شەيخۇلئىسلام مەۋلانا ئەرشىدىن نېمىشقا شۇنچە ھۆرمەتلىنىدۇ؟
مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
كۇچا خەلقى مەۋلانا ئەرشىدىن مازىرىنى ھازىرغىچە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتماي ھۆرمەت ئېھتىرام بىلەن ساقلاپ كەلدى. چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن،ھەتتا مەۋلانا ئەرشىدىننىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ كەتمەيدىغانلارمۇ ئۇنى ئۇلۇغ بىرزات سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىدۇ ھەم ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ. ئۇنداقتا مەۋلانا ئەرشىدىن كىم؟
مەۋلانا ئەرشىدىن14-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كۇچا ۋە ئەتراپتىكى يۇرتلاردا ئىسلام دىنىنى تارقاتقان مەشھۇر ئىسلام دىنى ئۆلىماسى.
مەۋلانا ئەرشىدىن نېمىشقا شۇنچە ھۆرمەتكە سازاۋەر؟
1.مەۋلانا ئەرشىدىننىڭ ئاتىسى ئاقسۇ ئايكۆلدە تۇرغان ۋاقىتلىرىدا تۇغلۇق تۆمۈر بىلەن تۇنۇشقان ھەم يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان.1346-يىلى تۇغلۇق تۆمۈر چاغاتاي خانلىقىغا خان بولغاندا مەۋلانا ئەرشىدىننىڭ سەمىمىيلىك بىلەن ئۈندىشى ئاستىدا خانلىق تەۋەسىدە ئىسلام دىنىنى مەجبۇرىي يولغا قويۇپ160مىڭ مۇڭغۇلنى ئىسلامغا ئېلىپ كىرگەن.شۇنىڭ بىلەن مەۋلانا ئەرشىدىنگە ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا مىراس قالىدىغان شەيخۇلئىسلاملىق ئىمتىيازى بېرىلگەن.
2.چاغاتاي خانلىقىدا مەۋلانا ئەرشىدىننىڭ ئورنى مۇڭغۇل خاننىڭ كەينىدىلا تۇرىدىغان بولۇپ،خاننىڭ تۇغقانلىرىدىن پەرقسىز ئىدى.
3.ئىسلام دىنىنى تارقىتىش ئۈچۈن مەۋلانا ئەرشىدىن پاراغەتلىك تۇرمۇشتىن ۋاز كېچىپ ئەۋلاتلىرىنى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەرەپلەردىن كەلگەن ئۆلىمالارنى ئاساس قىلغان تەشكىلات قۇرۇپ دىن تارقىتىش بىلەن مەشغۇل بولغان.تۇغلۇق تۆمۈرخان بۇ تەشكىلاتنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋە باشقا جەھەتلەردىن قوللىغان.مەۋلانا ئەرشىدىن كۇچانى مەركەز قىلىپ ئاقسۇ،شايار،قاراشەھەر،تۇرپان قاتارلىق جايلارغا دىن تارقىتىش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتكەن.دېمەك،شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشىدا مەۋلانا ئەرشىدىن ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان.
4.كۇچادا ئۇ ئەڭ ئالىي قازىي ئىدى.ئەۋلاتلىرى ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلغان.نۇرغۇن ياغاچ-تاش،خىراجەت چىقىرىپ مەسچىت-مەدرىسلەرنى سالدۇرغان.دىنى خادىملارنى،قازىيلارنى سەپلەپ دىنى كىلاسسىك كىتابلارنى تارقاتقان. ئۇنىڭ تەسىرى شەرقتە تۇرپان،غەربتە قەشقەر،خوتەنگىچە بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا كۇچا ئىسلام مەدەنىيتىنى تارقىتىدىغان مەركەزگە ئايلانغان. شۇڭا،كۇچانى نۇقۇل بۇددا مەدەنىيەت مەركىزى دەپلا قاراش،توغرا ئەمەس.
ئۇنداقتا،ھازىرقى مەۋلانا ئەرشىدىن مەسجىدى قانداق بىنا قىلىنغان؟
15-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەۋلانا ئەرشىدىن كېسەل سەۋەبىدىن ئەزىز خەلقى بىلەن خوشلىشىپ بۇدۇنيادىن كېتىپ قالىدۇ.
مۇسۇلمانلار مال-مۈلۈك ئىئانە قىلىپ ئۇچ ساينىڭ شەرق تەرىپىدە ئۇنىڭغا ئاتاپ قەبرە قوپۇرۇپ نەزىر قىلغان.«مەۋلانا ئەرشىدىن مەقبەرىسى»نىڭ يېنىغا مەسچىت سېلىنغان.بۇ دەل ھازىرقى مەۋلانام مەسچىتىدۇر.مەسچىت ھازىرمۇ سەلتەنىتىنى يوقاتمىغان بولۇپ،كۇچادىكى نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئاسارەتىقىلەر قاتارىدا بولۇپ،ساياھەتچىلەر ۋە تاۋاپچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. يەنە بىرمەسىلە، كۇچادا بەزىلەرنىڭ ئېغىزىدا«مەۋلانا ئەرشىدىن خوجا»دەپ ئاتايدىغان ئەھۋاللارمۇ بار.ئەگەر يۇقىرىقى تەپسىلاتلار ئىشەنچلىك بولسا،مەۋلانا ئەرشىدىن ئەينى دەۋىردە «ئەۋلىيا»دەپ تەرىپلەنگەن دىنى ئۇستاز،شەيخۇلئىسلامدۇر. «خوجا»ياكى«غوجام» دەپ ھوقۇقدارلارنى ئاتاش بويىچە ئاتاشمۇ تازا مۇۋاپىق بولماسلىقى مۇمكىن.
پايدىلانمىلار:
قاھار نىياز:«كۇچادا ئۆتكەن تارىخى شەخىسلەر»
2013-يىلى10-ئاينىڭ28-كۈنى يېزىلدى. |