بۇ يازمىنى ئاخىرىدا maptun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-29 19:30
ھەمىمىز بىلىدىغان< دوك ۋەزىر لىيۇيوڭ>، <جى شىياۋلەن>....قاتارلىق كىنولاردا چىقىدىغان خې شېن يەنى بۇ رولغا چىققۇچى ۋاڭ گاڭ بولسا ھازىرقى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئارتىستلارنىڭ بىرى . ۋاڭ گاڭ ، خۇيزۇ، لىياۋنىڭ ئۆلكىسىدىن ، 1948-يىلى تۇغۇلغان. دۆلەتلىك بىرىنجى دەرىجىلىك ئارتىست........................... 1959-يىلى6-ئاينىڭ 24-كۈنى ۋاڭ گاڭ ماۋجۇشىغا بىر پارچە خەت يازدى. بۇ بىر يالغۇزلۇقتا قالغان كىچىك بالىنىڭ دەردىنى تۆكۈپ يازغان خېتى ئىدى.( ۋاڭ گاڭ باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىداناھايتى شوخ بولۇپ، دائىم چاتاق تېرىپ تۇراتتى، ياكى دەرس ۋاقتىدا باشقىلارغا بور ئاتاتتى ياكى بولمىساباشقىلارنى بوزەك قىلاتتى، شۇڭلاشقا ئۇ ساۋاقداشلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ نەزىرىدە ناھايتىناچار بالا بولۇپ، ھېچكىم ۋاڭ گاڭ بىلەن ئارلاشمايتتى، ھەتتا مەكتەپ ۋاڭ گاڭنىڭ ئاتا-ئانىسىغائوغلىنى باشقا مەكتەپكە يۆتكەپ كېتىش توغرىسدا ئۇقتۇرۇش قىلغانىدى. ) بۇ خەت توپتوغرا بىر بەت بولۇپ، خەتنىڭ ئاساسى مەزمۇنى ئۆزىنىڭ بوران چاپقۇن، جاپا مۇشەققەتلەرگە قارىماي ئالغا ئىلگىرلەيدىغانلىقى، بۇندىن كېيىن چوقۇم ياخشى ئۆگىندىغانلىقى توغرىسىدا يېزىلغانىدى. ھەمدە خەتكە ۋاڭ گاڭ ئىككى پارچە رەسىم سىزدى. ئۆزىنىڭ سىڭلىسى بىلەن چۈشكەن رەسمىدىن بىر پارچىنى قىستۇرۇپ قويدى. ئۇ بۇ نەرسىلەرنى ياخشى، ئاۋايلاپ كونۋېرتقا سالغاندىن كېيىن، سىرتىغا 8 پۇڭلۇق پوچتا ماركىسى چاپلىدى. كونۋېرتنىڭ سىرتىغا نىما يېزىشنى بىلەلمەي؛<بېيجىڭ. ماۋجۇشىغا تېگىلسۇن .> دەپ يازدى. ئەتىسى ئۇ خەتنى پوچتا ساندۇقىغا سالدى. تاكى پوچتا خادىمى خەت-چەكلەرنى ئېلىپ كەتكۈچە قاراپ تۇردى. كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ خەت يازغان ئىشلىرىنىمۇ ئۇنتۇپقالدى، ھېچكىم ئۇنىڭ بىلەن ئارلاشمىغاچقا ئۇ مەكتەپكىمۇ بارماي، داپ داراڭلىغان، ئېشەك ھاڭرىغان يەرلەردە يۈردى..................... 7-ئاينىڭ باشلىرى مەلۇم بىر كۈنى، مەكتەپ ۋاڭ گاڭنىڭ ئاتا ئانىسىغا جىددى ھالدا ۋاڭ گاڭنى چوقۇم مەكتەپكە ئېلىپ كېلىش توغۇرلۇق ئۇقتۇرۇش قىلدى. ۋاڭ گاڭ بۇ چوقۇم مەكتەپنىڭ ئۇنى مەكتەپتىن رەسمى ھالدا قوغلىغانلىق ئۇقتۇرۇشى دەپ ئويلاپ، خۇشياقمىغان ھالدا مەكتەپكە باردى. ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىنى ، ئەزەلدىن ۋاڭ گاڭغا چىراي ئاچمايدىغان سىنىپ مەسئۇلى ۋاڭ گاڭغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى. ھەمدە ئۇنىڭغا سىياسى مۇدىرنىڭ يېنىغا بېرىشنى ئېيتتى. سىياسى مۇدىرمۇ ۋاڭ گاڭغا كۈلۈپ تۇرۇپ ،ناھايتى مېھرىبانلىق قىلىپ كەتتى. ۋاڭ گاڭ كۆڭلىدە< ئەمدى تۈگەشتىم> دەپ ئويلىدى. كىنولاردائېتىلدىغانلارغا كۈلۈپ تۇرۇپ ئەڭ ئاخىرقى غىزا كەلتۈرگىنىنى ئېسىگە كېلىپ شۈركىنىپ كەتتى. سىياسى مۇدىر ئۇنىڭغا : ئىككىمىز مەكتەپ مۇدىرىنىڭ يېنىغا بىر بارايلى دېدى. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ يېنىغا بارغاندىن كېيىن، مەكتەپ مۇدىرى ئۇنىڭغا يوغان بىر پارچە كونۋېرتنى تۇتقۇزدى. ئەسلىدە جوڭگۇ كومىنىستىك پارتىيسى مەركىزى كومىتىتى ئىش بېجىرىش ئورنى ئۇنىڭغا خەت قايتۇرغانىدى ! ( بۇ خەتنى ۋاڭ گاڭ ھازىرمۇ ساقلاۋاتىدۇ .) خەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى: كىچىك دوست ۋاڭ گاڭ ! سىزنىڭ 6-ئاينىڭ 24-كۈنى ماۋجۇشىغا ئەۋەتكەن خەت ۋە رەسىملىرىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق. سىزگە رەھمەت! بۈگۈن بىز سىزگە ماۋجۇشىنىڭ بىرپارچە رەسىمىنى ئەۋەتتۇق. خاتىرە قىلغايسىز ، سىزنىڭ تىرىشىپ ياخشى ئۆگىنىشڭىزنى ۋەشۇنداقلا بەدەن چېنىقتۇرۇشنى تاشلىماي كەلگۈسىدە ۋەتەن خەلققە ياراملىق ئادەم بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز . شۇ ۋەجىدىن بۇ خەتنى قايتۇردۇق. جوڭگۇ كومىنىستىك پارتىيسى مەركىزى كومىتىتى ئىش بېجىرىش ئورنى كاتىب ئىشخانىسى 1959-يىلى7-ئاينىڭ 3-كۈنى بۇ خەت مەكتەپ رادىئوسى ئارقىلىق پۈتۈن مەكتەپتەئاڭلىتىلدى. خەتنىۋاڭ گاڭ ئۆزى ئوقۇدى، بۇ ۋاڭ گاڭنىڭ تۇنجى قېتىم مىكروفون ئالدىغا كېلىشى ئىدى. ئۇ يىلى ۋاڭ گاڭ 10 ياش بولۇپ، تۇنجى قېتىم پۈتۈن بالىلار ئالدىدا سۆز قىلدى. ۋاڭ گاڭنىڭ ماۋجۇشىغا خەت يېزىشى ۋە خەت تاپشۇرۋېلىشى ۋاڭ گاڭنىڭ پۈتكۈل تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى. ۋاڭ گاڭ شۇنىڭدىن باشلاپ كەپسىزلىك قىلمىدى، تىرىشىپ ئوقۇدى. 1961-يىلى قىشلىق تەتىلدە ۋاڭ گاڭ ئىككى ئاي كىتاپ ئوقۇدى، دەل شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۇ كۆزەينەك تارتىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. كېيىن بارا بارا ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق ھەربىيلىككە ئىمتىھانسىز كىردى. 1995-يىلى مەركىزى تېلىۋېزىيە ئىستانىسىغا كەلدى. كىنولاردا رول ئېلىپ ھەممىنى ھەيران قالدۇردى. ئۇنىڭ تالانتى، رولغا ئېلىش جەريانىدىكى جاپا مۇشەققەتتىن قورقماسلىقى نۇرغۇن كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى. ئۇ ھازىر كىتاپ يېزىش، رىياسەتچىلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانماقتا.
|