بۇ يازمىنى ئاخىرىدا maptun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-29 19:09
پۇتبول تەنھەركىتى بىلەن ۋاسكىتبول تەنھەركىتى ، بۇ ئىككىسىدىن زادى قايسىسى دۇنيادىكى 1- تەنھەركەت تۈرى؟؟؟ بۇ مۇنازىرە جوڭگۇدىلا بولۇپ قالماي، يەنە پۈتۈن دۇنيا مىياقىسىدا تەنھەركەت ساھەسىدىكى داغدۇغا قوزاغاۋاتقان مۇنازىرىلەرنىڭ بىرى . خەلقئارا ۋاسكىتبول بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بورمان يېقىندا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا دېگەن سۆزلىرى ۋاسكىتبول تەنھەركىتىنىڭ ياۋروپادا ھەتتاكى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئورنىنىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ:< ئەگەر پۈتۈن دۇنياغا نەزەر تاشلىساق، شۇنى ئاسانلابايقايمىزكىن 14ياشتىن18ياشقىچە بولغان ياش ئۆسمۈرلەر ئىچىدە ، مەيلى قىز مەيلى ئوغۇل بولسۇن ۋاسكىتبول تەنھەركىتى يەنىلا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشىدىغان تەنھەركەت تۈرى ھېسابلىندۇ. > ئەلۋەتتە بۇ ئىككى تەنھەركەت تۈرىدىن زادى قايسىسىنىڭ دۇنيادىكى 1-تەنھەركەت ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئەمىلى پاكىت، دەلىل بولالايدىغان سانلىق سىتاتىسكىلاركېرەك. بۇ ناھايتى چوڭ كۆلەملىك بولۇپ، يېقىندا مۇشۇ جەھەتتە ئېرىشىلگەن بىر قىسىم سانلىق ئۇچۇرلار ۋاسكىتبولنىڭ پۇتبول تەنھەركىتىنىڭ ئورنىنى بارا-بارا ئېلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.ئالايلۇق خەلقئارا ۋاسكىتبول بىرلەشمىسىنىڭ تور بېتىدە مۇنداق سانلىق ئۇچۇرلار بار. ئەنگىلىيە، ئىسپانىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە قاتارلىق 4 دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىنىشچە ، ياۋروپادىكى ئاساسلىق بۇ 4دۆلەتتىكى 3300تۈمەندىن ئارتۇق ۋاسكىتبول مەستانىسى ئىچىدە 15ياشتىن 24ياشقىچە بولغان ئەرلەر كۆپ نىسبەتنى ئىگىلىگەن.ھەمدەبۇ توپ مەستانىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ياخشى بولغان ئىلمى مۇھىتتا چوڭ بولغان ئىكەن. 1997-يىلى 4-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە ، پۈتۈن يەرشارىدىكى35000 كىشىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق قايسى تەنھەركەت تۈرىگە دائىم قاتنىشىپ تۇرىدىغانلىقى سىتاتىسكا قىلىنغاندا، 11% كىشى ۋاسكىتبولنى تاللىغان. سانلىق ئۇچۇر يەنە ئاسيا، ئوكئانىيە قىتئەلىرىدە ۋاسكىتبولنىڭ پۇتبولنى بېسىپ چۈشۈپ، شۇ جايدىكى 1-تەنھەركەت تۈرىگە ئايلانغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. شىمالى ئامىرىكا قىتئەسىدە ۋاسكىتبولنىڭ كالتەك توپ، زەيتۇن توپ، ۋالىبول، پۇتبول قاتارلىقلارنى توپ مەستانىسى جەھەتتە بېسىپ چۈشكەنلىكىنى دەلىللىدى. ئەلۋەتتە بۇ 13يىل بۇرۇنقى سىتاتىسكا، 13يىلدىن كېيىنكى بۈگۈن بۇ سانلىق مەلۇمات قانداق بولار؟؟ ياۋمىڭ، تۈرۈكئوغلى قاتارلىق بىر قاتار خەلقئارا ۋاسكىتبول چولپانلىرىنىڭ يېتىلىپ چىقىشى بىلەن بۇ سانلىق مەلۇماتلار يەنىلا ئېشىش ھالىتىدە تۇرماقتا. ياۋروپا ، جەنۇبى ئامىرىكا، ئافىرىقا قىتئەلىرىدە ۋاسكىتبول ۋاقتىنچە پۇتبولغا بوي ئېگىپ تۇرسىمۇ لېكىن ئەمىلىيەت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى يېقىن كەلگۈسىدە ۋاسكىتبول تەنھەركىتى پۇتبول تەنھەركىتىنىڭ ئورنىدا دۇنيانىڭ1-تەنھەركەت تۈرىگە ئايلىندۇ. ئەمدى دۆلىتىمىزگە كەلسەك، پۈتۈن دۇنيا مىياقىسىدا ۋاسكىتبول تەنھەركىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاج تېپىۋاتقىنىغا ئوخشاش ، ئاسيا قىتئەسىدە ۋاسكىتبول 1-تەنھەركەت تۈرىگەئايلاندى. ياۋمىڭنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىغا ئەگىشىپ ۋاسكىتبولنىڭ خەلق قەلبىدىكى ئورنى كۆتۈرۈلمەكتە، جوڭگۇ پۇتبولچىلىقىنىڭ تىل -تۈكۈرۈك ئاستىغا كۆمۈلۈپ، بىرەر لاياقەتلىكىرەك توپچىنىڭمۇ چىقماسلىقىھەمدە جوڭگۇپۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ پۇلغا تويماس نەپسانىيەتچى،پارىخور باشلىقلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشى تۈپەيلى، خېلى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە پۇتبول ھەركىتى مۇشۇنداق سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچىرىشى مۇمكىن. جوڭگۇدا 3مىليوندىن ئارتۇق ۋاسكىتبول ئاھالىسى بار، بۇ سان توپتوغرا پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ2ھەسسىگە تەڭ......... .....................
|