بۇ يازمىنى ئاخىرىدا maptun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-29 18:48
نەسىردىن ئەپەندىم زادى تارىختا بولۇپ ئۆتكەنمۇ يوق، ئۇ خەلق ئارىسىدىكى ئەپسانىۋى توقۇلما شەخىسمۇ ياكى باشقىچىمۇ، ھەر كىمنىڭ قارىشى ھەر خىل. بىراق تارىخشۇناسلارنىڭ نەچچە يۈز يىللىق تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە ئىسپاتلىرىدىن مەلۇم بولىنىشىچە نەسىردىن ئەپەندى 12-ئەسىردىن 13-ئەسىرگىچە ياشاپ ئۆتكەن بىر تارىخى شەخس. بۇ نۇقتا جاھان تارىخشۇناسلىرىنىڭ ئورتاق ئېتراپ قىلىنىشىغا ئېرىشكەن. بىراق ئۇنىڭ <دۆلەت تەۋەلىكى> تېخىچە ئېنىق ئەمەس.ئۇيغۇر مىللىتى ئۇنى شىنجاڭنىڭ قەشقەردە تۇغۇلغان دەپ قارايدۇ. ئۆزبېكىستانلىقلار ئۇنى ئۆزبېكىستاننىڭ بۇخارا شەھىرىدە تۇغۇلغان دەپ قارايدۇ.ئەرەبلەرمۇ ئۇنى ئىراق باغداتتا تۇغۇلغان دەپ قارايدۇ.تۈركىيلىكلەر بولسا ئەپەندىمنى تۈركىيەنىڭ غەربى جەنۇبى قىسىمىدىكى ئاقشېكەردە تۇغۇلغان دەپ قارايدۇ. ھەمدە تۈركىيىدە ئۇنىڭ مەقبەرىسىنى قوپۇرغان.مەقبەرە تېشىغا مۇنۇلار يېزىلغان :<نەسىردىن خوجا ، تۈركىيلىك، 1208-يىلى تۇغۇلۇپ،1284-يىلى ۋاپات بولغان. دىنى ئۆلىما ، ئۇستاز بولغان،ئىماملىق قىلغان.ئۇ ناھايتى ئەقىللىق ئادەم بولۇپ،مۇنازىرلىشىشكە، مەدداھلىق قىلىشقا ،يۇمۇر لەتىپە ئېيتىشقا ئۇستا ئىدى.>
ئۇنىڭدىن سىرىت،تۈركىيلىك داڭلىق شائىر، يازغۇچى لامىل 16-ئەسىردىلا نەسىردىن ئەپەندىنىڭ يۇمۇرلىرىنى توپلاپ بىر كىتاپ چىقارغان.مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا نەسىردىن ئەپەندىنىڭ تۈركىيلىك بولۇش ئېھتىماللىقى ھەممىدىن چوڭ.ئەپەندىم 70نەچچە ياشقا كىرىپ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى لەتىپىسىگە ئاساسەن ئۇنىڭ قەبرىسى قوپۇرۇلغان.....نەسىردىن ئەپەندىنىڭ بىر قانچە خىل ئاتىلىشى بولۇپ، موللا نەسىردىن، خوجا نەسىردىن،نەسىردىن خوجا ، نەسىردىن ئەپەندى...... قاتارلىق . مەيلى قايسىخىل ئاتالسۇن،بىز بۇ ئاتالغۇلاردىن نەسىردىن ئەپەندىنىڭ خەلق ئارسىدا زور شۆھرەت قازانغان، ھۆرمەتكە سازاۋەر شەخس ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. ھازىر تۈركىيە ئىستانبۇلدا نەسىردىن ئەپەندىنىڭ بىر پارچە سىزىلغان رەسىمى ساقلانغان بولۇپ، رەسىمدە نەسىردىن ئەپەندى ئۇزۇن ئاق ساقاللىق، سەللە يۆگىگەن ،ئورۇق ئېشەكنى تەتۈر مىنگەن قىلىپ سىزىلغان. نەسىردىن ئەپەندى شاگىرتلىرىغا ئېشەكنى نىمىشقا تەتۈر مىندىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەندە، مۇنداق دېگەن:< ئەگەر ئېشەككە مىنىۋالسام سىلەر مېنىڭ كەينىمدا ماڭغاچقا،دۈمبەمنىلا كۆرەلەيسىلەر،ئەگەر ئېشەككە مىنمىسەم،سىلەر ئالدىمغا ئۆتۈپ كېتىسىلەر ئۇنداقتا مەن سىلەرنىڭ دۈمبەڭلەرنىلا كۆرەلەيمەن، شۇڭا ئېشەكنى تەتۈر مىنسەم ھەر ئىككىلا تەرەپ بىر بىرىمىزنى كۆرەلەيمىز، بۇ سۆزلىشىپ مېڭىشقا ياخشى>........... نەسىردىن ئەپەندىم لەتىپىلىرى خەلق ئارىسىدىكى ئەڭ نادىر ئېغىز ئەدەبىيات ئەسەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئەپەندىم ئوبرازى <دۇنيا خەلق ئىچى سەنئىتىئوبرازى>قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.
مەنبە : بەيدۇ
|