- تىزىملاتقان
- 2013-9-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2141
- نادىر
- 0
- يازما
- 248
ئۆسۈش
4.7%
|
نىسپىيلىك نەزەرىيسى بولسا ھازىرقى زامان فىزىكا ئىلمىنىڭ تۈرۈكلىرىدىن بولۇپ گېرمانىيە نەزەرىيە فىزىكىسى ئالىمى ئالبېرت ئېينىشتىيىن تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان. نىسپىيلىك نەزەرىيسى تۈپتىن ئوخشىمايدىغان تارمەنىلىك ۋە كەڭ مەنىلىك دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. كۆپلىگەن كىشىلەر چۈشىنەلمەسلىك ۋە ئۆگىنىش قىيىن كېلىش سەۋەبىدىن بۇ نەزەرىيەنى خاتا دەپ بىلىشىدۇ. ئېلىمىزدە بولسا كۈندە دېگۈدەك تورداشلار نىسپىيلىك نەزەرىيسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ ماقالە يوللاپ تۇرىدۇ. خەلق ئارىسىدا نىسپىيلىك نەزەرىيسىنى خاتا دېگۈچىلەر توغرا دېگۈچىلەردىنمۇ كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. ئامېرىكىنىڭ مەلۇم سىتاتىسكا ئورگىنى توردا بېلەت تاشلاش ئارقىلىق نىسپىيلىك نەزەرىيسىنىڭ توغرا خاتالىق ھەققىدە راي سىناش ئېلىپ بارغاندا كىشىنى چۆچۈتكىدەك نەتىجىگە ئېرىشكەن بولۇپ راي سىناشقا قاتناشقان %70 دىن كۆپرەك كىشى بۇ نەزەرىيەنى خاتا دەپ قارىغان. ھەتتا جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيسىنىڭ مەلۇم نەزەرىيە فىزىكا تەتقىقاتچىسى تېلېۋىزور زىيارىتىدە ئەمەلىي قوللىنىش قىممىتى يوق نەزەرىيەلەرنى مىسالغا ئېلىش جەريانىدا نىسپىيلىك نەزەرىيسىنى قوشۇپ قويۇشتەك ئەجەللىك خاتالىقنى سادىر قىلغان. ئۇنداقتا نىسپىيلىك نەزەرىيسىنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشتا قوللىنىش قىممىتى ھەقىقەتەن يوقمۇ؟ جاۋابى شۇكى ياق. تۆۋەندىكى تېخنىكىلار دەل نىسپىيلىك نەزەرىيسىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىشى ۋە يارقىن نامايەندىسى:
1.GPS
GPS بولسا ئوموميۈزلۈك ئورۇن بەلگىلەش سىستېمسى بولۇپ كۈندىلىك تۇرمىشىمىزدا كام بولسا بولمايدۇ. ئۈندىدار ئوينىغان ۋاقتىمىزدا ئەتراپتىكىلەر دېگەن ئىقتىدار دەل GPS نىڭ تۆھپىسى. ھالبۇكى GPS نىڭ نورمال خىزمەت قىلىش ئاساسى بولسا ۋاقىت. GPS بولسا 24 دانە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيسىنىڭ GPS سۈنئىي ھەمراسى تەركىپ تاپقان بولۇپ بەلگىلەش تورى ھاسىل قىلىپ مۇلازىمەت تەمىنلەيدۇ. مۇلازىمەت تەمىنلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى خاتالىق پەرقى ئىنتايىن كىچىك بولغان ۋاقىت ماس قەدەملىكى. شۇڭا ئالىملار ئېنىقلىقى ئىنتايىن يۇقىرى ئاتوم سائىتىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئەمما كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيسى ۋە تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيسى ئوتتۇرىغا قويغىنىدەك سۈنئىي ھەمرا كۈندە دېگۈدەك 38 مېكرو سېكونت ئالدىغا ئۆتۈپ قېلىش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ ، گەرچە بۇ سان كىچىك بولغىنى بىلەن كۈندە ئورۇن بەلگىلەشتە 10 كىلومېتىردىن خاتالىق كۆرۈلىدۇ. 1 ئايدا بولسا 300 كىلومېتىر خاتالىق كۆرۈلىدۇ. نەتىجىدە ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ ئورۇن بەلگىلىسىڭىز سىزنى تۇرپاندا دەپ كۆرسىتىپ قويىدۇ. ئالىملار دەل نىسپىيلىك نەزەرىيسى كۆرسەتكەن ئۇسۇل بويىچە خاتالىق پەرقىنى ھېسابلاپ چىقىپ ئاتوم سائىتىنىڭ چاستوتىسىغا نىسپىيلىك نەزەرىيسىدىن ھېسابلاپ چىققان يېڭى قىممەتكە ئاساسەن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق سائەتنى ئاستىلىتىپ ئاندىن بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ.
2.كەڭ دولقۇن بۆلەكلىك فوتون قوزغاتقۇچ،فوتو ئېلىكتىرىك چارلىغۇچ، فوتو ۋولتلىغۇچ
بۇ ساھە يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۆلچەش ۋە قوللىنىش بولۇپ ساھەسى بولۇپ تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىشكە سەۋىيەم يەتمىدى. ئەمما دۆلىتىمىز تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم تەجرىبىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ تۈرمەبلىغى ئاجرىتىلدى ۋە تۈر كاپىتالىغا ئېرىشتى. بۇ ھەقتە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزى ھۆكىمەت تورىدىمۇ خەۋەر بېرىلدى. مەزكۇر تۈر خىزمىتى مەملىكەتلىك تەبئىي پەن فوندىغا كىرگۈزۈلدى ( تۈر ئىجازەت نومۇرى : 11021403, 11074119,60990320) . مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنى http://www.gov.cn/gzdt/2013-10/11/content_2504776.htm دىن كۆرۈۋېلىڭ.
3.كېپلېر ناملىق تەكشۈرگۈچ
بىز دائىم خەۋەرلاردە پالانچى يۇلتۇزلار تۈركۈمىدە مانچە دانە تۇرغۇن يۇلتۇز مانچە دانە پېلانېتا بار دەپ ئاڭلايمىز. يەنە تېخى پالانچى ئورۇندا يەرشارىغا ئوخشاش پېلانېتا بار، ئېغىرلىقى مانچە كىلوگرام دېگەندەك... ئەجىبا ئالىملار بۇ سانلىق قىممەتلەرگە قانداق ئېرىشىدۇ؟ قارا قويۇق پەرەز قىلىشامدۇ؟ ياق. كېپلېر ناملىق تەكشۈرگۈچى سۈنئىي ھەمرا قۇياشنى مەركەز قىلغان ئوربىتا ئارقىلىق ھەركەت قىلىدىغان بولۇپ «ئاجىز تارتىش كۈچى لېنزا ئېففىكتى» دىن ئىبارەت بىرخىل سىگنالنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىغا ئاساسەن پېلانېتىلار سانىنى ھېسابلايدۇ. بۇ دەل ئېينىشتىيىننىڭ كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيسى ئوتتۇرىغا قويغان لىنزا ئېففىكتى بولۇپ ھازىرقى زامان ئاستىرنومىيە ساھەسىدە كەڭ كۆلەمدە قوللىنىدۇ. كېپلېر ناملىق سۈنئىي ھەمرا يەرشارىغا ئوخشاش پېلانېتا ئىزدەيدىغان ، ئىنسانلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ بەختى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان چوڭ تەتقىقات خاراكتېرلىك سۈنئىي ھەمراھ بولۇپ دەل ئېينىشتىيىننىڭ لىنزا ئېففىكتىنى مۇھىم قورال قىلىپ خىزمەت قىلىدۇ.
داۋامى تولۇقلاپ يوللىنىلىدۇ. |
|