كومپىتون ئففىكىتىدىن ئويلىغانلىرىم
قاسىم سىدىق
Arthur Holly Compton
كومىپتون 1923-يىلى فۇتوننىڭ ئىنىرگىيە قويۇپ بىرىدىغانلىغى ۋە ئىنىرگىيە قوبۇل قىلىدىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويۇدۇ.كىيىن بۇ قاراش ۋۇيۇشۆن تەرىپدىن تەجىربىدە ئىسپاتلىنىپ كومپىتۇن ئىففىكىتى دەپ رەسمى قوبۇل قىلىنىدۇ.تەجىربىدە ئىسپاتلانغان،مۇبادا بۇ ئففىكىتتە تىلغا ئىلىنغان ئىنىرگىيە پەقەت بىر پارامىتىر بولماي، ئېينىشتېيىننىڭ ماسسا-ئىرگىيە مۇناسىۋەت تەڭلىمىسىدە تىلغا ئېلىنغان ئىنىرگىيەلا بولسا،كومپىتوننى 1927-يىلى نوبىل مۇكاپاتىغا سازاۋەر قىلغان بۇ ئففكىت فۇتوننىڭ ھەرگىز ئەڭ كىچىك ئىنىرگىيە بىرلىكى ۋە ئەڭ كىچىك زەررىچە ئەمەسلىكىنى بىزگە دەپ بېرىدۇ.كومپىتۇن ئففىكىتىنىڭ بىزگە دەپ بېرىدىغانلىرى يالغۇز بۇلا ئەمەس،ئەڭ كەم بولغاندىمۇ يەنە بۇ ئىففىكىت بىزگە تۇۋەندىكى ئىككى مەسىلىنى دەپ بېرىدۇ:
1."يورۇقلۇق تىزلىكىدىن ئارتۇق تىزلىك يوق: دىيىش خاتا.
چۈنكى،فۇتوننىڭ تەركىپلىگۆچىلىرىنىڭ (زەرىچىلەرنىڭ)يىغىندى تىزلىكى سېستىما ھالىتىدىكى بىر فۇتوننىڭ تىزلىكىدىن يۇقۇرى بولىدۇ.مۇبادا تەركىپلىگۆچىلەر تىزلىكى بىر پۈتۈن سىستىمانىڭ تىزلىكىدىن يۇقۇرى بولمىسا فۇتوندىن ئىبارەت بۇ سېستىما شەكىللەنمەيدۇ.
2.بۇ ھالدا تەركىپلىگۆچىلەرنىڭ ھەركەت شەكلىنى مۇقەررەر ھالدا دەۋرى ئەگرى بولىدۇ،دەپ قاراشقا بولىدۇ.مەسىلەن ئاتومنىڭ ئىلىكتىرۇنلىرىدەك.
بۇ ئىلىكتىرۇن مىسالىنى 1.مەسىلىگىمۇ تەدبىقلاشقا بولىدۇ.يەنى،بىر پۈتۈن سېستىما سۈپىتىدىكى ئاتومنىڭ تىزلىكىدىن،ئاتوم تەركىۋىدىكى ئىلىكتىروننىڭ يىغىندى تىزلىكى يۇقۇرى بولىدۇ.
"ئىنىرگىيە دائىما"يۆتكۆلۈش"،"خوراش"،"قويۇپ بېرىلىش"،"قوبۇل قىلىنىش"قاتارلىق پېئىللار بىلەن تەسۋىرلىنىدۇ.مانا بۇلارمۇ ئىنىرگىيەنىڭ زەررىچە ئىكەنلىگىنىڭ رۇشەن دەلىلى.ئىنىرگىيە مۇبادا نوقۇل بىر پارامىتىر بولسا ئۇنى ھەرگىز يۇقۇرقى ئىبارىلەر بىلەن تەسۋىرلەشكە بولمايتى.بىز زامان(ۋاقىت)ۋە مىترلارغا يۇقۇرقىدەك ئىبارىلەر بىلەن تەسۋىرلەش ئېلىپ بارمايمىز.يەنى، بىز ھېچقاچان "مىتىر قوبول قىلىندى"،"زامان قويۇپ بېرىلدى"دىگەندەك جۆملىلەرنى تۆزمىدۇق ۋە تۆزمەيمىز.چۈنكى بۇ ئۆلچەملەر يۇقۇرقىىدەك ئىبارىلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تەسۋىرلەشكە بولىدىغان ماددى رىياللىق ئەمەس."
كىۋانىت خىرودىنامىكىسىدا فۇتوننىڭ تۇزۇلۆشكە ئىگە ئىكەنلىگى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.دىمەك ،بۇ ھالدا مىنىڭ فۇتون زەررىچە خارەكتىرلىك تەركىپلىگۆچىلەردىن تۆزۆلگەن بىر سېستىما،دىگەن بۇقارىشىمنى ئاساسسىز ۋە خاس ئىجادى قاراش ،دىيىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ.شەكىل نەزەريىسىنىڭ بۇ نۇقتىدىكى نىسبەتەن ئىجادى بولغان قارىشى فۇتون تەركىپلىگۆچىلىرىنىڭ يىغىندى تىزلىكىنىڭ فۇتون ئۇزىدىن يۇقۇرى بولىدىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن باشقا،بۇ تەركىپلىگۆچىلەرنىڭ سېستىما دائىرىسىدىكى(بىر فۇتون دائىرىسىدىكى) ھەركەت شەكلىنىڭ قەتئى مەنىدە دەۋرى ئەگرى بولىدىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىغىدا.
سىزىقسىز كىۋانىت كۈچ توشۇغۇچىسى"دىگەن ماۋزۇدا ئېلان قىلىنىپتۇ.ئۇلىنىشى مانا:
خەۋەر دە،ئاتوم بۇلۇتىدىن ئۇتكەن ئىككى فۇتۇننىڭ ماسسىغا ئىگە زەررىچىلەردەك ئۇز ئارا تەسىرگە قاتناشقانلىغى،مالىكولا فۇرمىسىنى ئىپادىلىگەنلىگى ۋە سىزىقسىزھەركەت قىلغانلىغى ،بۇ جەرياندا بىر قىسىم ئىنىرگىيىسىدىن ئايرىلىپ،تىزلىكى كىمەيگەنلىگى قاتارلىقلار يېزىلغان.مۇبادا بۇ يەردە قوبول قىلىنغان ياكى قويۇپ بېرىلگەن ئىنىرگىيە زەررىچە خاراكتىرىگە ئىگە بولسىلا، يەنە مۇبادا بۇ يەردىكى"تىزلىكى كىمەيگەنلىگى"پەقەت سىزىقلىق تىزلىكنىڭ كېمەيگەنلىكى،بولۇڭلۇق تىزلىكنىڭ ئاشقانلىغىدىن دېرەك بەرسىلا ،يۇقۇرقى تەتقىقات نەتىجىلىرى شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-41-تىئورمىلىرىنى قوللاپلا قالماي،فۇتۇن ئىچكى تۆزۆلۈشكە ئىگە ،ئۇ تېخمۇ مىكرۇ قىممەتكە ئىگە زەررىچە ۋە ئىنىرگىيەبۆلەكلىرىنىڭ جەمگاھى،يورۇقلۇق تىزلىكىدىن يۇقۇرى تىزلىك مەۋجۈت،دىگەن بۇ قارىشىنىمۇ قوللايدۇ.چۈنكى ھازىرغىچە فۇتونلار ئارىسىدائۇز ئارا تەسىر يۇز بەرمەيدۇ،تەسىرلەشكۆچىلەر ئۇز ئارا زەررىچە ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق تەسىرلىشىدۇ ،دەپ قارىلىپ كەلگەن،ئەمدى كېلىپ خارۋارىت ئونۋېرىستېتىنىڭ فىزىكا پىروپىسورى مىخائىل لوكىن يىتەكچىلىك قىلغان بۇ تەتقىقاتتا بۇنداق تەسىر مەۋجۈت،بۇ كۈچ ئۇزاتقۇچىلار سىزىقسىزھەركەت قىلىدۇ،دەپ قارالماقتا.ئۇنىڭ ئۆستىگە ،فۇتوننىڭ يىمىرىلىدىغانلىغى،ئۇمۇرگە ئىگە ئىكەنلىگى فۇتوننىڭ زەررىچە خارەكتىرىگە ئىگە تەركىپلىگۆچىلەردىن تەركىپ تاپىدىغانلىغىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئەسكەرتىمەنكى،مىنىڭ يۇقۇرقى"شائىرانە تەسەۋۋۇر"لىرىم پەقەت "ئىنىرگىيە - ماددى رىياللىق"دىگەن ئالدىنقى شەرىت ئاستىدىلا ئورۇنلۇق.مۇبادا ئىنىرگىيە ئېينىشتېيىن ماسسا -ئىنىرگىيە مۇ ناسىۋەت تەڭلىمىسدە كۇرسۇتۆلگەن ماسسىغا ئىگە ماددى رىياللىق بولماي،پەقەت كىلاسسىك مەنىدىكى پارامىتىر بولۇپ قالسا،بۇ "شائىرانە تەسەۋۋۇر"لارنى ئۇلارغا تەدبىقلاشقا بولمايدۇ.
پايدىلانمىلار:
2013،10.3
|