قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1007|ئىنكاس: 5

ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنچىلىكى يوقىلىۋاتقان بەزى تۈرلەر ھەققىدە سۆز.

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

114

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22644
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 22
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-27 19:51:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
     بىز  ئۇيغۇرلاردا: «ئادەمگە  يەتمىش  ئىككى خىل ھۈنەر ئازلىق قىلىدۇ»، «ھۈنەرلىك ئەر خار بولماس»،«ئوغلۇڭنى ھۈنەرگە ئۈگەت، قىزىڭنى سۆلكەتكە» دېگەنگە ئوخشاش ماقال- تەمسىللەر ئاز ئەمەس. بۇنداق ماقال-تەمسىللەر بىر تەرەپتىن ئەجددلىرىمىزنىڭ ئۇزاق زمانلاردىن بۇيان ھەر خىل قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ھۈنەرسىز قېلىشنىڭ كىشىگە ئىنتايىن يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
    ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنچىلىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يارقىن نامايەندىسى سۈپىتىدە، تارىختىن بۇيان ئۆزىنىڭ كۆپ خللىقى، نازۇك-نەپىسلىكى، ئۆزىگە خاس  رەڭدارلىقى  بىلەن « يىپەك يولى» نى جۇلالاندۇرۇپ ۋە تەڭداشسىز قىممىتىنى ساقلاپ كەلدى، شۇنداقلا  ئەجدادلىرىمىزنىڭ جاھان مەدەنىيىتىگە قوشقان شانلىق تۆھپىسى قاتارىدا مىللىتىمىزنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە ياشاش ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنچىلىكى سەنئىتىدە باشقا ئەللەر، باشقا مىللەتلەرنىڭ كۆڭۈل زوقىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ ھۆرمىتى ھەم قايىللىقىنى ئاشۇردى
     دەۋرنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنچىلىك ساھاسىگىمۇ نۇرغۇن پۇرسەت ۋە خىرىسلارنى ئېلىپ كەلدى. تەرەققىيات جەريانىدا، قول ھۈنەرۋەنچىلىكتە خېلى كۆپ تۈرلەر بارلىققا كەلدى ۋە گۈللەندى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئۇزاق زامانلاردىن بېرى ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكى ھەم ئەنئەنىۋىلىكىنى ساقلاپ كەلگەن بىر قىسىم قول ھۈنەرۋەنچىلىك تۈرلىرى تەدرىجىي يوقىلىپ كەتتى ياكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى. بۇ،ھۈنەر-تېخنىكىلارغا  ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى، بىر قىسىم ھۈنەر-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ  مۇكەممەل ساقلانماسلىقى، بەزى قول ھۈنەرۋەنچىلىك تۈرلىرىنىڭ ئورنىنى زامانىۋى تۇرمۇش  بويۇملىرىنىڭ ئېلىشى، يەنە بەزىلىرىنىڭ زامان ئېھتىياجىغا ماسلىشالماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەردىن بولدى.
    «......  كۇلالچىلار چىۋىقلار بىلەن ئۆز ساپال قاچىلىرىغا جىرىڭلىتىپ ئۇرۇپ، ئۆتكۈنچىلەرنىڭ  پەشلىرىنى  تۇتاتتى،  مىس ئەسۋابلار كۆزنى چىداپ بولمايدىغان دەرىجىدە  قاماشتۇرۇپ  چاقنايتتى،  كىچىك  بولقىلارنىڭ تاقىلىدىغان ئاۋازى ئاڭلىناتتى، بۇ بولقىلار  بىلەن  مىسكەرلەر ئاپتۇۋالارغا، پەتنۇسلااغا گۈل چېكەتتى، زەرگەرلەر كىچىك ئوچاقلىرىدا كۆمۈش ئېرىتەتتى،ئالتۇن سىملارنى تارىتشاتتى. گىلەم بازىرىدا   گۈل چېكىلگەن ۋە  ھەر  خىل  رەڭدىكى ئىران، دەمەشق، قەشقەر، خوتەن گىلەملىرى،   يەنە    ئاتلار ئۈچۈن قىممەت ۋە ئەرزان باھالىق گۈللۈك يوپۇقلار سېتىلاتتى.....»
       مانا بۇ كۆرۈنۈشلەر قايناق بازاردىكى ئۇيغۇر قول  ھۈنەرۋەنچىلىكىنىڭ ئىنچىكە سۈرەتلەپ بېرىلىشىدۇر . ئۇيغۇر  قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن سۆز ئاچىدىغان بولساق، ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەۋەرۈك، ئىسىل قول ھۈنەۋەنچىلىككە ھەقىقىي ۋارىسلىق قىلىغۇچىلار قانچىلىق؟  قول  ھۈنەرۋەنچىلىكتىكى بىر قىسىم تۈرلەرنى  زاماننىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ يوقىلىپ كەتتى  دېگەندىمۇ، يەنە بىر قىسىم قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپلىرى ھەم ھۈنەر-سەنئەت بويۇملىرى پارتىيە ۋە  ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى، مەدەت بېرىشى بىلەن ساقلىنىپ قالماقتا ۋە داۋاملىق تەرەققىي قىلماقتا.
      شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، قول  ھۈنەرۋەنچىلىكىنىڭ  ساھىبلىرى بولغان ھۈنەرۋەن -كاسىپلارنىڭ ھۈنەر ئىستىلىدا بەزىبىر مەسىلىلەر پەيدا بولدى، يەنى  ھۈنەرۋەنلەردە قىيىنىنى قويۇپ، ئاسىنىنى ياساش،ياساشنى قويۇپ، تەييارنى ئىشلىتىش خاھىشلىرى  مەۋجۇت بولماقتا. ياغاچچىلىقتىن مىسال ئالىدىغان بولساق، ھازىرقى تۇرالغۇلارنى بېزەشتە، تاختايلارغا چىرايلىق نەقىشلەرنى ئويۇشنى ئاۋارچىلىك دەپ قاراپ، زاۋۇتلاردىن كەلتۈرۈلگەن تەييار ماتېرىياللارنى  ئىشلىتىش بىر قەدەر ئومۇملىشىپ قالدى. ئۆي بېزەكچىلىكىدە، ھۈنەرنى ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان تەۋەرۈك ئەنئەنە بويىچە مىللىي پۇراققا ئىگە قىلالايدىغانلار ئازىيىپ كەتتى. ئۆي بېزىگۈچىلەر زاۋۇتتىن كەلتۈرۈلگەن، قۇرۇلمىسى ئىنتايىن ئاجىز تاختايلارنى قۇراشتۇرۇپ قويۇش بىلەن بىزەكچىلىك قىلىپ، ئۇستىكار ئەجدادلىرىمىز ئىجاد قىلغان، ھەقىقىي كامالەتكە  يەتكەن ھۈنەرۋەنچىلىك  تېخنىكىسىنى  ئۇنتۇپ كېتىشتى.
     زەرگەرچىلىرىمىز زىبۇ زىننەت بويۇملىرىنى زەرگەرچىلىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ، ئۆزلىرى  كۆڭۈل   قويۇپ   ھەم   ئەجىر   قىلىپ ياساشتىن  زاۋۇتنىڭ تەييار مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا يۈزلەندى.  ئۇلارنى خېرىدارلارنىڭ تاللاش ئېھتىياجىنى كۆزلەپ شۇنداق قىلدى دېگەندىمۇ، ئۆزلىرى ياسىغان نەپىس  بويۇملاردىكى مىللىي مەدەنىيەت پۇرىقى بىلەن زاۋۇتنىڭ  تەييار  بويۇملىرى ئەكس ئەتكۈزگەن مەدەنىيەت پۇرىقى ئوتتۇرىسىدىكى ناھايىتى چوڭ پەرققە سەل قارىدى دېيىشكە  بولىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۇلار چىۋەر ئەجدادلىرىمىز ئىجاد قىلغان گۈلدەك ھۈنەرۋەنلىك رىسالىسىنى، شۇنداقلا نەپىس  زىبۇ  -زىننەت بويۇملىرىنى ياساشنى ئۇنتۇپ كېتىۋاتقانلىقى ياكى بىلمەيدىغانلىقىدىن خىجىللىق ھېس قىلىشمايۋاتىدۇ.
ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم  يېزا ياشلىرى ئىچىدە ئومۇملىشىۋاتقان  ئۈچ    چاقلىق توكلۇك موتوسىكىلىت ھەيدەپ كىراكەشلىك قىلىشتەك ئىشلار ئۇلار ئۈچۈن سىجىل ئولتۇرۇپ ھۈنەر ئۈگىنىشكە قارىغاندا ئاسان ھەم مەنپەئەتلىك ئىش بىلىنىۋاتىدۇ. ئۇلار كۆز ئالدىدىكى ئازراقلا پايدىنى دەپ، ئەجدادىدىن مىراس  قالغان  تېرىقچىلىق ئىشلىرى ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ جاپاسىدىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇشماقتا.
    ھۈنەرۋەن- كاسىپلارنىڭ قانداق ئۇسۇلدا جان بېقىپ تىرىكچىلىك قىلىشى  بىز  ئۈچۈن دەماللىققا مۇناسىۋەتسىز ئىشتەك بىلىنگەن بىلەن ئۇلارمۇ جەمئىيىتىمىزنىڭ مۇئەييەن ئىجتىمائىي ۇرۇلمىسىنى، شۇنداقلا مەدەنىيەت ئامىللىرىنى تەشكىل قىلغۇچىلاردۇر. ئاتا-بوۋىلىرىمىز دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىپلا قالماي، بەلكى قول-ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ،  مىللەتكە خاس پارلاق مەدەنىيەت يارىتىشقا  ئۆزلىرىنىڭ تۆھپىسىنى قوشقان
       دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش  ياكى ھۈنەرۋەنچىلىك قىلىشنى  قىيىن ئىش ، دەپ قاراش، توكلۇق مۇتوسىكىلىت ھەيدەپ كىراكەشلىك قىلىشنى ھېچقانچە كۈچ ھەم  تېخنىكا تەلەپ قىلمايلا  مەنپەئەت ئالغىلى بولىدىغان ئىش ھېساپلاش ۋە ئۇنى جان بېقىشنىڭ  بىردىنبىر دەسمايىسى قىلىۋېلىش تازا  ئاقىلانىلىك ئەمەس، خۇددى يىلتىسىز دەرەخ  ۋاقىتلىق كۆكلەپ  قۇرۇپ قالغاندەكلا ئاخىرى  يوق ئىش، خالاس.
     ھۈنەر-سەنئەت -ھەرقانداق بىر  مىللەتنىڭ  ئۆز تارىخىدا ياراتقان بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋى  بايلىقلىرى ئىچىدىكى ئۆزلۈككە ياتىدىغان قىممەتلىك   بايلىقلىرىدىن بىرىدۇر. پەرزەنتلىرىمىزنى ئالدى  بىلەن ئىنساپلىق، دۇرۇس ئادەم، ئاندىن ھۈنەرلىك  ئادەم قىلىپ تەربىيىلەش بىزنىڭ باش تارتىپ  بولماس مەجبۇرىيىتىمىز.  قىزىرىپ پىشقان نانلارنى پەشخۇنلارغا ئاتالىغۇچىلارنىڭ  كۆزلىرىدىن  قۇياش  بالقىيدۇ؛ بازغان تۇتقان قوللاردا كۈچ- قۇۋۋەت بولىدۇ؛ ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قۇيالىغۇچى  زەرگەرلەرنىڭ  بارماقلىرى ئارىسىدىن گۈل-چېچەكلەر ئېچىلىدۇ؛ ياغاچلارغا نەپىس نەقىش  ئويالىغۇچىلارنىڭ سايمان  تۇتقان قوللىرى ئەلنىڭ نەزىرىدە خاسىيەتلىك  قول  سانىلىدۇ.....
كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، يېقىنقى  يىللاردىن بۇيان، ھەرقانداق سودا يەرمەنكىلىرى  ياكى كۆرگەزمىلەردە  داڭلىق سودىگەرلەرنىڭ كۆڭۈل مەيلىنى  تارىتۋاتقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ  ئىشچان قوللىرىدا ياسالغان،  ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەقىل- پاراسىتى سىڭگەن، مىللەتكە  خاس مەدەنىيەت ئىزنالىرى  ئەكس   ئەتكۈزۈلگەن قول  ھۈنەرۋەنچىلىك بويۇملىرى بولماقتا. دېمىسىمۇ، بۇ خىلدىكى  بويۇملار  ئۆز  ئالاھىدىلىكى ۋە قىممىتى بىلەن كۈنسايىن  بازار تاپماقتا. ئەمما، كىشىنى  ئەندىشىگە  سالىدىغىنى  شۇكى، بىزدە ھۈنەرگە  كامىل ئۇستىلار، ۋارىسلىق قىلغۇچىلار، ھۈنەر  ئۈگەتكۈچىلەرنىڭ   سانى  نىسبەتەن ئازىيىپ بارماقتا.
    قول ھۈنەرۋەنچىلىك تېخنىكىسىنى ئۈگىنىشنىڭ ئۆزى مىللەتكە خاس گۈزەل  ئەنەئنە ۋە مەدەنىيەتكە ۋارسىلىق قىلغانلىق سۈپىتىدە ئەھمىيەتلىك بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ  كونىلىققا ئېسىلىۋالغانلىق ھېساپلانمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، خوتەن قەغىزىنىڭ يېڭىباشتىن قىممىتىنى تېپىشى، خوتەن گىلىمى، خوتەن ئەتلىسى ۋە يىپەكلىرىنىڭ بازارلاردا ئەتىۋارلىنىشى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان قەشقەر مېمارچىلىق، دوپپىچىلىق سەنئىتى، يېڭىسار پىچاقلىرى قاتارلىقلارنىڭ شان- شۆھرىتىنىڭ  ئېشىپ بېرىشى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. جەمئىيەت  تەرەققىياتىغا  ماسلىشالمىغان بەزى ھۈنەر- كەسپلەر تەبىئىي ھالدا زاماننىڭ شاللىۋېتىشىگە دۇچ كەلگەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭغا ئىجادىي  ۋارىسلىق قىلىش،  ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۈمكىن. جەمئىيىتىمىزدىكى ھۈنەرۋەن -كاسىپلار قاتلىمى ئىجتىمائىيلاشقان قاتلاپ بولۇپ، جەمئىيەت ئىناقلىقىنىڭ مۇھىم تەڭشەكلىرىنى تۇتقىچىلاردۇر. شۇنىمۇ تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، ھۈنەرۋەن- كاسپلار قوشۇنىنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە ھۈنەر- كەسپ  تۈرلىرىنىڭ ئازىيىشى جەمئيەتتىكى ئىشسىزلارنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.  
     ئۇيغۇر قول ھۈنەر-سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ دۇنياغا  يۈزلەندۈرۈشتە ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولماس  مەسئۇلىيىتىمىز  ۋە   مەجبۇرىيىتىمىز  بار.  مەركەز ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىلغار ئەنئەنىۋى ھۈنەر- سەنئىتىنى راۋانلاندۇرۇش، شۇنىڭدەك ئاز سانلىق  مىللەتلەرنىڭ قول ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قېلىشتا سىياسەت جەھەتتىن قوللاش، ئىقتىسادىي جەھەتتىن  مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش  ئارقىلىق يار- يۆلەك  بولماقتا. مانا بۇ ئېسىل ئەنەئىلەرگە ۋارىسلىق قىلىش، ھۈنەر- سەنئەت  ئۈگىنىش، قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ،  كۆپ خىل ئىگىلىكنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.
     ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنچىلىكىدىكى يوقىلىۋاتقان بەزى تۈرلەر ھەققىدە سۆز ئاچقىنىمىزدا، مىللىتىمىزنىڭ پارلاق مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش، داۋاملاشتۇرۇش ۋە  تەرەققىي  قىلدۇرشقا، جۈملىدىن ئىشلەپچىقىرىش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىمىزغا پايدىلىق نۇرغۇن تۈرلەرگە ئەھمىيەت بەرمەيۋاتىمىز. مەسىلەن:  ئاشلىق پىششىقلاپ  ئىشلەشتىكى تۈگمەن، يارغۇنچاق، ياغ پىششىقلاپ ئىشلەشتىكى كىگىزچىلىك، پىيمىچىلىق، كۈن- خۇرۇمچىلىق،  بېزەكچىلىكتىكى نەققاشلىق قاتارلىقلارنى ھازىرقى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىمىزدا ئاساسەن ئۇچراتقىلى  بولمايدۇ. زامان ھەرقانچە تەرەققىي قىلغاندىمۇ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تۈرلەرنىڭ  ۋاقتى ئۆتمەيدۇ، بەلكى كىشىلىك تۇرمۇش ۋە سالامەتلىككە بىۋاستە پايدىلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن بارغانسېرى ئۆز قىممىتىنى تاپىدۇ. شۇڭا، بىز قول ھۈنەرۋەنچىلىكىمىزدىكى ئېسىل تۈرلەرنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، ئۇنىڭغا  ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىشىمىز لازىم.

زەيتۇنەم  مۇھەممەتئىمىن

  مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   


10727920625187789540.jpg

ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

1

دوست

2814

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   27.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9200
يازما سانى: 225
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 822
توردىكى ۋاقتى: 125
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 11:12:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقانداق  ئېسىل ھۈنەرمۇ ئۆزىنى داۋاملىق تەرەقى قىلدۇرمىسا ھامان بىر كۈنى ئالدى بىلەن ئۆز قەۋمى تەرىپىدىن  شاللىنىپ كېتىدۇ .بىزنىڭ نۇرغۇن ياخشى ھۈنەرلىرىمىز تەرەقىياتقا ئىرىشىپ ئۆزىمىز تەرىپىدىن ئەتىۋارلىنىپلا قالماي يەنە باشقا مىللەتلەر ياقتۇرىدىغان سەنئەت ياكى تۇرمۇش بۇيۇمىغا ئايلىنىپ ئىشلىتىلمەكتە .يەنە بىر قىسىم ھۈنەرلىرىمىز بولسا ئاپتۇر ئىيتقاندەك يوقۇلۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالدى . مەسىلەن كىگىزچىلىك ھۈنۈرى ،بۇ ھۈنەر ھازىر ئايرىم جايلاردا ساقلىنىپ قېلىنغان بولسىمۇ ،ئۇنىڭغا قوشۇلىدىغان ئىش مىقتارىنىڭ كۆپلىگى ،كىگىزنىڭ بازاردىكى باھاسىنىڭ تۆۋەنلىگى ،بازاردا كىگىزدىنمۇ چىداملىق سۈپەتلىك باشقا سېلىنجىلارنىڭ مەۋجۇتلىغى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلى، بۇھۈنەرنى قىلىدىغان ئادەم چىقمايدىغان ھالەت شەكىللەندى .كىگىز بېسىشنىڭ جەريانىنى ھازىرقى ياشلار بىلمەيدۇ ،ئۇنى پىشۇرۇش ئۈچۈن قانچىلىق كۈچ ۋە ۋاقىت كىتىدىغىنىنى تەسەۋۇر قىلالمايدۇ .بىر كىگىزنى پىشۇرۇش ئۈچۈن كىگىزچىنىڭ ئىككى بىلىكىنىڭ قانداق زەخمىگە ئۇچرايدىغانلىغىنى ئەسلا ئويلىمايدۇ .مۇبادا كىگىز بېسىش جەريانىغا پەن-تېخنىكا قوللىنىلغان بولسا ياكى كىگىز بېسىش جەريانى يېرىم ئاپتۇماتلاشقان بولسا بەلكىم ئۇنىڭ كەلگۈسى پارلاق بولار ئىدى .بىز قول ھۈنەرلىرىمىزنى ساقلاپ قالىمىز  دەيدىكەنمىز چوقۇم ئۇنىڭغا پەن-تېخنىكىنى قوشۇشىمىز كېرەك ،بولمىسا ئۇنىڭ ھاياتى كۈچى بولمايدۇ . بىر مىللەتنىڭ تەغدىرىمۇ دەل قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ تەغدىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ  ،پەن-تېخنىكىدىن ئايرىلغان مىللەتنىڭ ھىچنىمىسى بولمايدۇ .

1

تېما

3

دوست

775

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   55%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10324
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 61
تۆھپە : 201
توردىكى ۋاقتى: 158
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 17:53:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھۈنىرى بارنىڭ قولى ئالتۇن،ئاقىل ئەرنىڭ يولى ئالتۇن.

1

تېما

9

دوست

8855

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   77.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 2576
توردىكى ۋاقتى: 419
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 19:14:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nijat0220 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-29 22:34  

يېقىندىن بۇيان بىرقىسىم قول ھۇنەر سەنئىتىگە ئائىت تۈرلەر قوغداش خاراكتېرلىق ئېتىۋارغا ئىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ خىزمەتلەر يىتەرلىك ياخشى ئىشلەنمەيۋاتىدۇ، ئەڭ مۇھىمى بازارغا يۈزلەندۈرۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك دەپ ئويلايمەن.چۈنكى ئىقتىسادى قىممىتى  قانچە يۇقۇرى بولسا، ئاممىنى قىزىقتۇرۇپ، قوغداش بىلەن بىرگە تىزرەك ھاللىق سەۋىيگە يىتىشتىن ئىبارەت قوش ئۈنۈم ياراتقىلى بۇلىدۇ.

11

تېما

0

دوست

9516

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   90.32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2680
يازما سانى: 452
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2023
تۆھپە : 1543
توردىكى ۋاقتى: 370
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-1 12:12:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەشقەرگە بارغىنىمدا قول ھۈنەر كوچىسىدا ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ماھارىتىگە ھەيران بولۇپ بىر كۈننى شۇ يەردە ئۆتكەزگەن ئىدىم . مەن قول ھۈنەرۋەنچىلىككە بەك قىزىقىمەن ، ئەگەر شارائىتىم پىشىپ يىتىلگەندە چوقۇم قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شوغۇللىندىغانلارنى بىر يەرگە يىغىپ چوڭ بىر زاۋۇت ئاچقان بولاتتىم .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )