مەرسىيە ئانا ئابدۇرىشىت داۋۇت. ئۆتكۈن
ئانا-ئاۋازىمنى ئاڭلىغان بولساڭ بىر« ھەئە» دەۋتىكىنە، ئانا. ئانا دەپ توۋلىغىنىمداپۈتكۈل تاغۇ- تاشلاردىن سادا كېلىۋاتىدىيۇ، سەن تېخى جىمجىت، زۇۋان سۈرمەيسەنغۇ جېنىم ئانا. مېنى تونۇمۇدۇڭمۇ ئانا؟ قېشىڭدا بولۇپ دىدارلىشالمىغان، مېھرىڭگە قېنىپ قېنىپ سېنى باغاش ئېتەلمىگەن،سەندىن دىدارسىز ئايرىلىپ قالغان بەختى قارائوغلۇڭ كەلدى جېنىم ئانا! مانا قەبرەڭ ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن، ياق...ياق... سېنىڭ قەبرەڭ ئەمەس، ئۈمۈد، ئىشەنچ،بەخىت، شاتلىق، بارلىقىمنىڭ قەبرىسى ئالدىدا تۇرۇۋاتىمەن ئانا ! سەن نەچچە قەۋەت تۇپراق قەرىگە كەتمەنلەنگەن بولساڭ، مېنىڭ بەختىم، شاتلىقىم، بارلىقىم نەچچە يۈز قەۋەت قارا يەر تىگىگە كەتمەنلەندى جېنىم ئانا. قېرىنداشلىرىمنىڭ ماڭا تۇيدۇرماي يىغلاۋېرىشلىرى، تاۋۇتىڭنىڭ كەينىدىن ئېسىلىپ ئېسىلىپ يۈگۈرەشلىرى ھەممىنى كۆرۈپتۇرۇپتىمەن ئانا. يەنە شۇنداق پۇرسەت بولسىكەن كاشكى سېنى ئۆيۈمنىڭ تۆرىسىدەئولتۇرغۇزۇپ باققۇم بار ئانا. ئادەم شۇنداق بولىدىكەن، بېشىدا ياسىن ئوقۇلۇپ ئۇچۇم تۇپراققا ئايلانغاندا كۆز يېشى قىلىشىدىكەن، چىدىمايدىكەن، تارتىشىدىكەن ئەممائېرىشكىنى غەم- قايغۇلا بولدىكەن خالاس. ئەمدىلىكتە سېنىڭ قەبرەڭ مېنىڭ كەبەم بولۋاتىدۇ، مەرمەر ياقۇتتىن ئەمەس سامان لايدىن قاتۇرۇلغان قەبرەڭ جۇدۇندىكى قۇش باللىرىدەك يىتىم باللىرىڭنىڭ كەبىسى بولىۋاتىدۇئانا! ئەمدى ھېچكىم سۆيمەيدۇ مېنى سەن سۆيگەنچىلىك. ھېچكىم قۇچىقىدا ئەركىلەتمەيدۇ سەن ئەركىلەتكەنچىلىك. شۇنچە ياشاپ باقتىم، ماڭا سەندىن كۆيۈمچان، سەندىن مېھرىبان ئايال زاتى ئۇچرىمىدى ئانا. ھەممە قىتئەلەرنى باستىم، سېنىڭ قەبىرەڭنىڭ توپىسىدەك، سېنىڭ كىندىك قېنىڭ تۆكۈلگەن تۇپراقتەك ئېسىل تۇپراق يوقكەن ماڭا، پەقەت ۋەپەقەت مۇشۇ ئەزىز تۇپراقنى تاشلىۋەتكەن، يىتىم مۇساپىر بولىدىكەنمەن خالاس. مېنىڭ ھەممە ئىنسانىي خىسلىتىم، پەزىلىتىم سەن ماڭا بەرگەن ئۈگۈتلۈرىڭنىڭ كىچىككىنە تامچىسى ئەمەسمىدى، سېنىڭ پەزىلەتلىرىڭنىڭ تولىمۇ كىچىك زەرىچىسى ئەمەسمىدى ئانا. سېنىڭ ھەر بىر ئېغىز نەسھىتىڭ قۇلاق تۈۋىمدىن كەتمەيدىغان، قەلبىم بۆسۈپ چىقىپ كېتىشنى خالىمايدىغان، جۈرئەتمۇ قىلمايدىغان قىلبىنامەم بولۋاتىدۇ ئانا. ھەر قېتىم سەپەرگە ئاتلانغاندا كۆز يېشىڭنى يوشۇرۇپ زورىغا كۈلگە يۈگۈرتكەن چېھرىڭ، ماڭ بالام، سېنى كۈتىمەن، ئاللاھ ئامان قىلسۇن، ئوقۇ، ياراملىق ئادەم بول، ئاناڭ سەندىن مەڭڭۈ پەخىرلىندۇ، سېنى مەڭڭۈ ساقلايدۇ دېيىشلىرىڭ. ئوغلۇم دەپ باغرىڭغا بېسىشلىرىڭ، خوش دېگىنىڭچە سايام يۈتكىچە قول پۇلاڭلىتىپ تۇرۇشلىرىڭ شۇنچىلىك شېرىن، ئويغانغۇم كەلمەيدىغان چۈشۈم بولۋاتىدۇ جېنىم ئانا! كىم بىلسۇن، بۇ قېتىم خوش دەپ سەپىرىمنى باشلاپ قايتىپ كېلىپ، سېنى ئەمەس، مېنى تۆتكۆز بىلەن كۈتۈپ، چاقلىق ئورۇنداقتا يالغۇز، غەمكىن ئولتۇرۇپ كۈن ساناپ يولۇمغ اقارايدىغان ئانامنى ئەمەس، بىر دۆۋە تۇپراقنى كۆرىدىغىنىمنى، قېرىنداشلىرىمنىڭ چىرايىدىن كەل ئۇكام دەپ قىلىنغان تەبەسسۇمنى ئەمەس، مەڭڭۈ تىگىگە يەتكىلى بولمايدىغان قايغۇنى كۆرىدىغىنىمنى. شۇنداق ئىنسان ئىدىڭ، قۇرۇت- قوڭغۇزلارمۇ سەندىن ئۈرۈكمەيدىغان،ئازار يېمەيدىغان. يەنەشۇنداق ئىنسان ئىدىڭ باللىرىڭنى قۇچۇقۇڭدىن چۈشۈرمەيدىغان، ھېچ ئىنسان ئاپئاق سۈتۈڭدەك كۆڭلۈڭدىن ئەيمىنىپ گەپ قىلالمايدىغان.......ھەي.......خەير ئانا...... ئۇلۇغ ياراتقان ئىگەم ياتقان يېرىڭدا گۈل- چېچەكلەرنى پورەكلەتسۇن. ياتار يېرىڭنى جەننەتتە قىلسۇن. دىدارسىز ئايرىلغان باجگاڭدىن رازى بول ئانا......................................... ئامىن ! |