ئالەم تەكشى بولماستىن ئەگرى ئىكەن
تاشپولات روزى
نيۇتون، زامان بىلەن ماكاننى مۇتلەق دەپ قاراپ كەلگەن. ئۇ ماكاننى فىزىكىلىق ھادىسىلەرنىڭ پەيدا بولىدىغان ساندۇقى، زاماننى ئالەمنىڭ ھەرقانداق يېرىدە ئوخشاش يەنى تۇراقلىق دەپ قاراپ كەلگەن ئىدى. بىراق ئېينىشتېين نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدە زامان بىلەن ماكاننى بىرلەشتۈرۈپ 4 ئۆلچەملىك زامان-ماكاننى قۇرۇپ چىقىپ، مۇشۇ زامان-ماكانلا فىزىكا ئىلمىنىڭ نىشانى بولالايدۇ دەپ قارايدۇ. تەپسىلىيرەك ئېيتقاندا زامان بىلەن ماكان بولسا Lorentz ئالماشتۇرۇشى بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ، زاماننىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمى ھەرىكەت ھالىتىنىڭ ئوخشىمىغان كۆزەتكۈچىگە نىسبەتەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە نىسپىيلىك نەزەرىيىسىگە ئاساسەن زامان-ماكان ماددىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئاساسەن بۇرمىلىنىدىغانلىقىنى، بۇ بۇرمىلىنىش بولسا تارتىش كۈچىنىڭ بىرلىكىدە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئېينىشتېين 1915-يىلى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئۇ بۇ نەزەرىيىدە ئېنېرگىيە بىلەن زامان- ماكاننىڭ ئەگرىلىكى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان ئېينىشتېين تەڭلىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ ئوز تەڭلىمىسىدىن "ئالەم بولسا تۇراقلىق دېگەن ئالەم پرىنسىپىنى "قانائەتلەندۈرىدىغان يېشىمنى تاپقان بولسىمۇ، بىراق تاپقان يېشىم، ئالەم زامانىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن كېڭىيىدىغانلىقىنى ياكى تارىيىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئېينىشتېين باشتا ئالەم تۇراقلىق دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تاپقان يېشىمىگە ئۆزگەرتىش قىلىپ ئالەم تۇراقلىق دېگەننى ساقلاپ قالىدۇ. بىراق ئاز ئۆتمەي بۇ قارىشىدىن يېنىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كېيىنكى تەتقىقاتلارمۇ قوشۇلۇپ 1929-يىلىغا كەلگەندە ئالەمنىڭ تەكشى كېڭىيىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ھازىرغىچە ئالەم تەكشى كېڭىيىۋاتىدۇ دەپ قاراپ كەلگەن ئىدۇق. بىراق بۇ يىل 9-ئاينىڭ 20-كۈنى تەبىئەت ژۇرنىلىدا ئالەم تەكشى ئەمەس ئەگرى دېگەن خەۋەرنى باسىدۇ. بۇ خەۋەردە دېيىلگەن ماقالە ئەنگلىيەلىك ئالىم Andrew Liddle تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ ئۇ ماقالە دۇنيادىكى داڭلىق ژۇرنال Physical Review Letters دا 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ئېلان قىلىنغان.
تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چەكسىڭىز بۇ ماقالە توغرىلىق كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرشەلەيسىز.
http://www.nature.com/news/unive ... 1.13776#/ref-link-1
|