بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arkzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-30 10:51
ئاسپىرانت قىزنىڭ ئۆلۈمىدىن تۇغۇلغان ئويلار
تۇنىياز ئوسمان
ئاقسۇ شەھرىدە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە ئاللىقاچان كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بولۇشى مۈمكىن،ئەمما مېنىڭدە پەيدا بولغان ئاچچىق تەسىرات ھېچبىر ئۇنتۇلمىدى،رەھمەتلىك شائىر باتۇر رۇزى باشلاپ كەلگەن بوۋاي(مۇشۇ پاجىئەدىكى قىزنىڭ دادىسى)نىڭ يۈرەكنى ئەزگۈدەك بىچارە قىياپىتى،دەرتلىك كۆزلىرى ھېلىھەم كۆزئالدىمدا.بەلكىم رەھمەتلىك شائىرمۇ مۇشۇ پاجىئەگە ئۆكۈنۈپ بوۋايغا ئىچى ئاغرىپ ئۇنى ئېلىپ كەلگەن بولسا كېرەك. ************************************************** ئۇزۇن يول ئاپتۇۋۇزى ئاقسۇ شەھىرىگە كەلگەندە قاراڭغۇ چۈشكەن ئىدى. يولۇچىلار ئارىسىدىكىرەتلىك كىينگەن بىر قىز سەپەر سومكىسىنى كۆتۈرۈپ ئەتراپقا ئەنسىز قاراپ شەھەرمەركىزىدىكى بىكەتتىن چىقتى. __ قىزىم توختاپ تۇرۇڭە ، _ دەپ ۋاقىرىدى قىز بىلەن سەپەردە تۇنۇشۇپقالغان تىجارەتچى ئايال قىزنىڭ كەينىدىن كېلىۋېتىپ. قىز بىكەتدەرۋازىسى يېنىدا تىجارەتچى ئايال يېتىشىۋالغۇچە تۇرۇپ تۇردى. __ مەكتىپىڭىزگە قانداق كېتەرسىز قىزىم ، قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتتى. ھازىربەلكىم ماشىنىمۇ يوقتۇ ؟ __ ماشىنا توختاپ كەتتى بۇ كەمگە . ئەتە بارالايدىغان بولدۇم ئەمدى. __ كېچىدە نەدە ياتارسىز ؟ __ بىلمىدىم،بۇ شەھەر ماڭا نا تۇنۇش ، بىرەر مېھمانخانىدا ياتايمىكىن ؟! __ مەنمۇ بۈگۈن مەھەللەمگە كېتەلمەيدىغان بولدۇم. ئاپتۇز ئىشەك ھارۋىسىدەك مېڭىپ كەچقويمىغان بولسا بۇ كەمگە ئۆيۈمگە بېرىپ بۇلاتتىم. يېقىنلا يەردە بىر شەخسى ياتاقبار ، خۇجايىنى بىلەن تۇنۇشىمەن ، پۇلىسىمۇ ئەرزان ، شۇ يەردە بىللە يېتىپ خۇدايىمبۇيرىسا ئەتە سەھەردە سىز مەكتىۋىڭىزگە مېڭىڭ ، مەن ئۆيۈمگە ماڭاي. قىز ئىككىلىنىپراق تىجارەتچى ئايالغا ئەگەشتى. ھايال قىلماي ئۇلار كىچىك بىرمېھمانخانىغا كېلىشتى. تىجارەتچى ئايال بىر ياتاقنى ئاچقۇزدى. ئاددىسەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئىككى كارۋاتلىق ياتاق بەك پاكىز بولمىسىمۇ ھەر ھالدا بىرەرئاخشام ئۇخلاشقا بۇلاتتى. قىز ياتاقتا بىردەم ئولتۇرۇپ سومكىسىنى كۆتۈرۈپ سىرىتقاماڭدى ( تىجارەتچى ئايالدىن گۇمانلاندىمۇ ياكى باشقاخىيالغا كەلدىمۇ بۇنىسى نامەلۇم ). __ قىزىمكېچىدە نەگە بارىسىز ؟ ،_ ئەجەپلىنىپ سورىدى تىجارەتچى ئايال. قىز جاۋاپ بەرمىدى. __ ھەي، كېتەمسەن ؟ جاھان تېنىچ ئەمەس ، بۇ ياتاقتا ياتقۇڭ كەلمىسە مېنىڭ ھوجرامدا ياتقىن،ئارتۇق بىر كارۋات بار، كېچىدە تىنەپ يۈرسەڭ خەتەرلىك ،_ دىدى خوجايىن ئايالمۇقىزغا كۆيۈنۈپ . قىز جاۋاپ بەرمەي كېتىۋەردى. كوچىدىكى چىراقلار تۈن قوينىدا سوغۇق چاقنايىتتى. 2-ئاينىڭ سوغۇقى يەلكىنى قورۇيتى.قىز نىشانسىزلا مېڭىپ بىر قورۇ ئالدىدا توختۇتۇلغان ماشىنا بىلەن ھەپىلىشۋاتقان بىر ئادەمنىڭ قېشىغا بېرىپ قاراپ تۇردى. __ بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى ؟ ! ،_ دېدى ماشىنا بىلەن ھەپىلىشىۋاتقان ئەر ئەجەپلىنىپ. __ بەك توڭلاپ كەتتىم ، _ دىدى قىز تىترەپ. __ مەن ياتاق ئېلىپ بېرەيمۇ ؟ ،_ دىدى ئەر تىترەپ تۇرغان قىزغا مەنىلىك تىكىلىپ. __ ماقۇل ،_ دىدى قىز . ئەر دەرھال ئىشىنى يىغىشتۇرۇپ قىزنى باشلاپ يېقىنلا يەردىكى مېھمانخانىغا كەلدى.كىملىك بىلەن ياتاق تىزىملىتىپ قىزنىڭ سومكىسىنى ئامانلىق ساقلىغۇچى فورمىسى كىيگەن يىگىتكە كۆتەرگۈزۈپ ياتاققا جايلىشىشتى. ئۇزۇن ئۆتمەي مېھمانخانىنىڭ 3-قەۋەت دەرىزىسىچېقىلىش بىلەن تەڭ قىز دەرىزىدىن يەرگە ئۇچۇپ چۈشتى.مېڭە سۆڭىكى سۇنغانلىقتىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىشقا ئۈلگۈرمەيلا بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشتى.بۇ قىز مەلۇم ئالىي مەكتەپنىڭ شۇ يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىسى ئىدى. شۇنداق قىلىپ بىر گۈل ۋاقىتسىزلا تۇزۇپ كەتتى. ئالى مەكتەپ تەربىيەسى كۆرگەن بىر قىزنىڭ ھاياتى ئەشۇنداق ئاخىرلاشتى... ئەسكەرتىش:
بۇ ئەدەبىي ئاخبارات ئەسىرى ئەسلىدە شاھتۇر تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇلۇپ، بۇ مەنبەدە مۇنبەرلەر خاسلىقى نەزەردە تۇتۇلۇپ، بۇ ماقالىنى باشقا توربەتلەرگە خالىغانچە كۆچۈرۈشكە بولمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. شۇنداقتىمۇ، ئەھمىيەتلىك بۇ ئەسەردىن باشقىلارمۇ ئىبرەت ئالسا ئەجەب ئەمەس، دېگەن مەقسەتتە، بۇ ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسىمى باغداش مۇنبىرىگە كۆچۈرۈپ كېلىنىپ، داۋامى ئەسلى مەنبەگە ئۇلىنىش قىلىندى. قىزىققۇچىلار تۆۋەندىكى تور ئادرېسى ئارقىلىق بۇ ئەسەرنى تولۇق ئوقۇۋالسا بولىدۇ:
تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۇچۇر-يېڭىلىقلاردىنhttp://xahtur.com/bbs/forum.php
تورى ئارقىلىق بەھىرلەنگەيسىز.
|