- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 11106
- نادىر
- 22
- يازما
- 359
ئۆسۈش
100%
|
ziya يوللىغان ۋاقتى 2013-10-27 08:29
ئېينىشتېيىننىڭ "ئالەم تۇراقلىغى"غا ئالاقىدار تەڭلىمى ...
سالام قاسىمكا،
سىز يازغان تەڭلىمە ئېينىشتېيننىڭ تارتىش كۈچ مەيدان تەڭلىمىسى بولىدۇ. تەڭلىمىنىڭ سول تەرىپىدىكى بىرىنچى ھەم ئىككىنچى ئەزانى بىرلەشتۈرۈپ مۇزاكىرە قىلىدىغان بولۇپ بۇ ئىككى ئەزانىڭ ئايرىمىسى زاماننىڭ ئىلگىرىلەش ئۆزگىرىشى ھەم ماكاننىڭ ئەگرىلىكىنى ئىپادىلەيدىغان زامان-ماكاننىڭ گېئومېتىرىيىلىك مىقدارىدىن ئىبارەت. بۇ يەردىكى R بىلەن g بولسا زامان-ماكان قۇرۇلۇشىنى ئىپادىلەيدۇ.3- ئەزا بولسا ئالەم ئىزاسى دەپ ئاتىلىدۇ. 3-ئەزادىكى تەتۈر v بولسا ئالەم تۇراقلىق سانى دەپ ئاتىلىدۇ. تەڭلىمىنىڭ ئوڭ تەرىپى بولسا ماسسا ھەم ئېنېرگىيە ياكى ھەرىكەت مىقدارىنى ئىپادىلەيدىغان ئېنېرگىيە ھەرىكەت مىقدار تېنزورىدىن ئىبارەت. c بولسا نۇر تېزلىگىنى، pi بولسا چەمبەر تۇراقلىقىنى، G بولسا ئالەم تارتىش كۈچ، T بولسا ماددا بىلەن ئۇنۇڭ قۇرۇلۇشىغا تەسىر بېرىدىغان ئېنېرگىيىدىن ئىبارەت. ۋاكۇئۇمدا T=0 بولىدۇ.
تەڭلىمىدىكى ھەرىپلەرنىڭ ئاستىدىكى كىچىك ھەرپلەر ئىندېكس دەپ ئاتىلىپ ئۇلار زامان بىلەن ماكاننى ئىپادىلەيدۇ. تېنزورنى مۇشۇ ماكان بىلەن زامانغا نىسبەتەن يايساق 10 دانە خۇسۇسى دىففۇزىيىسى تەڭلىمە ھاسىل بولىدۇ. مەلۇم بىر نەتىجىگە ئېرىشمەكچى بولساق مۇشۇ 10 دانە تەڭلىمىنى يېشىشكە توغرا كېلىدۇ.
1916-يىلى ئېينىشتېين نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى ئېلان قىلغاندا يۇقىرىدىكى تەڭلىمىنىڭ سول تەرىپىدىكى ئالەم تۇراقلىق ئىزاسى يوق ئىدى. 1917-يىلى ئېينىشتېين بۇ ئالەم ئەزاسىنى تەڭلىمىنىڭ سول تەرىپىگە قوشىدۇ. نېمە ئۈچۈن ئالەم تۇراقلىق ئەزانى تەڭلىمىگە قوشقانلىق توغرىلىق ئېنىق چۈشەنچە بولمىسىمۇ ھازىرقى مۇنازىرىلەرگە ئاساسلانغاندا ئېينىشتېين ئالەمنى تۇراقلىق دەپ قارىغانلىق ئۈچۈن دەپ قارالماقتا. بىراق 1929-يىلىغا كەلگەندە ئالەمنىڭ تۇراقلىق بولماستىن ئۇ كېڭىيىۋاتقانلىق ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. 1931-يىلىغا كەلگەندە ئېينىشتېين بۇ تەڭلىمە توغرىلىق توختىلىپ ئالەم ئەزاسىنىڭ قوشۇلغانلىقى مېنىڭ ھاياتىمدىكى چوڭ خاتالىق دەپ ئېيتىدۇ. بۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ بەك ئېچىنىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. يېقىنقى تەتقىقاتلارغا قارىغاندا زەرىجىلەر ئارىسىدىكى بەزى چۈشەنچىلەرنى ئىپادىلەشتە بۇ ئەزانىڭ بولغىنى ياخشى مىش.
|
|