بۇ يازمىنى ئاخىرىدا maptun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-29 19:17
ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئادەم بەدىنىدە قانداق فىزولوگىيلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ ؟ يۈرەك سوقۇشتىن توختىغاندىن كېيىن، بەزى ئادەملەرنىڭ پەيلىرى تارتىشىشقا باشلايدۇ، نەپەس ئېلىش نورمال رېتىمدىن جىددىيلىككە قاراپ يۈزلىندۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قۇلاق سوۋۇشقا باشلايدۇ. تەن ئىچىدىكى قاننىڭ كىسلاتالىقى ئاشىدۇ. كېكىرتەك تۇتۇلۇپ قالغاندەك بولىدۇ. دېمەك ئەزرائىل كېلىشكەباشلىدى دېگەن گەپ ! ھى ھى ھى `` ئۆلۈپ 1مىنۇتتىن كېيىن ئۇيۇشۇپ بىر يەرگە يىغىلىپ قالغان قانلار پۈتۈن بەدەن تېرىسىنىڭ رەڭ ئۆزگىرىشىنىكەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنى ئادەمنىڭ رەڭگى سۈزۈكلىشىدۇ. مۇسكۇللار پۈتۈنلەي بوشاشقان بولىدۇ. ئۆلۈپ3مىنۇتتىن كېيىن بۇ ۋاقىتتا مېڭە ھۈجەيرىلىرى تۈركۈملەپ ئۆلۈشكە باشلايدۇ. تەپەككۇر قىلىش ئالايلۇق : قانداق قىلسام ئۆلمەسمەن ، ھايات ۋاقتىمدا بۇنىڭغا يۈز كېلەلمىدىم......دېگەندەك خىياللار توختايدۇ. بۇ ۋاقىتقىچە ئۆلگەن كىشى يېنىدىكىلەرنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى، يىغلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۆلۈپ 5-4مىنۇتتىن كېيىن كۆزنۇرى يوقىلدۇ، كۆز ئالمىسى تۈزلىندۇ. بۇ ۋاقىتتا تەندە قان بېسىمى بولمايدۇ. ئۆلۈپ 7-9مىنۇتتىن كېيىن مېڭە ھۈجەيرىلىرى ئۆلۈپ تۈگەيدۇ. ئۆلۈپ 1-4سائەتتىن كېيىن ئادەم بەدىنى قېتىشقا باشلايدۇ. چاچلار تىكلىندۇ. مۇشۇ سەۋەبلىك ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن چېچى ئۆسۈپ قالغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئۆلۈپ 4-6سائەتتىن كېيىن تەننىڭ ھەممە جايلىرى قېتىشقا باشلايدۇ، ئۇيۇشقان قانلار تېرىنى قارايتىدۇ. ئۆلۈپ 6 سائەتتىن كېيىن مۇسكۇللار يەنىلا تارتىشىدۇ، بىر قىسىم فىزولوگىيىلىك ھالەتلەر يەنىلا داۋاملىشىدۇ. ئۆلۈپ8سائەتتىن كېيىن ئادەم تېنى تامامەن سوۋۇپ بولىدۇ. بۇ چاغدا بەدەن تېمپۇراتۇراسى سىرتقى مۇھىت بىلەن ئوخشاش بولىدۇ....................... ئۆلۈپ 36-48سائەتتىن كېيىن تەننىڭ قېتىشى توختايدۇ، ۋە باشقىدىن يۇمشاشقا قاراپ ماڭىدۇ. ئۆلۈپ 24-72سائەتتىن كېيىن بەدەن ئىچىدە ھەر خىل باكتىرىيىلەر بولغاچقا ، ئاقسىل مول بولغان ھەر خىل ئىچكى ئەزالار چىرىشقا باشلايدۇ. ئۆلۈپ 3-5كۈندىن كېيىن ئادەم بەدىنى كۆپۈشكە باشلايدۇ.قان ئارىلاش ماغزاپ ئېغىز ۋە بۇرۇن تۆشۈكىدىن ئېقىپ چىقىدۇ . ئۆلۈپ8-10كۈندىن كېيىن ئىچكى ئەزالار چىرىغانلىقتىن ، قورساق قىسىمىغا يەل توشىدۇ. تىل ئېغىزدىن سوزۇلۇپ چىقىدۇ. قان پارچىلىنىشقا باشلىغانلىقتىن ئادەم تېنى يېشىل رەڭدىن قىزىل رەڭگە ئايلىندۇ. ئۆلۈپ بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن تىرناق چىش قاتارلىقلار تۆكۈلۈشكە باشلايدۇ. ئۆلۈپ 1ئايدىن كېيىن ئادەم تېنى سۇيۇقلۇققا ئايلىنىشقاباشلايدۇ. بۆلجۈرگەن قىيامىنى كۆرگەنمۇ ............. ئۆلۈپ بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ئادەم تېنىدىكى ياغ يېشىل رەڭلىك ماددىغا ئايلىندۇ. ئۆلۈپ بىر يىلدىن كېيىن تەبىئەت دۇنياسىغا يەنە بىر قىسىم ئورگانىك ماددا قوشۇلدۇ.................
|