- تىزىملاتقان
- 2013-9-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2141
- نادىر
- 0
- يازما
- 248
ئۆسۈش
4.7%
|
1- مىسال:
قۇياش سىستېمىسىنىڭ ھەرىكەت تېزلىكى سېكونتىغا 250 كىلومېتىر، يەرشارىنىڭ ئوربېتا تېزلىكى سىكونتىغا 29 كىلومېتىر، ئايلىنىش تېزلىكى سېكونتىغا 7.292×10-5 رادىئان بولۇپ تەخمىنەن 465 مېتىر. ئىككىسىنى قوشسام قۇياش سىستېمىسىنىڭ تېزلىكىگە كامىدا 10 ھەسسىگە يېقىن كىچىك چىقتى... دېگەنلىرىڭىز ئوپئوچۇق يالغان چىقتى.
2-مىسال:
رىئاكتىپ كۈرەشچى ئايروپىلان تېزلىكى تەخمىنەن 340 مېتىر سېكونت، رىئاكتىپ ئايروپىلان ئىچىدىكى ماياتنىك تېزلىك 0.1 مېتىر سېكونت. ئىككى سېكونتتا ماياتنىك 0.2 مېتىر مۇساپە باسىدۇ، كۈرەشچى ئايروپىلان 680 مېتىر مۇساپە باسىدۇ، ئىككىسىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى سېلىشتۇرساق ماياتنىكنىڭ كىچىك..... دېگەنلىرىڭىز ئوپئوچۇق يالغان چىقتى.
3-مىسال:
يەرشارىنىڭ ئوربېتا تېزلىكى سىكونتىغا 29 كىلومېتىر، ئايلىنىش تېزلىكى سېكونتىغا 7.292×10-5 رادىئان بولۇپ تەخمىنەن 465 مېتىر. ئاي شارىنىڭ سىزىقلىق تېزلىكى تەخمىنەن 1 كىلومېتىر تەقسىم سېكونت، بۇلۇڭلۇق تېزلىكى يەرشارىدىن 33 مىنۇت تەقسىم سائەت... ھەرئىككلا مىقدار يەر شارىنىڭكىدىن تۆۋەن ئىكەن ! ... دېگەنلىرىڭىز ئوپئوچۇق يالغان چىقتى.
4-مىسال:
بىر پۈتۈن قۇياش سىستېمىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ھەرىكەت تېزلىكى سېكونتىغا 250 كىلومېتىر، بولۇپ يەرشارىنىڭ سىكونتىغا 29 كىلومېتىر ئاينىڭ كىلومېتىر، يىغىندىسى 30 كىلومېتىر بولۇپ ، ھەتتا بۇ ئىككىسىنىڭ يىغىندىسىمۇ قۇياش سىستېمىسىنىڭكىدىن تۆۋەن چىقتى ... دېگەنلىرىڭىز ئوپئوچۇق يالغان چىقتى.
5- مىسال:
شۇ تاپتا قاسىمكام ھەرقانچە كۈچەپ يۈگرىسىمۇ سېكونتىغا 10 مېتىردىن ئاشالمايدۇ !!!! ئاددىيسى مۇشۇ ئادەم ئۆزىنىڭ سىزىقلىق تېزلىكىمۇ يەرشارىنىڭ سىزىقلىق تېزلىكىگە يېقىنمۇ كېلەلمەيدۇ ! دېمەك دېگەنلىرىڭىز يالغان چىقتى !
بۇنداق يالغانچى بولۇپ قالماي دېسىڭىز بىر ئىككى شەرت جۈملىسىنى ئاكسىيومىڭىزغا قوشۇپلاۋەتسىڭىز ئىش تامام! گەپ شۇ شەرتلەرنى تاپالىشىڭىزدا !
بەلكىم بۇ ئىنكاسلارنى كۆرۈپ ماڭا پاتماندا بىر چۈشەنچە يېزىشىڭىز مۇمكىن، چۈشەندۈرۈشنى ماڭا بەرمەڭ ، ئۆزىڭىزگە بېرىڭ، مەن پەقەت خاتالىقنى كۆرسىتىپ بەرگۈچى. |
|