۈتۈنلۈككە ئايلاندۇرغۇچى ئەڭ باي ۋە ئەڭ مۇستەھكەم ۋاسىتە. ئۇيغۇر تىلىمۇ خەلقىمىزنىڭ مىللىي روھى ۋە تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولۇپ، تىلىمىزنىڭ گۈزەللىكى، ساپلىقى، ئىلمىيلىكى مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئۈستۈنلۈكى ۋە ساپاسىنى نامايان قىلىدۇ. بىراق بۈگۈنكى كۈندە كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇرەككەپلىشىشى، ئىجتىمائىي قاتلاملاردىكى پەرقلەرنىڭ زورىيىشى ۋە ئەخلاق كىرىزىسىنىڭ مەنىۋىيەت بوشلۇقىنى تۇمانلاشتۇرۇپ، روھىيىتىمىزنى زەئىپلەشتۈرۈشى بىلەن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ سۆز ۋە تەلەپپۇزىدا بۇزۇلۇش، غەيرىلىشىش كۆپىيىپ، تىلىمىزنىڭ تەقدىرىدىن ئەنسىرەيدىغان ھالەت شەكىللەندى. ئۇيغۇر تىلى ھەر قانداق ئوي – پىكىرنى، مۇرەككەپ ۋە نازۇك ھېس – تۇيغۇ، ھەرىكەتلەرنى دەلمۇدەل، چۈشىنىشلىك ئىپادىلەپ بىرەلەيدىغان خۇسۇسىيەتلەرگە ۋە مول سۆز بايلىقىغا ئىگە بولسىمۇ، قوپال – تېتىقسىز، بېزەپ، ئەبجەش سۆز – ئىبارىلەر تىلىمىزنىڭ گۈزەللىكىگە نۇقسان يەتكۈزۈۋاتىدۇ. تىلىمىزنى بۇزۇپ سۆزلەيدىغانلار مىللىتىمىزگە ۋەكىللىك قىلالمىسىمۇ، ئۇنىڭغا ئېتىبارسىز قارىغاندا، ئۇ بارا – بارا يامراپ، خەلقىمىزنىڭ ئوبرازىغا ۋە ئىناۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
    يېقىندا بىر يىغىنغا قاتنىشىپ قالدىم. يىغىنغا قاتناشقانلار ئاساسەن مەكتەپ مۇدىرلىرى ئىدى. ئەپسۇس، يىغىن بىر – بىرىنى ئەيىبلەش يىغىنىغا ئايلىنىپ قالدى. بىر نەچچە مەكتەپ مۇدىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى سوتقا تارتىلغان جاۋابكاردەك ئورنىدىن تۇرغۇزۇلۇپ تەنقىدلەندى. يىغىن ئېچىۋاتقان رەھبەرنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان قوپال، ئاچچىق سۆزلەردىن ئۇنىڭدىكى ئادىمىي خىسلەتنى ۋە رەھبەرلىك سالاپەتنى تاپقىلى بولمايتتى. خۇددى بىرسى بېشىمغا ئۇرغاندەك قىينالدىم. ئاڭلىسام بۇ يەردە تىل ئىشىتكەن مۇدىرلار مەكتەپكە قايتقاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچىلارنى تېخىمۇ سېسىق، قوپال گەپلەر بىلەن تىللاپ، ئاچچىقىنى چىقىرىۋالىدىكەن. مۇدىردىن دىلى ئازار يىگەن، بەزى ئوقۇتقۇچىلار دەردىنى ئوقۇغۇچىلاردىن ئالىدىكەن. بىلىم بېرىش، ئادەم تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغانلار تىلىمىزغا ھۆرمەت قىلمىسا، تىلىمىزنىڭ گۈزەللىكى، نەپىسلىكى ۋە ئىلمىيلىكىنى خۇنۈكلەشتۈرسە، تىلىمىزنىڭ تەقدىرى، ئىستىقبالى قانداق بولار؟
    تىل ئەڭ ئۆتكۈر قورال. ئەگەر ئىلمىي، گۈزەل سۆزنىڭ ئورنىغا قوپال، سەت سۆزلەر ئىشلىتىلسە، بۇنداق جايىدا ئىشلىتىلمىگەن سۆزلەر قەلىبنى ئازابلايدۇ. بىزدە ‹‹پۇت يۈگىرىكى ئاشقا، تىل يۈگىرىكى باشقا›› دېگەن ھېكمەت بار. شېكىسپىر ئېيتقاندەك: ‹‹پىشمىغان، ئويلانمىغان خام پىكىرلەرگە تىلىنى خار قىلىش›› ماھىيەتتە ئۆز – ئۆزىنى خار قىلىشتىن دېرەك بىرىدۇ. ‹‹تىلدىكى ئېنىقسىزلىق پىكىردىكى ئېنىقسىىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ›› (تولىستوي). ئالاقىلىشىش ۋاسىتىسى بولغان تىلدىن ئىبارەت بۇ قورال قانچىلىك ئۆتكۈر، ئىلمىي، گۈزەل، ساپ ۋە ئېنىق بولسا، ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچى شۇنچىلىك زور بولىدۇ.
    رۇس شائىرى ماياكوۋسكىي: ‹‹جانلىق، يېقىملىق سۆز ئاجايىپ مۆجىزىلەرنى يارىتىدۇ›› دېگەن ئىدى. تولىستويمۇ: ‹‹ تىل بۈيۈك نەرسە. ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن بۈيۈككى، تىل ئارقىلىق ئادەملەرنى بىرلەشتۈرۈش مۇمكىن، ئۇلارنى بىر – بىرى بىلەن يۈز كۆرۈشمەس قىلىۋېتىشمۇ مۇمكىن. تىل ئارقىلىق مېھىر – مۇھەببەتكە ئېرىشىشمۇ مۇمكىن، نەپرەت ۋە ئاداۋەتكە ئۇچراشمۇ مۇمكىن›› دەپ كۆرسىتىپ، تىلنىڭ رولى ۋە قۇدرىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بەرگەن ئىدى.
    سۆز بايلىقى قانچە كۆپ ۋە مول بولسا، تىلنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە گۈزەللىكى قانچە يۇقىرى بولسا، ئۇنىڭ باشقىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. تىل قەلىبنىڭ ئەينىكى، شۇنداقلا قەلىبنىڭ نامايان قىلىنىشى بولۇپ، ئۇ دۇنيا قاراش ۋە ئەخلاق قاراشنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولىدۇ، بىر ئادەمنىڭ سۆزى ئارقىلىق ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىنى بىلگىلى، ئەخلاق پەزىلىتى، بىلىمى ۋە تەربىيەلىنىش دەرىجىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. قىسقىسى، تىل گۈزەللىكى پەقەت بىر ئادەمنىڭ قەلبىنى كۆرسىتىپلا قالماي، ئۇ يەنە مەلۇم دەرىجىدە بىر يۇرتنىڭ، بىر مىللەت ۋە قوۋمنىڭ ھەتتا بىر دەۋىرنىڭ روھىي قىياپىتى، پەن – مەدەنىيەت سەۋىيەسى، ئىجتىمائىي ئەھۋالى ۋە ئەخلاق – پەزىلىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.



1

تېما

9

دوست

8855

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   77.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 2576
توردىكى ۋاقتى: 419
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-26 18:38:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈزەل سۆز-ئىبارىلەر ئادەمگە مەنىۋىي زوق بېغىشلايدۇ. تېما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر!
قۇتلان تېلفۇنلىرى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )