قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 788|ئىنكاس: 5

ئۇيغۇرلاردا شامانىزىم ئۆتكۈن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

29

دوست

510

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7107
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 144
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-28 21:40:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
شامان دىنىدىكى توتىم ئېتىقادى ۋە ئۇيغۇرلار
ئابدۇرىشىت. داۋۇت ئۆتكۈن
مەركىزىمىللەتلەر ئونىۋېرسىتېتى2010- يىللىق ئوقوغۇچىسى


قىسقىچە مەزمونى: مەيلى قانداق مىللەت بولسۇن، تارىختا نۇرغۇن دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان. گەرچە بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئىنسانلارنىڭ ئېتىقادى ئاساسلىق(ئىسلام،خىرىستىيان، بۇددا) ئۈچ چوڭ دىنغا مەركەزلەشكەن بولسىمۇ، ئىلگىرى ئېتىقاد قىلغان ئىپتىدائىي دىنلارنىڭ قالدۇقلىرى يەنىلا شۇ مىللەت تۇرمۇشىدا ئادەتكە ئايلانغان ھالدا، ئۆزىنىڭ ئېتىقادىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ داۋام قىلماقتا. بەزىلىرى ئاڭلىق،بەزىلىرى ئاڭسىز ھالدا قوللىنىلىپ كەلمەكتە. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيىتقاندا ئىسلام مۇرتلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تورمۇش ئادەتلىرى، ئۆرۈپ - ئادەت، بىر قىسىم دىننى پائالىيەتلىرىنىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي دىننىي ئېتىقادى شاماندىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. مەزكور ماقالىمىزدە، ئۇيغۇرلار شامان دىنىدىكى توتىم ئېتىقادى توغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزىمىز.
ئاچقۇچلۇق سۆز: ئۇيغۇرلار، شامان، توتىم، بۆرە
كىرىش سۆز: شامانىزىم تۇركىي مىللەتلەر ئېتىقاتىدىكى ئەڭ ئىپتىدائىي دىن دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. شۇنداقلا شاماننىڭ تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئاتىلىشى، ھەر قايسى تارىخى باسقۇچلاردىكى ئاتىلىشىمۇ بىر- بىرىدىن مۇئەييەن دەرىجىدە پەرىقلىندۇ. مەسلەن: « شامان » قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا « قام » دەپ ئاتالغان. «دىۋان»دا مۇتەپپەككۇر مەھمۇد كاشغەرىي : «قام _  سۆزىنى ئۇيغۇرلار ۋە تۈرۈكلەر ئىلاھىيكۈچ – قۇدرەتكە ئىگە شەخىسلەرنى قام دەپ ئاتايدۇ. دەپ خاتىرلىگەن. «قۇتادغۇبىلىك»تىكى شېئىر -  قوشاقلاردا :«  ئوتاغىل دارۇ بىرلە، بولغىل قامى.» دەپ ئېلىنغان. دېمەك، «قام» سۆزى ھېكىم، ئوستا، داۋالىغۇچى مەنىسىدە قوللىنىلغان. شۇنى بىلىش تەس ئەمەسكى، قەدىمكى دەۋىردە شاماننى «قام » دەپ ئاتىغان، ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ « جىن» قوغلايدىغانلارنى « قامان » دەپ ئاتىشى شۇنىڭدىن كەلگەن بولسا كېرەك.
شامان دىنى تەبىئىي دىن بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىپتىدائىي ئىنسانلار ئارىسىدا پەيدا بولغان مۇرەككەپ، ئىستىخىيلىك ئېتىقاد ئىدىلوگىيسى. يەنى، ئىنسانلار تەپەككۇرى دەسلەپكى قەدەمدە يېتىلگەنلىكىنىڭ مەسئولى. بىر خىل ئاڭسىز تەپەككۇرنىڭ نەتىجىسى ،ئىنسانلار بىلىشىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسى بولغاچقا،تېپىلمىلارغا ئاساسەن ئالتاي مىللەتلىرى، ئامرىكىدىكى ئىندىئانلار قەبىلىسى، لاتىن ئامرىكىسىدىكى يەرلىك خەلقلەر، جەنوبىي ئاسىيا، تېنىچ ئوكيان رايونىدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭمۇ ئارىسىداتارقالغانلىقى مەلۇم. شۇڭا شامان دىنىنى پۈتكۈل ئىنسانلار ئارىسىدا تەبىئىي ھالدا تارقالغان دىن دەپ ئېيتالايمىز.
1. ئومومىي چۈشەنچە
      شامان ئەڭ ئىپتىدائىي دىن بولۇپ، ئىپتىدائىيلىق،كۆپ خودالىق بولۇش، سىنىپىي خارەكتىرگە ئىگە بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. جۈملىدىن، شامان دىنىنى بارلىق دىنلارنىڭ باشلىنىش مەنبەسى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.شامان دىنىنىڭ دىن پىسخىكىسى جەھەتتىن ئالغاندا، باتۇرلار روھىغا چوقۇنۇش، مۇھىمئۇرۇن ئىگىلىگەن. شۇڭا ئۇيغۇرنىڭ ئەجداتلىرى تارىخىغا ئائىت ئىپوس ۋە يادنامىلەردىكى ئوغۇزخاقان، ئالىپ ئەرتۇڭا، كۆلتىگىن، قاتارلىق قەھرىمانلارشامانىزىم مۇھىتىدا يېتىلىگەن دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئۇلار ۋۇجودىدا شامان دىننىڭ ئېتىقاد مەزمۇنلىرىدىكى باتۇرلۇق پىسخىكىسى ۋە باتۇرلارغا چۇقۇنۇش ئىدىيسى مۇجەسسەملەنگەن غالىپ شەخىسلەر ھېسابلىندۇ.
    شاماندىنى كۆپ تەڭرىلىك دىن بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر قايسى مىللەت، ھەرقايسى قەبىلە-ئۇرۇقلاردا، بىر- بىرىدىن پەرىقلىندىغان ئېتىقادلارنى شەكىللەندۈرگەن، توتىمئېتىقادىنى ئۆزىنىڭ مۇھىم ئېتىقاد مەزمۇنى ۋە ئېتىقاد شەكلى قىلغان. ئۇ ئىپتىدائىيئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يارىلىشى ھەققىدىكى ساددا تەپەككۇرىنىڭ گومانىيئىزدىنىشلىرىنىڭ مەھسولى بولۇپ، ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئىدىلوگىيە ۋە جەمئىيەتتەرەققىياتىدا تۈرتكۈلۈك رول ئوينىغان. شامانىزىمدىكى تەبىئەت ئېتىقادچىلىقىئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ تەرتىپسىز ۋە كەڭ دائىرلىك، ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى ئىلاھىيچۈشەنچىلىرىنىڭ ئىنكاسىي بولغان بولسا، توتىم ئېتىقادىي بىر قەدەر تۈزۈملەشكەن،مەركەزلەشكەن ئېتىقاد مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىنكاسى.
   توتىم _ (Totem) سۆزى شىمالىي ئامرىكا ئىندىئانلىرىنىڭ ئۇجبۇۋا قەبىلىسى تىلىدا«ئۇرۇق » « ئۇنىڭ ئۇرۇقى » دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرگەن. شۇنى كېسىپ ئېيتىشقابولىدۇكى توتىم چۈشەنچىسى، ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئەجدادىنى ھايۋان، دەرەخ،قۇشلار ۋە باشقا ھەرخىل جانسىز ئوبىكتىپ نەرسىلەرگە، تەبىئەت ھادىسلىرىگە باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىشىدىن شەكىللەنگەن.
2.ئۇيغۇرلاردىكىشامانىزىم
       شامانىزىم ئەڭئىپتىدائىي بىن بولۇش ئالاھىدىكى بىلەن قاچان، قايسى دەۋىردە، ئۇيغۇرلانىڭ ئەجداتلىرىئارىسىدا قۇبۇل قىلىنغانلىقى ياكى ئوموملاشقانلىقىنى بېكىتىش تولىمۇ تەس، ئەمما،مىلادىدىن ئىلگىرىكى، ھون ئېمپىريىسى دەۋرىدىكى ئېپوسلاردا شاماننىڭ، يەنى توتىمنىڭ ئالامەتلىرى كۆپ ئۇچىرايدۇ. تاتۇر تەڭرىقۇت دەۋىرىدە ، ئوغۇزخاقان دەۋرىدە، تۈرۈك خانلىقى دەۋىرلىردىكى ئەپسانە، رىۋايەتلەردە، داستان، ئېپوسلاردائۇلانىڭ ئەجداتلىرىنى بۆرىگە باغلاپ بايان قىلغان، بۆرىنى ئۆزلىرىنىڭ سىمۋولى قىلغانلىقى بىر ئومومىيەتلىك ھېسابلىندۇ، دېمەك ئۇيغۇرلانىڭ ئەجداتلىرى خېلى بۇرۇنلا شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس.
      شامان _ ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت دۇنياسى ھەققىدىكى ئىپتىدائىي تەپەككۇرىنىڭ،ئىپتىدائىي چۈشەنچىلىرىنىڭ، ئاشۇ چۈشەنچىلەر ئاساسىدا پەيدا بولغانپائالىيەتلىرىنىڭ ئومومىي گەۋدىسى. مەسلەن: ئۇيغۇرلاردىكى ئاسمان تەڭرىسى«ئۆلگىن»،بىلەن يەر تەڭرىسى « ئوماي ئىلاھىي» قاتارلىقلار مۇشۇ ئىپتىدائىيتەپەككۇرىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسى بولسا كېرەك. شامان ئىپتىدائىي جەمىئىيەتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى يەنى ئانىلىق ئۇرۇقداشلىقدەۋىرىدە شەكىللەنگەن دەپ قارالماقتا.« پېرىخونلۇق» پائالىيەتلىرىدە ئايالچەياسىنىش، ئايالچە ئۇسول ھەركەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشى، ۋە بىر قاتار ئارخىلوگىيلىكماتىرياللار ئەڭ دەسلەپكى شاماننىڭ ئايال ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئۇيغۇرلاردىكىشامان دىنىمۇ تەبىئەت ئېتىقادچىلىقى، پېرىخونلۇق، توتىم ئېتىقادى، ئانىمىزىمئېتىقادىدىن ئىبارەت بىر قاتار ئېتىقاد مەزمونلىرىغا ئىگە بولغان. ئۇنداقتا بۇ ئەڭقەدىمىي ئېتىقاد نېمە سەۋەبدىن ئاجىزلاشقان؟
  ئۇيغۇرلارداشاماننىڭ ئاجىزلىشىشى مۇنداق بىر قانچە سەۋەبلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان:
1. زورائاستىر دىنىنىڭ تارقىلىشىبىلەن ئوتقا ئېتىقاد قىلىش باشلاندى، كىشىلەر تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئوت قۇياشنىڭپارچىسى دەپ قاراپ بىردەك ئوتنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە بىردەك ئوتقائېتىقاد قىلىشتى، شۇنىڭ بىلەن شاماننىڭ تەسىرى بارا- بارا ئاجىزلاشقا باشلىدى.
2. بۇددا دىنى3.مانىي دىنى 4.نېستۇرىئان دىنى قاتارلىق دىنلار ئىجات قىلىندى. مۇقەددەس كىتابىنى، ۋە بىر قەدەرسېستىمىلىق دىننىي ئەقىدىلىرىنى كىشىلەر قۇبۇل قىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭدىن بېرىشامان دىنىنىڭ تەسىرى پۈتۈنلەي ئاجىزلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شاماندىنىنىڭ ئاجىزلىشىدا مۇنداق بىر قاتار تارىخى سەۋەبلەر بار:
1.كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت دەۋىرىگە كىرىشى ھەم دەسلەپكىئاڭ ئىسلاھاتى.
2.سىنىپىي زۇلۇم ۋە سۈنئىي دىنلارنىڭ پەيدابولىشى(ئاساسلىق ھاكىميەت بېشىدىكىلەر ئېتىقاد قىلغان دىننى دۆلەت دىنى قىلىپبەلگىلەش كۆزدە تۇتۇلغان.)
3. ھەرخىل سودا يوللىرىنىڭ ئېچىلىپ مەدەنىيەتئالماشتۇرۇشنىڭ قويۇقلىشىشى
4. سىياسىي باشقۇرۇشنىڭ كۈچەيتىلىشى قاتارلىقلارئۇيغۇرنىڭ ئارىسىدا شاماننىڭ ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولغان.
    بۈگۈنلۈكتە، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى شاماننىڭ ئىپادىلىرى
     شاماننىڭبەزى بىر ئېتىقاد، ئادەتلىرى تا ھازىرغىچە ھەر-قايسى مىللەتلەر ئارىسىدائۆزلىرىنىڭ دىننى ئېتىقادىغا ماسلاشتۇرۇلغان ھالدا ئۆرۈپ- ئادەت شەكلىدەداۋاملىشىپ كەلمەكتە. بۇكۈنلۈكتە، ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدىكى شاماننىڭ ئىپادىلىرىيوقۇرىقى جەھەتلەردە بىر قەدەر مەركەزلىك ئىپادىلەنمەكتە: 1.پېرىخونلۇق 2. قەسىت3. ئىڭىرچاق سوقۇشتۇرۇش 4.ئۈزۈم كۆپتۈرۈش 5. يادا تىلەش 6. پال ئېچىش 7. جىنقوغلاش 8. سەۋەب قىلىش قاتارلىقلار.
   پېرىخونلۇق_قامان كېسەل داۋالاش ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھاجەتمەنلەرنى پېرە ئويۇنىئويناش ئارقىلىق مەقسىدىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن قىلىندىغان سەۋەب.
    قەسىت_ئاساسلىقى قەسىت قىلىش ياكى قەسىت قايتۇرۇش دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. ھاجەتمەنپېرىخونغا قەسىت قىلماقچى بولغان كىشىنى ئېيتىپ بەرسە پېرىخۇن ئوقۇش ئارقىلىق شۇكىشىگە قەسىت قىلىدۇ، ھەم مۇۋاپىق ھەققە ئېرىشىدۇ قارا تىلدا بۇنى «جودا قىلىش»دەپ ئاتايدۇ، قەسىت قىلىشتا ئۇغۇللار ياكى قىزلار بىر- بىرىنى ئۆزىگەقارىتالمىغاندا پېرخۇنلار ئارقىلىق بەنىت قىلىدۇ،ياكى ئۈچۈنچى شەخىس پېرىخونلارئارقىلىق جادو قىلىپ ئەر-خوتۇنلارنى بىر- بىرىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ. بەزىدە ئۆزىبىلەن ئاداۋەتلەشكەن كىشىلەرگە قەسىت قىلىپ كېسەلگە گىرىپتار قىلىدۇ ياكى، ئىشلىرىئوڭدىن كەلمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ. يوقۇرىقىلارنىڭ ھەممىسىدە ھاجەتمەنلەر پېرىخونغاھەق بېرىدۇ. قەسىت قايتۇرۇشتا، قەسىت قىلنغانلىقىنى سىزىپ قالغانلار پېرىخوننىڭقېشىغا بېرىپ ئەھۋالنى ئېيتىدۇ، پېرىخۇن قەسىتنى قايتۇرىدۇ ھەم تىگىشلىك ھەققەئېرىشىدۇ.
     ئىڭىرچاقسوقۇشتۇرۇش _ ئىككى جادۇگەر ئۆزلىرىنىڭ قايسىسىنىڭ يوقۇرى ئۇرۇندا ئىكەنلىكىنىبىلىش ئۈچۈن مۇشۇ ئۇسول بويىچە سىنىشىدۇ، جادۇگەرلەر ئولتۇرۇپ بولغاندا ئۇلارنىڭئۇدۇلىسىغا ئىككى يىغاچ ئىڭىرچاق قويۇلدۇ، ئۇلار ئوقۇش ئارقىلىق ئۇدۇلىسىدىكىئىڭىرچاقنى مىدىرلىتىپ بىر- بىرى بىلەن سوقۇشتۇرىدۇ كىمنىڭ ئۇدۇلسىدىكى ئىڭىرچاقيەنە بىر ئىڭىرچاقتىن غالىپ كېلىپ بېسىۋېلىپ مىدىرلاشقا زادى ئىمكان بەرمىگەندەئويۇن ئاخىرلىشىدۇ، مىدىرلىيالمىغان ئىڭىرچاقنىڭ ئىگىسى يېڭىلگەن بولىدۇ. ھەميېڭىۋالغان جادۇگەرگە يول قويىدۇ. ئۇ ئارلاشقان ئىشلارغا ئارلاشمايدۇ، ئۇباشقىلارغا قىلغان قەسىتنى ياندۇرۇشقا جۈرئەت قىلمايدۇ. بۇ بىر قەدەر مەخپىي ئېلىپبېرىلىدىغان بولۇپ ، مۇناسىۋەتسىز كىشىلەر ئارلاشتۇرۇلمايدۇ.
     ئۈزۈمكۆپتۈرۈش _ بۇ ئاساسلىق بىرەسىنىڭ مال-مۈلىكى ئۇغۇرلانغاندا ئىشلىتىدىغان جادۇبۇلۇپ ، ھاجەتمەن ئەھۋالنى پېرىخونغا ئېيىتقاندىن كېيىن ئىككى ياكى ئۇنىڭدىنئارتۇق پېرىخون بىر يەرگە يىغىلىپ سۇغا بىر- قانچىلىغان ئۈزۈملەرنى(ئۈزۈم بولمىغانئەھۋالدا، باقىلە يەنى دادۇر، پۇرچاق قاتارلىقلار بولسىمۇ بۇلىدۇ دېيىلگەن) سېلىپئۇقۇپ دەم قىلىدۇ،  ئۈزۈم كۆپۈپ يوغىنايدۇ،دەل شۇ چاغدا ئوغرىنىڭ قورسىقى چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئاغرىمامىش، ئەگەر پېرخۇنلاردەل ۋاقتىدا ئوقۇپ ئۈزۈمنى كۆپكەن ھالەتتىن ئەسلىي ھالەتكە قايتۇرالماي ئۈزۈميېرىلىپ كەتسە ،ياكى ئوغۇرى ئالغان نەرسىسىنى ئۇرنىغا ياكى ئىگىسىگە ئەكىلىپبەرمىسە قورسىقى يېرىلىپ ئۆلەمىش. بۇ بىر قەدەر خەتەرلىك قىيىنلىق دەرىجىسى بىرقەدەر يوقىرى جادۇ ھېسابلىنىدىكەن.      
       يادا تىلەش_ يادا تىلەش قومۇلنىڭ تاغلىقرايونىدا بىر قەدەر كەڭ ئوموملاشقان ھەم ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان جادۇھېسابلىنىدۇ. يادا تىلەشنىڭ ئۇسۇلى بىر قانچە خىل بولۇپ ئوقۇش تەس بولغان خەتلەرچۈشۈرۈلگەن تاشقا ئوقۇپ دەم قىلىش ئارقىلىق يامغۇر ياغدۇرۇش(يادا تاش دەپ ئاتىلدۇ)ئۇسولى، ئات بېشىنى سۇغا سېلىش ئۇسولى، بۇنىڭدا جامائەتچىلىك ئېقىن بېشى(غۇل بېشىدەپ ئاتىلدۇ) غا يىغىلىپ ئاتنى نەزىرلىك قىلىدۇ، ئاتنىڭ بېشىنى ئوقۇپ دەمقىلغاندىن كېيىن سۇغا سالىدۇ( باش ئايغىرنىڭ بېشى بولۇش تەلەپ قىلىندۇ) ئۇزاققابارماي يامغۇر يېغىشقا باشلايدۇ، ئەگەر ئاتنىڭ بېشىنى سۇدىن ۋاقتىدا ئېلىۋەتمىسەيامغۇر يېغىپ توختىماي، يېغىن ئاپىتى بولارمىش. سۇغا يىلان باغلاش، دەم قىپئوقۇلغان يىلاننى باغلاپ كىچىك كۆلچەككە يەنى سۇنىڭ ئىچىگە باغلاپ قويۇش ئۇسولى ،بۇ خىل ئۇسولدىمۇ باغلاقلىق يىلاننى ۋاقتىدا سۇدىن ئاجىرتىۋېتىش، قاچۇرۇپقويماسلىق تەلەپ قىلىنغان بولمىسا يېغىن ئاپىتى بولامىش. يىلاننى سۇدىن ئېلىپئەپسوننى قايتۇرغاندا ئاندىن يامغۇر توختايدۇ دېيىلگەنمىش.
   پال ئېچىشھەرقايسى جايلاردا كەڭ ئوموملاشقان بولۇپ، ھەربىر قاماننىڭ پال ئېچىش ئۇسۇلىئوخشاش بولمايدۇ. بەزى كىتاپلاردا پال ئېچىشنىڭ 100دىن ئارتۇق ئۇسولى باردېيىلگەن.
   جىن قوغلاش،كېسەل داۋالاش قاتارلىقلار سەۋەپ قىلىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ، جىن چاپلىشىپ قاپتۇ، دەپقارىلىدىغان دوختۇرلار داۋالاپ بولالمايدىغان بەزى كىسەللەرنى پېرىخۇن پېرىخونلۇققىلىپ ئوقۇپ داۋالاشنى كۆرسىتىدۇ.
    يوقىرىدابايان قىلىنغانلا ئۇيغۇرنىڭ تۇرمۇشىدا ھېلىھەم مەۋجۇت. بۇ شاماننىڭ ئۇيغۇرلارتۇرمۇشىدىكى مەركەزلىك ئىپادىلىرى بولسا كېرەك. ئۇنىڭدىن سىرىت يەنە شاماننىڭكىيىم- كېچىكى، ياسىنىشى ھازىرقىلار ئادەتتە كىيىدىغان كىيىمىدىن ئانچەپەرىقلەنمەيدۇ دېيىلگەن. (بۇ يەردىكى كىيىم-كېچەك رومال، كۇلاھى جەندە، ئۇزۇن چاپان،روپاش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ دېيىلگەن . ھازىرقىلار دېگىنى كىيىم- كېچىكىدىنتەھلىل قىلغاندا، سوپى ئىشانلارنى كۆرسەتسە كېرەك.). شاماندا ئىشلىتىلدىغان دىننيئەسۋابلارمۇ ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىن كەڭ تېپىلىدۇ. 1.ئىلاھىي داپ(ئۇيغۇرلارنىڭھازىز چېلىۋاتقان دېپى بىلەن ئوخشاش) 2.ئىلاھىي خەنجەر3. ئىلاھىي قامچا 4. ئىلاھىيئارغامچا 5. ئىلاھىي دەرەخ شېخى( ئاساسلىق چىلان شېخى، ئۇ بولمىغاندا باشقامېۋىلىك دەرەخ شېخى بولسىمۇ بولىدۇ.) 6.ئىلاھىي تۇغ7. ئىلاھىي تۇغ 8. ئىلاھىي سۇ9 .ئىلاھىي ئەينەك 10. ئىلاھىي ئوت قاتارلىقلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچباغلانغان سايمانلاردىن تەركىپ تاپقان.
    دېمەك،شامان دىنىنىڭ ئەڭ قەدىمكى دىن بولۇشى بىلەن بىرگە، كىشىلەر ئارىسىدا بەزىدەئاڭلىق، بەزىدە ئاڭسىز ھالدا ھازىرغىچە بىر قىسىم ئۇدۇم ئادەتلىرى ساقلاپقېلىنغان. شۇڭا ھازىرىقى جەمئىيەتتە شاماننىڭ تەسىرى ۋە رولىنى پۈتۈنلەي ئىنكارقىلىۋېتىش مۇۋاپىق ئەمەس. ئۇنى خۇراپىيلىق، بىمەنىلىك دەپ قاراشنىڭ ئۆزىمۇئەخمەقلىق. ئۇنى چوقۇم ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشىمىز، ئىلمىي كۆز قاراشتا بولۇپ،شاماننىڭ ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى پەيدا بولۇپ، تا ھازىرغىچە بىرقىسىمى ساقلىنىپتۇرۇشتىكى تۈپ ماھىيەتنى تېپىپ چىقىش تولىمۇ زۆرۆر.
3.  ئۇيغۇرلارنىڭ شاماندىكىتوتىم ئېتىقادى- بۆرە
     توتىمئېتىقادى ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنى چۈشەنچىسىدە ناھايتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانبىرخىل ئېتىقاد كاتىگورىيسى، شۇنداقلا ئۇ ئەجداتلارنىڭ ئۆز مەنبەسى ئۈستىدەئىزدەنگەن ئەڭ دەسلەپكى تەپەككۇر شەكلى دەپ قارىلىدۇ. تارىخى مەنبەلەر ۋەھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان قالدۇق ئېتىقاد ئادەتلىرىگە ئاساسەن، ئۇيغۇرلارنىڭشامان دىنىدا« توتىم» دەپ قارالغان ئوبىكىتلىرىنى « توتىم ھايۋانلار»،« توتىمدەرەخلەر»، « توتىم قۇشلار» دەپ ئۈچ گۇرپىغا بۆلگەن.
توتىمھايۋانلار گۇرپىسىدا: 1. بۆرە توتىمى2. قاپلان توتىمى3. شىر توتىمى4. ئېيىق توتىمى5.ئۆچكە توتىمى قاتارلىقلار. توتىم دەرەخلەر گورىپىسىدا: دەرەخ توتىمى. توتىم قۇشلارگۇرپىسىدا: 1. بۈركۈت توتىمى2. ئاققۇ توتىمى3. توخۇ توتىمى قاتارلىق ئاساسىيتوتىملارغا ئايرىلغان بولۇپ، يوقىرىقى توتىملار ئىچىدە توتىم ھايۋانلار يەنى بۆرەتوتىمى ئۇيغۇرلار ھاياتىدا ئەڭ سالماق ئورۇن ئىگىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىرقىسىم توتىم ئېتىقادلىرى ھېلىھەم ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
    ناھايتىروشەنكى، بىز تەكىتلەۋاتقان بۆرە توتىمى تارىختا ئۇيغۇر ۋە تۈركىي تىللىقخەلقلەرگە توتىم بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپتە، بۇنداق چوڭ ئۇرنى ۋەتەسىرى بولۇشى ناتايىن. ھەر قانداق مىللەت مۇقەررەر ھالدا، ئۇرۇق، جەمەت، قەبىلە،قەبىلە ئىتىپاقى قاتارلىق بىر مۇنچىلىغان ئىجتىمائىي بىرلىكلەر دەۋىرىنى بېشىدىنكەچۈرگەن. توتىمدىن ئىبارەت باشلانغۇچ ئېتىقاد، ئىنسانىيەتنىڭ بالىلىق دەۋىرىدەبىخ سۈرۈپ راۋاجلانغان بولغاچقا، ئەڭ دەسلەپتە توتىملارنىڭ سانى كۆپ، تۈرلىرىخىلمۇ-خىل بولغان. ھەر قايسى ئۇرۇق قەبىلىلەر ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جۇغراپىيلىكمۇھىتقا ئاساسەن ھەرخىل ھايۋان، قۇش، دەرەخلەرنى توتىم قىلغان. تۈركىي مىللەتلەرتوتىم ئېتىقادىدا ئاساسلىق يايلاق ھايۋانلىرى يەنى سۈتخۇر ھايۋانلارنى توتىمقىلغان. ئۇلارنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرى (فىزىلوگىيلىك ئالاھىدىلىكى، مىجەز-خۇلىقى،ھەرىكىتى) ئىنسانلارغا ئاز تولا ئوخشايتتى. دېمەك ئۇرۇق قەبىلە تۈزۈمىنى بېشىدىنئۆتكۈزگەن ھەرقانداق بىر مىللەتتە بەقەت بىرلا توتىم بولمايدۇ. بەلكى ئۆزىنىڭ خاس توتىمى بولغان بولىدۇ. بىر مىللەت ياكىقېرىنداش مىللەتلەر تۈركۈمىدە بىر ئومومىي توتىمنىڭ مەيدانغا كېلىشى، ئۇزاقمۇددەتلىك تارىخى جەرياننى ئۆزىگە تەقەززا قىلغان بولىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر قاتارلىقتۈركىي تىللىق مىللەتلەردە ئومومىي توتىم بولغان بۆرە، تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ نەچچەئونلىغان ئۇرۇق قەبىلىلىرىنىڭ توتىملىرىنى بىر- بىرلەپ شاللاپ ۋە سەپتىن چۈشۈرۈپئەڭ ئاخىرى خوجايىنلىق ئورۇنغا ئىگە بولغان. تارىختىن نەزەر سالساق، ھونلار19قەبىلە، تۈرۈكلەر15 قەبىلە بولۇپ ھەرقايسى قەبىلىلەر ئۆز ئالدىغا بىر ھايۋاننىئونگۇن ياكى تۆز ھېسابلاپ ئۇنىڭغا چوقۇنغانلىقى مەلۇم. لېكىن كۆك تۈرۈك خانلىقىبۇخىل بۆلۈنمە ۋەزىيەتكە خاتىمە بەردى. كۆك تۈرۈك خانلىقى قۇرۇلۇپ، ھەرقايسىتۈركىي قوۋۇملار بىرلىككە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن تۈرۈكلەرنىڭ ھونلار بىلەن قانداش قەبىلىسىيەنى ئاشنا قەبىلىسى، پۈتكۈل تۈركىي قوۋىملارنى ئۆزىنىڭ بۆرە توتىمى ئاستىغايىغدى. خەنزۇچە مەنبەلەردە: ئاشنا قەبىلىسى پۇت قوللىرى كېسىپ تاشلانغان ئوغۇلبالا بىلەن ئانا بۆرىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، ئۇلار بۆرىنى مۇقەددەس توتىمھېسابلاپ ئۇنىڭغا تىۋىناتتى،دەپ خاتىرلەنگەن. كېيىن ئۇلار ھاكىميەت بېشىغا چىقىپبۆرە توتىمىنىڭ تۈرۈكلەر تېرتورىيسىدىكى يۈكسەك ئوبرازىنى تىكلىدى. تۈرۈكلەرنىڭبايراقلىرىغا، بۆرە بېسى چۈشۈرۈلۈپ، خاقاننىڭ چىدىرى ئالدىغا قادالدى. كۆك بۆرەپۈتكۈل تۈرۈكلەرگە كۈچ قۇۋۋەت، جاسارەت، غەلبە ئاتا قىلدىغان سىرلىق ئىلاھقا،روھىي تۆۋرۈككە ئايلاندى. بۇ بۆرە توتىمىنىڭ تۈرۈكلەر تارىخىدا تۇنجى قېتىم كەڭدائىرىلىك بىرلىككە كېلىشى ۋە ئاساسىي توتىمغا ئايلىنىشى ئىدى.
  715- يىلىتۈرۈك خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن شۇيىلى تۇغلا ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلدى، كېيىنئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار مۇڭغۇل ئىگىزلىكىدىكىقۇدرەتلىك كۈچ بولۇپ قالدى. «تاڭنامە» 252-جىلىد ۋە «كونا تاڭنامە» 195-جىلىدلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلار «ئىچكى توققۇز قەبىلە»، «تاشقى توققۇز قەبىلە»دەپ جەمئىي 18 قەبىلىگە ئايرىلغان. ئۇلارنىڭ توتىملىرىمۇ ناھايتى كۆپ بولغان.ئېران تارىخچىسى رەشىددىن ئۆزىنىڭ «جامىئۇل تاۋارىخ» ناملىق ئەسىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ24 ئۇرۇقتىن تەشكىل تاپقانلىقى، ھەر- بىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئونگۇن ھايۋىنى بولۇپ،شۇ ھايۋانلارغا قارىشى تۇرمايدىغانلىقى، گۆشىنى يېمەيدىغانلىقى، چېقىلمايدىغانلىقىتىلغا ئېلىنغان. ئەمدى بىز « ئوغۇزنامە» داستانىدىن ئەجداتلىرىمىزنىڭئەجداتلىرىمىزنىڭ ئۇششاق قەبىلە- ئۇرۇق توپلىرىدىن قەبىلىلەر ئىتىپاقى دەۋىرىگە تەرەققىيقىلغانلىقى ئۇلارنىڭ ئۇششاق توتىملىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرى بىرلا بۆرە توتىمىغامەركەزلەشكەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز. مەسىلەن:
مەنسىلەرگە بولدۇم خاقان،
ئېلىڭلاريا بىلەن قالقان.
تامغابولسۇن بىزگە بويان،
كۆكبۆرە بولسۇن ئوران.
دېمەك، ئوغۇزخان بارلىق قەبىلىلەرنى بىرلىككەكەلتۈرگەندىن كېيىن ئۆز قەبىلىسىنىڭ توتىمى بولغان كۆك بۆرىنى چوڭ قەبىلىلەربىرلىكىنىڭ ئورتاق توتىمى قىلغان.
بۆرە_ ئەڭدەسلەپتە ھونلارنىڭ 19 ئۇرۇقى ئىچىدىكى « قارا بۆرە ئۇرۇقى» غا، ئاندىنتۈرۈكلەرنىڭ ئانا ئۇرۇقداشلىقى بولغان «ئاشنا» قەبىلىسىگە توتىم بولغان، كۆك تۈرۈكۋە ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدا بىردىنبىر توتىم بولۇپ، بايراق، گىرىبلارغاكەشتىلەنگەن. كۆك بۆرىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك باش شەكلى چۈشۈرۈلگەن كۆك بايراق ئۇرخۇنئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئەڭ ئالىي سىمۋولى بولغان، مۇشۇنداق تەرەققىيات داۋامىدا، بۆرەئۇيغۇرلاردا باشقا توتىملارنىڭ ئورنىغا دەسسسەپ، تەسىر دائىرىسى جەھەتتىن ئەڭنوپوزلۇق توتىم بولۇپ قالغان. ھەم ھازىرغا قەدەر بۆرىنى ئۇلۇغلاش، چىشى، ئوشۇقىنىقىممەتلىك زۇننار قىلىپ ساقلاش، ئۇستىخىنى بىلەن ئىسرىق سېلىش قاتارلىق ئادەتلەرساقلىنىپ قالغان.
يىغىپ ئېيىتقاندا: ئىپتىدائىي دىنلار پەقەت كىشىلەرنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشىنى كونتىرول قىلىپ تۇرغان تاشقىي كۈچلەرنىڭ كىشىلەر مىڭىسىدىكىخىيالىي ئىنكاسى بولسىمۇ، بۇ ئېتىقادلارغا مىللەتنىڭ ئزۇن يىللىق تارىخى، مۇئەييەن ئىدىلوگىيە، ئاڭ سېستىمىسى، مىللىي مەدەنىيەت يوشۇرۇنغان ھەم يوغۇرۇلۇپ بىرگەۋدىلەشكەن، شۇڭا ئۇلارنىڭ رولىغا سەل قارىماسلىق زۆرۈر.
پايدىلانمىلار: ئۇيغۇرپەلسەپەتارىخى   ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئمىن        شىنجاڭخەلق نەشىرىياتى   1997-يىلى8-ئايلىق1-نەشىرى
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي ئېڭى ۋە پەلسەپە بىخلىرى   ئابلىمىت ئۆمەر بىلگە مىللەتلەر نەشرىياتى2008-يىلى5-ئاي1- نەشىرى
ئۇيغۇر توتىم مەدەنىيتى   ئەسەت سۇلايمان  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001-يىلى 2-ئاي 1-نەشىرى
ئۇيغۇرلاردا شامانىزىم    راخمان ئابدۇرىھىم   مىللەتلەر نەشىرىياتى  2006-يىلى6-ئاي 1- نەشىرى

3

تېما

0

دوست

5291

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10920
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 492
تۆھپە : 1285
توردىكى ۋاقتى: 342
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 16:46:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز كىچىك ۋاقىتلاردا بالىلارنى يەتتە يولنىڭ دوقمۇشىدىن ئۇششاق چىۋىققا ئوخشاش نەرسىلەرنى يىغىپ، كۈن قىزىل بولغاندا ئوت يېقىپ كۆيدۈرۈپ ،بېشىدىن ئايلاندۇرۇپ تاشلايدىغان ئىشلار بولىدىغان. بۇمۇ شامازىمغا كىرەمدۇ؟
قۇتلان تېلفۇنلىرى

1

تېما

0

دوست

967

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   93.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21759
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 280
توردىكى ۋاقتى: 84
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-30 15:54:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-30 16:02  
bowak يوللىغان ۋاقتى  2013-10-29 16:46
بىز كىچىك ۋاقىتلاردا بالىلارنى يەتتە يولنىڭ دوقمۇشىدى ...


ھازىرقى داخانلار(دۇئاخانلار)نىڭ ‹‹ئوت كۆچۈرىشى››، كېلىن خېنىملارنى ئوتتىن ئاتلىتىش، يەتتە ئۆيدىن يۇڭ تىلەپ، يۇڭغا ئوت يېقىپ بوۋاقلارنىڭ بېشىدىن ئايلاندۇرۇش... دىگەنلەر دەل ئاشۇ شامان دىنىدىن قالغان ئادەت.
ئەسكى پۇرۇچتىن قورچاق ياساپ، ئالدىغا پۇچۇق تاۋاقتا ئۇماچ قويۇپ قويىدىغان ئىش بولسا بۇدداھ دىنىدىن قالغان ئادەت.

1

تېما

9

دوست

8855

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   77.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 2576
توردىكى ۋاقتى: 419
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-30 16:31:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم، تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر.......

9

تېما

29

دوست

510

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7107
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 144
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-30 21:35:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوت بىلەن ئالاقىدار بولغان ئىسرىق سېلىش، ئوتتىن ئاتلىتىش..... قاتارلىقلار روراستىر يەنى ئاتەشپەرەسلىك دىنىنىڭ ئالامەتلىرى.

9

تېما

29

دوست

510

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7107
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 144
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-30 21:37:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
UYGRAF يوللىغان ۋاقتى  2013-10-30 15:54
ھازىرقى داخانلار(دۇئاخانلار)نىڭ ‹‹ئوت كۆچۈرىشى››، كې ...

ئوت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىرىنى زورائاستىر دىنىنىڭ ئالامىتى دەپ قارىلۋاتىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )