قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1702|ئىنكاس: 6

ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى خەۋەرچى كەپتەر ئالاھىدە ئەترى...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

16

تېما

0

دوست

3095

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  69
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 588
تۆھپە : 566
توردىكى ۋاقتى: 208
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 18:55:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maptun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-29 19:00  

مەيلى قەدىم زامان ئۇرۇشلىرىدا بولسۇن، مەيلى يېقىنقى زامان ھازىرقى زامان ئۇرۇش مەيدانلىرىدا بولسۇن، بەزى بىر قىسىم ھايۋانات، ئۇچارقۇش ، ھاشارەتلەر ئۇرۇشتا ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. ئالايلۇق، بۇرۇنقى ۋاقىتلارداھەر قايسى ئۆتەڭلەر ئارىسىدا ماشىنىنىڭ رولىنى ئوينىغان تېز چاپار ئارغىماقلار، خەۋەرچى كەپتەرلەر، ۋېيتنام ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامىرىكا ئارمىيسىنى قاتتىق تالاپەتكە ئۇچراتقان كېسەل تارقاتقۇچى پاشا <ئالاھىدە ئەتىرتى>، شىمالى ئافىرىقىدا قۇملۇق تۈلكىسى دەپ نام ئالغان داڭلىق گېرمانىيە قوماندانى روممېلنىڭ 3000 كىشىلىك قوشۇنىنى تىرىك غاجىۋەتكەن ئادەمخور چۆمۈلىلەر <ئالاھىدە ئەتىرتى>، تايلاندتا مىڭدىن ئارتۇق ياپونىيە ئارمىيسىنى يەۋەتكەن گۆشخورتىمساھ <ئالاھىدە ئەتىرتى>،ئامىرىكا ئارمىيسىنىڭ خەۋەرچى ھەسەل ھەرىسى <ئالاھىدەئەتىرتى> ۋە ياكى موڭغۇللاربىلەن رىم كىرىست قوشۇنىنىڭ ئۇچىرىشىدا موڭغۇللارنى ھەيراتتا قالدۇرغان جەڭ پىللىرى،سوۋىت ئارمىيسىنىڭ ئاپشاركا ئىتلىرى...........بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇرۇشتا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى.بىزگە ئەڭ تونۇش بولغان ئاراتۈرۈكتىكى قەھرىمان ئاتنىڭ ھەيكىلىمۇ بۇنى ئىسپاتلايدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ھايۋانلارنىڭ ئۇرۇشقا بولغان تەسىرى بەزىدە ناھايتى چوڭ بولۇشى مۇمكىن. تۆۋەندە بىز قىسقا ھالداخەۋەرچى كەپتەرلەرنىڭ قەھرىمانە ئىش ئىزلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.
  شىمالى ئافىرىقا ۋە ئوتتۇرا دېڭىز رايونلىرى ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە خەۋەرچى كەپتەرلەر رولىنى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرغان ئۇرۇش مەيدانلىرى بولۇپ، غەرپ ئەللىرىدەھېلىغىچە بىر قەھرىمان خەۋەرچى كەپتەرنىڭ ئىش-ئىزلىرى تارقالماقتا. بۇ كەپتەرنىڭ ئىسمى<ئاستېر خانىم> بولۇپ،ئۇ شىمالى ئافىرىقا ئۇرۇش مەيدانى ئالدىنقى سېپىدىكى ئىتپاقداش ئارمىيىگە مۇھىم بىر ھەربىي ئاخباراتنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن، خەۋپتىن قورقماي، گېرمانىيە-ئىتالىيە ئارمىيسىنىڭ ھاۋا قامىلى بوشلۇقىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن.زېنىت ئوقى تۈپەيلى بىر پۇتى يارلانغان ۋە قانىتىنىڭ يېرىم پېيى چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ ،بىراق ئۇ يەنىلا ۋاقتىدا نىشانغاخەۋەرنى يەتكۈزۈپ بەرگەن.
ئەنگىلىيە خەۋەرچى كەپتىرى <ماررى>مۇ ناھايتى داڭلىق،ئۇ ئىلگىرى 22قېتىم يارلانغان. ئۇ ئىتپاقداش ئارمىيە ئۈچۈن 5يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق خەۋەر يەتكۈزۈش خىزمىتى ئۈستىدە<قۇربان بولغان>. ئۇنىڭ جەسىتى تېپىلغان ۋاقتىدا تېنىنىڭ ھەممەيېرى يارا ئىدى.كاناداھاۋا ئارمىيسىنىڭ ئىككى كەپتىرىمۇ زورنەتىجىلەرنى ياراتقان.بۇلارنىڭ ئىچىدىكى نامى <10601>بولغان كەپتەر ئاساسلىقى سۇ ئاستى پاراخوتىدىن ئۇچۇپ چىقىپ بارلىق ۋەزىپىلەرنى ناھايتى توغرا ئورۇنلىغان. بىراق ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق خىزمىتىدە يىرتقۇچلار تەرىپىدىن يەۋېتىلگەن.
سىتاتىسكىدىن مەلۇم بولىشچە،ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە،ئەنگىلىيە 25تۈمەن خەۋەرچى كەپتەر يېتىشتۈرۈپ چىققان، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 32كەپتەرگە ئەڭ يۇقىرى ئالى ئۇنۋان <دىك ئوردىنى> بېرىلگەن.خەۋەرچى كەپتەرلەر ئالاھىدە ئەتىرتى كۆپ قېتىم گېرمانىيە ئىشغالىيىتىدىكى فىرانسىيە تەۋەلىكىگە ئۇچۇپ كىرىپ، يەرئاستى قارشىلىق تەشكىلاتلىرىغا مۇھىم ئۇچۇرلارنى تەمىنلىگەن. 1943-يىلى خەۋەرچى كەپتەر<كۆۋرۈك> ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىدىكى كارىۋېلسو كەنىتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالدى. 1944-يىلى 9-ئايدا ، ئامۇن ئۇرۇشى مەزگىلىدە،گېرمانىيە ئارمىيسى ئىتپاقداش ئارمىينىڭ پاراشوتچىلار قىسىمىنى قورشىۋالدى. ئتپاقداش ئارمىينىڭ خەۋەرلىشىش، ئالاقىلىشىش مۇھىتى ياخشى بولمىغاچقا، قىسىمنىڭ قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىشى توسالغۇغا ئۇچرىدى. ئەنگىلىيە ئارمىيسى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 10داخەۋەرچى كەپتەر <ۋىليام>نى ئەنگىلىيىگە قارىتىپ ئۇچۇردى. ئۇ چۈشتىن كېيىن سائەت2دىن 55مىنۇت ئۆتكەندە بۇ مۇھىم ئۇچۇرنى ئەنگىلىيىگە يەتكۈزدى .بۇنىڭ بىلەن 2000دىن ئارتۇق ئىتپاقداش ئارمىيە ئەسكىرىنىڭ ھاياتى قوغداپ قېلىندى. (1)
(1) جوڭگۇ چېگرا مۇداپىيە ساقچىلىرى ژۇرنىلىدىن تەرجىمە قىلىنىپ ئېلىندى

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3832
توردىكى ۋاقتى: 853
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 23:29:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق، ھايۋانلارنى كۆندۈرۈپ ، ھەربىي ئىشلاردا ئىشلىتىشنىڭ ئىستىقبالىنىڭ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆلچەرىمىزدىكىدىنمۇ زورلىقىنى بىر مەنبەدە كۆرگەندەك قىلىۋىدىم...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

3

دوست

2179

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6201
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 66
تۆھپە : 614
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 23:33:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسانلارنىڭ ئۇرۇشلىرىغا ھايۋانلارمۇ قاتناشتۇرۇلغان دەيلى

جەننەت قېلىچنىڭ سايىسى ئاستىدا

12

تېما

5

دوست

6676

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16309
يازما سانى: 709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 1966
توردىكى ۋاقتى: 252
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-30 00:36:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقىرقى ئادەمخور چۈمۇلە، تىمساھ دىگەنلەر قۇشۇن خاتالىشىپ شۇنداق يەرگە كىرىپ قالغاندا ئەسكەرلەرنى يەۋەتكەن، قانداقتۇر دۈشمەن قۇشۇنى تەرىپىدىن ئۇرۇشقا سېلىنغان ئەمەس. ئۇلارنى جەڭگە قاتناشتۇرۇلغان ھايۋاناتلار قاتارىدا سۆزلەش توغرا ئەمەس.
ژورنالغا ماقالە يازىدىغانلارنىڭ ئۇماچ قىلىپ يىزىشىلىرى بۇلۇپ تۇرىدىغان ئىش بۇپ قالدى، سەۋىيە شۇنچىلىك.

4

تېما

3

دوست

6804

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   36.08%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2633
يازما سانى: 302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1225
تۆھپە : 1277
توردىكى ۋاقتى: 1050
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-30 18:27:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

----كىتابخۇمار----

9

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1363
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1035
تۆھپە : 3834
توردىكى ۋاقتى: 744
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-30 23:36:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يائاللا ،پاشا بىلەن بىلەن چۈمىلىنىمۇ جەڭ قورالى قىلغان دەيلى

0

تېما

0

دوست

898

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   79.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7401
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 284
توردىكى ۋاقتى: 93
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-31 21:16:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.بىزگە ئەڭ تونۇش بولغان ئاراتۈرۈكتىكى قەھرىمان ئاتنىڭ ھەيكىلىمۇ بۇنى ئىسپاتلايدۇ


قەھرىمان ئاتنىڭ ھىكايىسنىمۇ سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )